ئىلاھى ئويۇن – مەجبۇرىيەت چاقىرىقى 7 | 使命召唤7:黑色行动
ھەر قېتىم قوراللىق ئېتىشىش خاراكتېرلىك كومپيۇتېر ئويۇنلىرى تىلغا ئېلىنسا، مەجبۇرىيەت چاقىرىقى(خەنچە نامى: 使命召唤)نىڭ گېپى چىقماي قالمايدۇ، ئەيتاۋۇر 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، يەنى بۈگۈن بۇ ئائىلىگە تەۋە بولغان ئەڭ يېڭى نەشىردىكى «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى7: قارا ھەرىكەت» ئاخىرى ئېلان قىلىندى! يۇقىرى سۈپەتلىك ئويۇن كۆرۈنمە يۈزى ۋە ئاجايىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەقەلىك بىلەن ھەر بىر يېڭى ئەۋلاد نەشىرىدە، ئويۇن ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ كېلىۋاتقان Call Of Duty دىن ئىبارەت بۇ ئويۇن، بۇداقى 7-ئەۋلاد يېڭى نەشىرىدە پېرسوناژلارنىڭ لايىھەلىنىشىگە يېڭىدىن ئېنىقلىما بېرىپ، ئويۇننى رېئاللىققا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرغان، 使命召唤 ھەۋەسكارلىرىنىڭ يېڭى بۇ نەشىرىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈنمە يۈزنىڭ لايىھەلىنىش سەۋىيەسى جەھەتتىن، مەزكۇر ئەسەر ئالدىنقى ئەۋلاد ھازىرقى زامان ئۇرۇشى 4 ۋە 6 دىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئويۇندىكى پېرسوناژلارنىڭ يۈز قىسمىدىكى جاراھەت ئېغىزى، قان يۇقى، ئويۇن مەنزىرىسىنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە قوراللارنىڭ لايىھەلىنىشىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بار. ئەسلىدە ھازىرقى زامان ئۇرۇشى 2 دە، كۆرۈنمە يۈز ئاللىقاچان بىر چەككە يېتىپ بوپتۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، بىراق ئەڭ يېڭى ئەۋلاد «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى7: قارا ھەرىكەت» دە ئويۇن باشلانغان چاغدا كۆرۈنىدىغان قاۋاقخانىدىكى مەنزىگە قاراپ ھاياجىنىمنى باسالمايلا قالدىم.
ئويۇندىكى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
ناۋادا ئويۇن توغرىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى خالىسىڭىز، تەدبىركار تور بېكىتىدە تەييارلانغان تېخىمۇ تەپسىلىي يازمىغا مەرھەمەت قىلغايسىز! ياخشى نەرسىلەرنى كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلماسلىققا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يۆتكەلمە مەنزىل: بۇ يەرنى بېسىڭ
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن,COD,كلاسسىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,323 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: cod7.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > Kaspersky بىخەتەرلىك قوشۇنى 2011 | ھەقسىز بىر يىللىق 卡巴斯基
- كېيىنكى يازما > تەۋەرۈك ئەسەر : كارتون فىلىم «مۈشۈك بىلەن چاشقان»نىڭ تولۇق 140 ۋەقەلىك يىغىلغان توپلام
كېرىسلو بۈگۈن ماڭا قاپتۇ!
پرېستان ھەزرەتلىدىن ئاشىدىغان چاغمۇ بولىدىكەن…
بۇ ئۇيۇننىڭ داڭقىنى بەك ئاڭلىدىم،ئەمما نېمىشقىكىن بىر چۈشۈرۈپ ئويناشقا مەيلىم يوق،مۇشۇ كۈنلەردە CS بىلەن CSSدىن باشقىلىرى خوش ياقمايۋاتىدۇ دىسە…
ھەزرىتىم 极品飞车نىڭ 14-نۇسقىسى يەنە ئالتە كۈندىن كىيىن بازارغا چىقىدۇ، يىشىۋىتىلگەن نۇشقىسىنى بولسىمۇ يوللاپ قويارلا…
使命召唤7 بۇ ئويۇننىڭ يىشىۋىتىلگەن نۇسقىسىنى چۈشۈرۈپ ئويناش ئالدىدا، يامان يوغان ئوقەتكەن بۇ
easports.comبۇ كاساپەتلەر يەتتە مىلىيون ئامىركا دوللىرى خەجلەپ مەزگۇر ئويۇننى ئىشلەپ چىقىپتۇ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ۋىتنام ئۇرۇشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بۇ قىسىمدا، بۇرۇن يوشۇرۇلغان مەلۇم مەخپى ھەرىكەت ئاشكارلىنىپتۇدەك،ئويۇنخۇمارلار ئويناشقا ئالدىراڭلار!!!
8-قىسمى بۇنىڭدىمۇ ئىسىل چىققۇدەك، ئىراق ئۇرۇشى تەسۋىرلىنىدۇ دىگەندەك مىش-مىش پاراڭلار بار…
قاتتىق دىتال تەلىپى بەك يۇقۇرىمىكىن دەيمەن!
«ئۇيۇننىڭ قاتىلىدە بۇ »دەپ ئاڭلىغان بىر ھەزرەتتىن
ئانچە بەك ئەمەس،قاتتىق دىسكا چوڭراق بولمىسا بولمايدۇ شۇ .3000 يۈەن ئەتىراپىدىكى كومپىيۇتېرلار كۆرمىدىم دەپ سۆرىۋىتىدۇ، ئويۇننىڭ بەزى تەڭشەلمىلىرىنى سىرىتتىن قاچىلايسىلەر،بۇنى قاچىلماي ،ئوينىيالمىدىم دەپ ئەرىز قىلمڭلار جۇمۇ!!!
ۋاي ئەمسە مىنىڭ جاھاننامەم ئابايلا سۆرەپ بوپتىدە بۇ ئويوننى… قوشومچە يەنە نىمىلەرنى قاچىلامىز تەقسىر~؟
DirectX9.0 بولسا xpسىستېمىسىغا قاچىلايدىغىنى،DirectX10.0 ياكى نەشىرى يۇقىرىراقلىرى win7غا قاچىلايدىغىنى، بۇ خىل قوشۇمچە بولمىسا ئويۇن قوزغالماسلىقى مۇمكىن، تەلىيىڭىز بولسا بەلكىم قوزغىتىش دىسكىسىدا قىستۇرما تەييار ھالەتتە قوشۇپ قويۇلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن…ئاۋۋال قاچىلاپ ، مۇشۇ قوشۇمچىنى تەلەپ قىلسا توردىن چۈشۈرۈپ قاپلىۋەتسىڭىزلا چاتاق يوق!!!
ئاكا سىز بولسا سىنا تورىنىڭ مۇڭداشقۇسىنى ئىشلىتىپ كۈرۈڭ
http://uc.sina.con.cn/
بۇنى msn بىلەن بىللە قوشۋالالايدىكەن سىز
http://uc.sina.com.cn/
ئاكا مەن تەۋسىيە قىلسام قىلدىغان جايتاپالمىدىم سىز ئىشلىتىپ كۈرۈڭ ئاندىن ياقسا باشقىلارغا دەۋېتىڭ
274833902 بۇمېنىڭ نۇمرۇم
ۋېب تورىمۇ بار
باك ياخشىكەن مەن تەۋسىيە قىلاي دېسەم تەسسىيە قىلغىدەك جايىم يوق
بۇنى كومپىيوتىرىمنىڭ كۆرسىتىش كارتىسى سۆرىيەممىدى ياخشىراق كۆرسىتىش كارتىسى بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز
قاتتىق دېتالغا بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلەپ دېگەن ئورۇندىن پايدىلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ئورگان تەرەپتىن كۆرسىتىپ بەرگەن تەۋسىيە
بۇگۇن ئويناپ تۇگەتتىم بۇ ئويۇننى….6-بۆلۇيمگە قارغاندا
سەل ئىغىر ھىس قىلدىم….ئامما ئۇيۇن بەك نوچى ئىشلىنىپتۇ ….