نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

ئۆمۈچۈك پالۋان: پارچىلاش رازمېرى(Spider-Man: Shattered Dimensions)

ئۆمۈچۈك پالۋان: پارچىلاش رازمېرى(Spider-Man: Shattered Dimensions)

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۆمۈچۈك پالۋان 4 بۇ يىل 5-ئايدا قويۇلىدىكەن. ئۆمۈچۈك پالۋان فىلىمى قويۇلغاندىن تارتىپ، بۇ فىلىمنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن تاماشىبىنلار ئاز ئەمەس، شۇنداقلا ئۆزىنى ئاشۇنداق بىر ئۆمۈچۈكنىڭ كېلىپ چېقىۋېلىشىنى چۈشەپ چىقىدىغان تورداشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە! ئۇنداقتا ئۆمۈچۈك پالۋان فىلىمىدىن پەيدا بولغان چۈشلىرىمىزنى, تۆۋەندىكى «ئۆمۈچۈك پالۋان: پارچىلاش رازمېرى» ئويۇنى ئارقىلىق بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ باقمامدۇق؟

ئويۇن چۈشەندۈرىلىشى:

«ئۆمۈچۈك پالۋان: پارچىلاش رازمېرى» ئويۇنى بولسا، ئۆمۈچۈك پالۋاننى ئاساسى تېما قىلىپ ئىشلەنگەن بىر خىل ھەرىكەتلىك ئويۇن بولۇپ، ئوينىغۇچىلار تۆت خىل ئوخشىمىغان ماكاندا، تۆت خىل ئوخشىمىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئوخشاش بولمىغان ئۆمۈچۈك ئادەمنى كونترول قىلىش ئارقىلىق، رەزىل قىلمىشلار بىلەن توختىماي كۈرەش قىلىدۇ.
ئويۇندا بىزگە تۆت خىل ئوخشاش بولمىغان ئىقتىدارغا ئىگە پېرسوناژ سەپلەپ بېرىلگەن بولۇپ، يەنە ئويۇن ئويناش جەريانىدا Spider Emblems(ئۆمۈچۈك ئوردېنى؟)غا ئېرىشەلەيمىز ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆمۈچۈك ئادەمنىڭ ئىقتىدارلىرىنى توختىماستىن يېڭىلاپ تۇرالايمىز.

ئويۇندىن قىسقىچە كۆرۈنۈشلەر:



ئويۇننىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىۋى:
* Operating system Windows 7/XP/Vista;
* Intel Pentium IV processor with a clock speed of 2.4 GHz / AMD 3500 +;
* 2 GB of RAM;
* Video Card NVIDIA GeForce 8800/ATI Radeon X1900;
* Sound card compatible with Direct X;
* DirectX 9;
* Keyboard and mouse.

قاچىلاش ئۇسۇلى:

قاچىلاش ھاجەتسىز، چۈشۈرۈپ بىۋاستە Winrar ياكى 7zip ئارقىلىق پرىستىن يېشىپلا ئويناشقا بولىدۇ.

ھۆججەت تەپسىلاتى:

ئويۇن نامى: ئۆمۈچۈك پالۋان: پارچىلاش رازمېرى(Spider-Man: Shattered Dimensions)
ئويۇن نەشىرى: قاچىلاش ھاجەتسىز(يېشىل) خەنچە نەشىرى
ئويۇن سىغىمى: 5.9GB

چۈشۈرۈش مەنزىلى(迅雷 دا چۈشۈرۈڭ):

ئۆمۈچۈك پالۋان: پارچىلاش رازمېرى | مەنبە: torhumar.com



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 18 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 02-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: spider-man-sd.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بەگزادە 2011.01.02 , 23:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆرۈنۈشلىرىگە قارىسام خېلى ئېسىلدەك قىلىدۇ جۇمۇ؟ قېنى بىر چۈشۈرۈپ باقاي، تەدبىركار ئەپەندىگە رەھمەت.

  2. سەھرالىق 2011.01.03 , 00:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەنە دىۋان قالماپتۇ…شۇنداق بولسىمۇ بۇنى بىر ئويناپ باقاي…
    لىكىنزە، مۇشۇ ئۆمۈچۈك چىقىۋالغانغا ئۆزگىرىپ قالىدىغان ئىش بولسا ،مەن بۇ چاغقىچە نەچچە پاشا، ھەرە…ئىشقىلىپ جىق پالۋانلارغا ئۆزگىرىپ كىتەتتىم جۇمۇ :mrgreen:

  3. يۈكسەل 2011.01.03 , 00:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمما، بۇ يېقىندا ئويۇن ئوينىغۇدەك ئىمكان يوق … :???:

  4. پاسىبان 2011.01.03 , 02:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەخسۇس ئويۇن ئويناپ قالسام دەپ ئالاھىدە سەپلىگەن كومپىيۇتېر بار ئىدى. مۇشۇنداق نۇرغۇن ئويۇنلار قاچىلاقلىق تۇرۇپتۇ. ئوينايدىغانغا ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ. يەنە ئاشۇ تەككىن3 بولىدىكەن. دېگەن ۋاقىتتا قويۇپلا باشقا ئىشقا ماڭغىلى بولىدىغان. ئانچە مۇنچە شۇنى ئويناپ قويۇۋاتىمەن

  5. ئوت يۈرەك 2011.01.03 , 05:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمار ئەپەندى WordPress نىڭ گوگلى ئىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىشقا ياردىمى تىگىدىغان قىستۇرمىلار بارمۇ؟

  6. ياۋايى 2011.01.03 , 11:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن چۇشۇرۇشنى باشلىدىم جۇما …راستىنى دىسەم مەنمۇ چۇشۇمدە ئاشۇندا چۇشلەرنى جىق كۇرىمەن … ھى ھى ھى
    راس ئاشۇندا بولىدىغان بولسا پالۋانلار بىلەن جەسەتلەر جىقىيىپ كىتەتى … پالۋانغا ئۆزگەرگەنلىرى ئۆزگىرەپ ئۆزگىرەلمىگەنلىرى ئۆلەپ …

  7. پرېستان 2011.01.03 , 12:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياش ۋاقىتلىرىمدا ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ ئويۇنىنى ئوينىغانلىقىم يادىمدا، ماۋۇسنىڭ كونۇپكىسى ئارقىلىق تامدىن تامغا سەكرەپ، دۈشمەنلەرنىڭ كۆزىگە تور چاپلاپ كۆرەلمەس قىلىپ قويۇپ مۇش بىلەن تازا سالىدىغان يەرلىرى قىززىق ئىدى. :mrgreen:

  8. دولقۇن731 2011.01.03 , 13:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇزۇن بوپتۇ ئۇيۇن ئوينىمىغىلى . ھەي.. ياشلىق..

  9. ۋىروس 2011.01.03 , 14:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    预告سىنى بەك پەيزى ئىشلەپتۇ ھە… مەن تېخى Shankنى تۈگەتمىدىم ….

  10. سەھرالىق 2011.01.03 , 15:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ ئىككى بوۋاي نەدىن كەلدى :eek:

  11. خالىد 2011.01.03 , 17:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئازغىنىكەم6G كىلىدىكەن نەچچە كۈن ساقلايمىز بۇنى چۈشۈرۈشكە …… :!:

  12. ئويغۇرلار بىلوگى 2011.01.03 , 18:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئۇيۇننى مىنىڭ بىر دوستۇم ئوينايدۇ ،بەك نوچى

  13. شاھ ئۇيغۇر 2011.01.03 , 18:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنغۇ كىنوسىنى كۆرۈپ ئويۇنىنى ئويناپ باقماپتىمەن

  14. ئۇيغۇربەگ 2011.01.03 , 18:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىمتىھان تۈگىسە ئويناپ باقمىسام!

  15. بۈيۈك 2011.01.03 , 22:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنىىڭغا ئوخشاش قىلىپ كىنو ئىشلىگەن بولسىچۇ .. ھەجەپ پەيزى چىقىپتىكە~

  16. ئىنتىزار 2011.01.07 , 21:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشقىلىپ ئۇيۇن دىسە بىر يەرلىرىم ھەجەپ بۇپ كېتىدۇ دىسە :mrgreen: :mrgreen: بولمىسا ئادەتتە خېلىلا ئالدىراش …

  17. رازۋىتچىك 2011.01.08 , 00:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نوچىسى سۈۋەرەك پالۋانغا يەتمەيدۇ :grin:

  18. تغ 2013.11.06 , 23:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئويناپ قاتلاپ بولدۇم. ھەممىدىن ئاخسا سى ھىلىقى قاراڭغۇدا ھەرىكەت قىلىدىغان ئۆمۈچۈك. :evil:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif