ئوسكاردا ئىسمى ئاتالغان ئەڭ مۇنەۋۋەر كارتون فىلىمنىڭ بىرى – ھاجەتخانىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
تەلەتى سۆرۈن بۇ ئايال بولسا، ئەرلەر ھاجەتخانىسىغا قارايدىغان، شۇنداقلا مۇھەببەتكە ئىنتىلىدىغان بىر ئايال، HAPPY WOMAN تۈرىدىكى گېزىتلار ئۇنىڭ ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئەڭ ياخشى ھەمراھلىرىنىڭ بىرى، بىراق ئاشۇ قولتۇقلىشىپ تۇرغان جۈپلەرنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھەمىشە قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ قالاتتى. بىر كۈنى ئۇ ھاجەتخانىنى تازىلاپ بولۇپ، ئەسلىدە تەڭگە تاشلايدىغان قۇتىنىڭ ئىچىگە بىر دەستە قىزىل گۈلنىڭ سانجىپ قويۇلغانلىقىنى بايقايدۇ، خۇشاللىقىدا ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ئايال گۈلنىڭ ئىگىسىنى شۇنچە ئىزدىگەن بولسىمۇ، بىراق ئاقىۋەت يەنە قوشۇما تۈرۈش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ھالبۇكى، تەڭگە تاشلايدىغان قۇتا خۇددى سېھىرلەنگەندەك، كەينى-كەينىدىن ھەرخىل رەڭدىكى گۈللەرگە توشۇشقا باشلايدۇ، بۇ گۈلنى سوۋغا قىلىۋاتقان زادى كىمدۇ؟
روسىيەنىڭ قىسقا كارتون فىلىمى «ھاجەتخانىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى» (Lavatory-Lovestory)، رېژىسورنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تۇتۇش قابىلىيىتى ئىنتايىن قالتىس دېيىشكە بولىدۇ، تەسەۋۋۇر جەھەتتىن، ھاجەتخانىنىڭ تېگىنى سۈرتكەندە، مۇز ئۈستىدە ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئايال ئارقىلىق، ئادەمنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدىغان سورۇندىمۇ، كىشى بىر مەيدان رومانتىك مەنزىرە ئۈچۈن، ئۆزىنى تامامەن ئۇنتۇيالايدىغانلىقىدەك ئوخشىتىلما ۋاستىلەر ئارقىلىق، كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى نازۇك ھېسلارنى ئويغىتىشقا تىرىشقان. مۇھەببەت، ئەسلىدە بىر تام نېرىدىلا…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئوسكار، رومانتىك، فىلىم، كارتون، مۇھەببەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,219 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: lavatory-lovestory.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەينى يىللاردىكى كارتون فىلىملەرنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكىنى بىلەمسىز؟
- كېيىنكى يازما > لىشىياۋلوڭ بىلەن جېنزىدەن ئوتتۇرىسىدىكى قاتتىق بىر مەيدان جەڭ دەيدۇ
- ھوللىۋود سەھىيسىدىكى قىسقا فىلىم – ئانا مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- ھېلىقىدەك فىلىملەر – پۈتۈنلەي يېڭىچە قىياپەتتە ئېچىۋېتىلدى!
- 2015-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىملەر | 87-قېتىملىق ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى مۇراسىمى
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- روسىيەلىك تورداشلارنىڭ كىرىشتۈرۈپ چىققان 1-شەخس ئۈنۈمىدىكى قوراللىق ئېتىشىش فىلىم -Hardcore
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
مۇشۇنداق فىلىملەرنى كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ جۇمۇ
كارتوننىڭ ماۋۇ خىل ئۇسلۇبىمۇ كىشىگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بىرىدىكەن.
كارتوننىڭ خاتىمىسى شۇنچىلىك ئىللىق ،شۇنچىلىك تەسىرلىك بولسىمۇ ،ئاياللار ھاجاتخانىسىغا ئەرنىڭ ،ئەرلەر ھاجەتخانىسىغا ئايالنىڭ تازلىغۇچى بۇلۇپ ئىشلىگىنى قاملاشماپتۇ
ئاجان
روسىيەنىڭ كارتونىنى تۇنجى كۈرۈشىم … خېي يۇرى !
ئەڭ ئاخىرىدا چىققان روسچە گەپنى تەرجىمە قىلۋىتىڭلا باللا
خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ دىگەن گەپ
شەپەرەڭ پالۋاننىڭ يىڭى بۈلمى بۈگۈن ئىلان قىلىندى مەن چۈشرۈپ ئوينىدۇم خىلى بۇلۇپ قالدىكەن 15گ چوڭلۇقتا بولسا سىلەرمۇ چۈشرۈپ ئويناپ باقاسىلەر 快快游戏دىن چۈشۈرسەڭلار بۇلدۇ
پەچەت ئىشلەنگەن كارتون پىلىمكەن، كارتون پىلىمنى ماندا رەڭسىز ھالەتتە كۆرۈپ، گۈلنى رەڭلىك كۆرسە يامان پەيزى كۆرۈندىكەن دىسە.
ئەمدى يەنە بى گەپ: كارىدورغا چىقىپ باققانلار قانداق چىقىشنى دەپ بەسەڭلا، ما يەدىن بىۋاستە چىقالماي بېشىم قېتىپ كەتتى.
ئادىرىسىنى يازماي تۇرۇپ، مۇشۇ بەتتە تۇرۇپ چىققدۇك بىرە ئىشىك يوقما؟
ئىشىكتىن بىرنى ئېچىپ قويدۇم. ئۆزىڭىز بايقاپ بېقىڭ، نەچچە كۈنگىچە يەنە بىر قانچە ئىشىك ئېچىپ قويىمەن.
يا ئاللا، ئىشىكنى تاپالماي جىلە بوپ ئاران قاغاندا ئىشىك سورىسام «ئىشىكتىن بىرنى ئېچىپ قويدۇم، ئۆزىڭىز بايقاپ بېقىڭ»؟؟؟ دەپ تېپىشماقتىن بىرنى قالدۇرۇپ قويغىنىڭلا نمىسى ئەمدى؟
ما بەتنى ئۈستىدىن ئاستىغا نەچچە قېتىم تەپسىلى كۆرەپمۇ ئىشىكنى بايقىيالماي، نەچچە قېتىم راكىتانى قويۋەتتىم.
ئىشىكنى بايقىيالىغانلار بولسا ئىشىكنىڭ بېشىغا «安全出口 » دىگەن خەتنى چاپلاپ قويۇڭلا ھېي!
باش بەتكە چىقىرىپ قويۇپتىغۇ
تەدبركار بىزنى چېلىۋاتىدۇ، نەدھ ئىشىك با
باش بەت دىگەن يەگە مائوس نى ئەكەسىڭىز چىقىدىكەن
مۇھەببەت ئەسلىدىنلا بىر تام نېرىدا! روسلارنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى كىنو فىلىم، ناخشاردا بولسۇن غەلىتىلا ھېس قىلىمەن. رەھمەتلىك مۇرات ناسىروفنىڭ ناخشىلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
كارتۇننى مۇشۇنداق ئىشلىسىمۇ بولىدىكەن .ياخىش چىقىپتۇ بۇ كارتۇن قىلممۇ