ئامېرىكىدا بىر قىزچاق قەھۋەخانىدا تۇيۇقسىز سېھرىي كۈچ ئىشلىتىپ مېھمانلارنىڭ ئىڭكىنى چۈشۈرۈپ قويۇپتىدەك
ئىسمى Telekinetic Coffee Shop Surprise ئىسىملىك قەھۋەخانىنىڭ ھەزىللەشتۈرۈپ ئىشلىگەن بىر بۆلەك فىلىمى YouTube غا چىقىپلا قاتتىق تالاش-تارتىش قوزغىغان. سىندا بىر قىزچاق نەرسىلەرنى بوشلۇقتا يۆتكەش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، بىر ئەرنى قولى بىلەن ھاۋادا بىۋاستىلا كۆتۈرىۋېتىدۇ، بۇنى كۆرگەن ئەتراپتىكى شاكىچىكلەر ھەممىسى ھەيرانۇ-ھەس قېلىشىدۇ. بىر قىسىم خېرىدارلار شۇ ھامان مەيداندىن ئايرىلىدۇ، مەنچە ئۇلار چوقۇم كۆرگەنلىرىگە ئىشەنمەي قېلىشتىغۇ دەيمەن؟
سىننى ئېلان قىلغۇچى CarrieNYC مۇنداق دەيدۇ: بىز خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر قۇرۇلما ياساپ ئورۇنلاشتۇردۇق ۋە قەھۋەخانىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇن كامېرالارنى ئورنىتىپ قويدۇق. ھەممە نەرسە ئالدىنئالا تەييارلىۋېلىنغان، ئادەمنىڭ ئۇچۇشىنى كونترول قىلغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنىڭ يۆتكىلىشىنىمۇ تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، كىتابلارمۇ دېيىشىۋالغاندەكلا كىتاب جاھازىسىدىن سەكرەپ چۈشۈشكە باشلايدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سېھرىگەرلىك، قىزلار، ھەزىللەش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,248 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: telekenetic-girl.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تىك-تاك توپنى مۇتلەق خاتا ئويناش ئۇسۇلى: تىك-تاك پىچاق
- كېيىنكى يازما > Pixar دىن يەنە بىر نادىر قىسقا كارتون فىلىم – كۆك كۈنلۈك(The Blue Umbrella)
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللار پائالىيەت قوللانمىسى
- قىز دوستىغا ئەگىشىپ دۇنيانى ئايلىنىش – قىزچاقنىڭ جامالىنى كۆرىدىغان پەيت كەلدى!
- يىگىتىڭىز ياكى يولدىشىڭىزنىڭ نېمىشقا دائىم يالغان سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
- ئىككى Volvo نىڭ ئارىسىدا تۇرۇش دېگەن نىمە ئۇ؟! ئاكاڭ قارىغاي ئىككى ئايروپىلاننىڭ ئارىسىدا ئوينايدۇ!!
- سىرلىق كىچىك سېھرىگەرلىك – مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان شاكىلات؟ بۇنىڭدىكى مەخپىيەتلىكنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟
- ئاياللار ھەققىدىكى 11 كىچىك غەيۋەت
مەزكۇر تېمىدىمۇ تۆرىدە ئولتۇرمىسام ھېساپ ئەمەس
كەچۈرۈڭلار ، بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىممۇ بىلمىدىم ، تۆرىنىڭ گېپىنى تولا قىلىپ سالدىم ، بەلكىم بۇ تورخۇماردىكى ئاخىرقى تۆرنى ئىگەللىشىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن
ئاخىرقى تۆر دىگەن قاندا تۆر ؟ مارىستىكى ئۆيىڭىزگە كىتىدىغان ئوخشىمامسىز ؟ بىكا بوسىڭىز ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىزنى ئېلىپ بۇياقلاغىمۇ ئۆتەسىز ، مىخلىق دىۋاننى سىزگىلا تەييار قىپ تۇرىمىز
نىمىشقا ئەڭ ئاخىرقى تورە؟ ئۆلۇپ كەتمايدىغانسىز، نىمدەپ داۋاشتىن ۋاز كەشتىڭىز
تۆدە ئولتۇرۇم كۆرسەم فىلىم ،
دىمەڭ مىنى يۈزى قىلىن ،
لىكىن سەھرالىق ئابومجان يوقيا ،
ھەجەپ قەلتىسكەن ماۋۇ فىلىم
چىم دەيدا مىنى يوق دەپ
كىرىپ قالدىم خالتا كۇچىغا ،
يوق ئىكەن ئالدىمدا يول …
چەتئەللىكلەر تەسەۋۋۇرغا ئاجايىپ باي جۇمۇ ، سىناپ باقمايدىغان ئىشى يوق .
مۇشۇ نەخ مەيداندا مەن بولۇپ قالغان بولساممۇ بۇ قىز بالىنى x جەڭچىلەردىكى ھېلىقىغا ئوخشۇتۇپ قېلىشىم تۇرغانلا گەپ
ۋوي بامۇ يا
بەك پەيزى چىقىپتۇ ، بۇ پەرەڭلەمۇ ئەجايىپ خەخكەن …
بىزنىڭ يۇرتلادا مانداق قىپ باقسا قاندا بۇلىدىغاندۇ ؟
تاياق يەپكىتەمىز
كافىيخانىدا دىگۈچە قەھۋەخانىدا دىسەك تېخىمۇ ياخشى بولاتتى
ئالدىرىغاندا ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن، تۈزىتىپ قويدۇم، رەھمەت
ئاۋۇ قىز ئاخىرىدا ياخشى چېقېرالماپتۇ، ئىنچىكە ھەم زىل چېقىرسا بولتىغۇ دەيمە.
مەن بۇنىڭ كىنوسىنى ۋە مۇشۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىنى ما كۈنى يوۋكۇدا ھەم بەيدۇدا كۆرەپ بولاپتىكەنمەن
ھى ھى بىزنىڭ بۇ ياقتا بۇنداق قىپ قالسا قانداق بۇلار باللا !
ھەربىيلەر كىلىپ ئاشخاننى پارتىلتىۋىتىشتىن يانمدۇ!
تەسەۋۇر بىلەن ئىددىيەگە باي ھە بۇ چەتئەللىك دىگەن
مەنمۇ ئۇ قەھۋەخاننىڭ تاملىرىغا ئورناتقان نىمىلەرنى كۆرمىگەن بولسام X جەڭچى دىكى خېنىملاركەن بۇ دەپ ئالما تېلفۇنىمنى ئېلىپ رەسىمگە تارتىپ دوسلار چەمبىركىگە يوللايتىم
لىكىن بۇ فىلىمدە سەل چىنلىق ئەكىس ئەتتۇرەلمەپتۇ ئارغامچىنىڭ ئورنىغا سۇلىياو يىپ قىلغان بولسا تېخىمۇ چىن چىقاتتى
ئەگەر بىزنىڭ بۇ ياقتا بۇنداق قىلىپ قالسا ئىشىنىمەن ھەر بىيىلەر كىلىپ قورشاپ 15 مىنۇت ئىچىدە ئاشخاننى تۇپتۇز قىلىۋتىىشى. ئاشخاننىڭ ئورنىغا قارىغان ئادەم بۇ يەردە ئاشخاننىڭ بارلىقىغا قەتتى ئىشەنمەيدۇ.
تەسەۋۋۇرغا بۇ خەخلەر باي،بۇ يەردە ………..بولدىلا…
بۇ خەق خىيالىغا نىمەكەلسە شۇنى قىلدىكەن ،بىر خىل ئەركىن ھە بۇ خەق
بۇلديكەن
ياقمىدى
ۋاي چېنىپ قاپتىغۇ …… 37.sسكنۇتلۇق يېرىدىن كۆرۈپ بېقىڭلا تەپسىلي