نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > ۋىرۇس ۋە ۋىرۇسخور > يازما مەزمۇنى

Kaspersky بىخەتەرلىك قوشۇنى 2011 | ھەقسىز بىر يىللىق 卡巴斯基

Kaspersky بىخەتەرلىك قوشۇنى 2011 | ھەقسىز بىر يىللىق 卡巴斯基

يېقىندا 360 بىلەن QQ ئوتتۇرىسىدا جەڭ يۈز بەرگەندىن كېيىن ھەرقايسى ۋىرۇسخورلار بەس-بەستە ھەقسىز نەشىرلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. كۆپچىلىككە تونۇش بولغان خەلقئارادىكى داڭلىق ۋىرۇسخور 卡巴斯基 مۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى «Kaspersky بىخەتەرلىك قوشۇنى 2011» نى كۆپچىلىكە بىر يىللىق ھەقسىز ئىشلىتىشكە سۇندى.

پېقىرمۇ ئىلگىرى Kaspersky نىڭ مەستانىسى ئىدىم، ھېلىھەم بۇ ۋىرۇسخورنىڭ ھەرقانداق ۋىرۇسنى رەھىمسىزلەرچە سۈپۈرۈپ تاشلاپ، كومپيۇتېردىكى ھەر بىر شەپىنى كۆزىتىپ تۇرىشىغا قايىللىقىم بار. بۇدا بۇ خەلقئارادا نامى بار داڭلىق ۋىرۇسخورمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىر يىللىق ھەقسىز نەشىرىنى بىزگە سۇنۇپتۇ، كۆپىنچەيلەنگە نىسبەتەن باھاسى 200 سومدىن ئاشىدىغان ۋىرۇسخورنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش ئۇنچە ئاسانغا توختىماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا ھەقسىز ۋىرۇسخور ئىزدەپ يۈرگەنلەرگە نىسبەتەن بۇ يەنىلا بىر ياخشى پۇرسەت دەپ ئويلايمەن.

Kaspersky ئاللىقاچان كۆپچىلىككە تونۇلغان بىر ۋىرۇسخور بولۇپ، بەك تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. بۇداقى ھەقسىز تەمىنلەنگەن «Kaspersky بىخەتەرلىك قوشۇنى 2011»دە نۇرغۇن جەھەتتىن ئىلگىرىلەش خېلىلا زور بولۇپ، تور بانكىسى، تور ئويۇنى قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان نازارەت ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن. ئىقتىدار جەھەتتىن بۇدا 卡巴斯基 ئورگان تەرەپتىن «بىزنىڭ Kaspersky ئەمدى ھەرگىزمۇ قېتىۋالمايدۇ!» دەپ مەيدىسىگە چېكىپ تۇرۇپ تەشۋىق قىلىۋاتقىنىغا قارىغاندا، بۇ نەشىرىگە نىسبەتەن خېلىلا ئىشەنچى باردەك قىلىدۇ، 卡巴斯基 ۋىرۇسخورىنى ياقتۇرىدىغان تورداشلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Kaspersky بىخەتەرلىك قوشۇنى 2011 | ھەقسىز بىر يىللىق 卡巴斯基

ئومۇمى جەھەتتىن ئېيتقاندا، Kaspersky نىڭ بۇدا بىر يىللىق ھەقسىز نەشىرىنى تەمىنلىشى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسەت دېيىشكە بولىدۇ، ھازىر ھەدەپ ھەقسىز تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، Kaspersky نى ياقتۇرىدىغان تورداشلارنىڭ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پائالىيەت 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

Kaspersky بىخەتەرلىك قوشۇنى 2011 | مەنبە: torhumar.com | ھەقسىز ئاكتىپلاش نومۇرىغا ئېرىشىش

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 12 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەينى ۋاقىتلاردا ۋروس بايقىسا سەتلا چىقىرايتى، بەزىدە بەكلا چۈچۈپ كېتەتتىم…قېنى ئاۋال دوستلاردىن كەلسۈن ئىشلىتىش.

  2. سندىبات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن 360بىلەن كىلىشىپ قاپتىمەن! :idea:

  3. ئابدۇ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كاباسى بىلەن avast دىن قايسى ياخشى، قىنى تور خۇمار ئەپەندىم بىر ئايرىۋەتمەمسىز . يا ئىككىلىسىنى تەڭ ئىشلىتىمىزمۇ .

  4. مامكاپ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن كاباسى نى قاچىلىۋالدىم سۈرىتى بۇرۇنقىدىن تىزرەكتەك قىلىدۇ

  5. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ۋىروسىخۇرمۇ 360 بىلەن چ چ نىڭ جىدىلىدىن ئۇزىنى كۇرسىتىدىغان ئوخشايدۇ . توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرلاپ ….
    ھەقىچان بۇمۇ تىڭشۇننىڭ ئۇسۇلى . 360 ئورنىغا دەسسىتىش ئۇچۇن قىلغان گەپ … ھەي بۇلارغا نىمە بولاپ كەتتى . كومپۇيۇتۇردىكى دىتاللارمۇ ئۇرۇشۇپ بىر بىرىدىن ئۇستۇنلۇك تالىشىپ زە ….
    ئەڭ ياخشىسى كونىسىنى ئىشلىتىۋىرەي . ئالماشتۇرىۋەرسىمۇ قالاشمىغۇدەك …

    • بايلىق بلوگى :

      ياۋايىنىڭ دىگىنى توغرا بەلكىم شۇ تىكشۈن بىلەن كاباس نىڭ بىرلىشىپ 360 نىڭ ئورنىغا دەسسەتتۈرۈپ 360 دىن تورداشلارنى يىراق قىلماقچى ھى ھى ھى يامانلىقىنى بۇلارنىڭ

  6. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇگۇينىڭ سستېما ھۆججەتلىرىنىمۇ ۋايرۇس دەپ تونۇۋالىدىغان ئىشىنى پەقەت ياقتۇرمايمەن…بولمىسىغۇ ياخشى ئىدى…

  7. بۈيۈك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    360سەل قۇمۇ نىمە؟ بۇ كاساپەت كومپىيوتىرىمنى خۇددى ئۆزىنىڭكىدەك ئىشلىتىدۇ~

  8. ياشلىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورسىز مۇھىتتا ئىشلىمەمدۇ نىمە بۇ ۋىروسخور؟؟ :?:

  9. ئابدۇللام : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەڭ ئېغىر ۋىروسخورلارىنىڭ بىرسى مۇشۇ….
    بۇنى قاچىلاپ تازلاش بۇيرىقى بىرىپ قۇيۇپ باشقا مەشغۇلات قىلمىقىڭىز تەس… قىتىۋىلىپ تولا،،،مەن nod32 گە كۆندۇم ھازىر ينىك ئىقتىدارمۇ ياخشى………..

  10. نۇرنىجات : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنغۇ ۋىروسخور بولمىسىلا دەيمەن!بۇنداق دېسەم كومپىيوتېرىمغا ھۇجۇم قىلماڭلا يەنە؟..






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)