نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

魂斗罗 ئويۇنى(Contra) غا يوشۇرۇنغان مەخپىي سۇ ئاستى 8-ئۆتكەل ھەققىدىكى سىرلار

contra-underwater-eight-off-the-final-puzzle

魂斗罗 ئويۇنى توغرىسىدا جىق چۈشەنچە بېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ تەڭداشسىز كلاسسىك ئويۇن ئارىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ بالىلىقىنىڭ گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىرى. ئەلۋەتتە، بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈپ ئۆتىدىغىنىمىز، 魂斗罗 ئويۇنىغا يوشۇرۇنغان مەخپىي سۇ ئاستى 8-ئۆتكەل توغرىسىدىكى ئەپسانىلەر ھەققىدە ئىشلەنگەن قىسقا فىلىم. فىلىمنىڭ چۈشەندۈرىلىشى خەنچە، شۇڭا بەلگىلىك خەنچە ئاڭلاپ چۈشىنىش سەۋىيەسى تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن چۈشىنىپ ئاڭلىسىڭىز، بۇ چۈشەندۈرۈشنىڭ قانچىلىك قالتىس چىققانلىقىنى ھېس قىلالايسىز. ھەتتا مەنمۇ نەچچە يىل ئويناپ بۇنداق بىر مەخپىي ئۆتكەل بارلىقىنى ئاڭلىمىغانكەنمەن، قېنى سىنغا مەرھەمەت!

魂斗罗 ئويۇنى توغرىسىدىكى باشقا يازمىلار:

ھەقىقى 魂斗罗 ئۇستىسى – پۈتكۈل ئۆتكەلنى بىرمۇ دۈشمەن ئۆلتۈرمەي تۈگىتىش!!!
پىئانىنودا چېلىنغان 魂斗罗 مۇزىكىسى، مۇزىكىغا قوشۇلۇپ ھەر بىر ئۆتكەلنى ئەسلەپ چىقايلى…
ناۋادا ئويۇنلارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى مۇشۇ دەرىجىدە ئاددىلىشىپ كەتسە…
Tviglo دىن يەنە بىر قانچە ئەسەر – Contra VS Tetris
超级玛丽 + 魂斗罗 ئويۇنىنىڭ PC نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. GORKI 2012.05.29 , 01:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن دىۋانلا يوقيا:?:

    • ئارسلان 2012.05.29 , 03:54

      ياندىشىپ ئولتۇرۇپ بېرەيما؟:roll:

  2. سەھرالىق 2012.05.29 , 11:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئويۇننىڭ بۇنچىۋالا كۆپ نۇسخىسى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، كىچىكىمدە كېچە ئۇخلىماي تازا ئوينايتىم :mrgreen:

  3. قاراخان 2012.05.29 , 12:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسلى كىچىك ۋاقتىمىزدا山寨魂斗罗ئويناپ يۇرۇپتىكەنمىزد…:twisted:

  4. مەستانە 2012.05.29 , 16:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    水下八关 توغرىلىق مەنمۇ ئاڭلىغان. لېكىن ماۋۇ سىننى دەھشەت چۈشەندۈرۈپ قويۇپتۇ.

  5. يىگانە 2012.05.29 , 16:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن سەت ئۇستىتىم بۇنىڭغا.

  6. تاماشىبىن 2012.05.29 , 19:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا ، بۇ ھەقىقى ئويۇن مەستانىسىكەن. ئەسلى بىزنىڭ ئوينىغانلىرىمىز ساختا نۇسخىلىرىكەن. پەقەت ئويلىماپتىمەن

  7. يالغۇز 2012.05.29 , 20:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەت،ئويناپ قويتۇق

  8. جاھاندار 2012.05.29 , 22:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راسىتنلا بالىلىق دەۋرىم ئىسىمگە كىپ قالدى، كىچە ئۇخلىماي ئاشۇ ئويۇننى ئويناشلار، ئۆيدە چوڭلار بولمىغان چاغلاردىكى لاتارىيىدىن چىققاندەكلا پەيدا بولغان شۇ ۋاقىتلار…

  9. تارىم 2012.05.29 , 23:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن چۈشىنەلمىدىم . لىكىن بەك بىلگىم كىلىۋاتىدۇ مەزمۇنىنى ، كىم قىسقىچە دەپ بىرىدۇ ،

  10. كۆك كەپتەر 2012.05.30 , 10:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    马化腾的前辈 دەيدىيا :mrgreen:

    ئاۋۇ خۇندۇلۇنىڭ نۇرغۇنلىرىنى ئويناپ بىقىپتىكەنمەن، بىراق ماۋۇ گۇيدەك تەتقىق قىلىش نەدە تۇرۇپتۇ.

  11. ئەلى 2012.05.30 , 17:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كىم چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ ؟

  12. Goodluck 2012.05.30 , 22:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ئويۇن مېنىڭ كۆزۈمگە خېلى زىيان سالغان، تېلىۋزىرغا يېقىن ئولتۇرىۋېلىپ بەك ئۇزۇن ئوينايتتىم، مۇشۇ ئويۇننى ئويناپ كۆزۈم ئاپتاپتا ياش ئاقىدىغان بولۇپ قېلىپ، تولۇق ئوتتۇرغا چىقىپ كەتتىم، كېچىلەپ ئۆگىنىش قىلىپ، كۆرۈش قۇۋىتىم ئاجىزلىغىنى يوق لېكىن تا ھازىرغىچە ئاپتاپتا قىينىلىمەن. شۇنداقتىمۇ خېلى مېھرىم بار بۇ ئويۇنغا

  13. نۆل ۋە بىر 2012.05.31 , 12:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي بۇ ماھىرلارنى كانداق ئوينايدىكى دىسەم دۈشمەننىڭ بىرنىمۇ ئۆلتۈرمەي ئوينايدىكەنغۇ؟بۇنداق ئوينىسا گەنجۆ چىقامتىكى؟:neutral:

  14. ئۇيغۇربەگ 2012.06.04 , 21:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    魂斗罗نى چاچما ئوق دېمەمسىلە سىلە؟

  15. ۋورست 2012.07.17 , 23:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئاۋۇ ھەقىقىي نۇسقىسىنىڭ 3-بۆلۈمىنى ئويناپ باقماپتىكەنمەن بىر ئويناپ باقاي جۇمۇ

  16. بويتاق 2015.03.20 , 22:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي بالىلىق …..:cry:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量