بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى بېكەتلەرنىڭ يوچۇقى تۈپەيلى، ئالتە مىليونغا يېقىن ئابونتنىڭ مەخپىي شىفىرى ئاشكارىلاندى
يېقىندا دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق پروگراممېرلار تور بېكىتى CSDN تەخمىنەن ئالتە مىليونغا يېقىن ئەزانىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويدى، بۇ ئۇچۇرلار ئەزالىق نامى، ئى-خەت ھەمدە ھېچقانداق مەخپىيلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىغان پارول قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كەينىدىن يەنە بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى تور بېكەتلەر، مەسىلەن 人人网، CNZZ، 开心网 قاتارلىق 10 غا يېقىن تور بېكەتنىڭمۇ ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلانغانلىقى مەلۇم بولدى.
CSDN بولسا دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ۋە داڭلىق پروگراممېرلار تور بېكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق بىر تور بېكەتنىڭ سانداندا ئەزالارنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ھېچقانداق مەخپىيلەشتۈرۈش ئېلىپ بارماي ساقلىغانلىقى ۋە سانداننىڭ خاككېرلار تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 人人网 قاتارلىق ئەزالارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرى بىر قەدەر كۆپ ساقلانغان تور بېكەتلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق بىخەستەلىكنى ئۆتكۈزىشى كىشىنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ.
ناۋادا سىز يۇقىرىقى تور بېكەتلەرگە ئىلگىرى تىزىملاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا دەرھال مەخپىي نومۇرىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېلىڭ! بەلكىم سىزنىڭ ھېسابات نومۇرلىرىڭىز ۋە نۇرغۇن شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز خەۋپ ئاستىدا تۇرغان بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا سىز بۇ تور بېكەتلەرگە QQ ئى-خەت ھېساباتى بىلەن تىزىملاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ QQ نومۇرىڭىزمۇ خەۋپ ئاستىدا بولغان بولۇشى، ھەتتا 支付宝 قاتارلىق مۇھىم ھېساباتلىرىڭىزمۇ بۇ پاتقاققا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن!
تۆۋەندە مەخپىي نومۇرلارنىڭ ئاشكارىلانغان ئاشكارىلانمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان بىر قانچە مەنزىل قالدۇرۇپ قوياي. سىز بۇ تور بېكەتلەر ئارقىلىق پارولىڭىزنىڭ ئاشكارىلانغان ئاشكارىلانمىغانلىقىنى بىلەلەيسىز:
مەنزىل:
金山 مەخپىي نومۇر تەكشۈرۈش بېتى | Am I hacked (كۆپ خىل بېكەتلەرنى تەڭلا تەڭشۈرۈش) | CSDN دىكى پارولنى تەكشۈرۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: بىخەتەرلىك، پارول، تور، مەخپىيەتلىك، ۋىرۇس
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,124 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: password-leak-check.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مىكروسوفت FireFox نىڭ يېڭى نەشىرىگە نىسبەتەن ئەمدى قايتا تەبرىك تورتى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ
- كېيىنكى يازما > 2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى! تورخۇمار سىزنىڭ بىر تال بېلىتىڭىزگە موھتاج!
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- [پارول] توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى مۇشۇنداقلا تۈگىدى دىگەنما؟ قىززىق ئىش ئەمدى بولماقچى!
- ئاۋىئاتسىيە ھادىسىىدىكى مۇھىم شاھىد – « قارا قۇتا» ھەققىدە
- يۇمۇرلۇق ھەم ئازراق تەنە تۈسىنى ئالغان ئۆزگىچە كارتون فىلىم – Roadkill Redemption
- خاككىرلىق ۋە ۋىروس
- تىك-تاك توپنى مۇتلەق خاتا ئويناش ئۇسۇلى: تىك-تاك پىچاق
- شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟(2)
- شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز راستىنلا مەخپىيمىدۇ؟
ۋاخ نەبۇ
ئەمەلىيەتتە ئاچىمەن دىسە نۇرغۇن تور بىكەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېچىۋەتكىلى بولىدۇ.
ۋاي بۇ تور بەتلەنى ۋەتىۋەرىكىنى چىقىرۋەتكەنلا بىر ئىلان ئىشلىۋەتسە بىر ھۇنىرىنى كۆسەك بولتى
CSDN تور بىكتىدىن ماتىريال چۈشىرگىلى بولمايدىكەن ،بۇ نۇقۇل شىنجاڭغا يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتمۇ؟ كەسىپ ئەھلىلىرنىڭ چۈشەندۇرىشىگە مۇھتاجمەن.
نەدە بۇنداق ئىش باركەن؟
سىناپ باقماي ئىنكاس يازدىڭما؟
ئۇنداق ئىش يوق، بۇ بېكەتكە تىزىملاتسىڭىز ئاندىن چۈشۈرگىلى بولىدىغاندەك… شىنجاڭدىمۇ خىلى كۆپ ساندىكى كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى مۇشۇ تور بېكەتنىڭ كونا ئەزالىرى.
مەن تىزىملىتىپ ئەزا بۇلۇپ خېلى ھەپىلەشتىم، ئاخىردا بىكەتنىڭ ئۈزى ياسىۋالغان 404 بېتى بىلەن ئاخىرلاشتى.
مەنمۇ قاراپ باقەي ئەمسە.
Am I hacked دىن ئىزدىسەم ھەممە بىكەتتە باكەنمەن
مەنمۇ ئۆزەمنىڭ تور بىتنى ئىچىپ قاراپ باقسام راستىنلا مەخپى نومۇرنى كۇرگىلى بولدىكەن ئەمسمۇ باللا ما يامان ئىشكەن ..بەزى ئادەملەر مەخپى نومۇرنى ئۇنتۇپ قامماي دەپ ھەممنى بىر خىل قىلىپ سالدۇ ئەمەسمۇ
www.isilzad.com مىنڭ كەسپى تور بىتىم …رىمۇت تور بىتى ،،،