مىكروسوفت FireFox نىڭ يېڭى نەشىرىگە نىسبەتەن ئەمدى قايتا تەبرىك تورتى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ
مىكروسوفتنىڭ IE تور كۆرگۈسى گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەنئەنىسى بولۇپ، ھەر قېتىم ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى بولغان Mozilla نىڭ FireFox تور كۆرگۈسى يېڭى نەشىر يېڭىلىغاندا، ئۇلار قارشى تەرەپكە بىر دانە تەبرىك تورتى سوۋغا قىلاتتىكەن، بىراق يېقىندىن بېرى ئوتتۈلكە تور كۆرگۈسىنىڭ نەشىرى توختاۋسىز يېڭىلىنىۋاتىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئالتە ھەپتىدە بىر چوڭ نەشىرى ئېلان قىلىنىدۇ، يەنى بۇ مىكروسوفتنىڭ ھەر ئالتە ھەپتىدە بىر قېتىم تورت سوۋغا قىلىشىدىن دېرەك بېرەتتى…
دەسلىپىدە مىكروسوفت تورتنى سەل كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنغان، بۇ تورتلار بارغانسىرى كىچىكلەپ ئەڭ ئاخىرىدا بىر دانە كىچىك پىشلاققا ئايلىنىپ قالغان، كېيىن FireFox 8 يەنە ئالتە ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئېلان قىلىنىپ، مىكروسوفتنى ئالداپ تورت يېمەكچى بولغان، بۇ مىكروسوفتنى كۈچلۈك بېسىم ھېس قىلدۇرغاچقا، كۆپ ئويلىنىشلار ئارقىلىق IE گۇرۇپپىسى Mozilla غا قايتا تورت سوۋغا قىلماسلىقتەك قارارنى چىقارغان. قارىغاندا FireFox نىڭ مىكروسوفت سوۋغا قىلغان تورتلارنى ئىككىنچى قول قىلىپ سېتىش پلانى يەنىلا مىكروسوفت تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغان ئوخشايدۇ.
مىكروسوفت نۆۋەتتە IE10 نىڭ ئېچىش خىزمىتىگە كۈچەۋاتقان بولۇپ، تەخمىنەن 8~12 ھەپتىگىچە بولغان ئارىلىقتا بىر سىناق نەشىرىنى ئېلان قىلىش مۆلچەرلەنگەن، رەسمىي نەشىرى ئەڭ ئاخىرىدا Windows 8 بىلەن بىرگە كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىشى مۇمكىن.
مىكروسوفت IE گۇرۇپپىسىدىكىلەر FireFox 6 ئۈچۈن سوۋغا قىلغان تورت(2011-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى)
مىكروسوفت IE گۇرۇپپىسىدىكىلەر FireFox 5 ئۈچۈن سوۋغا قىلغان تورت(2011-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى)
مىكروسوفت IE گۇرۇپپىسىدىكىلەر FireFox 4 ئۈچۈن سوۋغا قىلغان تورت(2011-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى)
مىكروسوفت IE گۇرۇپپىسىدىكىلەر FireFox 3 ئۈچۈن سوۋغا قىلغان تورت(2008-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى)
مىكروسوفت IE گۇرۇپپىسىدىكىلەر FireFox 2 ئۈچۈن سوۋغا قىلغان تورت(2006-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى)
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: FireFox، IE، توركۆرگۈ، خەۋەر، قىزىقارلىق، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,289 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ie-team-stop-send-cakes-to-firefox.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > گوللاندىيەنىڭ كىرسىڭىز چىققۇڭىز كەلمەيدىغان ھەشىمەتلىك تۈرمىسى، بۇنداق تۈرمىدە ياتىدىغانغا كىم ياق دەيدۇ؟!
- كېيىنكى يازما > بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى بېكەتلەرنىڭ يوچۇقى تۈپەيلى، ئالتە مىليونغا يېقىن ئابونتنىڭ مەخپىي شىفىرى ئاشكارىلاندى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
ۋاي ۋاي ، بۈگۈن ماڭا دىۋان ئوڭچىلا قاپتىغۇ !!! دىۋان . ئۇف . ھەنىم بولسا ئولتۇرۋالدىم !!!
تورخۇماردا سەنلا قالغان دوستۇم ، دىۋان تالاشمىغان!
دىۋاندا ئولتۇرۇپ ، مۇڭگۇز چىققان بولسا تەبرىكلەيمەن !!!
نىمە مەقسەتتە تورت سوۋغا قىلدىغىننى چۈشەنمىدىم
يوۋ مۇشۇ تورخۇماردا دىۋان تالشىش نىمانداق ئېغىر !!!

سەۋەبى نىمىدۇ ؟ نىمىشقا تورىت سوغا قىلىدىغاندۇ؟
تورخۇمار دىۋاندا ئولتۇرغانلارغا تورىت سوۋغات قىلامدىكەن؟؟؟؟


تورىت سوۋغا قىلىشى ئەتەي مازاق قىلىشى بۇلۇشى مۇمكن ،قارىغاندا مىكروسوفت تورىت ئەۋەتىۋىرىپ ئىچى پۇشۇپ قاپتۇ !
مۇشۇنداق قۇرۇق دىۋان تالىشىدىغانلارنى كۆرسەم سەپىرايىم ئۆرلەيدۇ.