گوللاندىيەنىڭ كىرسىڭىز چىققۇڭىز كەلمەيدىغان ھەشىمەتلىك تۈرمىسى، بۇنداق تۈرمىدە ياتىدىغانغا كىم ياق دەيدۇ؟!
خېلى بۇرۇنلا توردا سومالىدىكى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ گونلاندىيەدە سوتلىنىپ تۈرمىگە قامالغانلىقى، كېيىن تۈرمە شارائىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ياخشىلىقى تۈپەيلى مۆھلىتى توشقاندا تۈرمىدىن ئايرىلىشقا قىيماي قالغانلىقىدەك بىر خەۋەرنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە، بۈگۈن توردىن گوللاندىيەدىكى بىر ئادەتتىكى تۈرمىنىڭ بىر قانچە پارچە سۈرىتىنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ تۈرمىدىن چىقىشقا قىيماي قالغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەن…
تېشىدىن قارىماققا مەكتەپكە، ئىچىدىن قارىماققا باغچىغىلا ئوخشايدىكەن!
بۇنىڭ نەرى تۈرمىگە ئوخشايدۇ؟! كۈتۈپخانىنىڭ ئۆزىلىغۇ؟!
ئەمدى ئازراق تۈرمە سىياقىغا ئوخشايدىغان جايغا كىردۇق…
نېمە دېگەن پاكىز تۈرمە بۇ؟!
ئىشىكنى ئېچىپ كىرگەندىن كېيىن رەسمىي كۆڭلىڭىز يېرىم بولغىدۇ دەيمەن؟! كىچىك دوسكا، ئايرىم ھاجەتخانا، ئۈستەل، ئىشكاپ، ئەينەك، پەردە! مېنىڭ ياتاق ئۆيۈمدىنمۇ چىرايلىقكەن…
ھەر بىر ئۆيدە يەنە تېلىۋېزور ۋە رادىئو ئېغىزى باركەن، مەملىكەت خەۋەرلىرىنى كۆرۈشتە قەتئىي قىينالمىغۇدەكمىز!
بۇلار مەھبۇسلارنىڭ ئېھتىياجىنى تېخى قامداپ بولالمىغانمىدۇ؟ كومپىيۇتېر، كرېسلو، بىليارت تاختىسى، ئارام ئېلىش ئۆيى…
چېنىقامسىز؟! چاتاق يوق!! ۋاسكېتبول، پۇتبول مەيدانى، بەزى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن ياخشىكەنغۇ!!!
ئەتىگەنلىك تاماقتا مېۋە مۇرابباسى، پېچىنە، كافىي، چاي ۋە مېۋە سۈيى؛ چۈشلۈك تاماقتا ئۈچ خىل ئىسسىق سەي، سالات ۋە مېۋە. ناۋادا بۇلار تىلىڭىزغا تېتىمىسا ئۇنداقتا ئازراق جاپا چېكىسىز، بۇ ئاشخانىغا كىرىپ ئۆزىڭىز خالىغاننى ئېتىپ يېسىڭىز بولىدۇ…ناۋادا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاماق ئېتىشنى ياخشى مەشىق قىلسىڭىز، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن بەلكىم داڭلىق ئاشپەز بولۇپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن!!!
مەھبۇسلارنى ھاۋا يېگۈزىدىغان ۋاقىت ھازىرلا توشىدۇ، جەمئىيەتكە ماسلىشىش، سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىدە ئۈزۈلۈش بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن يەنە ھەر ھەپتىدە ئۆيگە قايتىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرگە ھەپتە ئاخىرىنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ…ئەگەر بۇنداق تۈرمە بولسا، كىممۇ تۈرمىدىن قېچىشنى خالايدۇ دەيسىز؟!!
ئىلگىرى توردا يەنە بىر خەۋەرنى كۆرگەن، گوللاندىيەدە بۇرۇن بىر تۈرمىدە ئاجايىپ ئۆزگىچە بىر خىل سىياسەت بولۇپ، ناۋادا مەھبۇس ھېچقانداق كىرىمى يوق پۇقرا بولسا، ئۇنداقتا ھەر ئايدا 900 ياۋرو تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالالايدىكەن، 900 ياۋرو!!!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىمارەت، جىنايەت، سىرلىق، سۈرەت، قالتىس، مېھمانساراي، ھەشەمەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: the-dutch-prison.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالما شىركىتىنىڭ غايەت زور مەبلەغ بىلەن يېڭىدىن سالماقچى بولغان «ئۇچار كېمە» شەكىللىك يېڭى باش شىتابى
- كېيىنكى يازما > مىكروسوفت FireFox نىڭ يېڭى نەشىرىگە نىسبەتەن ئەمدى قايتا تەبرىك تورتى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ
- 404 خاتالىق ئۇچۇرى: كۆرىۋاتقىنىڭىز فوتو-سۈرەت ئەمەس، كۆزىڭىزگە ئالدانماڭ!
- ئاجايىپ ماھارەتلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدا ساياھەت قىلىش؟! | يانچۇقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ سىرلىرى
- راست-يالغانلىقىنى ئۇققىلى بولمايدىغان سۈرەت – پىرىنسىپى زادى قانداقتۇ؟ ئەجىبا ھۆججەتنى ئېچىش ئۇسۇلىمدىكى خاتالىقمىدۇ؟
- ئىشىك-دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاپ ئولتۇرۇڭلار، چاغاندا يولداشلار ئاتقان مېتىئورىتلار روسىيەگە چۈشۈپ كېتىپتۇ دەيدۇ…
- Google نىڭ ئىزدەش بېتى بەك ئاددى، ئەمما خىزمەت بىنالىرى ئۇنچە ئاددى ئەمەس
- قىزىلكۆزلەر دىققەت: نېمىشقا چاقماق لامپا(闪光灯) ئىشلىتىپ سۈرەت تارتقاندا ئادەمنىڭ كۆزى قىزىل چىقىپ قالىدۇ؟
- 2012-يىللىق FISM يېقىن ئارىلىق سېھرىگەرلىك مۇسابىقىسى چېمپىيونى Yann Frisch نىڭ كارامىتى
- تاتلىق ئەسلىمە-ئاچچىق ھەقىقەت | Goldberg بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى تەدىرىجى تەرەققىياتى
- SAMSUNG كىرئالغۇسىنىڭ ئۆزگىچە ئېلانى، بۇلارنىڭ يانفون ئېلانلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ سەتەڭ چىقىپتىمۇ نېمە؟!
- Adobe CS2 رەسمىي نەشىرى يۈرۈشلۈكلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز | Photoshop/Illustrator/Acrobat/Premiere
بۇمۇ دىۋان؟
تۈرمە؟ ئاشۇ تۈرمىما؟
مەن بېرىپ ساياھەت قىلغاچ بىرەر يىل ياشاپ كىلەيمىكى
دۇنيادىكى باشقىلارنىڭ باللىرى جىنايەت ئۆتكۇزسە شۇيەگە قامامدىكەن
گوللاندىيە تۈرمىدىلا ياتىغان يەركەن جۇما.
شارائىتى ياخشى بولغان بىلەن ھامىنى تۈرمىدە، بۇ تۈرمىدە ياتقاندىن تەكلىماكان چۆلىدە ئەركىن يۈرگەن ياخشى.
ۋاھ!گوللاندىيىلكلەر ما بىزنىڭ تۈرمىلەرگە كېلىپ كۆرۈپ كەتسە بولغۇدەك ،شۇچاغدا ئاندىن تۈرمىنىڭ قانداقلىقىنى بىلەتتى.
رەسىملەر توسلۇپ قالدىمۇ قانداق؟
بۇ تۈرمىگە مايكول سىكوفىئولىتنى سولاپ قويسا ،قېچىشقا رايى بارماي چۇقۇم دۆتلىشىپ كىتىدۇ !!!
ۋوي توۋا! بۇمۇ تۇرمىما؟ بىزنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇچ يۇلتۇزلۇق مېھمانخاندىنىمۇ ئېسلكەن جۇمۇ!
بۇ راسلا تۈرمە بولسا ….. جىنايەتچىلەر كوپىيىپ كېتە ؟
يامان دەيدۇ تۈرمىنى ، ياتمغانلار بىلمەيدۇ ،
گوللاندىيە تۈرمىسىنى تاپمىغانلار بىلمەيدۇ .
«تۇرما» ئەمەس «تۇر» كەن بۇ
يامان پەيزىكەن…..
رەسىمنى خاتا يوللاپ قالمىغانسىز ، بەزى رەسىملەردىكى يەرلەر مېنىڭ ئۆيۈمدىنمۇ چىرايلىقكەن دېسە …
شۇ خېلىلا چىرايلىقكەن. ئولاش چولاش 团购 قىلىپ يېتىپ كېلىدىغان ئىشمىكى
: يەنىلا ئەركىنلىككە يېتەمدۇ دەيسىلەر كېرىنداشلار
خەييا شەھىرى گوللاندىيەدە ئەمەستۇ. خەلقئارا سوت ئورنى بار يۇرت بولسا ،ئۇلارنى ئېنىق ئايرىغىلى بولمىغانلىدۇ .مەھبۇس دىيىلگەن بىلەن
خەلقىمىزمۇ قىزىقكەن.90يىللار ئەتراپىدا ئۈزگەرتىپ سېلىنغان تۈرمىلەر ئۇ .بولمىسا گۇئانتانامو دىن قېلىشمايتى.بىر گۇستاپ بولغاننى20يىللىق ساختا رىجىمغا كېسىۋېپتىكەن.بىرقانچە تۈرمە پۇقرالارنىڭ ئۈيىدىن ئېسىل سېلىىنىپ قالغان.مەن بېرىپ تۇرسام ئاچقۇچىنىمۇ تەڭ بېرەرمىش.سوتچىنى رىجىمغا ئېلىۋالسا شۇنداق يەردە تۇرماي ،شۇنداقمۇيا
ما مېھمانغانە نەدىرەككەن
ۋاي ئاللا بۇ تۈرمىمۇ؟ بۇ تۈرمىدە ھەرقانچە ئەسكى ئادەمنىڭمۇ يەنە ئەسكىلىك قىلغۇسى كەلمىگۈدەك؟