نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يۇمشاق دېتاللار > يازما مەزمۇنى

Adobe CS2 رەسمىي نەشىرى يۈرۈشلۈكلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز | Photoshop/Illustrator/Acrobat/Premiere

Adobe نىڭ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى تىلغا ئالغاندا، كۆپچىلىكنىڭ ئېسىگە تۇنجى بولۇپ كېلىدىغىنى Photoshop بولۇشى مۇمكىن. لايىھەلەش ساھەسىدە ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرۇۋاتقان بۇ يۇمشاق دېتال تاكى ھازىرغىچە ئورنىنى تېخى بوشاتقىنى يوق. لېكىن، سۈرەت لايىھەلەشنى قىلچە بىلمەيدىغان تورداشلارمۇ ئارزۇلاپ قاچىلىۋالىدىغان بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ نەچچە مىڭ دوللار ئىكەنلىگىنى بەلكىم خېلى كۆپ تورداشلار بىلمەسلىگى مۇمكىن.

adobe-cs2-free

بىراق، بۈگۈن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يەنە بىر خەۋەر يېتىپ كەلدى! Adobe شىركىتى ھازىر ئورگان تەرەپتىن Creative Suite 2 Premium(قىسقارتىلىپ CS2 دەپ ئاتىلىدۇ) يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈنلەي ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋە ئاكتىپلاشقا تەمىنلەپتۇ! بۇ تورداشلار ئۈچۈن، ھېچ بولمىسا ئاز بىر قىسىم تورداشلار ئۈچۈن ئالاھىدە خۇشخەۋەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ!

Windows 8 ھەقىقىي نەشىرى پەقەت 98 يۈەنگە تەمىنلەنگەندىن كېيىن، نۇرغۇن تورداشلار ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋاتقىلى 10 يىلدىن ئاشقان ساختا سىستېما بىلەن خوشلاشقان ئىدى، گەرچە نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئورنىغا ئىقتىدارى شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ھەتتا ئېشىپ چۈشىدىغان ھەقسىز يۇمشاق دېتاللارنى دەسسەتكىلى بولسىمۇ، بىراق Adobe Photoshop نىڭ ئورنىغا دەسسەتكۈدەك تۈزۈك نامزات يوق ئىدى. بۇ ماڭا ئوخشاش ھەقىقىي نەشىردىكى مەشغۇلات سىستېمىسىدا ھەقىقىي نەشىردىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىشنى ئىستەپ يۈرگەن تورداشلار ئۈچۈن ئىلاجىسىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئەلۋەتتە.

ھازىر مانا ئاخىرى ئورگان تەرەپتىن Indesgn/InCopy/Audition/Premiere/Acrobat pro/Illustrator ۋە Photoshop لارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەقسىز Adobe CS2 يۈرۈشلۈكلىرى تەمىنلىنىپتۇ، بىر يۈرۈش CS يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ باھاسى 1.5 تۈمەندىن ئاشىدۇ، يالغۇز PS نىڭ ئۆزىلا 4000 سوم! گەرچە Adobe ھەقسىز تەمىنلەنگەن يۈرۈشلۈكلەر ئەڭ يېڭى CS6 بولمىسىمۇ، بىراق ھېلىھەم كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە دېيىشكە بولىدۇ.

ھەقسىز ھەقىقى نەشىردىكى Adobe CS2 يۈرۈشلۈكلىرى ھەققىدە:

نەچچە يىللار ئاۋال بىر لايىھەلىگۈچى ماڭا، Photoshop نىڭ %30 ئىقتىدارىنى بىلسىڭىز پۈتۈنلەي ھاجىتىڭىزدىن چىقالايسىز دېگەن ئىدى. گەرچە Adobe CS2 يۈرۈشلۈكلىرى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى كونا مەھسۇلات بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئىقتىدار جەھەتتە ئەڭ يېڭى CS6 بىلەن ئۇنچە كۆپ پەرقمۇ يوق، خېلى كۆپ تورداشلارنىڭ ھاجىتىدىن تامامەن چىقالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يۈرۈشلۈكلەرنىڭ Windows نەشىرىدىن باشقا يەنە، Mac نەشىرىمۇ تەمىنلەنگەن. بۇ بىر قىسىم ئالما مەھسۇلاتلىرى بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان تورداشلار ئۈچۈن تېخىمۇ ھاياجانلىنارلىق خۇشخەۋەر ھېسابلىنىدۇ. adobe-cs2-girl

كىشىنى بىر ئاز ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان يېرى شۇكى، بۇ قېتىم ھەقسىز تەمىنلەنگەن Adobe CS2 يۈرۈشلۈكلىرى پۈتۈنلەي ئېنگلىزچە، ناۋادا سىزنىڭ ئېنگلىزچىڭىز ياخشى بولسا، ئۇنداقتا سىزگە So Easy، ناۋادا ئۇنداق بولمىسا، بەك ئەنسىرەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئىشقىلىپ دائىم PS ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سىز ئۈچۈن، قايسى كۇنۇپكا ۋە تىزىملىكنىڭ نېمە ئىقتىدارى بارلىقى يادقا بولۇپ كەتتىغۇ دەيمەن؟ تېزلەتمە كۇنۇپكا ئارقىلىق PS ئوينايدىغان ئۇستىلارغىغۇ گەپ كەتمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىملىق ھەقسىز تەمىنلەش پائالىيىتى قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ بۇ تېخى ئېنىق ئەمەس. ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر پارچە خەۋەردە دېيىلىشىچە، Adobe شىركىتى 2-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ CS2 يۈرۈشلۈكلىرى ۋە Acrobat 7 نىڭ ئاكتىپلاش مۇلازىمېتىرىنى توختىتىدىكەن، شۇڭا تورداشلارنىڭ يەنىلا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 Adobe CS2 Premium گە ھەقسىز ئېرىشىش:

Adobe CS2 Premium كەسپىي نەشىرىنى چۈشۈرۈش بېتىگە كىرىپ، Adobe CS2 يۈرۈشلۈكلىرى ياكى يۈرۈشلۈكلەر ئىچىدىكى ئايرىم يۇمشاق دېتاللارنىڭ Windows ياكى Mac نۇسخىسىنى تاللاپ چۈشىرىۋالساق بولىدۇ. ھەر بىر مەھسۇلاتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ھەقىقىي نەشىرىگە خاس بولغان قاچىلاش تەرتىپ نومۇرى بار.

Adobe CS2 Premium كەسپىي نەشىرىنى چۈشۈرۈش بېتى: مەرھەمەت    |   مەنبە: تورخۇمار



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 17 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تىز،،، : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ،،دىۋان.. دەسلەپ قىلدۇققۇ مانا .. :mrgreen:

    • سارس :

      ھەجەپ زېركتۈردى ماۋۇا، دىۋان دىۋان دەپ.
      مۇشۇ خەتنى كۆرسەملا…..

  2. تىز،،، : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ بەك كاتتا خۇش خەۋەر بولسا كىرەك…،،،ئەتتىگەندىلا ماڭا ئۇچىراپ قاپتۇ،،،

  3. تىز،،، : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    «مەرھەمەت » نى باسسام ئىچىلمايدىغۇ ،، بۇ نىمە بولغۇنى… تەكشۇرۇپ باقامسىز تورخۇمار ئەپەندىم ، رەھمەت :wink:

  4. تىز،،، : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىچىلدى ئىچىلدى … :wink:

  5. ۋاقتىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پۈتۈنلەي ئېنگىلىزچە بولسا …. مەن ئىشلتەلمىگۈدەكمەن :???:

  6. شامال : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يان تېلىفۇن نۇسخىسىنى ئىشپ باققانلار بارمۇ بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ؟android نەشىرىدىكىنى…

  7. خىيال : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللا ئاللا مانا بۇ ھەقىقىي خۇشخەۋەركەن… ئەمما AE نىڭ يوقلىقى مېنى ئېگىز ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ، بىراقلا يەرگە بەك چۈشۈپ كەتكەندەك قىلىپ قويدى… تېما ئىگىسىگە رەھمەت، ھېچ بولمىسا PR بىلەن PS بار ئىكەن…

  8. ئاپلىسىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىنگلىزچە بىلمەيدىغان تورداشلار خەنزۇچە نەشرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار، لىكىن نەشرى ماۋۇ ئىنگلىزچە نەشرىدىن سەل تۆۋەن ئوخشايدۇ، تەپسىلاتىنى cnbeta دىن كۆرۈپ بېقىڭلار، ئىنكاسنى يانفۇندا يازغاچقا ئادرىسىنى قالدۇرۇشقا ئامالسىزمەن…

  9. koktekin : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىڭغا ئوخخو دېمەي ئامال يوق

  10. داداش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوخىخو

  11. كۆك تاش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن سىلەرگە دىسەم، بىزنىڭ خوجايىن 7 Photoshop نى ئىشلىتىدۇ دەيمەن، بىز بولساق Photoshop8 نى ئىشلىتىمىز. :mrgreen:

  12. تاشۋاي : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    cs6دىگەن كاساپەتكە ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە كىرگۈگىلى بۇلىدىكەن ئەمەسما … :grin:

    • خىيال :

      ئۇنداق ئەمەستۇ. مەن ئەجەپ ھېس قىلمىدىمغۇ. ياردىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز… تەپسىلىيرەك بىر دەپ بېرەلەمسىز؟

  13. سەرگەردان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    @خيال: phptpshp cs6 نىڭ تەھرېرلەش(bianji) تىزىملىكىنى ئېچىپ، ئەڭ ئاستىدىكى باش تاللاش(shouxuanxiang) نى باسسىڭىز يېزىق تاللاش بار، شۇيەردىن ئوتتۇرا – شەرىق تىللىرىنى تاللاپ مۇقۇمداپ، قايتا قوزغاتسىڭىزلا ئەلكاتىپ بىلەن بىمالال ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلەيسىزكەن. :idea:

    • خىيال :

      ئاللا ئاللا ما ئىشنى كۆرۈڭ… قايتا قوزغىتىمىز دەڭ… مەن قايتا قوزغاتمايلا كىرگۈزسەم، يەنە شۇ بۇرۇنقىدەكلا تۇرغانتى، ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغانغا يەنە بار ئوخشايدۇ دەپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ. كۆپ تەشەككۈر…

  14. تىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان دىگەن ھەممە مۇنبەرلەردە بار خۇددى سىز سارستەك يامىراپ كەتكەندەك ، بۇنىڭغا ئامال يوق،،، :evil:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)