Windows 8 رەسمىي ھەقىقىي نەشىرى كەسپىي نەشىرى(سېتىۋالغاندىلا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيسىز)
خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىناشتىن كېيىن، كۆپچىلىك تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ھەقىقىي Windows 8 رەسمىي نەشىرى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى! ئۇيغۇرچە قوشۇلغان بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ساقلاۋاتقان تورداشلار ئۈچۈن بۇ يىل ئاخىرىدىكى ئەڭ چوڭ خۇشخەۋەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك؟ win8 نۆۋەتتە مىكروسوفتنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىردىكى، شۇنداقلا ئەڭ ئىلغار دەپ قارىلىۋاتقان مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
Windows 8 ھېسابتا مىكروسوفتنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم بىر مەھسۇلاتى، شۇنداقلا ئۇزۇن يىل يات تىلدىكى Windows سىستېمىسى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىم مىكروسوفت تاختا كومپيۇتېر ۋە PC ئارىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن، Metro UI كۆرۈنمە يۈزىنى Windows 8 نىڭ ئاساسلىق ئارا كۆرۈنمە يۈزى قىلىپ بېكىتكەن، ھەرخىل تاختا كومپيۇتېر ئەسلىھەلىرىگە نىسبەتەن كەڭ كۆلەمدە ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.
ھەقىقىي نەشىرىدىكى Windows 8 نى سېتىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز:
Windows 8 ھەقسىز مەشغۇلات سىستېمىسى ئەمەس، بىراق شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ئۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئەرزان Windows مەشغۇلات سىستېمىسى. ناۋادا شارائىتىڭىز يار بەرسە، چوقۇم ھەقلىق نەشىرىنى سېتىۋېلىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى بۇدا مىكروسوفت يولغا قويغان Win8 نىڭ كەسپىي نۇسخىسىنىڭ ئېتىبار باھاسى ئارانلا 248 يۈەن! بۇ Windows 7 نىڭ 1399 يۈەنلىك كەسپىي باھاسىدىن يەنە 5 ھەسسە ئەرزان دېگەن گەپ! ناۋادا بۇ باھانى يەنە قىممەت كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى بايانلارغا قۇلاق سېلىڭ. ناۋادا سىز 2012-يىلى 6-ئايدىن كېيىن كومپيۇتېر سېتىۋالغان بولسىڭىز، بەلكىم سىزگە قوشۇپ بەرگەن ھەقىقىي نەشىردىكى Windows 7 چوقۇم ئېسىڭىزدە بولۇشى مۇمكىن. مىكروسوفت يېڭىلا Win7 سېتىۋالغان خېرىدارلىرىنىڭ Win8 نى تېخىمۇ ئاسانلا سېتىۋالالىشى ئۈچۈن، بۇ تۈردىكى ئابونتلارغا پەقەت 98 يۈەن تۆلەپلا Windows 8 نىڭ كەسپىي نەشىرىنى سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى يولغا قويغان! نېمە؟! 98 يۈەن؟! شۇنداق! 98 يۈەن! پەقەت 98 يۈەن خەجلەپلا ئەڭ يېڭى ۋە ھەقىقىي نەشىردىكى Windows 8 نىڭ كەسپىي نۇسخىسىنى سېتىۋالالايسىز؟ قېنى نېمىگە قاراپ تۇرىسىز؟ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ!
شۇنداق، Microsoft بۇدا 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە Windows 8 نى مۇشۇ خىل ئېتىبار باھادا سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى يولغا قويغان. ئۇنىڭدىن كېيىن قالسا بەلكىم يەنە تۆت خانىلىق ئاسمانپەلەك باھاغا چىقىۋېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ يەردە كۆپچىلىككە يەنىلا سەمىمىي تەكلىۋىم، ناۋادا شارائىتىڭىز يار بەرسە، بۇ ئېتىبار باھا پائالىيىتى ئىچىدە سىز ئىنتايىن تۆۋەن ھەق بىلەن 10 نەچچە يىلدىن بېرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ساختا ئوغرى نەشىردىكى مەشغۇلات سىستېمىڭىزنى بىراقلا ھەقىقىي نەشىردىكى مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئايلاندۇرالايسىز، ناۋادا Windows 8 نى ئىشلىتىشكە ئېھتىياجىڭىز چۈشمىگەن تەقدىردىمۇ، بىر نۇسخا سېتىۋېلىپ قوللاپ قويسىڭىز، بەلكىم بۇمۇ ئۇيغۇرچە قوشۇلغان Windows 8 كە بولغان قوللىشىڭىزنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
Windows 8 نى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى:
نۆۋەتتە Windows 8 نى پەقەت سېتىۋالغاندىلا ئاندىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولغاچقا، مەخسۇس چۈشۈرۈش ئادرېسىنى مىكروسوفتمۇ ئايرىم تەمىنلىمىگەن. سىز پەقەت Windows يېڭىلاش ياردەمچىسى ئارقىلىق سېتىۋالغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك كومپيۇتېرغا چۈشۈرەلەيسىز. بۇ ھەقتە ئالىم-ئەھەت ئەپەندىنىڭ Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن) ۋە ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش ناملىق يازمىسىغا دىققەت قىلىڭ. ناۋادا سىزدە 2012-يىلى 6-ئايدىن كېيىن سېتىۋالغان Windows 7 ھەقىقىي نەشىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى بولسا، ياكى ئەتراپىڭىزدا شۇنداق ئۇچۇرلىرى بار، ئەمما ئىشلىتىشكە ئېھتىياجى يوق دوستلىرىڭىز بولسا، سىز يۇقىرىدىكى سېتىۋېلىش دەرسلىكىنىڭ 10-باسقۇچىدىكى 促销代码 دېگەن ئورۇنغا ئېتىبار نومۇرىنى كىرگۈزۈپ 248 يۈەنلىك Windows 8 نى پەقەت 98 يۈەنگە سېتىۋالالايسىز. بۇ يەردە يەنە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمەن.
ناۋادا سىز ئاللىقاچان Windows 8 ھەقىقىي نەشىرىنى سېتىۋالغان ۋە iso ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ قاچىلاشقا تەييار بولغان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى مەزمۇنلار سىزگە ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن:
مەۋھۇم كومپيۇتېرغا قاچىلىماقچى بولسىڭىز:
سۇپا ئاتلىغان ھەقسىز مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى – VirtualBox
مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا ھاسىل قىلىپ قاچىلىماقچى بولسىڭىز:
Windows 8 نى قاچىلاشتىن بۇرۇن ئەسقاتىدىغان بىر قىسىم يازمىلار:
ئاددى ۋە بىخەتەر ئۇسۇلدا Windows7 بىلەن Windows8 نى قوش سېستىما شەكلىدە قاچىلاش
تېخىمۇ كۆپ يازمىلار داۋاملىق تولۇقلىنىۋاتىدۇ…
Windows 8 رەسمىي يېتىپ كەلدى!
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ھازىر Windows 8 ھەقىقىي رەسمىي نەشىرى ئاخىرى يېتىپ كەلدى! مىكروسوفتنىڭ مەشغۇلات سىستېما مەھسۇلاتى يېڭىلىنىپ ئاللىقاچان مۇشۇ قەدەمنى بېسىپ ئۆتتى، سىزچۇ؟ ھېلىھەم Windows XP دەۋرىدە تۇرىۋاتقان تورداشلار بۇ توپتا بارغانسىرى يالغۇز قېلىۋاتقانلىقىڭىزنى چوقۇم ھېس قىلدىڭىزغۇ دەيمەن؟ قېنى ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ Win8 سەپىرىنى باشلاڭ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
- ھالقىلىق ســــۆز: iso، win8، windows8، چۈشۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 98,533 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى
- يازما مەنزىلى: windows8-pro-iso.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مىكروسوفتنىڭ كۆپ خىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ كونا ۋە يېڭى Logo لىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى
- كېيىنكى يازما > Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي تارقىتىلدى | ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئېنگلىزچە 26 ھەرپتىن تۈزۈلگەن تەگرەسىملەر
- كىم تارتقان Windows 8 نىڭ ئېلانلىرىدۇ بۇ؟ دەرھال مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىڭلار!
- ئۆتمۈشتىكى 20 يۈرۈش ئەڭ كۆپ پۇل تاپقان خاسىيەتلىك پالۋان فىلىملىرى(1)
- كائىناتنى كۆرگىڭىز بارمۇ ؟ 24GB سىغىمدىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى سامان يولى سېستمىسىنىڭ رەسىمى
- Win8 موھىتىدا 红警2 نى نورمال ئويناش ۋە لەپتوپ (笔记本) دا ئويۇننىڭ پۈتۈن ئېكران بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- تەتىلى بار تورداشلار زېرىكتىڭلارما؟ بىللە كىنو كۆرىمىز – 2012-يىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمىلىق دۇنياۋى 10 كىنو
- Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي تارقىتىلدى | ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
- تاللانغان سۈزۈك 50 پارچە كومپىيۇتېر ئۈستەل يۈزى تەگلىك رەسىمى چۈشۈرىۋىلىڭ
- يەتتە مىنۇتتا 007 فىلىملىرىدىكى 50 پارچە كلاسسىك كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ئۆتۈش ۋە بارلىق 007 كىنولىرىنى چۈشۈرۈش
ئىناۋەتلىك كارتا بولمىسا سىتىۋالغىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ؟
مەن پەقەت سېتىۋالالمىدىم
سىتىۋىلىش تامام .
كومپىيوتېرغا بولغان سەپلىمە تەلىپى يۇقۇرمىدۇ ؟
سىتىۋالدىم
شۇ ئىناۋەتلىك كارتا دىگەن جايدا تۇرۇپ قالدىم دىسە ….ئىتىبار بىرىىش نۇمۇرىمۇ بارتى بولمىسا ھەييييييييييييييييييييييييي
مانا Windows 8 دە خەت يىزىپ تۇرۇپتىمەن !
ماڭا بەكلا ياقتى…..
سىتىۋالغانلار بىلەن تەڭ ئىشلەتسەك قانداق بولا . Windows 8 فىلىمچىلىك يۇمشاق دىتاللارنى قوللارمۇ . Windows7 قوللىمايتى.
Windows7 سىزنىڭ قايسى فىلىمچىلىك دېتاللىرىڭىزنى قوللىمىدى؟
شۇ ۋاختىداا بۇسىستىمىنىڭ نەرىگە ئۇيغۇرچە قاتقان بولدى . ھەممە تەڭشەك ئىكىران يۈزىدىكى دىتاللىرى بىراقلام ئۇيغۇرچە بولام دا بىر ئىنىق چۇشەنچە بەسەڭلا ر؟
پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە… ھازىرقىسى ئەرەپ يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بىرلەشمىسىدەكلا خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن، لېكىن ھەممىسىنى 100% چۈشەنگىلى بولىدۇ، Microsoft ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تەييارلاۋىتىپتۇ… شۇ چىققان چاغدا ئىنتايىن چىرايلىق بولغان ئۇيغۇرچە Windows 8 ئىشلىتەلەيدىكەنمىز… ئاڭلاشلارغا قارىغاندا…
ئەمسە قاندق مەن دىگەن يەلىرى ئۇيغۇرچە ئەمەس ما؟
Windows نىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن دېتاللىرى ئۇيغۇرچە بولىدۇدە… ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئۇنداق ئەمەس…
مەندە ئېتبار بىرىش نومۇرىدىن ئىككىسى بار ئىدى،ئەمما سەۋىيەم يەتمەي سېتىۋالالمىدىم ،ئەگەر دوسىتلار سېتىۋېلىشىمغا ياردەم بەرسە بىر تەستىق نومۇرىنى بېرەتتىم . خالىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ .
QQ 45627732
مۇشۇ ۋىندوۋس 7 تىگە قاچىلىغان ھەرقانداق سېستىما ئويۇنلارنىمۇ بىمالال قاچىلىغىلى بولامدىكەن ۋىن 8گە قاچىلىغىلى بولسا مەن ھازىرلا سېتىۋالاتتىم
«كۆزنەك8»نىڭ «كارخانا»نۇسخىسى ئۆتمۈشتىكى بارلىق «كۆزنەك مەشخولات سېستىمىسى»نەشىرىنىڭ بارچە پىروگىراممىلىرىنى تولۇق قوللايدۇ.ئەمما «كەسپى نۇسخىسى»،«ئۆلچەملىك نۇسخىسى»،«RTنۇسخىسى» بولسا قوللىمايدۇ.«كۆزنەك8»نىڭ «كارخانا» نۇسخىسى ماھىيەتتە«كۆزنەك7»نىڭ«بايراقدار»نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش.مەن پۇلغاسېتىۋالمايمۇ كارخانا نۇسخىسىنىڭ تولۇق ھوقۇقىغا ئېرىشىپ بولدۇمغۇ؟
ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بۇلاپ قالدى تورخۇمار ئەپەندى خاپۇممىغايسىز.. مەن بىر كۇمپىيۇتېر ئالماقچىتىم، سەپلىگەن كومپىيۇتېر، 3000يۈەن ئەتراپىدا بولسا بۇلىتى ئىشىپ كەتمىسۇن..قانداق سايمانلارنى ئۈسكۈنلەرنى ئالسام بۇلىدۇ ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار مەن قەشقەردىن چ چ:1765278438 تىلفۇن:15276049653 ئاللا ئىشلىرىڭلارغا بەركەت بەرسۇن ..
ھەممە نەرسىنىڭ ئەسلى نۇسخسى ياخشى بۇلىدىكەن جومۇ!
بۇ باھاغا پىكرىم بار
http://item.taobao.com/item.htm?id=16440329889#
مۇشۇ يەردىن سېتىۋىلىڭ … ئەڭ ئىشەنچىلىك … ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر لار ئاچقان دۇكانكەن
يانفون نۇسخىسى بەك نوچى بولۇپتۇ، مۇبارەك بولسۇن! بىراق، ئىنكاس يوللانمىدى (يوللاش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىن كېيىن ھېچقانداق ئىنكاس يوق).
بايقاپ قاپسىزدە؟ تېخى سىناق باسقۇچتا، ئازراق مەسىلە باركەنتۇق، ئوڭشاپ قويدۇم، ئەمدى سىناپ بېقىڭ. تەكلىپ پىكىرلەر بولسا بەرگەيسىز
مىنىڭ ماۋۇ ئاسارە ئەتىقەم ماس كىلەمۇ مۋۇ سىستىمىغا
يانفۇن نۇسخىسى ياخشخ چىقىپتۇ مگن ھازىر تېلفۇنۇمدا يازدىم ىنكاسنى مۇشۇ ۋىندوۋس 7 تىگە قاچىلىغان ھەرقانداق سېستىما ئويۇنلارنىمۇ بىمالال قاچىلىغىلى بولامدىكەن ۋىن 8گە قاچىلىغىلى بولسا مەن ھازىرلا سېتىۋالاتتىم
بولىدىكەن، ھازىرچە مەن Win 7 دە ئىشلەتكەن بارلىق ئەپلەرنى Win 8 دە ناھايىتى نورمال قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن.
Windows 8 ھەقىقەتەن ماختىغۇدەك، سېتىۋېلىشقا ئەرزىگۈدەك مەشغۇلات سىستېمىسىكەن. مەن مىكروسوفت بازارغا سېلىش ئالدىدا تۇرغان Surface Pro نى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن.
بۇ سېستېمىنىڭ سەپلىمە تەلىپىچۇ؟ بۇرۇن ھېلېقى ھەقسىز سىناق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەنتىم، تازا ياقمىغانتى، تاختا كومپىيوتېرغ ماسلانغانكەنتۇق،ھەقىقى نۇسخىسىمۇ شۇنداقمىكەن يە؟ بولمىسا مەنمۇ ئالىمەن بىر نۇسخا
windows 8 نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى سېتىۋېلىشنى ئويلىغان، بىراق سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قالغانلار مەن بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار، مەن ۋاكالىتەن 248 يۈەندىن سېتىۋېلىشىپ بېرىمەن، ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن بولسىمۇ ياردەم قىلىمەن. QQ: 408137091 تېلفۇن :13779767323 . سېتىۋالغۇسى يوقلار ئاۋارە قىلماڭلار!
مەن قاندىقىنى قاچىلاپ قالدىم بىر تاللا ئىستاكان تۇرىدىغۇ. قانداقلا يۇمشاق دىتال قاچىلىسام نېرى تۇرۇڭ دىمىدى بولمىسا، لىكىن پەقەت كەڭ بەلۋاغلىق تور دىگەن نەرسىگەقەتتى چىقماي تۇرىۋالدى ،باشقا يەرلىرى خېلى يارىدى ماڭا . تېخى ئۇيغۇر تىلىنىمۇ بىمالال قوللاپ قۇيىدىكەن باشلاش كۆزنىكىمۇ ئۇيغۇرچە ئىكەن ، ئىكران،رەسىم.سىن ….قاتارلىق نەرسىلەر ئۇيغۇرچە ئىكەن تېخى . تورغا چىقىشقا ئامال بولماي Windows 7 دىگەن ئاداشقا يۆتكىلىۋالدىم .ھەي چۇقۇم تورغا بىمالال چىقىرىشنى ئۆگىنىۋالغاندا چۇقۇم Win8 دىگەن بۇ چولپاننىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىمەن.
بىزنىڭ مەكتەپتە ۋىندورس 7نىڭ ھەقىقى نەشرى قاچىلانغان كومپىيۇتىردىن 2سى بار ئىدى ، مەن ۋىندورس 7نىڭ نەشرىنى 98يۈەن ئارقىلىق ۋىندوۋس 8گە كۆترىپ ئىشلىتىپ باقاي دىگەن ئىدىم ، قانداق قىلىشنى بىلمىدىم ،دوستلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
بىزنىڭ مەكتەپتە ۋىندورس 7نىڭ ھەقىقى نەشرى قاچىلانغان كومپىيۇتىردىن 2سى بار ئىدى ، مەن ۋىندورس 7نىڭ نەشرىنى 98يۈەن ئارقىلىق ۋىندوۋس 8گە كۆترىپ ئىشلىتىپ باقاي دىگەن ئىدىم ، قانداق قىلىشنى بىلمىدىم ،دوستلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
msdnغا ئەزا ئىدىم،مانا ھازىر بىمالال windows 8نىڭ كەسپىي نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن،ھەي سېستىما بولار مۇشۇنداق بولار،ئەمدى سېزىمچان ئىكراندىن بىرنى سەپلىۋالسام تاختا بىلەن PCنىڭ بىرلەشمىسى بولىدۇ
مەن ئامېرىكىدىكى بىر شىركەتنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىدىن تەسىرلەندىم. (بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ سودا مۇلازىمىتى ئۈچۈن ئەلۋەتتە!) بىراق بىز بىر جۇڭگودا ياشاۋاتقان. بىر ئائىلە كىشىلىرى بولغان جۇڭگو شىركەتلىرى نېمە ئۈچۈن بىز ئۇيغۇرلار، ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل يېزىقى ئۈچۈن ئازراق كۈچ چىقىرىپ قويمايدىغاندۇ. مەسىلەن: گوگۇل ئىزدەش ماتورى ئىۇيغۇرچە مەخسۇس بېتىنى چىقاردى. بىراق بەيدۇ ئىزدەش ماتورى ھەتتا ئۇيغۇرچە (يۇنىكود)نى قوللىمايدۇ. باشقا داڭلىق ئالاقىلىشىش ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۇنىكودنى قوللايدۇ. بىراق تېڭشۈننىڭ يۇمشاق دېتاللىرى قوللىمايدۇ.
يەنە نۇرغۇن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئىشلەش ئۇياقتا تۇرسۇن يۇنىكودنى قوللىمايدۇ. ئۇلار جۇڭگودا بىزگە ئوخشاش يۇنىكود ئىشلىتىدىغان ئابونتلىرىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئويلىمايدىغانمىدۇ؟!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلغان Windows8 سېستىمىسىنىڭ ئاچقۇچ كودىنى 248 يۈئەنلىك ئىتىبار باھاسىدا سېتىش ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن بىر قانچىنى ئارتۇق ئېلىۋالغان، شۇ باھادا سېتىۋېلىشقا ئۈلگۈرمىگەنلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىمەن، QQ: 761250477
مەن ۋىن8 نى قاچىلغىلى 3 كۈن بولدى لېكىىن ھەراقانچە قىلىپمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرەلمىدىم..ئالىم ئەھەتنىڭمۇ بلوگى ئېچىلمىدى ..بۇ زادى قانداق ئىش… بىلدىغانلار بولسا ئېنىق چۈشەنچە بەرسەڭلار ..
ھۆرمەتلىك تورخۇمار ئەپەندى، ياخشىمۇ سىز . مېنىڭ سىزدىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغان ئىككى مەسلەم بار ئىدى .
1-مەن Windows 8 نى چۈشۈرۈپ نۇرمال قاچىلىغان ئىدىم ، لېكىن قوزغالغاندىن كېيىن تورغا ئۇلاش بۇيرۇقىنى بەرسەم ئۇلىنىپلا شۇ زامان
« 您的电脑遇到问,将重新启动» دەپ كۆك رەڭلىك ئىكران چىقىپلا قايتا قوزغۇلۇپ قىلىۋاتىدۇ ، تور كاشلىسى ھەم كومپيوتېرىمدىكى تور ئۇلىنىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرسەم
«没有有效的ip 地址» دەيدۇ بۇ مەسلىنى قەتئىي ھەل قىلالمىدىم ھەم كومپيوتېرىمنى 4 قېتىم قايتا قاچىلاپمۇ بولدۇم يەنىلا ئوخشاش . بۇ نېمە سەۋەبتىن ؟ قانداق قىلسام بولىدۇ ؟ 2- مەن Windows 8 نى قاچىلاشتىن بۇرۇن Windows 8 نىڭ نەشىرىنى يۇقۇرى كۈتۈرۈش دىتالى ئارقىلىق تەكشۈرسەم باشقا مەسلە يوق ئىكەن پەقەتلا
«你的电脑固件不支持安全启动,因此无法在 Windows 8 中使用该固件» مۇشۇ مەسلىلا كۈرۈندى . بۇ خەنزۇچە جۈملىنىڭ مەنىسى نېمە ؟ ياكى مۇشۇ سەۋەبتىن Windows 8 نى نۇرمال ئىشلىتەلمەمدىم ؟
ئېغىر كۆرمەي ياردەم قىلىپ يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز .
windows 8 نى ئەڭ ئاخىرقى 8 كۈن 160 يۇەندىن ئۆز نامىڭىزدا ئېلىشىپ بېرىمەن!
windows8 نى ئېتىبار نۇمۇر بىلەن ئالغىلى بولىدىغان ئالتۇن پەيىتنىڭ ئاخىرلىشىدىغىنىغا يەنە 8 كۈنلا قالدى، شۇ سەۋەپ بىلەن تېخى ھازىرغىچە سېتىۋالالمىغان قېرىنداشلارنىڭ سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ۋە ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ۋە كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئانا تىلىمىزدىكى بۇ مەشخۇلات سېستىمىسىنى كەڭ قوللىنىشنى تەشۋىق قىلىش مەقسىتىدە، بۇگۈندىن باشلاپ 2-ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە كەڭ قېرىنداشلارغا ياردەملىشىپ ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا سېتىۋېلىشىڭىزغا ياردەمدە بولىمەن. پەقەت160 يۈەنگىلا سىز مىكروسوفىت شىركىتى تەمىنلىگەن ھەقىقىي windows8 مەشخۇلات سېستىمىسىغا ئىگە بۇلالايسىز. سېتىۋېلىش جەريانىدا سىز ئىسىم-فامىلىڭىز، تۇرۇشلۇق ئورنىڭىز، تېلفۇن نۇمۇرىڭىز، پوچتا نۇمۇر، ئەڭ مۇھىم بولغان ئېلىەت، يەنى email تەمىنلىسىڭىزلا بولىدۇ. سېتىۋېلىش جەريانىدىكى مەشخۇلاتنى ئوزىڭىز قىلسىڭىزمۇ ياكى مەن قىلىپ بەرسەممۇ بولىدۇ. ئىشەنچىلىكمىدۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالماڭ، مەن سىزگە 100% كاپالەت بېرىمەن، قالغىنىغا ھازىرغىچە مەن ياردەم قىلىپ ئېلىشىپ بەرگەن كەڭ تورداشلار باھا بەرسۇن. يەنە مېنى سودا قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ. ئەمدى ئىككىلىنىپ يۈرسىڭىز 3-ئايدىن باشلاپ ئالاي دېسىڭىزمۇ 2000 يۇەن ئەتىراپىدىكى بۇ مەشخۇلات سېستىمىسىنى سېستىۋالالماسلىقىمىز مۇمكىن. پۇلنى بىۋاستە بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ بەرسىڭىزمۇ ياكى 支付宝 غا ئۇرۇپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى www.alimahat.com دىن كۆرۈڭ.
بولسا ئۆزىڭىز قولىڭىز بىلەن مىكروسوفىتنىڭ ئورگان تور بېتىدىن سېتىۋېلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەگەر خالىسىڭىز مەن ياردەمدە بولىمەن. مەن rohlan.biz تورىدىكى كۈرەش 123, qutyar.net تورىدىكى axik123 بولىمەن.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
QQ: 408137091 TEL: 13779767323
ئىسىت بىغەم ئۇيغۇرلار،ئەگەر بۇ يازمىنى كۆرۇپ ‹ۋاي،پۇلغاسېتىۋىلىپ ساراڭمۇ،ئەتە ئۆگۈن بىكارغىلا قاچىلايمىز› دېگۈچىلەر، ئەمدى بىر قاراپ بېقىڭە؟نەچچە پۇل بوپ كەتتىكى؟
ئالىم ئەھەت ئەپەندى شۇنچە جاپادا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاتقىنى .ئەمدى يا win8.1لار چىقىۋاتسا win7نى ئىشلىتىپ يۈرىۋىرىڭ،يا چىشىڭىزنى چىشلەپ 998يۇەن خەلىق پۇلىغا سېتىۋىلىڭ.
ۋىندوۋس 8 نى يىڭىلاشقا بولمايدىغان بۇلۇپ قالدىغۇ؟