نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يۇمشاق دېتاللار > يازما مەزمۇنى

ISO فورماتىدىكى ھۆججەتلەر(سېستىما، ئويۇن)نى قاچىلاشتا كام بولسا بولمايدىغان قورال – DAEMON Tools Lite

daemon-tools

دائىم توردىن ئويۇن ياكى چوڭ تىپتىكى سېستىما، يۇمشاق دېتال چۈشىرىدىغان دوستلار ئۈچۈن، مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا دېگەن ئۇقۇم بەك ناتونۇش بولمىسا كېرەك؟ ئەلۋەتتە، يەنىلا ئۆگىنىش باسقۇچىدا تۇرغان تورداشلار ئۈچۈن، بۇ ئۇقۇم يەنىلا ناتونۇش بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ھۆججەت فورماتى ISO نى مىسالغا ئالايلى، دائىم نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بۇ ھۆججەتنى قانداق ئاچىمەن؟ قانداق قاچىلايمەن دېگەندەك ياردەم سوئاللىرى ئالدىمغا كېلىپ تۇرىدۇ. تەدبىركار ۋە تورخۇماردا تەمىنلەنگەن بىر قىسىم ئويۇن ۋە سېستىمىلارمۇ iso فورماتىدا بولۇپ، ئادەتتە بۇنى IMGBurn قاتارلىق ئوپتېك دېسكا ئويۇش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ياردىمىدە ئويۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ناۋادا بىزدە ئوپتېك دېسكا بولمىسىچۇ؟ بۇ چاغدا بىز دەل بىر دانە مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا يۇمشاق دېتالىنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولىمىز. بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان DAEMON Tools Lite بولسا، دەل مۇشۇنداق بىر خىل مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا يۇمشاق دېتالىدىن ئىبارەت!

نېمە ئۈچۈن Daemon Tools Lite غا مۇھتاج بولىمىز؟

بىز دائىم توردا ISO شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۇچراتقىنىمىزدا، بۇ ھۆججەتلەرنى مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا ئارقىلىق ئوقۇپ ئىشلىتىشكە مۇھتاج بولىمىز، بۇ خۇددى بىر دانە ئوپتېك دېسكىنى سىزنىڭ ئوپتېك دېسكا ئوقۇغۇچىڭىزغا سېلىپ ئىشلەتكەنگە ئوخشاشلا بىر ئىش، پەقەت دېسكىنى ئويۇش جەريانى ئىشلىتىلمىگەچ، بۇ جەرياننى بىز مەۋھۇم دەپ قارايمىز. بۇنداق بولغاندا، بىر دانە دېسكا ئويۇشقا كەتكەن ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولماي، يەنە دېسكا ئويۇشقا كەتكەن توك، ئوپتېك دېسكا پۇلى قاتارلىقلارنىمۇ ئىقتىساد قىلالايمىز دېگەن گەپ!
ئەلۋەتتە، مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا قوراللىرىنىڭ تۈرلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، تەدبىركار ئىلگىرى كۆپچىلىككە LevinISO نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدى. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان Daemon Tools Lite بولسا، مۇشۇ تۈردىكى يۇمشاق دېتاللار ئىچىدە بىر قەدەر داڭلىق ۋە ئۈنۈمى يۇقىرى قورال بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈنلەي ھەقسىز. يېقىندا Daemon Tools Lite يېڭى نەشىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، Windows7 نى ئىنتايىن مۇكەممەل قوللايدىكەن، ئەمدى تەدبىركار ۋە تورخۇماردىكى نادىر بايلىقلارنى خاتىرجەم چۈشۈرۈپ قاچىلىيالايدىغان بولدىڭىز دېگەن گەپ!

daemon-tools-01

بىر قىسىم دوستلار مەندىن توردىن چۈشۈرگەن Windows 7 ۋە باشقا چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنىڭ ISO شەكلىدە ئىكەنلىگىنى، بۇنى قانداق قاچىلاشنى بىلەلمىگەنلىكىنى سورىغان ئىدى. Daemon Tools Lite بولسا دەل مۇشۇ خىل ئېھتىياجنى قامدايدىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، بىز پەقەت ۋەزىپە ستونىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇرجىكىدىكى Daemon Tools Lite نىڭ سىنبەلگىسىنى چېكىپ، مەۋھۇم ئۈسكۈنە ئىچىدىن بىر دانە(ئەلۋەتتە ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن بېكىتسەك بولىدۇ) يېڭى مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا قۇرۇپ بېرىشنى تاللاپ، ئاندىن ئوپتېك دېسكا تەسۋىرى(光盘镜像) دىن قاچىلىماقچى بولغان ISO ھۆججىتىنى تاللاپ بەرسەكلا، كومپيۇتېرىم كۆزنىكى ئىچىدە بىز قاچىلىماقچى بولغان مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا ئايكونى پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ ھەقىقىي ئوپتېك دېسكا ھۆججىتى بىلەن قىلچىلىك پەرقى يوق.

daemon-tools-02

تەدبىركارمۇ دائىم باشقىلارغا Windows قاچىلاپ بەرگەندە Daemon Tools Lite نى ئىشلىتىدۇ. سەۋەپ: ھەقسىز، سىغىمى كىچىك، سىغىشىشچانلىقى يۇقىرى! ناۋادا كومپيۇتېرىڭىزدا توردىن چۈشۈرۈپ قويغان ISO فورماتىدىكى بىر دۆۋە ئويۇن ياكى يۇمشاق دېتال بولسا، بۇنى ھازىرغىچە قاچىلاپ ئىشلىتىشنى بىلەلمىگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۈگۈنكى قەھرىمانىمىز Daemon Tools Lite نى قولدىن بەرمەڭ!

مۇناسىۋەتلىك چۈشۈرۈش مەنزىلى:

ئورگان تور بېكىتى: زىيارەت قىلىش
پرېستىن يېشىش پارولى: www.tedbirkar.net

Daemon Tools Lite نى چۈشۈرۈش |    مەنبە: تورخۇمار



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئابدۇۋاھاب 2012.08.06 , 17:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇشۇ قورالغا ئىھتىياجلىق ئوخشايمەن….:grin:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量