نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > windows > يازما مەزمۇنى

Windows8 نىڭ ئېلان قىلىنىشى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى، Win8 نىڭ قانداقلىغىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟

win8

ئەتە كەچ، يەنى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8 دىن كېيىن، Windows8  Beta نەشىرى ئېلان قىلىنىدۇ. Windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە قوللايدىغانلىقىدەك خۇش-خەۋەرنى ھەممەيلەن بىرەر قۇر ئاڭلىغان بولساق كېرەك؟ شۇ سەۋەپتىنمۇ بۇ سېستىمىنى بىرىنچى بولۇپ سىناشقا تەقەززا بولىۋاتقان تورداشلار نۇرغۇن. شۇڭا بىر قىسىم زۆرۈر تەييارلىقلارنى قىسقا قىلىپ قالدۇرۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

بىردانە Windows7 نى نورمال يۈرۈشتۈرەلەيدىغان كومپيۇتېر

يەنى ئىچكى ساقلىغۇچى 512MB دىن تۆۋەن بولمىغان، CPU ئاز دېگەندىمۇ Pentium D دىن يۇقىرى بولغان كومپيۇتېر بولسا بولدى، Windows8 نىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىۋىدە جىق ئۆزگىرىش يوق. شۇڭا ئارتۇقچە ئەنسىرەش ھاجەتسىز.

قاتتىق دېسكىغا بىۋاستە قاچىلىماقچى بولغانلار ئۈچۈن:

Windows8 Beta نەشىرىنىڭ ISO ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ تەييار قىلىسىز. مىكروسوفت تەرەپتىن تەمىنلىگەن ئىگە تەرەپ چۈشۈرۈش ئادرېسى مۇتلەق تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
C رايوندا ئەڭ كامىدا 20G ئورۇن بىكارلىشىڭىز كېرەك.
ئوپتېك دېسكا ئويغۇچ ۋە 4GB لىق ئىشلىتىلمىگەن يېڭى قۇرۇق ئوپتېك دېسكا بولىشى كېرەك. ISO ھۆججەتنى بۇ دېسكىغا ئويۇش ئۈچۈن ھەقسىز ۋە ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ImgBurn نى تەۋسىيە قىلىمەن.

ImgBurn نى چۈشۈرۈش

ئوپتېك دېسكا ئويغۇچىڭىز بولمىسىمۇ كېرەك يوق، مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا دەيدىغان نەرسە بار. يەنى ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا ئوقۇغۇچ ئارقىلىق تەسۋىر چۈشۈرسەك، ئوخشاشلا Windows8 نىڭ ئوپتېك دېسكا قاچىلىنىش ھۆججىتى پەيدا بولىدۇ. مەۋھۇم ئوپتېك دېسكا ئۈچۈن Daemon Tools نى تەۋسىيە قىلىمەن.

Daemon Tools Lite نى چۈشۈرۈش

مەۋھۇم كومپيۇتېر(Virtual PC)غا قاچىلىماقچى بولغانلار ئۈچۈن:

بۇ ئۇسۇلنىڭ ئارتۇقچىلىقى، نۆۋەتتىكى سېستىمىغا ھېچقانداق دەخلى قىلمىغان ئاساستا، سېستىما ئىچىگە مەۋھۇم كومپيۇتېردىن بىرنى قۇرۇپ، Windows8 نى شۇنىڭ ئىچىدە قوزغىتىشنى كۆرسىتىدۇ. مەۋھۇم كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىدىن Virtual Box نى تەۋسىيە قىلىمەن.

Virtual Box نى چۈشۈرۈش

ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە Ultra ISO ئارقىلىق ISO ھۆججىتىنى بارماقدېسكىغا يېيىۋېلىپ، Bios تىن USB دا قوزغىتىش تۈرىنى تاللاش ئارقىلىقمۇ Windows8 نى قاچىلاشقا بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازمىدا زۆرۈر بولغان يۇمشاق دېتال ۋە تەۋسىيەلىك ئۇسۇللار قالدۇرۇلدى، ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانى يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ گۇگېللىشىغا ياكى كاللىسىغا قالدۇرۇلدى.



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 13 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [windows]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ، ، ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 28-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: ready-to-install-windows8.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. پرېستان 2012.02.28 , 20:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان! :grin:

  2. موللاقچى 2012.02.28 , 20:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن ، ھەجەپمۇ تەستە چىختى جۇمۇ….

  3. چوغلۇق 2012.02.28 , 20:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاللا ئاللا ، قارىغاندا مەن ئۈچ كۆزۈم بىلەن كۈتۈپ قالغان ئوخشايمەن ھە ،كېلەر قېتىم چۇقۇم بەش كۆزۈم بىلەن كۈتۈشكە تىرىشىمەن .
    Windows8كەلسەك ، مىنىڭ كومپىيۇتىرىمنىىڭ بۇ سېستىمىنى قوللايدىغىنىغا تەتۈر ساناق بويىچە ئالغاندا خېلى ۋاقتى بار ئوخشايدۇ …. ، خەپ بىر يەڭگۈشلىۋەتمىسەم .

    • پەنجىر 2012.02.28 , 21:34

      ئۇنچىۋالا ئەمەسقۇ ،ئالدىنقى قېتىم كومپىيۇتىرىڭ ۋىندوۋىس يەتتە سېستىمىسىنى قولىغان ، مىنىڭچە سەكىكىزمۇ بوپ قالىدۇ ،
      بەلكىم سۈرئەت سەل ئاستا بۇپ قالار!

  4. بۆرەيار 2012.02.28 , 20:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىناق نەشىرىدە ئۇيغۇرچىغا ئائىت يېڭىلانمىلار قېتىلمىغان بولۇشى تولىمۇ مۇمكىن

    • تورخۇمار 2012.02.28 , 22:32

      ئۇيغۇرچە ھەرپلەر قوشۇلغان سېستىما فونتى ۋە سېستىما ۋاقتى دېگەندەك ئورۇنلار بار. شۇلارنى سىناپ تۇرىلى

  5. دولقۇن731 2012.02.28 , 21:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەييارلىنىپ بولدۇم، ئەپسۇس كەچتە خىزمەتتىن چۈشۈپ سىنىيالايدىغان بولدۇمدە، مەكتەپتە تور ئۈچۈلۈپ قالدى.

  6. wiros 2012.02.28 , 21:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بىكار ئولتۇرۇپ سىلەرنىڭ تەسىرات ماڭالەڭلارنى ساقلاي !

    • پەنجىر 2012.02.28 , 22:40

      مەنمۇ شۇ ، مېنىڭچە يەنىلا تەدبىركارنىڭ تەسىرات ماقالىسى تەسرلىك !

  7. تاماشىبىن 2012.02.28 , 23:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئوپتىك دېسكا تەييارلىغاچ تۇراي، چىققان ھامان قاچىلايمەن :oops:

  8. ئۆركەش 2012.02.28 , 23:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىككىنچى سېستىما قاچىلاشقا تەييارلاپ قويغان رايوننى ئىشلىتىدىغان ۋاقىت كەلدىدە!

  9. ياۋايى 2012.02.29 , 00:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يامان بوپتۇغۇ… ۋەھشى لىكىن…بىزنىڭ تەتۇر سىناققا خىلى باردە ئىسىتي … ئۆزەم دەپلام كومپۇيۇتۇردىن بىرنى ئاسام ئاندىن ۋىندوېىس9 نى قاچلاپ ئىشلىتىۋىرىتىم…

  10. گىلتاغ 2012.02.29 , 15:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر .
    ماڭا بىر چۈشۈرۈش ئادىرىسىدىن مەلۇمات بەرگەن بولساڭلار .

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif