نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > windows,كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

Windows8 نى قويۇپ تۇرۇپ ماۋۇ ئىنتايىن ئاقسا ئىشلەنگەن Windows9 سەزمە ئېكران ئۇقۇم تېخنىكىسىنى كۆرىلى!

windows9-touch-interface-concept-demonstration

Windows8 پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان Metro كۆرۈنمە يۈزى ئىشلەنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى سەزمە ئېكران تېخنىكىسىنى يېتەكچى قىلغان، بۇمۇ مىكروسوفتنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسى جەھەتتە ئېلىپ بارغان چوڭ بىر قېتىملىق ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك ئىسلاھاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنداقتا كېيىنكى ئەۋلاد Windows قانداق بولار؟

قائىدە بويىچە، ھەر بىر قېتىملىق مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بۇرچى، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى ئەجدادلىرىغا رىقابەت ئېلان قىلىش. ئۇنداقتا windows9 ئېنىقكى سەزمە ئېكران تېخنىكىسى جەھەتتە windows8 دىن بىر بالداق ئۈستۈن تۇرىشى مۇمكىن، شۇنداققۇ؟

يېقىندا مەلۇم بىرەيلەن ئىشلىگەن سىن توردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. مەزكۇر سىندا، كەلگۈسىدىكى Windows9 نىڭ سەزمە ئېكران تېخنىكىسى ئىشلەتكەن مەشغۇلات كۆرۈنمە يۈزى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن ئاقسا ئىشلەنگەن، فانتازىيە فىلىملىرىدىكى سەزمە ئېكران تېخنىكىسىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ، ھەتتا ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر بىلەن ئىشلەنگەن يېڭىچە «كۆك ئېكران خاتالىقى» مۇ بار.

بىلمىدىم مىكروسوفت مۇشۇنداق ئەل ئارىسىدىن كەلگەن تەسەۋۋۇرلارنى ئۆز مەھسۇلاتىدا قوللىنامدۇ يوق؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. سۇمۇرۇغ 2012.02.25 , 22:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بازا چاققاننىڭ دەپ بۇلار بەك تىزغۇ..

  2. دا 2012.02.26 , 00:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوھ . . .

  3. دانا 2012.02.26 , 00:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆك ئېكران خاتالىقى سىلەردىمۇ بارمۇ ، مېنىڭكىدە كۈندە ئىككى قېتىم بار.:twisted:

    • موللاقچى 2012.02.26 , 04:19

      كۆك ئېكران خاتالىقى دەپ قالدىڭىز ، كىم ماڭا ئىنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ ، مۇشۇ زادى قانداق ئىش … ئادەم تازا قىزىقىپ ئويۇن ئويناۋاتقاندا …… چېقىۋەتكىملا كېلىدۇ .

    • دانا 2012.02.26 , 16:06

      ئېكىرانىم كۈندە ئىككى ئۈچ پەشۋا يەيدۇ، :sad:كۆك ئېكران سەۋەپلىك.:arrow:، بىركۈن بولدى جىمغۇ ئالدىنقى كۈنى ۋىن7 نىڭ پۈتۈن ياماقلىرىنى يامىۋەتكەن.

    • موللاقچى 2012.02.26 , 17:19

      مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىممۇ ۋېن 7 بوممىسا ، لېكىن مەن ياماق ياماشنى بىلمەيمەن .:!:

  4. سەرگەردان 2012.02.26 , 00:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دېۋان دېمەپتۇ، مەن دەۋالاي!:grin:
    بۇلارنىڭ ياسىغانلىرىنى ئىشلىتىپمۇ ئۈلگۈرمەيدىغان ئوخشايمىز ئەمدى. يىلىغا بىردىن سېستىما ئالماشتۇرۇپ بولالماي ساراڭ بولىدىكەنمەن – دە!

  5. ئەجرىم 2012.02.26 , 02:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تېخىچە windows xp دا….:???:

  6. ئىزلار 2012.02.26 , 11:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خۇداغا شۈكرى 7 گە چىقىۋاغىلى خېلى بولدى ،

  7. كەمەك 2012.02.26 , 20:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :?: بۇ ئاللا بۇرۇن بازارغا چىقىپ بولغان ئېشلەتكۈچى تەسىرى كەنغۇ… شۇنداق قوپال ياساپ قويۇپتۇ…:?:

  8. ئۇيغۇربەگ 2012.02.26 , 21:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما باللانى، ۋىندوۋس 9نىڭ بېتا نۇسقىسىنى ئېلان قىپ بولدۇققۇ؟

  9. Kashgar Travel 2012.06.08 , 15:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كومپىيۇتېر كۆك ئېكرانى يەنە كۆك ئېكران قېتىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. (ئىنگىلىزچە Blue Screen of Death . قىسقارتىلمىسى BSoD ) مىكروسوفت مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ مەلۇم بىر سسىتىما خاتالىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەندە كۆرىلىدىغان ئىكران رەسىمى.

  10. ئىرادە 2013.04.10 , 02:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنwin8 نى ئىشلىتىۋاتقان flashقاچىلاڭ دەپ چىقىۋالىدۇ ، قاچىلسام قاچىلىنىپ بولغان دەپ قاچىلانمايدۇ ، سۇرەتلىكنەرسىلەر چىقمايدۇ توردا ، ئۇقىدىغانلا بولسا يولكوسەتسەڭلا سادىغان كىتەي…:cry:

  11. سەردار 2015.01.31 , 19:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھازىر win10نى ئىشلىتىۋاتىمەن تورغا چىقىرىپ قۇيۇپتىكەن ھەقسىز نۇسخىسى دەپ:smile:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量