iOS 5.1.1 نى تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0 ئېلان قىلىندى! iPhone 4S/iPad3 لەرنى قوللايدۇ
iOS 5.1.1 نى تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0 ئاخىرى ئېلان قىلىندى! بۇ قورال ئارقىلىق سىز iOS 5.1.1 قاچىلانغان iPhone 4S/The new iPad قاتارلىق كۆپ قىسىم iOS ئۈسكۈنىلىرىنى تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرالايسىز. ناۋادا ئەڭ يېڭى iOS 5.1.1 گە ئېھتىياتسىزلىق كۆتۈرۈپ سالغان بولسىڭىز، شۇنداقلا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئىشلىتىش ئېھتىياجىڭىز بولسا، ئۇنداقتا ئىككىلەنمەي دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ!
قوللايدىغان iOS ئۈسكۈنىلىرى:
iPhone 3GS/iPhone 4/iPhone 4 CMDA/iPhone 4S/iPad1,2,3/ipod 3,4.
ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى پەقەت iOS 5.1.1 نى قوللايدىغان بولۇپ، تېخى iOS 5.1.1 گە كۆتۈرمىگەن بولسىڭىز، iTunes ئارقىلىق يېڭىلاش بۇيرۇقى بېرىپ ئەڭ يېڭى نەشىردىكى iOS قا يېڭىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئوخشاشلا ئۈسكۈنىگە نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە زىيىنى ۋە خەۋپ خەتىرىمۇ بار بولۇپ، ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرگەيسىز. يەنى مەشغۇلات قىلىشتىن بۇرۇن iTunes ئارقىلىق بارلىق ھۆججەتلەرنى زاپاسلىۋېلىڭ، بۇنداق بولغاندا كېيىن ھەممە ئۇچۇرلىرىڭىزنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان iOS نىڭ SHSH ھۆججىتىنى زاپاسلاشنى ئۇنتۇماڭ. بۇ ھۆججەت بار بولسا، كېيىن تۆۋەن نەشىرىدىكى iOS قا دەرىجە چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشمۇ قولاي بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك مەنزىللەر: iOS نەشىرىنى كۆتۈرۈش ئۇسۇلى | Absinthe ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى
iOS 5.1.1 نى تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرۇش قورالىنى چۈشۈرۈش:
Absinthe 2.0 نىڭ Windows نەشىرىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: iOS، iPad، iPhone، ipod، دەرسلىك، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,398 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: jailbreak-tools-absinthe2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > NOKIA نىڭ يېڭى يانفونى قانداقراقتۇ؟ بىر تورداشنىڭ Nokia Lumia 800 نى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئاڭلاپ باقايلى
- كېيىنكى يازما > Bump – يانفوننى يېنىكلا مىدىرلىتىپ iPhone دىن Android قا ھۆججەت يوللاش! سۈرەتلىرىڭىز كومپيۇتېرغا ئۇچۇپلا بارىدۇ!
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
بۇ يەردىمۇ ئولتۇراي ئەمدى!
ئۆمرۈمدە ئالمىنىڭ بىر نېمىلىرىنى تۇتۇپمۇ باقماپتىمەن!
مەنمۇ ياندىشۋالاي ھە~
ھازىر تېخى بىرمۇ باھا يوقتى يازمىغا كىرىشىمگە ، ئىنكاستىن ئۈچى تۇرىدىغۇ ؟؟؟ كىم بىلىدۇ تېخى مەن بۇلارنى يېزىپ بولغۇچە يەنە قانچى باھا يېزىلدى ؟!
مېنىڭ سېستىما نەشىرى 5.1 ئىدى ، ھازىر كېچىنى كېچە دىمەي 5.1.1 گە كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمەن
مەن قاچۇرماي ئىشلىتپ كىلىۋاتىمەن.پايدىسى يوقكەن.شۇ ئۇيغۇرچىنى نۇرمال تۇنۇغاندىن باشقا…
بۈگۈن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ تىجارەت زالىغا بېرىپ «كۆزۈمنىڭ پىتىنى ئۆلتۈرۈپ كەلدىم» قارىسام، شۇ يەردىمۇ ئاشكارا ھالدا «5.1.1 تۈرمىدىن قاچتى» دەپ يوغـــــــــون يېزىپ قويۇپتۇ
كۆچمە خەۋەرلىشىشىدە قاچۇرۇپ بېرىدۇ دەپ بارغانمىتىڭىزتۈرمىدىن قاچۇرۇپ بەردىمۇ يا؟
يەنە تۈرمىدىن قاشتۇق. باللا تۇتۇلۇپ قاغىچە قاچىلاپ ئوينايدىغاننىڭ ھەممىنى ئوينىۋىلىڭلا