نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

Bump – يانفوننى يېنىكلا مىدىرلىتىپ iPhone دىن Android قا ھۆججەت يوللاش! سۈرەتلىرىڭىز كومپيۇتېرغا ئۇچۇپلا بارىدۇ!

Bump بولسا بىر تۈرلۈك ئاجايىپ «سىرلىق» ئەپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. Bump ئارقىلىق ئىككى يانفون(مەسىلەن بىر دانە iPhone بىلەن Android ئوتتۇرىسىدا) ئالاقە نومۇرلىرىنى ۋە سۈرەتلەرنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. پەقەت تېلىفوندىكى Bump نى قوزغىتىپ يەنە بىر تېلىفون بىلەن يېنىكلا سوقۇشتۇرۇپ قويساق، Bump ئىنتايىن ئاقسا ھالدا ئالاقە نومۇرلىرى ۋە سۈرەتلەرنى يەنە بىر تېلېفونغا يوللاپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق كۆكچىش ئىقتىدارىنى ئېچىش ياكى ئۇچۇر سىمىنى چېتىش ھاجەتسىز. ئەلۋەتتە، iPhone دەك 蓝牙 ئىقتىدارى ئارقىلىق ھۆججەت ئۇزىتىش قولايسىز بولغان يانفونلار ئۈچۈن بۇ خىلدىكى ھۆججەت ئۇزىتىش ئۇسۇلى تېخىمۇ فەچەت بولىدىكەن!

Bump – يانفوننى يېنىكلا مىدىرلىتىپ iPhone دىن Android قا ھۆججەت يوللاش! سۈرەتلىرىڭىز كومپيۇتېرغا ئۇچۇپلا بارىدۇ!

ئەلۋەتتە، Bump نىڭ ئىقتىدارى يالغۇز بۇلا ئەمەس. ھازىر Bump قا يېڭىدىن ئىنتايىن سىرلىق بىرخىل ئىقتىدار قوشۇلغان بولۇپ، سىز يانفوننى تۇتۇپ كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا يېنىكلا تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، يانفوندىكى سۈرەتلەر شۇ ھامان كومپيۇتېرغا يوللىنىدۇ، بارلىق مەشغۇلاتلار شۇنداق ئاددى ۋە تېز، قولايلىق! ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەشغۇلاتلار ئۈچۈن ھېچقانداق ئالاھىدە تەڭشەش ھاجەتسىز، ئۇچۇر سىمى ياكى 蓝牙 دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ يۈرۈش تېخىمۇ ھاجەتسىز، سىزدە پەقەت بىر دانە iPhone ياكى Android سىستېمىلىق يانفون بولسىلا بولىدۇ…

Bump-Computer

Bump نى ئىشلىتىش:

ئۈستىدە ئېيتقىنىمىزدەك، Bump ئارقىلىق ئىككى يانفون ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، بىز بۇ يەردە پەقەت Bump ئارقىلىق يانفوندىن كومپيۇتېرغا ئۇچۇر يوللاشنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. ئاۋال يانفونغا قاچىلانغان Bump ناملىق ئەپنى قوزغىتىمىز، ئاندىن يوللىماقچى بولغان سۈرەتلەرنى تاللىۋالىمىز، ئاندىن كومپيۇتېردا https://bu.mp دېگەن تور ئادرېسىنى ئاچىمىز، ئۈستى تەرەپتە چىققان ئەسكەرتمە بويىچە بۇ تور بېكەتنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىمىزنى ئوقۇپ ئېلىشىغا ماقۇل بولىمىز(Chrome ۋە Firefox دېگەندەك ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارى بار تور كۆرگۈلەردە ئېچىڭ، ئاچقان ھامان ئۈستى تەرەپتە ئەسكەرتىش رامكىسى چىقىپ ئورۇن بەلگىلەشكە رۇخسەت قىلىشنى سورايدۇ، جەزملەشتۈرۈپ بەرسەكلا بولدى، IE6 دېگەن نەرسىلەردىن نېرى تۇرۇڭ)، ئاندىن يانفوننى كۇنۇپكا تاختسىدىكى بوشلۇق كۇنۇپكىسىغا تاققىدە بىرنى سوقۇپ قويۇپ، يانفوندىكى ئۇلىنىشنى جەزملەشتۈرىۋەتسەكلا بولىدۇ، تامام! يانفوندىكى سۈرىتىڭىز شۇ ھامان كومپيۇتېر ئېكرانىدا كۆرۈنىدۇ. ناۋادا WiFi شارائىتىدا سىناپ باقسىڭىز، بەلكىم بۇ سۈرئەت ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىشى مۇمكىن.

bump-01

ئەمما دىققەت قىلىدىغان بىر ئىش شۇكى، سىز چوقۇم يانفوننىڭ GPS ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى قوزغاتقان بولۇشىڭىز، شۇنداقلا Bump قا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن بەلگىلەش تەڭشىكىنى ئوچۇق قويغان بولۇشىڭىز شەرت، ئۇنىڭدىن باشقا يانفونمۇ چوقۇم تورغا ئۇلىنالايدىغان(GPRS/3G/wifi) بولسۇن. يانفوننى كۇنۇپكا تاختىسىغا سوققاندا تېزراق سۈرئەتتە ئەكىلىپ سوقۇڭ، لېكىن بەك كۈچىۋەتمەڭ، ئىشقىلىپ كۇنۇپكا تاختىڭىزنى چېقىپ قويسىڭىز بۇنىڭغا مەن ئىگە ئەمەس. بىراق ھېس قىلىشىمچە، ئادەتتە نورمال سۈرئەتتە يېنىك سوقۇپ قويساقلا بولىدىكەن.

قىسقىچە تەسىرات:

بۇنى سىناق قىلغان ۋاقتىمدا يالغۇز بولغاچ، يەنە بىر يانفون بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى سىناشقا ئامالسىز قالدىم، بىراق يانفوندىن كومپيۇتېرغا رەسىم ئەۋەتىش ئىقتىدارىنى سىناپ كۆرۈپ ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم. بولۇپمۇ iPhone نىڭ BlueToot(كۆكچىش) ئىقتىدارى تۈزۈك ئەسقاتمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، Bump دىن پايدىلىنىپ يانفوندىكى سۈرەتلەرنى كومپيۇتېردا ئېچىش ئىنتايىن قولايلىق ۋە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تېز بولىدىكەن، ئۇچۇر سىمىنى ئىزدەپ تېپىپ چاتىدىغان، QQ ياكى E-Mail دەك نەرسىلەرگە يوللىۋېلىپ ئاندىن PC دا قايتا ئاچىدىغان ئاۋارىچىلىقلار پۈتۈنلەي تۈگەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا iPhone غا ئوخشاش 蓝牙 ئىقتىدارى باشقا يانفونلار بىلەن ماسلاشمايدىغان ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن، ھۆججەت ئۇزىتىش ناھايىتى قولايلىق بولىدىكەن، بىر iPhone دىن يەنە بىر Android قا سۈرەت يوللاش ئۈچۈن، پەقەت ئىككى يانفوننى يېنىككىنە سوقۇشتۇرۇپ قويساقلا بولغۇدەك. بۇ خىلدىكى يېڭىچە ھۆججەت ئۇزىتىش شەكلى بەلكىم تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن، ھەقىقەتەن ئاقساكەن!

Bump نى چۈشۈرۈش مەنزىلى:

باھاسى:  ھەقسىز
  • Bump
  • iPhone/iPad
  • مەنبە: تورخۇمار
باھاسى:  ھەقسىز
  • Bump
  • 2.1 دىن يۇقىرى
  • مەنبە: تورخۇمار



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. پولات 2012.05.31 , 17:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالامەت! ماۋزۇسىدىنلا تېمىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، تەپسىلىي بىر ئوقۇپ چىقىپ سىناپ جاۋابىنى قالدۇرىمەن.

  2. كۆك كەپتەر 2012.05.31 , 17:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇندىن كىيىن، تەدبىركار تىلفۇنىنى تەڭلىسە، نىرى قىچىڭلار :mrgreen:

  3. پاسىبان 2012.05.31 , 17:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لېكىن ماۋۇ ئەپ يامان يېڭىكەن. كۈلىۋېتىپتىمەن ما ئىقتىدارىغا قاراپ! يېڭىلىقتە …

  4. ئەركە 2012.05.31 , 19:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي قايسى ئەپ ئىكىن دەپتىمەن، مۇشۇ Bump مىتتى..؟ مەن خېلى ئۇزۇن بولغان بۇ ئەپنى ئىشلىتىۋاتقىلى، جىق ئادەمنى بىلىدۇ دەپ ئويلاپ ، ئانچە دىققەت قىپكەتمەپتىمەن بۇ ئەپكە…
    ھەم ئىقتىدارىغا سەل چاغلاپ قالغان ئوخشايمەن..
    ئەلۋەتتە مۇشۇ Bump قاچىلانغان قانداق تىپتىكى تېلفۇن بولسىلا بولىۋىرىدۇ دە.. ئىىسل يىرى مۇشۇ.. بولۇپمۇ مۇشۇ iPhone دىگەن كاساپەتكە ، يا كۆك چىش ئىشلەتكىلى بولمىغاندىكىن خالىغانچە..

  5. ئەركە 2012.05.31 , 19:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لېكىنزە ماۋۇ يېڭى ئىقتىدارىدا دىققەت قىلمىسا كومپيۇتېرنىڭ بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى چېقىپ قويغۇدەك ئادەم..:evil:

  6. ئابدۇرېشىت ئېلى 2012.05.31 , 22:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بۇ ئەپ بىلەن ئالما تېلېفونىدىن كومپيۇتېرغا سۈرەت ئۇزىتىپ باقتىم ۋە ھەيران قالدىم. بىر يىرى، سۈرەتنى كىچىكلىتىپ يوللاپ بېرىدىكەن. بەلكىم بۇمۇ نەشر ھوقۇقىغا ئالاقىدار ئىش بولغاچقا ئەسلى ئېنىقلىقىدا يوللىمىسا كېرەك.

  7. Goodluck 2012.05.31 , 22:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پەچەتكەنغۇ بۇ

  8. پاسىبان 2012.06.01 , 00:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كونۇپكا تاختىسىغا خېلى قاتتىق ئۇرمىسا بولمايدىكەن. لېكىن ماۋۇ تور كۆرگۈلەرنىڭ ئورۇن بەلگىلەيدىغان ئىقتىدارىدىن ھەيران قالدىما؟ بۇ كونا ئىقتىدارمۇ يا؟

  9. جۇغلان 2012.06.01 , 00:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ نەرسىە زادى قولايلىق ! تەخمىنەن 1يىل ئىلگىرى ئىشلىتىشكە باشلىغان ! ئەترافىمدىكىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ بولالماي ئىشلەتمەي بىر ياقىدا تاشلاپ قويۇپ تىكەنمەن ! بايا قايتا قاچىلاپ نەشىرنى كۆتۈرگەن ئىدىم ، راستىنلا يېڭىلىقلار كۆپىيىپتۇ !

  10. سەرقۇت 2012.06.01 , 01:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ئاندروئىدتىكى zapya بىلەن ئوخشاشكەن.

  11. قاراخان 2012.06.01 , 10:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەڭ مۇھىمى gpsبىلەن مۇناسىۋەلىك ئوخشايدۇ.

  12. پرېستان 2012.06.01 , 11:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېقىم كېتەمدىكەن؟

  13. ئەتتار 2012.06.01 , 12:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    رەسىمدىن باشقانەرسەئۇزاتقىلى بولمامدىكەن بۇنىڭدا.سىناپ باقاي دىسەم تورخانىنىڭ pcسىغا Chrome ياكىFirefox نى قاچىلىغىلى بولمايدىكەن قايتاقوزغىلىپ ئەسلىگەكىلىۋىلىپ چىباڭ قىلدى ئادەمنى.لىكىن ئاندرويد نىڭ zapyaدىگەن دىتالى ھەقىقەتەن بولىدىكەن جۇما،كارتىدابارلىكى بولغان ھەرقاندا نەرسىنى ئۇزاتقىلى بولىدىكەن،3-4 mbنەرسە بىسىپ بولغىچە بىرىپ بولىدىكەن.

    • ئەركە 2012.06.01 , 20:08

      كونا نەشرىدە mp3 مۇ يوللىغىلى بولاتتى، ھازىرقى نەشىرنىڭ ئالدىدىكىنىڭ ئالدىدىكىنىڭ يەنە ئالدىنقى نەشىردە بولاتتى، ئۇنىىڭدىن كىيىنكى نەشىرلىرىدە رەسىملا يوللايدىغان قىلىپ قويۇپتۇ.
      مەن بۇنى ئىشلىتىۋاتقىلى 1 يىلدىن ئاشتى…

  14. نۆل ۋە بىر 2012.06.01 , 14:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قارىماققا سىرلىق تۇيۇلغىنى بىلەن پىرىنسىپى ئاددىيكەن…بوشلۇق كونۇپكىسىنى قولىڭىز بىلەن باسسىڭىزمۇ بولىدىكەنغۇ؟لىكىن ئىسېل ئەپ.

    • ئەركە 2012.06.01 , 20:01

      مەنمۇ قولۇمدا سىناپ باققان، ئىشلىمىگەنتى، ھەيران قاپتىكەنمەن تېخى… تېلفۇننى سىلكىش بىلەن تەڭ بوشلۇق كۇنۇپكىسىنى تەڭلا بېسىپمۇ باققانتىم بولمىسا..

  15. يىگانە 2012.06.01 , 17:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي مەن چۈشۈرەلمىدىمغۇ ؟؟؟بىرەسىڭلار چۈشۈرۈپ ماڭا يوللاپ بەرسەڭلا بولمامدۇ ئاندرويىد تىپىنى،
    كوت-كوت:179213610:arrow:

  16. ئەركە 2012.06.01 , 20:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ خېلى بولغان ئىشلىتىۋاتقىلى، يېڭىلاڭ دىسە يىڭىلىماپتىكەنمەن، ئەمدى بىلدىم مانا يېڭى ئىقتىدارىنى…
    Android نۇسخسىمۇ باغۇ بۇنىڭكى…

  17. ياۋايى 2012.06.02 , 00:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي ئىقىم مىقدارى لىتەمدۇ نىمە … رەسمنىڭ سۇزۇكلىكىنى سۇسلاشتۇرۇپ يوللاپ بىرىدكەن…يانفۇننى سىلكىسىلا بولدىكەن،،..مۇھىمى ناخشا دىگەنلەرنى يوللىغىلى بولسا ياخشى بولتى…

  18. پەخرىم 2012.06.02 , 01:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىز ئاۋۇ كىنو خانىنى قانداق چىقدىڭىز مەن بىر سۈرەتلىك ناخشا بېتى قۇشاي دىگن سىزنىڭ كىنو خانڭىڭىزغا ئوخشاش ئازراق چۇشەنچە بەسىڭىز بوپتىكەن

  19. نۇرنىجات 2012.06.02 , 04:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما تەدبىركار يان ستوننى ئېلان بىلەن توشقۇزۇپتۇ!

  20. ش.ئە.ئۇيغۇرى 2012.06.06 , 02:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىناپ بېقىلدى، رەسىم سۈزۈكلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىكەن

  21. تۇيغۇ 2012.06.10 , 17:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەخپى نۇمۇرى باركەنغۇ ،يوللىغاندىكىن مەخپى نۇمۇر نىمۇ قوشۇپ يوللاڭلا ! بولمىسا يوللىماڭلا!! :mad:

  22. دوستەك 2012.07.18 , 20:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىككى anderoid دا قانداق بولا
    ئەپ تى چۇ؟

  23. ئابدۇۋەلى 2012.12.16 , 15:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور خۇمار ئاكا چاق-چاق قىلۋاتامسىز ياكى راس مەخپىي نومۇرى شۇمۇ؟:mrgreen::?:

  24. دوستەك 2013.08.11 , 22:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    google تور كۆرگۈدە بولامدۇ؟
    بولسا قانداق ئىشلىتىمىز ؟ ئورۇن بەلگۈلەشنى قەنداق ئەمەلگە ئاشۇر مىز؟

  25. تۇرسۇن 2014.08.13 , 18:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ جۇڭگو تەۋەلىگىمىزدىكى ئەپ سىتوردا يوقكەنغۇ؟ مومكىن بولسا ئېنىقراق قىلىپ يوللاپ بەرسىڭىز

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量