ھەر يىلى تارقىلىدىغان ئەڭ مودا ئەپسانىۋى خەۋەرلەرنىڭ بىرى: يېڭى ئەۋلاد iPhone 5 نىڭ سۈرىتى ئاشكارىلاندى
كېيىنكى ئەۋلاد iPhone كېلەر ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان WDCC 2012 دا ئېلان قىلىنىش ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن، لېكىن 10-ئايلاردا ئېلان قىلىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. ۋەھالەنكى، يېڭى ئەۋلاد iPhone توغرىلىق ئەپقاچتى پاراڭلار يەنە بىر قېتىم پارتلاش خاراكتېرلىك تارقىلىش دەۋرىگە كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئىلگىرى تارقالغان بىر قىسىم خەۋەرلەردە ئېكران چوڭايتىلغان دېگەندەك پاراڭلار بولۇنغان ئىدى، ھازىر ئەمدى ھەقىقىي يانفوننىڭ تاشقى ھالىتى دەپ قارالغان بىر يۈرۈش سۈرەتلەر ئاشكارىلىنىپتۇ.
9to5mac تىن كەلگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇلار بىر قانچە پارچە iPhone 5 نىڭ سۈرىتى دەپ قارالغان ھۆججەتلەرنى تاپشۇرىۋالغان، سۈرەتتە قارا ۋە ئاق رەڭلىك ئىككى خىل يانفون بار بولۇپ، تاشقى قىياپىتى iPhone غا ئىنتايىن ئوخشايدىكەن. iPhone 4S بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ سۈرەتتىكى يانفوندىكى پەرق: ئاليۇمىن قېتىشمىسىدىن ياسالغان تاشقى قاپ ئىشلىتىلگەن، تىڭشىغۇچنىڭ تۆشۈكى ئاستى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئانتېننا قىسمى سىرتقى قاپنىڭ كەينى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئانتېننا قىسمىنىڭ لايىھەلىنىشىگە قارىتا، 9to5mac ئۆزىنىڭ پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنداق لايىھەلەشتىكى مەقسەت بەلكىم ئالما بوشلۇقنى چوڭايتىپ تېخىمۇ چوڭ بولغان باتارىيە ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئىشقىلى نېمىلا دېمىگەن بىلەن بۇ بىر 4G يان تېلېفون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئېكراننىڭ رەزمېرى(3.9 سۇڭ، 1136*640 لىك ئېنىقلىقتا) ۋە كىچىكلىتىلگەن ئۇچۇر ئېغىزى قاتارلىقلارمۇ ئىلگىرى تارقىلىپ يۈرگەن خەۋەرلەر بىلەن ئوخشاش، ئەمما سۈرەتتىكى ئەڭ گۇمانلىق نۇقتا شۇكى، ئاستى قىسىمدىكى ياڭراتقۇنىڭ لايىھەلىنىشىنىڭ قوپاللىقىدىن، ئادەمگە بۇ بىر دانە ئالما شىركىتى لايىھەلىگەن يانفون ئەمەس، بەلكى بىرەر تورداشنىڭ چاقچاق قىلىپ ئالما ئۈچۈن لايىھەلەپ بەرگەن مەشىق ئەسىرىدەك بىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇمۇ بەلكىم ھەقىقەتەن ئالما شىركىتى دەسلەپكى قەدەمدە تۈزگەن بىر خىل لايىھە ئەندىزىسى بولۇشى، ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىلگەن لايىھە بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. چۈنكى بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. iPhone 4S ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن تاراتقۇلار بەس-بەستە كېيىنكى ئەۋلاد iPhone نىڭ قانداق شەكىلدە ئىكەنلىگى ھەققىدە خەۋەر قىلىشقان ئىدى، بىراق ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى توغرا چىقمىغان.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر,رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، iPhone، خەۋەر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,051 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iphone5-spy-photos.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Bump – يانفوننى يېنىكلا مىدىرلىتىپ iPhone دىن Android قا ھۆججەت يوللاش! سۈرەتلىرىڭىز كومپيۇتېرغا ئۇچۇپلا بارىدۇ!
- كېيىنكى يازما > iPhone دا ئۇيغۇرچە فونت تونۇتمايمۇ خەلقئارا خەۋەر ۋە ئېقىم مەسىلىلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئەپ – خەۋەرلەر(Okyan News)
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
ئو ، مەن 1- بولۇپ كورۈپتىمەن
ئو ، مەن 1- بولۇپ كۆرۈپتىمەن
دىۋان.
سەتكەن
دىۋان
نىمىشقىكىن مۇشۇ iPhone قا پەقەت قىزىقمايمەن جۇمۇ، ئەمما ئالمىنىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقىمەن.
دىۋان!
ئەمدى ئارامىخۇدا كۆرەيچۇ…
راس مۇشتامىدۇ ؟
مەنچە قۇرۇق گەپمىكى…ئاما چىقىشنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ قانداق شەكىلدىكى ۋە قاچان بازارغا چىقىدىغانلىقىغا ئچكىم بىرنىمى دىيەلمەيدۇ، ئۇڭغىچە ئاخپىرات ۋاستىللىرى شۇ جۆيلەمىكى ..مىنڭ كۆزقارشىم.
كوتە بۇنداق تىلفۇننى بىكارغا بەرسە ئالمەن پۇلغا ئالمايمەن
نورغۇن ئادەم ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىۋاتسا
ئالما تىلىفۇنى بىلەن باشقا ھەرقانداق تېلىفۇننى سېلىشتۇرسىڭىز ، باشقا تېلىفۇنلار پەقەت تېلىفۇن ، لىكىن ئالما بىر سەئەت بويۇمىدۇر ، سىز ئۇنى ئىشلەتكەندىكى ھۇزۇرنى ھىس قىلالمىغان چېغىڭىز ۋا
ئالما تىلىفۇنى بىلەن باشقا ھەرقانداق تېلىفۇننى سېلىشتۇرسىڭىز ، باشقا تېلىفۇنلار پەقەت تېلىفۇن ، لىكىن ئالما بىر سەئەت بويۇمىدۇر ، سىز ئۇنى ئىشلەتكەندىكى ھۇزۇرنى ھىس قىلالمىغان چېغىڭىز ۋا
تاشقى شەكلىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگۈرۈش بولمىسا يەنىلا ئايفۇن4 نى ئىشلىتىۋىرىمەن يىلدا بىر يىڭىلىنىشقا كىم يىتىشەلىسۇن
خەنلەرنىڭ ،بىرنىمىسى ھەقاچان بۇ ….
بۇلاھىيە ئاشكارلانغان بولسا ،كىلەر ھەپتە«جۇڭسەن»تېلفۇن بازىرىدا تېشى مۇشۇنۇڭغا ئوخشايدىغان تېلفۇنلارنى كۆرىدىغان بوپتۇقدە!
تورخۇمار راسلا بەك قىززىپ كېتىپتۇ جۇمۇ
بۇ چوقۇم خەنلەرنىڭ ئويۇنى ، ئالما شىركىتى بۇنداق نەرسە لايىھەلىمەيدۇ
يالغان بولمامدۇ بۇ كەينى تەرەپتىكى iPhoneدىگەن چۇڭ قۇرۇقلۇق نۇسقىسىكەنغۇ چەتئەلدە چىقمىغان نەرسە بۇيەردە نىمە قىلىدۇ
بۇ تېلفۇننىڭ ساختىسى بازارغا چىقىپ بولدىغان بولدىدە