نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يۇمشاق دېتاللار > يازما مەزمۇنى

ئۇيغۇرچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ؟ مىللىچە ئۇسلۇبتىكى چىچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ كومپىيۇتېر نۇسخىسى

ياخشى تور شىركىتى قارمىقىدىكى ئىزدە تورىدارەسمى يۇسۇندا ئىشلىتىلىۋاتقان چىچەن كىرگۈزگۈچكە دىققەت قىلىپ باقتىڭلارمۇ ؟ يىقىندا ياخشى شىركىتى چىچەن كىرگۈزگۈچىسىنىڭ كومپىيۇتېر نۇسخىسىنى رەسمى ئېلان قىلىماقچى. ھازىرچە سىناق ھالەتتە توردا ئېلان قىلغان بولۇپ، تەكلىپ-پىكىر يىغىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. تۆۋەندە ئورگان تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

chichen

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ تور نۇسخىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، شىركىتىمىز پۈتۈن كۈچى بىلەن تېرىشىپ چېچەن كىرگۈزگۈچ كومپىيۇتېر نۇسخسى ئىشلەشكە باشلىغان ئىدى، يېقىندا كومپىيۇتېر نۇسخىسى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ، ئىچكى قىسىمدا بىرمەزگىل سىناق قىلىندى.

چېچەن كىرۈزگۈچنى رەسمىي يۇسۇندا تارقىتىشتىن بۇرۇن پىشقەدەملەرنىڭ ۋە كەسىپداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرىنى توپلاپ، تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئورۇنلارنى تۈزىتىپ ، خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلەرنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ ئاندىن تارقىتىش مەقسىتىدە كەسىپداشلار ئارىسىدا قىسمەن دائىرىدە تارقىتىپ تەكلىپ-پىكىر توپلىماقچى.  كۆپچىلىكنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ھەمدەمدە بولىشىنى سورايمىز.
پىكىر توپلاش دائىرىسى : قاچىلاش،يۇيۇش جەريانىدىكى خاتالىقلار، دېتال كۆرۈنمە يۈزىدىكى نامۇۋاپىق ئاتالغۇلار ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ۋە ئۇيغۇرچە-لاتىنچە ئالماشتۇرۇش، كىرگۈزگۈچ ئىقتىدارى ۋە باشقا ئىشلىتىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلە ، ئۇچرىغان خاتالىقلار .
سىناق نۇسخىنى ئىشلەتمەكچى بولغانلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ : ئىشلىتىش جەريانىدا بايقىغان خاتالىق ، مەسىلىلەرنى word قىلىپ تۈزۈپ ئېلخەت ئارقىلىق يوللاپ بېرىپ رەسمىي نۇسخىنىڭ تىزراق پۈتۈشىگە ياردەمدە بولىشىڭىز كېرەك . يوللىغاندا قايسى مەشخۇلات سېستىمىسى ئىشلەتكىنىڭىزنى، قانداق ئورۇندا خەت كىرگۈزۈش سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!
(ئەگەر خاتالىقلارنى توپلاپ word ھۆججىتى قىلىپ ئەۋەتىشكە ۋاقتىڭىز يەتمىسە، ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلماسلىقىڭىزنى سورايمىز، رەسمىي نۇسخا چىققاندا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ)
ئەگەر سىناش خىزمىتىگە ياردەملىشىشنى خالىسىڭىز، ھەمدە يىتەرلىك ۋاقتىڭىز بولسا  admin@yahxi.com  غا ئېلخەت يوللاپ چېچەن كىرگۈزگۈچ سىناق نۇسخىسىنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز ، ئېلخەت ئارقىلىق يوللاپ بېرىمىز.

ھازىرقى نۇسخىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى :

beta0

ئاساسلىق ئىقتىدارى :

1. ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىنالايسىز، سۆزلۈك ئامبىرى تەجرىبىلىك كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن.
2.ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ، چېچەن كىرگۈزگۈچىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىرگۈزۈش ئادىتىنى ئەستە ساقلايدىغان بولۇپ، كۆپ ئىشلەتكەن سۆزلىرىڭىزنى نامزات سۆزلۈك قاتارىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنىغا تىزىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
3.يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەگەر سىز يېڭى ئۆگەنچى بولسىڭىز يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسىنى قوزغىتىپ ، كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ( ياكى كۇنۇپكا تاختىسىغا قاراپ ) خەت كىرگۈزسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
4. كىرگۈزۈش سۈرئىتىڭىز تېزلىشىدۇ، سىز كىرگۈزمەكچى بولغان سۆزنىڭ باش ھەرپلىرىنى كىرگۈزسىڭىزلا ، چېچەن سىزگە كىرگۈزگەن ھەرپلىرىڭىزگە ماس كېلىدىغان ، كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنى نامزات سۆز قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
5.سۆز بىرىكمىسى كىرگۈزۈش تېخىمۇ قولايلىق ھەم تېز، مەسىلەن: ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز پەقەت ‹‹ ش ۇ ا ر ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ، ‹‹ ئۈرۈمچى شەھىرى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز ‹‹ ۈ ش ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ. ( سۆز بېرىكمىسى يازغاندا ئەمزە ‹‹ ئ ››قوشۇپ يېزىشىڭىز ھاجەتسىز )
6.كۆپ خىل كىرگۈزگۈچ ئۇسلۇبى تەمىنلەندى، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇسلۇب، رەڭلەرنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز. يەنە شىركىتىمىز تەمىنلىگەن Chichenicc ئۇسلۇب لايىھەلەش قورالى ئارقىلىق ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان پاسوندىكى ئۇسلۇبلارنى ياساپ ئىشلىتەلەيسىز.
7.بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئەڭ يېڭى سۆزلۈك ئامبىرىنى ئىشلىتەلەيسىز، سۆزلۈك ئامبىرىنى توردا يېڭىلاشقا بولىدۇ، شىركىتىمىز سۆزلۈك ئامبىرىنى داۋاملىق تولۇقلايدۇ، سۆزلۈك ئامبىرى يېڭىلاش ئۈچۈن دېتالنى قايتا قاچىلىشىڭىز ھاجەتسىز.
8.shift كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، لاتىنچە كىرگۈزۈشنى ئالماشتۇرالايسىز، ئىنتايىن قولايلىق.
9.قاچىلاش باسقۇچى ئاددىي، قولايلىق؛ قاچىلاشتىن ئىلگىرى ياكى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
نۆۋەتتىكى نۇسخىدا چوڭ-كىچىك مەسىلىلەر بولىشى مۇمكىن، كۆپچىلىكنىڭ توغرا پوزىتسىيەدە بولىشىنى سورايمىز .
سۆزلۈك ئامبىرى تەمىنلەشنى خالايدىغان ئورۇن ياكى شەخىسلەر بولسا ، سۆزلۈك بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.
(سۆزلۈك ئىملا خاتالىقى، سۆزلۈك ئامبىرى داۋاملىق تولۇقلىنىپ ئەلالاشتۇرىلىدۇ ، ھازىرقى نۇسخىنى قاچىلىغاندا 360 قاراۋۇلى گۇمانلىق دەپ قاراپ ئەسكەرتىش بېرىدۇ، رەسمىي نۇسخىنى تارقاتقاندا بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىدۇ)

شىركەت خادىمىنىڭ بىلدۈرىشىچە ئۇلار يەنە بىر تۈرلۈك ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب ياساش قۇرالى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بىكىتىلگەن نامى chichenicc بولىدىكەن. تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا ئىشىلتىشمۇ ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، ئۆز ئالدىمىزغا ھەرخىل ئۇسلۇبلارنى ياساپ ئىشلىتەلەيدىكەنمىز. مېنىڭچە بۇمۇ بىر ياخشى تۈر بولۇپ، چىچەن كىرگۈزگۈچنىڭ ئەل ئارىسىدىكى قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگۈدەك.

chichenicc نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىن بىر پارچە

 

chichenicc

ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئادرېس : ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154 – نومۇر جىلى سودا ئىشلىرى بازىسى 205-ئىشخانا
شىركەت ئېلخەت ئادرىسى : admin@yahxi.com

ياخشى شىركىتى قارمىقىدىكى داڭلىق بىكەتلەر

ياخشى ئۇلىنىشى | ياخشى فىلىم تورى | ئىزدە تورى | ئىزدە خەۋەر قانىلى | مۇزىكا تورى | چىچەن كىرگىزگۈچ ھەققىدە 



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. پەنجىر 2012.10.01 , 18:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان !:mrgreen:

  2. ئۇيغۇربەگ 2012.10.01 , 18:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يامان ئەمەس چىققان كىرگۈزگۈچ ئىكەن، ئاپىرىن!

  3. ئىزلا 2012.10.01 , 19:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنداقتا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش كۆپ قولاي بولغۇدەك:mrgreen:
    بۇنى يەنە‹‹photoshop››تىمۇ ئىشلەتكىلى بولاما؟

  4. كۈرەش 2012.10.01 , 19:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ بەك پەيزى ئىش بوپتۇ….

    مەنمۇ پەرەز قىلغان مۇشۇنداق كىرگۈزگۈچ چىقىشىنىڭ
    ئاز قالغانلىنى … ئاخىرى چىقىپتۇ …..

  5. كۈرەش 2012.10.01 , 19:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە راست…. ئۆزىمىز ئۆزىمىز ئۇسلۇب ياساپ ئەۋەتىسەكمۇ بۇلامدۇ… ياكى ئۇسلۇب مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلسە

    • ۋىروس 2012.10.01 , 20:27

      مېنىڭچە بۇ يۇمتال دەل ئورگان تەرەپنىڭ ئۇسلۇب توپلاش جەھەتتە قوللانغان تەبدىبىر بولىشى مۈمكىن. ئەل ئارىسىدىن ياخشى ئۇسلۇبلار چىقىپ قالسا شىركەت مۇكاپات بىلەن قۇبۇل قىلىشى ئېھتىمالغا يىقىن.

  6. كامىران 2012.10.01 , 20:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن مۇشۇنداق كىرگۈزگۈچ تاپالماي يۈرگەن …

    http://www.facebook.com/ تور بىتىنى چوڭ قۇرۇقلۇققا كىرگىز گەندەك قىلىدۇ . . ئېچىلىۋاتىدۇ سىناپ بېقىڭلار !!

    • ئەززام 2012.10.02 , 02:52

      ئۇچۇپلا كىرىپتىمەن، ئەمما مىنىڭكىدە ئېچىلمىدى…:cry:

    • كامىران 2012.10.02 , 11:39

      تۈنگۈن ئاخشام كىرگەن ئىدى مەن تېخى تىزىملىتىپ مۇ بولغان . . (تامدىن ئاتلىمايلا)
      بۈگەن يەنە كىرمەيۋاتىدۇ . . .

    • كامىران 2012.10.02 , 18:34

      مانا يەنە كىردىم . . .
      https://skydrive.live.com/redir?resid=74C494F8212CC301!109&authkey=!ANJS8si5uTAAmdE

  7. ئابومجان 2012.10.01 , 22:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن ياخشىكەن ، ياخشى ئۇلۇنىشى دەمدۇق ئىشقىلىپ بەك ئەجىر سىڭدۈرۈپتۇ ، ئۇيغۇرچە تورلارنى كۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ياخشى ئۇلۇنىشىنى ئاچىمەن . ئەمدى ماۋۇ چىچەن كىرگۈزگۈچىنى كۈرۈپ تېخىمۇ خۇرسەن بولدۇم . ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدۇ .

  8. ئەززام 2012.10.02 , 02:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشلىتىشكە تەشنا بولاۋاتىمەن…

  9. چايان 2012.10.02 , 11:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چاۋاك!!!!!!!!!!چاۋاك!!!!!!!!!!!!يەنەچاۋاك!!!!!!!!:wink::wink::wink:

  10. كۇسەن 2012.10.02 , 13:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن تۇنۇگۇن قاچىلاپ ئىشلەتكەن خەت بېسىش سورۇتىم بۇرىنقىدىن بىرھەسسە تېزلەشتى :smile::smile::smile::oops:

  11. ئارسلان 2012.10.02 , 16:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىخى تىزىملىتىش راينىمۇ باركەن قارىغاندا خىلى قولايلىقتەك قىلىدۇ.

  12. ئارسلان 2012.10.02 , 16:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايسى فۇنىت ئىشلىتىلە؟

  13. مەن 2012.10.02 , 20:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوۋۋۋ…….. بۇ ھەقتە ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى ئىزدىنىۋاتقىلى بىر نەچچە يىللار بولغاندەك قىلغانتىغۇ؟

  14. مۇخپۇل 2012.10.03 , 11:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالىپ سوفىت بىريىل بۇرۇن ياساپ پۇلغا تارقىتىپ كەڭ ئومۇملاشمىغان ئىدى . ئەمدى ئۇلارغا ئېغىر كەپكىتەمۇ ؟ ياكى ۋختىدا ھەقسىز قىلىپ رىقابەتلىشامۇ؟

  15. مايتاغ911 2012.10.15 , 21:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ناھيتى ياخشى بولۇپتۇ.ھارمىغايسىلەن!

  16. مايتاغ911 2012.10.15 , 22:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۇشۇرۇش ئادىرىسى يوققۇ؟

  17. تورباجىن 2012.10.15 , 22:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي! راستىنلا بىر خۇشخەۋەر ئىكەن.مۇبارەك بولسۇن.

  18. ھۆرتېكىن 2012.10.21 , 19:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاھ،نىمە دىگەن ياخشى ،بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ.ئەمدى كىرگۈزگۈچىسى بارلارنىڭ ئالدىدا چانمايدىغان بوپتۇ مانا!:wink:

  19. ABK 2013.02.11 , 23:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەدىن چۈشۈرمىز بۇنى

  20. سوني 2014.03.14 , 22:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىناپ باقاي

  21. مۇھەممەد 2015.06.16 , 13:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لىكىن قانداق چۈشۈرۈشنى بىلمىدىم، ئادەتتە ئىشلىتىپ بولغاندائىن كىيىن ئىنكاس يائازساق ياخشى بولاتتى. چۈشەندۈرۈشنى كۆرسەم ھەقىقەتەن ياخشىدەك قىلىدۇ.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量