تورخۇمارلارغا ئايەملىك سوۋغا | «كەپتەر» ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يوللاش ياردەمچىسى
گەپ باشلاشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن تورخۇمارلارنىڭ ئايىمىنى مەن ۋە تەدبىركار نامىدىن قىزغىن تەبىرىكلەيمەن. ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. بەلكىم كۇلۇبىمىز ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 3 كۈنلۈك ئۆچەككە كىرىشى مۈمكىن. ئەگەرشۇ سەۋەب تورخۇمارلارغا قولايسىزلىق كەلتۈرسەك، ھەر قايسسىڭىزلاردىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمىز.
ئەمدى گەپكە كەلسەك، بۈگۈن تورخۇمارلارغا كىچىك بىر ھېيتلىك سوۋغا ئالغاچ كەلدىم. ھېيت نامازدىن قايتىپلا ھەر بىرىمىزنىڭ تۇنجى قىلىدىغىنى بەلكىم ئۇرۇق-تۇققان دوس يارەنلەرگە تېلىفۇن قىلىش ياكى قىسقا ئۇچۇر يوللاشقۇ دەيمەن. ئەگەر ئەشۇ ئىزگۈ تىلەكلىرىمىزنى ئانا تىلىمىزدا ئىزھار قىلالىغان بولساق ھە ؟… مانا مۇشۇ مۇھتاجىمىزغىمۇ دەرمان چىقتى . يىقىندا بىرلەشمە خەۋەرلىششى تەرىپىدىن تارقىتىلغان Android سېستىمىسىدا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يوللاش دېتالى «كەپتەر» ئېلان قىلىندى.
كەپتەر ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يوللاش دىتالى ھەققىدە :
دېتال يېڭىلىقلىرى
ھەرخىل ماركا ھەرخىل تىپتىكى ئاندرويىد تېلېفونلىرىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يېزىش ۋە قوبۇللاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئانا تىلدىكى قىسقا ئۇچۇر دېتالى ۋۇجۇدقا كەلدى . ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە، رەقەم ۋە تىنىش بەلگىلەر ئارلىشىپ كەلگەندە نورمال كۆرۈنۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
كەپتەر ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يوللاش دىتالىنىڭ ئاساسلىق ئېقتىدارلىرى
كەپتەر ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يوللاش دېتالىغا ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يوللاش، قىسقا ئۇچۇرنى توپ يوللاش، چۈشۈرۈش، تېلېفون دەپتىرى باشقۇرۇش، ئابونىتنىڭ ئالاقىلىشىش خاتىرسىنى ۋە دائىملىق ئالاقىلىشىدىغان ئابونتلارنى ساقلاش ،قىسقا ئۇچۇرنى تەھرىرلەش قاتارلىق ئېقتىدار قۇشۇلدى . دېتالنىڭ كۈرۈنمە يۈزىگە سىستېما تەڭشەش ئېقتىدارى قۇشۇلغان بولۇپ ئابونت بۇ ئېقتىدار ئارقىلىق كەپتەر قىسقا ئۇچۇر دېتالىنىڭ ئېقتىدارىغا قارىتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلەيدۇ .
دائىملىق ئىشلىتىدىغان قىسقا ئۇچۇرلار
ئابونتلارنىڭ ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يوللىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن دېتالغا ئۇيغۇرچە دائىملىق ئىشلىتىلىدىغان ۋە ھېيت-بايراملىق قىسقا ئۇچۇرلار قوشۇلدى، ئابونت ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئالدىن تەييارلانغان قىسقا ئۇچۇرلارنى يوللىسا ياكى قايتا تەھرىرلەپ يوللىسا بولىدۇ . .
چۈشۈرۈش ئادرېسى :
بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورىدىن چۈشۈرۈش | مەنبە : تورخۇمارلار كۇلۇبى | تېلگىراف تورىدىن چۈشۈرۈش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، ئۇچۇر، ئەپ، يۇمشاق دىتال
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: uyghurche-uchur.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۇيغۇرچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ؟ مىللىچە ئۇسلۇبتىكى چىچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ كومپىيۇتېر نۇسخىسى
- كېيىنكى يازما > IE 10 رەسمىي نەشىرى – Windows 7 دە ئىشلەيدىغان Internet Explorer 10 تور كۆرگۈسى ئېلان قىلىندى
- Android Studio – گۇگېل تارقاتقان ئاندرويىد ئۈچۈن مەخسۇس پروگرامما ئېچىش قورالى
- ئۇچۇر تورى ئايفۇن ئەپ دىتالى ئېلان قىلىندى | ئەمدى يانفۇندىلا ئۇچۇر يوللىيالايسىز/ ئۇچۇر كۆرەلەيسىز
- [ئۇقتۇرۇش تېمىسى] تورخۇمارلار كۇلۇبىنىڭ ئىنكاس/باھالار ئۈچۈن مەخسۇس قائىدە تۈزۈلمىسى
- كىچك ساۋات | ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ Google ھېساۋاتى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
- نوكىيا ۋە Lumia يانفونلىرى | NOKIA قايتىپ كەلدى
- Android چى باللا بادۇ؟ | ئويۇن تەڭگىسى يېتىشمەي بويۇن قىسىپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەمدى ھەرقانداق ئويۇننى باكاغا ئوينايسىز
- بەلگىلەپ قويغان سۈرەتكە ئوخشاش سۈرەتكە تارتمىسا، توختىماي تېلىفوننى سايرىتىدىغان ئەپ
- 美图秀秀 نى تاشلاڭ ئەمدى، PhotoShop مۇ يانفۇنغا كۆچتى | كۆچمە نۇسخىدىكى PhotoShop Touch
- iPhone دىكى كۆپ تىللىق ھەقسىز لۇغەت – بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى ۋە بىلكان ئەرەپچە لۇغىتى
- يىڭى يىللىق كاتتا سوۋغا | تورخۇمارلار كۇلۇبى كۆچمە نۇسخىسى رەسمى ئېلان قىلىندى
تۆر
سونى X10i دا نورمال ئەمەس
قارشى تەرەپ تىلىفۇنى ئۇيغۇرچە تونىتىلمىغان بولسىمۇ ئۇيغۇرچە كۆرۈنەمدۇ؟ ئەگەردە قارشى تەرەپ تىلفۇنى ئاندىروئىد بولمىسىچۇ؟
ئەلۋەتتە قارىشى تەرەپتىمۇ مەزكۇر يۇمتال قاچىلانغان بولىشى، ھېچ بولمىسا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ئەمەلگە ئاچقان بولىشى كېرەك. مېنىڭ قىسقا مۇددەتلىك سىناش نەتىجەمدىن كۆرە بۇ بىر ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش دېتالى ….
بۇ دىتال ئەمدى چۆرگىلەپ بېرىپ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ بولۇپ قالدىما؟؟؟؟ بىرلەشمە خەۋەرلىشىنىڭ ئەپ بازىرغا قۇيۇلغان ھەممە دىتال ئۇلارنىڭ بولمايدۇ… باش ئاخىرىنى ئايرىپ گەپ قىلايلى… بۇ ئىنكاسنىڭ بارلىق ھۇقۇقى مەندە…
بىرلەشمە خەۋەرلىششى تەرىپىدىن تارقىتىلغان دىگەن شۇ بىرلەشمە خەۋەرلىششى ئەپ بازىرىغا قويۇلغان دىگەن گەپ. ھەرگىزمۇ بىرلەشمە خەۋەرلىششى ئىشلىگەن دىگەن مەنە بىلدۈرۈلمەيدۇ. ئەگەر يۇقىردىكى ئابزاستا لوگىكىلىق خاتالىق بولسا تۈزىتىۋىتەي.
مېنىڭ تېلفۇنۇمدىن ئاپتۇماتىك چېكىنىپ چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. ئازراق bug باردەك.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزدوستلار ئالدى بىلەن سەھرايىم بلوگتىن بارلىق دوستلىرىمغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن سالامەتلىك ۋە ئىمان تىلەيمەن، ئايىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە تۇرمۇشۇڭلارغا بەخىت، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، ھەر بىر كۈنۈڭلەرگە شادلىق ۋە بەرىكەت تىلەيمەن! كۈنلۈرۈڭلار خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسۈن، ئائىلەڭلار تىنىچ ئامان بولسۇن، شادلىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولغاي .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق قېرىنداشلىرىمغا ئايەملىك سالام! بۇ دىتالدىن بەك رازى بولدۇم تېلفۇنۇم ئۇيغۇرچە تۇنىسا بولاتتى دەپ ئولتۇرسام بۇ دىتال بارلىققا كەپ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ …بارلىق دوسلۇرۇمغا ئۇيغۇرچە سالام يوللىيالىدىم ،بىراق بۇ دىتالنى چۇشۇرمىگەنلەرگە خەت نۇرمال كۈرۈنمەيدىكەن
ھېيتلىق خەجلىدۇق مانا !
بەزى ئىشلارغا توۋا دېمىسە بىكا جۇما
مەن شۇنداق بىر ئىشقا يولۇقتۇمكى، ئەييۇھەنناس، ئاڭلىساڭلار ئىشەنمەي قالىسىلەر.
ئۈچ كۈن ھېيت ئويناپ، ھېيىتنىڭ ئۈچىنچى كۈنى كەچتە قاتتىق چارچاپ ئۇخلاپ قاپتىكەنمەن، ما تورخۇمار، ۋىروس دېگەن ئىككى كاساپەتنى چۈشۈمدە كۆرۈپتىمەن، مەن يا بۇ خەقنى مۇشۇ تورخۇماردىن باشقا يەردە بىلمىسەم، تورخۇماردىمۇ ئانچە كۆپ گەپ قىلمىسام، ما ئىككىسى نەدە يۈرۈپ، نېمىش قىلىپ چۈشۈمگە كىرىپ قالايمىقان قىلىدۇ دەيمەن، ما ۋىروس ھاراق ئىچىپ مېنى ئۇرۇپتىمىشلەر چۈشۈمدە، تورخۇمار بلوگۇمغا ئىئوت قاچىلاپ، خەت نۇسقىسىنى ئوڭشاپ بېرىمەن دەپ يۈرۈپتىمىش. توۋا خۇدايىم، ما گەپ چاقچاق ئەمەس، راست دەۋاتىمەن جۇما باللا.
تەخەللۇسۇم ۋىروس بولسىلا ھاراقكەش لۆكچەك بوپ قالدىمما ?
ۋاي تاڭ جۇمۇ
چۈشۈمدە ئېگىز بىر سۇپىدا تۇرۇپسىزمىش، ئالدىڭىزغا كېلىپ تۇرۇشۇمغا شاپىلاق بىلەن بىرنى شۇنداق سالدىڭىزكى، تورخۇمار شۇ دەيمىشمەن، بىر ئادەم كېلىپ، مېنى خاپومماڭ ئېتىپ، يېنىڭىزدىن ئېلىپ كەتتى، ئاندىن بلوگقا ئىئوت قاچىلايمەن دەپ بىر بۇرۇنقى سونىي ئاپاراتى بارغۇ ئويۇنچۇق، شۇنداق بىر دۇكانغا ئەكىردى، شۇ تورخۇمارنىڭ دۇكىنىكەن، ئاندىن سىز كىرىپ خاپا بولماڭ دەپسىز، تورخۇمار چۈشۈمدە كېچىك بىر تازچاق بالىكەن، سىز يۈزى يۇمىلاق، ئاق-سېرىق، تەمبەل بالىكەنسىز، توغرا كۆرۈپتىمەنمۇ يا؟
تەقى – تۇرقىمىزنى خېلى ئوبدان چۈشىگەندەك قىلىسىز
كۆرۈنمە يۈزىنى يەنە ياخشىلىسا بولغۇدەك ، 小米 دىمۇ ئىنكاسى سەل ئاستا ! ئۇيغۇرچە يازسا تىز تىز چىقماي جىلە قىلىۋىتىدىكەن .
بۇ پەقەتلا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىلا قوللايدىكەن ئەمەسمۇ؟ ھەي ئىسىت!!!!!!!!!!
ئالماتىلفۇنغا ئشلەمدۇ……….؟ئشلگەن بولسابەك ياخشى بۇلاكەن!!!!!!!!
بۇ دېتالنى ىۇنداردىمۇ ىشلەتگىلى بۇلامدۇ?