IE 10 رەسمىي نەشىرى – Windows 7 دە ئىشلەيدىغان Internet Explorer 10 تور كۆرگۈسى ئېلان قىلىندى
Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مىكروسوفتمۇ ئاخىرى IE 10 تور كۆرگۈسىنىڭ win7/Win Server 2008 نۇسخىسىنى ئاخىرى ئاشكارىلىدى! گەرچە Win8 دىكى IE10 دا مەخسۇس تاختا كومپيۇتېرلار ئۈچۈن ئەلالاشتۇرۇلغان Metro كۆرۈنمە يۈز بولسىمۇ، ئەمما باشقا سىستېمىلار بىلەن سىغىشىپ خىزمەت قىلالايدىغىنى يەنىلا ئۈستەل يۈزى نەشىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
IE 10 تور كۆرگۈسى مىكروسوفت Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا سەپلەنگەن ئەڭ يېڭى تور كۆرگۈ بولۇپ، يېڭىدىن نۇرغۇن ئىقتىدارلار ۋە ئەلالاشتۇرۇش قوشۇلغان، HTML5 ئۆلچىمىنى تولۇق قوللاپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن يېڭى API ئېغىزلىرى تەمىنلەنگەن. مىكروسوفتمۇ تور كۆرگۈسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، سۈرئەت جەھەتتە داڭقى چىققان Google Chrome نى قوغلاپ يەتمەكچىدەك قىلىدۇ.
IE 10 ھەققىدە:
نۆۋەتتە مىكروسوفت پەقەت Windows 7 SP1 ۋە Windows Server 2008 R2 نەشىرىدىكى IE 10 نى ئېلان قىلغان بولۇپ، XP ۋە Vista نەشىرىنى ئېلان قىلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ ئاساسەن يوق، ناۋادا سىز تېخىچە كونا مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئەڭ يېڭى Win8 ياكى Win7 غا ئالمىشىشنى ئويلىشىپ بېقىڭ.
چۈشۈرۈش مەنزىللىرى:
Win7 32 بىتلىق نۇسخىسى | 64 بىتلىق نۇسخىسى | مەنبە: تورخۇمار | باشقا تور كۆرگۈلەر
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: IE، Microsoft، win7، windows7، توركۆرگۈ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,071 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ie10.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تورخۇمارلارغا ئايەملىك سوۋغا | «كەپتەر» ئۇيغۇرچە قىسقا ئۇچۇر يوللاش ياردەمچىسى
- كېيىنكى يازما > Adobe CS2 رەسمىي نەشىرى يۈرۈشلۈكلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز | Photoshop/Illustrator/Acrobat/Premiere
- خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ 57 يىللىق ھاياتىغا نەزەر
- بىر كۇنۇپكا بىلەن تور بېكەتلەردىكى مەزمۇن كۆچۈرگىلى بولماسلىق/مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- كىم تارتقان Windows 8 نىڭ ئېلانلىرىدۇ بۇ؟ دەرھال مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىڭلار!
- نوكىيا ۋە Lumia يانفونلىرى | NOKIA قايتىپ كەلدى
- يېڭى يىلدىكى يەنە بىر خۇشخەۋەر: Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقماقچى!
- بىر تال قىستۇرما ئارقىلىق 优酷/土豆 نىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلىرىنى تەلتۆكۈس كۆزدىن يوقىتىش
دەرھال چۈشۈرۈپ قاچىلاي
chrome دەك ياخشى چىققانمىدۇ؟
chrome غا ئاران كۆندۈم مەن ، مائۇسنىڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ – تارتساملا بەت ئېچىلىپ بولىدۇ ، ئالامەت تېز
مەن بۇ توكۆرگۈنى چۈشۈرۈپ تۇنجى كۆرگەن توربەت يەنىلا تورخۇمار بۇپتۇ ، سۈرئەت ھەقىقەتەن تىز ئىكەن !
chrome يەنىلا مۇشۇ پەيزى جۇمۇ باشقىسىنى ئىشلەتكىم كەلمەيدىكەن
سۈرئەتتە ئۆزگىرىش زورغۇ! تورخۇمارنىڭ خەت لىرىمۇ قېنىقلىشىپ، كۆك رەڭلىك ماۋزۇ سايە تاشلىغاندەك پىچەت كۆرىنۋاتىدۇ.
ماختاپ قويسام ئاسىتلاپ كەتتىغۇ ، سىنلارنىمۇ كۆرەلمىىدم ، قانداق قىلسام 9 – نەشىرىگە قايتقىلى بولار !
مەن چۈشۈرىۋالدىم .سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېزئىكەن.
قانداق چۈشۈرۈدۇ بۇنى