يىڭى يىللىق كاتتا سوۋغا | تورخۇمارلار كۇلۇبى كۆچمە نۇسخىسى رەسمى ئېلان قىلىندى
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورخۇمارنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى. كەمىنە ۋىروستىن ئاجايىپ ئىگىلىپ تۇرۇپ سالام! بەلكىم مېنى ئۇنتۇپمۇ كەتكەنسىلەر، مەن شۇ سىلەرنىڭ بۇلتۇرنىڭ قىش ئايلىرىدا تۇيۇقسىزلا يوقاپ كەتكەن ھېلىقى بۇرادىرىڭلار. ئۇزۇنغىچە يوقاپ كەتكەچ قۇرۇق كېلىشكە قېلىن يۈزۈم چىدىماي، تورخۇمارلارغا يىڭى يىللىق كاتتا سوۋغا، كۇلۇبىمىزنىڭ كۆچمە نۇسخىسى ھەققىدىكى چولتا ئۇچۇرلاردىن ئالغاچ كەلدىم. قېنى مەرھەمەت!
بەلكىم يازما ماۋزۇسىدىنلا تورخۇمارلار بىلىپ بولدىغۇ دەيمەن. شۇنداق بۇ دەل سىز ئويلىغان ھەم ئويلاۋاتقان مەخسۇس يانفۇن ۋە تاختا كۆمپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن كۆچمە نۇسخىدىكى تورخۇمار. ئاددى لايىھە، قولايلىق مەشخۇلات سىزنىڭ ئىشتىن قايتاندىكى، ئاپتۇبۇستا ئولتۇرغاندىكى ۋە ھېلىقى ۋاقىت قارىشى ئۆمىلىگۈچىلەردىنمۇ تۆۋەن بولغان مۇھەببىتىڭىزنى تەقەززالىق ئىچىدە ساقلىغان ۋاقتىڭىزدىكى زېرىكىشلىك مىنۇتلارغا مەلھەم بولغۇسى.
ئۇ ھەققىدە بىر ئۇچۇم غەيۋەت :
ھەر نەرسىنىڭ كىلىپ چىقىشىدا مەلۇم بىر ئارقا كۆرۈنۈش بولىدۇ. ئەلۋەتتە مەزكۇر كۆچمە نۇسخىدىكى ئۇسلۇبنىڭ كىلىپ چىقىشىدىمۇ ئازىراق قاملاشمىغان ھېكايە بار. تەخمىنەن بۇلتۇر قىشنىڭ 11- ئايلىرىدا مەن ۋىروس تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغىرىپ دوختۇرخانىدا يىتىپ قالدىم. كۈندە نەچچە رەت تور دۇنياسىنى پىتىغلاپ، ئاندا-ساندا تورخۇمارغا بىر نەرسىلەرنى يىزىپ كۆنۈپ قالغان ماڭا، ئېنى ئۇستىخىنىمدىن ئازىراقلا يوغان بولغان بۇ كارۋاتقا مىخلىنىپ يىتىش ئالەمچە ئېغىر كەلدى. بۇ كۈنلەردە يانفۇن مېنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمراھىم ئەلۋەتتە. لېكىن قاملاشمىغان يېرى تورخۇمارغا يانفۇندا چىققاندا ياندىكى سېرىلمە ئېلان ئورنى يازما مەزمۇنىنى چوڭايتىپ كۆرۈشكە بەكلا تەسىر قىلاتتى. بىر كىچىككىنە يازمىنىمۇ مۇشۇ ئىش تۈپەيلى تەسلىكتە كۆرۈپ چىقاتتىم.
لېكىن بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى. ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر قىيىن شارائىتتا تورخۇمارنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىمنى ۋە تورخۇمارنىڭ يانفون نۇسخىسىنى ئېلان قىلىشنىڭ تەخىرسىز بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى يولداش رەئىس تەدبىركارغا يەتكۈزۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئۆزى ئاددى ئەمما مەشخۇلاتقا ناھايتى قولايلىق بولغان كۇلۇبنىڭ سىناق نەشىردىكى يانفۇن نۇسخىسىمۇ بارلىققا كەلدى(بۇنىڭ ئۈچۈن تەدبىركارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن). ئەڭ ئاۋالقى پەقەت مېنىڭ شەخسى ئېھتىياجىم ئۈچۈنلا روياپقا چىققان بۇ ئۇسلۇبنى، داۋاملىق تاكامۇللاشتۇرۇپ تورخۇمارلارغا ئېچىۋىتىشنى ئويلاپ ئاز بولمىغان سىناقلارنى قىلدۇق. گەرچە مۇكەممەل بولمىسىمۇ ئاساسى ئېقىمدىكى ئابونتلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىدىن تامامەن چىققۇدەك بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن تورخۇمارلارغا مەزكۇر يازما ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش بەردۇق. قىممەتلىك پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.
كۆچمە نۇسخا ئالاھىدىلىكى ھەققىدە
گەرچە شارائىتىمىز چەكلىك بولسىمۇ، ھازىرقى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان Android يانفۇنلىرى، iPhone5 / 4S / iPhone4 / iPad قاتارلىق iOS ئۈسكۈنىلىرى، Windows Phone 8 ۋە Android سېستىمىلىق تاختا كومپىيۇتېرلاردا سىناق قىلىپ كۆردۇق. سىزدە پەقەت ئەڭ ئىلغار بولغان بىر دانە توركۆرگۈ بولسىلا تورخۇمارنىڭ ھوزورىنى يانفۇنىڭىزدىمۇ ئوخشاشلا سۈرەلەيسىز. كۇلۇبىمىز تورخۇمارلارغا Firefox / Chrome / Safari قاتارلىق توركۆرگۈلەرنى ئالدىن تاللاش قىلىشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئەڭ كۆپ ساندىكى يانفۇن زىيارەتچىلىرىنىڭ باش ئاغىرىقى بولغان ئېقىم مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆچمە نۇسخىمىزدا بەت ناھايتى ئاددى ھالەتكە كەلتۈرۈلدى. رەسىملەر ۋە ئۇلانمىلار ئازايتىلىپ مەشغۇلات سۈرئىتى نەچچە ھەسسە تېزلەشتۈرۈلدى. ئەڭ مۇھىمى ئېلاندىن خالى بولۇپ پاكىزە مۇھىتتا ئارامخۇدا زىيارەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىندى.
ئەلۋەتتە، يەنە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ يانفونىدا بۇ خىل شەكىلدە كۆرۈنۈش ناتايىن. چۈنكى Android سىستېمىلىق يانفونلار بەكلا كۆپ بولغاچ، ھەمدە بىزدە نۆۋەتتە سىناش شارائىتى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانى چەكلىك بولغاچقا، ھەر بىر ئۈسكۈنە ئۈچۈن مەخسۇس ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا ئامالسىز. ئوخشاش بىر توربىكەتنى ئوخشىمىغان توركۆرگۈلەردە نورمال كۆرسىتىشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە. ئۇنداق بولغان ئىكەن ئوخشاش بىر بىكەتنى ئوخشىمىغان سۇپىلاردا نورمال كۆرسىتىشنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىمۇ تۆۋەن ئەمەس. مەزكۇر نۇسخىمۇ ناھايتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاددى ئۇسۇلدا سىناقلار ئېلىپ بېرىلدى. بەلكىم بىز بايقىمىغان نۇرغۇن كەمچىلىكلەر بولىشى مۈمكىن. ناۋادا مەشخۇلات جەريانىدا قانداق بىر خاتالىقنى بايقىسىڭىز رەسىمگە تۇتۇپ يوللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
iOS ئۈسكۈنىلەردە تورخۇمارنىڭ ئۈستەل يۈزىگە ئايكون شەكلىدە مۇقىملاش ئۇسۇلى:
ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز iPhone/iPod Touch بولسا، Safari دا نى ئېچىپ، ئاستىدىكى قورال ستونىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۇنۇپكىنى بېسىپ، 添加至主屏幕 نى باسسىڭىز، ئېكراندا خۇددى تورخۇمار ئۈچۈن تۈزۈلگەن مەخسۇس ئەپكە ئوخشاشلا، ئىنتايىن چىرايلىق لايىھەلەنگەن بىر دانە ئايكون قوشۇلىدۇ، كېيىنكى قېتىمدا ئېكراندىن شۇ ئايكوننى بېسىپلا تورخۇمارنى بىۋاستە زىيارەت قىلالايسىز، ئىنتايىن قولايلىق!
ئاخىرىدا كۇلۇبىمىزنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن تورخۇمارلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. 2012- يىللىق 10 نادىر بلوگنى باھالاش پائالىيىتىدە تورخۇمار ئۈچۈن تاشلىغان ھەربىر بىلىتىڭلارغا رەھمەت. ھەر يوللىغان يازمىلىرىمىزغا دىۋان تالاشماي سەمىمى يازغان ئىنكاسلىرىڭلارغا رەھمەت. يەنە ئانچە-مۇنچە ئېلانلىرىمىزنى چېكىپ، ئىقتىسادى بىسىمىمىزنى يىنىكلەتكىنىڭلارغا رەھمەت. ئىشىنىمىزكى تورخۇمارنىڭ تەرەققىياتى بۇيىل يىڭى بىر تارىخ يارىتىدۇ. ئۇيغۇر تورچىلىقى ھەم يىپيىڭى بىر دەۋىرنى كۈتىۋالىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android، iOS، ئۇسلۇب، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 26,441 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى
- يازما مەنزىلى: torhumar-mobile-web.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پەرىشان يىگىت رونالدونىڭ پاجىئەگە تولغان دۇنياسى
- كېيىنكى يازما > بوغما يىلاننىڭ قورسىقى بەك تويۇپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟ قاراپ تۇرۇپ پۈتۈن كالىدىن بىرنى قۇسۇپ چىقىرىۋەتتىغۇ؟!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- Cicret بىلەيزۈكى | Android نى بېلەكتە ئوينايمىز
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- 2048 ئويۇنىنى ئويناۋاتامسىز؟ ياق؟! ئۇنداقتا مودىنىڭ كەينىدە قاپسىز!
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بۇ مەن تاپشۇرۇپ ئالغان يېڭى يىللىق سوۋغىلارنىڭ ياخشىسى بولۇپ قالدى . ئەجرىڭلەرگە بارىكاللا !!!
ئېسىل !! ئېسىل!
پاھ ، بەكمۇ بەلەن بوپتۇ ~
سىناپ باقتىم نوچى كەن
بەك ياخشى بوپتۇ مۇبارەك بولسۇن
ئاللا ئاللا بۇگۇنكى ئەڭ ياخشى خوش خەۋەر مانا.
بۇ ىنكاس ايفۇندا ۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يوق ەھۋالدا يېزىلدى .
شۇنداق ياخشى ئىش بولۇپتۇ ! تەبرىكلەيمەن !
مېنىڭ بىر تەكلىبىم ، بولسا بىز لەرمۇ تور خاتىرىمىزنى يوللىساق ھەم تەڭ بەھىرلەنسەك.
بۇرۇن كۈندە بىر كىرىپ يوقلاپ تۇرىدىغان ، لېكىن خېلى ۋاقىت بولدى مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىش سۆرئىتى بەك ئاستىلاپ قالدى ، ئارام كۈنلىرىلا يېڭى يازمىلار قوشۇلىدۇ . باشقا ۋاقىتتا ئاساسەن يېڭىلىنىش بولمايدىكەن . شەخسىي قارىشىم يانفۇن نۇسقىسى بەك باردۇرلۇق قىلامدۇ؟
تامامەن بولىدۇ. پات يېقىندا ئىختىيارى ئاپتورلار ئۈچۈن مەخسۇس يازما يوللاش ئىقتىدارىنى ئېچىۋېتىمىز. ئەلۋەتتە، يازمىڭىزنى E-mail ئارقىلىق يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نېمىشقا بالدۇرلۇق قىلىدۇ، سەۋەبىنە بىر بىلسەك…
ايفوندا يازدىم بۇ ىنكاسنى
مەن تورخۇمارنىڭ يانفون نۇسخسىنى ئىككى ھەپتە بۇرۇن كومپىيۇتېردا تاساددىپىي كۆرۈپ قالغانتىم. ئەمما ئۇ چاغدا پەقەت بىرىنچى بىتىلا ئاشۇنداق ئېچىلغانتى.
يانفۇندا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولمىسىمۇ،ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولامدۇ؟
ئاللا ئاللا Andoridسېستىمىلىق ئەقلىيفونلار دىمەكچىتتىم،ھەراس بۇمېنىڭ ئېلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقۇم:yaxa10@gmail.com
مانا بۇ ئىنكاسنى ھېچقانداق فونت ياكى كىرگۈزگۈچ قاچىلىماي تۇرۇپ ئاندرويىد سېستىمىلىق ئەقلىفۇندا يىزىۋاتىمەن.
پروسجون، تېخنىكىلىرىنى بىزگىمۇ ئۈگەتمەملا مۇنداق، بىزمۇ يانفۇن نۇسخىسىنى چىقىرىۋالساق
ھەزىل بلوگى نامىدىن تورخۇمارنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن
قېنى قەيەردىن چۈشىرمىزكەن
تۇرمىدىن قاچۇرۇلمىغان iphone 5 دا خەتلەر سەترەك كۈرۈنىۋالدى،مىنىڭ تېلفونۇمدا نېمە كامدۇر ئەمدى؛
بۇ سوۋغاتنى بەك ياختۇردۇم
ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ ئايلىق ئېقىم مىقدارىم چەكتىن ئېشىپ كىتىشى مۇقەررەر بولغان ئوخشايدۇ.
تېخىمۇ تىرىشىڭلار !
ھە ئەمدى پىرىستان ، ئۇيغۇربەگ ، پاسىبان ، نۇرقۇت ، ئىلقۇت، ئەلشاد … قاتارلىقلار سىلەرمۇ تىرىشىڭلار !
بىلوگ بىلوگدىن قالسا قۇلىقىنى كەس دىگەن گەپ بار
رىقابەت بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ …
كەمىنە ئىليار سىلەرگە مەدەتكار .
ئۇيغۇر تورچىلىقىنى گۈللەندۈرەيلى!!!
پرېستان خېلە بولغان ئۇنداق قىلغىلى، كۆرۈپ باقامسىز؟
مۇبارەك بولسۇن!
رەھمەت. سىزنىڭ WP8 دىكى سىناش نەتىجىڭىزگىمۇ كۆپ رەھمەت بۇرادەر!
بولسا كۈندە ئىككى ئۈچ تال يېڭىلىق تېما يوللانغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە
خوش خەۋەر!!!!!!!! مىنىڭ ئاندىرويىد تىلفۇنۇمدا خەت نۇرمال چىقمىدى
مۇبارەك بولسۇن. تورخۇمارنىڭ كەلگۈسى كۆز ئالدىمغا كېۋاتىدۇ
ۋىپ8ئىشلىتىۋاتقانلاتەسىراتلىرىڭلانى قالدۇرساڭلا بوپتىكەن بۇنىڭغا ئىشتىياق باغلىغىلى نەۋاق ياخشى بوپقاسا ما ئاندىروئىد تىن ئاستا كۆچمەي بوممىدى.
مۇبارەك بولسۇن.
قالتىس! قالتىس! مۇبارەك بولسۇن!
ئېكراندا تورخۇمار نىڭ ئايكونى تۇرسا ئادەمنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالىدىكەن ، خۇددى بىر ئەپ تەكلا تۇرىدىكەن . تۇرمىدىن قاچۇرۇشقا ئامالسىزمەن ، مۇشۇ خەت شەكلى مەسىلىسى بېشىمنى قاتۇردى
خەت شەكلىنى نۇرمال كۆرۈشكە يەنە باشقا ئامال بارمۇ ؟؟؟
بار. تورخۇمارنى پات-پات زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ، يېقىن ئارىدا تۇيۇقسىز نورمال كۆرۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
مەنغۇ 1 يىلنىڭ ياقى تورخۇماردىن ئايرىلىپ باقمىدىم بوممىسا ئىزدەپ باقاي
ئەمدى iPhone دا ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ.
ئەمدى نۇرمال چىقتى ،خەت شەكلىمۇ شۇنداق چىرايلىق .
نىمىشقا ئاندىروئىد نۇسخىسى يوق دەيمەن،بولمىسا ئۇنداقمۇ تەس ئەمەستەك قىلغان
ياپپانا!خېتىنى سەت دېمەي پەرەز قىلغاچ كۆرسەم مېنىڭكى تېلفونۇمدىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن.سەل مۇكەممەللەشسە مېنىڭمۇ ئېقىم مىقدارىممۇ يەتمەمدۇ نېمە
ناھايىتى ياخشى بوپتۇ،مەن بۇرۇن نۇر تورىنڭ مۇشۇنداق ‹ئەپ›نى كۆرگەن ،ئەمدى تورخۇمار ياساپ چىقىپتۇ،بۇ بىر يىڭى باشلىنىش بەك خوشال بولدۇم…
بۇندىن كىيىن يەنىمۇ تىرىشىپ ،تىخىمۇ يىڭى تىخىمۇ قوللىنىشچان ،تىخىمۇ ئۆزگىچە بولغان مۇشۇنداق ‹ئەپ›لەرنى ياساپ چىقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
كەسمە رەسىملىرى بەك چىرايلىق چىقىپتۇ.بۇنى گوگىل ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرگىلى بۇلامدۇ؟
مەن ئادەتتە گوگىل ئەپ بازىرىدىن يۇمشاق دىتال چۈشۈرىمەن.تور خۇمار كۆچمە نۇسخىسىنىمۇ گوگىل ئەپ بازىرىدىن چۈشۈرەلىسەم بەك ياخشى بۇلاتتى.
ناھايىتى قالتىس بوپتۇ، خەت نۇسخىسى شۇنداق چىرايلىق. مەن ئايفون 5 تە تەپسىلىي سىنىدىم، باش بەتتىن باشلاپ تېما مەزمۇنىغىچە، ئىنكاستىن ئىنكاس يېزىشقىچە شۇنداق نورمال ھەتتا يانتۇ ئېكران ھالىتىمۇ شۇنداق يېقىشلىق… قۇلۇڭلارغا دەرد كەلمىسۇن. تور خۇمار يەنىمۇ قاتتىق خۇمار قىلىدىغان بولدى-دە!
پاھ بىر ئىنكاس قالدۇرۇپ قويسام ئايفون 5 كە ئاتاپلا خەتلەرنى ئۆزگەرىتكەندەك ! شۇنداق نورمال قوللارغا دەرت كەلمىسۇن ؛
ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى يەنە بىر نەتىجە !!!
بارىكاللا قىرىندىشىم.
تېخىمۇ تىرىشىڭ!!!!
قالتىس ئىش بوپتۇ جۇمۇ ،مىنىڭ ئاندىرئىد تېلىفۇنىمدىمۇ خەتلەرنى بىنۇرىمال چىقىۋالىدى.4.04نەسىرى ئىدى .3-4 قۇر نورىمال ھېچقانداق چاتاق يوق خەت نۇسخىسىمۇ چىرايلىق ،ئارىسىدىكى بىر قۇر خەتنىڭ سۇزۇق تاۋۇش ھەرىپلىرى كاتەكچە
بۈگۈن تىلفۇنۇمدا تورخۇمارغا چىقسام باشقىچە تۇرىدۇ ، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي تازا سەپ سېلىپ قارىسام تورخۇمارنىڭ كۆچمە نۇسقىسىكەن ، ئاللا ئاللا بەك كاتتا ئىش بوپتۇ بۇ ، كۆچمە نۇسقىسى بەك چىرايلىق ھەم قولايلىقكەن ، 360نىڭ تور كۆرگۈچىسىدە چىققان ، ئۇيغۇرچە خەت دىگەن شۇنداق كۆركەم ، ھە راس ما ئىنكاسنى تىلفۇنۇمدا يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن مانا ، كومپىيوتىردا چىقىپ قالسام ئىلان دىگەننى تازا چىكەپ بىرىمەن سىلەگە
Windows phone7.5 دا نورمال چىقتى (خەت شەكلىنى ھېسابقا ئالمىغاندا)،سۈرئەتمۇ تېز.
مۇبارەك بولسۇن، ئاپلىسىن باغچىسى (aplisin.com) نىڭمۇ يانفۇن نۇسخىسى بار، تورداشلار كۆرۈپ بېقىڭلار
مۇبارەك بولسۇن!
بۇ بىر app مۇ ياكى html5 مۇ؟؟؟؟
ۋاھ..رەھمەت سىلەگە.تورخۇمارنەڭ ئالما مەشغۇلات سىستمىسىنى ئشلىتپ چۈشۈمگە كىرىپ قاپتىكەن،ئاخرى رىياللىققا ئايلىنىپتۇدە…ھى ھى ھى
مىنىڭكىدە خەت نورمال ئەمەس، ھىچنىمە تونىتمىغان، ئاندىرئىد ئىدى، قانداق نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى ئۇقالمىدىم، يىڭى ئالغان HTC G7 ئىدى.
دۇنيا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم – بۇ بىر ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ ، سىلەگە تەششەككۈر تېخىمۇ تىرىششىىڭلانى ئۈمۈد قىلىمەن .
بۇ كاتتا ئىشتىن ئەجەب خەۋەرسىز قاپتىمىنا؟!
مۇبارەك بولسۇن، ئەزىزلەر!
بۇ يېڭى لوغەت چىخمىدىغۇ ؟؟؟؟؟؟؟
بۇ بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ، قۇشۇپ بىرتال ئەپ ياسىۋەتكەن بولساڭلار تېخىمۇ قالتىس ئىش بولۇپ كىتەركەن.
تۇرمىدىن قاچۇرۇلمىغان ئايفون 5 تە ھەر قېتىم تورخۇمارنى ئاچسام ئاستىدىن «بۇ بەلگىنى بېسىپ تورىۇمارنى ئۈستەل يۈزىگە چىقىرىۋېلىڭ »دىگەن ئاگاھلاندورۇش چىقىۋالىدۇ ، سېستىمىنى 6.1 گە كۈتۈرۈشتىن بورۇن ئۇنداق ئەمەس ئىدى . ياكى مەن بەك سەزگۈر بولۇپ كەتتىممۇ قانداق،ئەمما بۇ خۇددى شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كىنوغا قىستۇرغان ئېلانىدەك ھېس قىلىپ قالدىم ،بولمىسا ئايكوننى ئاللىقاچان ئۈستەلگە چىقىرىپ قويغان .بەلكىم ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەندىمەن ،ئەگەر ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرىۋېتىڭلار ؛
خەت شەڭكلى نورمال ئەمەس، بەزى يەرلىرى نورمال، بەزى يەرلىرى بىنورمال
مىنىڭ 4s ئىدى خەتنى چوڭايتىپ كۆرگىلى بولمايدىكەن خەت كىچىك بولغاچقا كۇزۇم ئاغرىپ كەتتى
ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، بەت شەكلى شۇنداق چىرايلىق… لىكىن مېنىڭ تېلفۇنۇمدا باشتا كىرگەندە ھەممە خەت شۇنداق نورمال لىكىن بەت ئېچىلىپ بولۇپلا بەزى ھەرىپلە نورمال ئەمەس. تېلفۇنۇم خۇاۋېي ت 8833 ئىدى، نەشىرى 4.04 ئىدى.
ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، بەت شەكلى شۇنداق چىرايلىق… لىكىن مېنىڭ تېلفۇنۇمدا باشتا كىرگەندە ھەممە خەت شۇنداق نورمال لىكىن بەت ئېچىلىپ بولۇپلا بەزى ھەرىپلە نورمال ئەمەس. تېلفۇنۇم خۇاۋېي ت 8833 ئىدى، نەشىرى 4.04 ئىدى.
مىنىڭ قۇلۇمدا نوكىتا 5800با خەتلەر شۇنداق چىرايلىق سىمبىيان سىستىمىسى ئوپىرا موبىيلى قاچلىغان شونىڭدا كۈرۈۋاتمەن ھەم يىزىۋاتمەن بو تلفۇن بوممىسا يىشىگلىك ئەمەس تىخنىكاڭلا خىلى بوپقۇيدىكەن جۇما تور خۇمار دىكىلەر
لىكىن بىر ئش ئالما 5تە نوكىيادەك چىرايلىق چىقمايدا ئاچچىغىدا ئاغىنەم ئلما تىلپۇنسىنى نەچچىنى تللىۋەتتى