پەرىشان يىگىت رونالدونىڭ پاجىئەگە تولغان دۇنياسى
رونالدو ۋە مېسسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۇنياۋى توپچىنى، بۈگۈنكى دەۋردىكى دۇنيا پۇتبولىنىڭ ۋەكىللىرى دەپ قاراشقا تامامەن بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئىككى توپچى ئارىسىدىكى ھېكايەتلەرگە قىززىقىدىغان توپ مەستانىلىرىمۇ نۇرغۇن. تۆۋەندە كرىستىيانو رونالدو ۋە مېسسى ئوتتۇرىسىدىكى بىر قىسىم ئىشلارنى ئەسلەپ ئۆتەيلى…
خان مادرىد كۇلۇبىغا قوشۇلۇپ مىسسى ۋە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ پۇتبول دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىماقچى بولغان كرىستىيانو رونالدو ئۆتۈپ كەتكەن تۆت يىل داۋامىدا ھېچقانداق نەتىجە يارىتالماسلىقتىن ئۇدا ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلونادىن ئىسپانىيە پادىشاھلىق لوڭقىسى، ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونلۇقىنى تارتىۋىلىشقا، مۇسابىقە داۋامىدا ئۆزىنىڭ شانلىق ئىش-ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ مېڭىشقا يۈزلەندى. ئەمما مىسسى بىلەن بولغان كۈچ سىنىشىشتا، رونالدو «سانلىق مەلۇماتلاردا مۇۋاپپىقەت قازانسا، شان-شەرەپتە ئۇتتۇرۇپ قويۇش» ۋە «شان-شەرەپتە ئۇتسا، سانلىق مەلۇماتلاردا ئۇتتۇرۇپ قويۇش» ئارىسىدا تەمتىلەپ يۈردى، مىسسى بولسا ئۇدا تۆتىنچى قېتىم «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا يۈزلەندى. 2012-يىلى ئەسلىدە رونالدونىڭ مىسسىنىڭ مونوپۇللۇقىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان بىر يىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىنتى، ئەمما «پەرىشانلىق» تىن كېيىن ۋە «ئىچكى قالايمىقانچىلىق» تا قالغان خان مادرىد سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى، ھالبۇكى مىسسى بولسا بىر يىلدا 91 توپ كىرگۈزۈشتەك رىكورتى بىلەن دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك شەخسكە ئايلاندى. مىسسىغا يولۇققاندىن بۇيان، رونالدو ئۆزگەرتىش قىيىن بولغان «پاجىئەلىك دۇنيا» غا كىرىپ قالدى.
تۆت يىل بۇرۇن رونالدو قۇتقازغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن خان مادرىدقا يېتىپ كەلگەندە، دۇنيادىكى بىرىنچى شەخس بولۇپ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يەتكەندەك بولغانىدى.
ئەينى ۋاقىتتىكى 96 مىليونلۇق باھا دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى باھا بولۇپ، 80 مىڭ كىشى قاتناشقان قوشۇلۇش مۇراسىمى رونالدونىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى ئورنىنى ئىسپاتلاپ، باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنىلا ئويلايدىغان ئارزۇسىنى قاندۇرغان.
بۇ يەردىكى كىشىلەر 2008-يىلىدىكى «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» نى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ، ئوخشاشلا رونالدو ئىسىملىك بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپاننىڭ خان مادرىدنى يېتەكلەپ ئۇدا ئۈچ نۆۋەت چىمپىيون بولغان بارسېلونا كوماندىسىنى ئۇتۇپ، كۇلۇب تارىخىدىكى 1-قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىشتى.
ئاجايىپ مەغرۇر ۋە ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغان رونالدو 80 مىڭ مەستانىنىڭ قىقاس-سۈرۈنلىرىگە قوشۇلۇپ «مەن ئاخىرى خان مادرىد كۇلۇبىغا قوشۇلۇش ئارزۇيۇمغا يەتتى» دەپ ۋاقىرىغانىدى. ئەينى چاغدا، ئۇ كۆڭلىگە مانچىستىر كۇلۇبىدىن ئايرىلىپ، يېڭى كوماندىسىغا تۆھپە قوشۇشتەك ئۇلۇغۋار ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈتكەنىدى، بەلكىم ئۇ مەلۇم بىركۈنلەردە ئۆزى ئىزچىل ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان يەردىن ئايرىلىپ، ئۆز ئۆيىگە، مانچىستىر كۇلۇبىغا قايتىشنى ئارزۇ قىلىپ كېتىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولىشى مۇمكىن.
شۇنداق قىلىپ 9-نومۇرلۇق جەڭ كىيىمىنى كىيگەن رونالدو ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنگەن ھالدا خان مادرىدتىكى كەسپىي ھاياتىنى باشلىدى.
ھالبۇكى ئەينى ۋاقىتتىكى خان مادرىدنىڭ غوجىسى بولغان لائۇر يەنىلا ئەڭ قەدىرلىك ھېسابلىنىدىغان 7-نومۇرنى ئىگەللەپ تۇرغانىدى.
كىشىلەر رونالدو ۋە كاكادىن ئىبارەت ئىككى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسىگە ئىگە بولغان خان مادرىدنى بارسېلوناغا قاتتىق زەربە بېرەلەيدۇ، دەپ ئويلاشقانىدى.
ئەمما ئۇنىڭ بەختسىزلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۈشمىنى «دۇنياۋى كوماندا» دەپ ئاتىلىدىغان ھالغا يەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ «دۇنيانىڭ غوجىسى» بولۇش ئارزۇلىرىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى.
ھالبۇكى، بۇ دەل رونالدونىڭ خان مادرىد كوماندىسىغا قاتنىشىغا سەۋەب بولغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، چۈنكى ئۇ بارسېلونانىڭ 10-نومۇرلۇق ئەزاسىدىن ئۆچ ئالماقچى، چۈنكى مىسسى بارسېلونانى يېتەكلەپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى مانچېستىر كۇلۇبىنى ئۇتىۋالغانىدى.
2009-يىلى 27-ماي كۈنى، رىم شەھىرىنىڭ ئولىمپىك پۇتبول مەيدانىدا مىسسى بىر كاللا توپ بىلەن مانچىستىرنىڭ چىمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى.
شۇنداقلا رونالدونىڭ «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى، بۇ ئۇنىڭغا قاتتىق ئەلەم بولدى.
ئەزەلدىنلا مەغرۇر ۋە ھاكاۋۇرلۇقى بىلەن نام چىقارغان رونالدو تېخى بىر يىل بۇرۇنلا ئۆزىگە ھەۋەس قىلىپ يۈرگەن مىسسىنىڭ بىردىنلا ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىنى قانداقمۇ قوبۇل قىلالىسۇن؟
ئەمما، بارسېلونا داۋاملىق خان مادرىدنى بېسىپ چۈشكەندە، رونالدو يەنىلا ئامالسىزلىق ئىچىدە ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا مەجبۇر بولدى.
مىسسى بولسا كاسىللاسنىڭ مۇداپىئەسىنى توختىماي بۇزۇپ تاشلاۋەردى. خان مادرىدقا قوشۇلغان بىرىنچى مۇسابىقە پەسلىدە رونالدو ھېچقانداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى.
شۇ يىلىدىكى مىسسى «دۇنيانىڭ غوجىسى» غا ئايلىنىپ، ھاياتىدىكى بىرىنچى قېتىملىق «ئالتۇن توپ» قا ئېرىشتى، ئۇ ۋاقىتتا مىسسى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار ئارىسىدىكى قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى، رونالدو بولسا بىر بۇلۇڭدا قايىل بولمىغان ھالدا شۈمشىيىپ تۇرۇپ قالدى.
2012-يىلىنىڭ ياز پەسلىدە، مۇرىنىئو قۇتقۇزغۇچى سالاھىيىتى بىلەن خان مادرىدقا يېتىپ كەلدى، رونالدو مۇرىنىئونىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ۋەزىيەتتە ئۆزگەرتىش پۇرستىمۇ يېتىپ كەلدى، دەپ قارىغانىدى، ئەمما ئويلىمىغاندا، شۇ ۋاقىتتىكى بىرىنچى مەيدان دېربىدىلا خان مادرىد بارسېلونادىن بەش توپ يەپ قاتتىق نومۇس ئىچىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى، بۇ بەش توپ رونالدونىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ھاقارەت بولۇپ قالدى.
ئەمما ئۇنىڭ مەيداننىڭ سىرتىدا تۇرغان گۇئاردىئولانى ئىتتىرىۋېتىشى چىدىماسلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالدى.
7-نومۇرلۇق جەڭ كىيىمىگە ئاخىرى ئېرىشكەن رونالدو يارىلانغان يىرتقۇچتەك ئۆزىنى ئۇيان-بۇيان ئېتىپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، بەكمۇ تىت-تىت بولۇپ كەتكەنىدى.
رونالدو ئۆزىنىڭ يېنىدىن قىن-قىنىغا پاتماي يۈگۈرۈپ ئۆتۈپ تەبرىكلەۋاتقان مىسسىغا قاراپ گۇمان ئىچىدە «مەن راستىنلا مۇشۇ پاكىنەككە يېتەلمەمدىم؟» دەپ خىيالغا پاتتى.
نېمە ئۈچۈن ئۇ شۇنداق ئاسانلا توپ كىرگۈزۈپ، شۇنچە ئاسانلا خوشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ، ئەمما مەن شۇنچە تىرىشساممۇ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيمەن؟
ئۇ يىلى بارسېلونا پەقەت قوش چىمپىيونلۇققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، مىسسى ھاياتىدىكى ئىككىنچى ئالتۇن توپقا ئېرىشتى، رونالدو بولسا يەنىلا چېكىنىش يولىدا جان تالىشىپ قالدى.
يېڭىلگىنىگە قەتئىي تەن بەرمەيدىغان رونالدو ئىزچىل مەسىخىرىلەر ۋە گۇمانلار ئارىسىدا قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشىنى داۋاملاشتۇردى، ئۇ ئاخىرى ئازغىنە بولسىمۇ ئۈمىد نۇرلىرىنى كۆرگەندەك بولدى، يەنى 2011-يىلى پادىشاھلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسىدە ئۇ بىر كاللا توپ بىلەن بارسېلونانى «ئۇجۇقتۇردى».
شۇ دەقىقىدە رونالدو تۇنجى قېتىم خان مادرىدنىڭ بارسېلونانى «ئۇجۇقتۇرۋېتىش» دىكى قەھرىمانىغا ئايلاندى.
مۇرىنىئونىڭ خان مادرىدتى بىرىنچى مۇسابىقە پەسلىدە بارسېلونانىڭ قولىدىكى بىرىنچى چىمپىيونلۇقنى تارتىۋالدى: پادىشاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقى.
ئەمما ئۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئەڭ يۇقىرى شان-شەرەپ بارسېلوناغا مەنسۇپ بولۇپ كەتتى، ئۇلار بىرلەشمە مۇسابىقە ۋە ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە خان مادرىدنى ئۇتۇپ چىمپىيون بولدى، ئۇ يىلى دۇنياۋى كوماندا بىر مۇسابىقە پەسلىدىن يەنە بىر قېتىم بەش چىمپىيونلۇققا ئېرىشىش شەرىپىنى قولغا كەلتۈردى.
مىسسىمۇ ئۇدا ئۈچ يىل ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، تارىختىكى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئەڭ كۆپ ئېرىشكەن دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ «دۇنيانىڭ غوجىسى» لىق ئورنىمۇ بارغانچە مۇستەھكەملىنىپ كەتتى.
ئۇدا ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە مىسسى تەرىپىدىن «بېسىلىپ» قالغان رونالدو دۆلەت دېربىسىدا ئۆزىنىڭ ئەسەبىيلىكىنى ئاشكارىلاپ، باش رولچىغا ئايلىنىپ قالدى.
2012-يىلى ئۇ خان مادرىدنىڭ تارىخىدىكى بارسېلوناغا كەينى-كەينىدىن ئالتە توپ كىرگۈزۈشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنىڭ تاماملىغان باش قەھرىمانغا ئايلاندى، شۇندىلا ئۇنىڭ دۆلەت دېربىسىدا توپ كىرگۈزەلمەيدىغانلىقىنى مەسخىرە قىلىدىغانلارنىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ قالدى، شۇنداقلا مىسسى بىلەن بولغان بىۋاستە قارشىلىشىش جېڭىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە باشلىدى.
خان مادرىدتىكى 3-مۇسابىقە پەسلىدە، رونالدو ئاخىرى بارسېلونانى «تەخت» تىن چۈشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، 2011-، 2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە خان مادرىد ھەتتا تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك ھالەتكە يەتتى دەپمۇ قارالغان.
2012-يىلىدىكى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىسىقىدىكى خان مادرىد بىلەن بارسېلونىڭ جېڭىدە رونالدو يەنە بىر قېتىم بارسېلونانى «ئۇجۇقتۇرۇپ»، ئۆزىنىڭ 1-قېتىملىق دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، بارلىق شەيئىلەر شۇنچە گۈزەللىشىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، رونالدونىڭ مىسسىنىڭ ئىككى يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغىنىغىمۇ ئاز قالغانىدى.
ئەمما ياۋروپادىكى ئەڭ نادىر پۇتبولچى نامى ئىنىستاغا مەنسۇپ بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، رونالدونىڭ باشقىلارنىڭ نۇرى ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالىدىغان «تەلەيسىزلىك» ى يەنە باش كۆتۈرۈپ چىقتى، ئۇ مىڭ تەسلىكتە مىسسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما يېرىم يولغا كەلگەندە ئىنىستا «پۇتلىكاشاڭ» بولۇپ قالدى.
ئۇ خان مادرىدنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئالتۇن توپنى تالىشىشىنى قوللىماسلىقىنى قوبۇل قىلالمىدى، ھازىرقى كىرىمىدىن رازى بولمىدى، ئۇ كىرىم، شان-شەرەپ قاتارلىق جەھەتلەردە، ھەممە-ھەممىدە مىسسىنى بېسىپ چۈشۈشنى ئارزۇ قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ خان مادرىدنى يېتەكلەپ گرانادانى 0 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن ئۇتىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ناھايىتى پەرىشانلىقىنى ئاشكارىلاپ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.
ئەمما رونالدو بۇ خىل پوزىتسىيىسىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، خان مادرىد سېۋىللاغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن باشلاپ مەغلۇبىيەت پاتقىغا پېتىپ قالدى.
كوماندىنىڭ «ئىچكى ئۇرۇش» ىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ چەكسىز كۈچ-قۇدرىتىدىن قالدى ۋە ئۈمىدسىزلىنىپ، ئاخىرىدا ئۈمىدىنى بىراقلا يوقىتىپ قويدى.
خان مادرىد مالاگا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن بارسېلونادىن 16 نومۇر كەينىدە قالدى، بۇ ھەم بارسېلونانىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ نومۇس، ئەڭ چوڭ ھاقارىتى بولۇپ قالدى.
مىسسى بولغان پۈتۈنلەي پارلاق نۇر چاچقان بىر يولغا چۈشۈپ، پۇتبول تارىخىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ھۇجۇمچىغا جەڭ ئېلان قىلدى.
ئاخىرىدا مىسسىنىڭ رىكورتى بىر يىلدا 91 توپ كىرگۈزۈشتەك نەتىجىدە توختىدى.
مانا بۇ پۈتۈن ئىشتىياقىنىڭ پۇتبول تېپىشقىلا بېغىشلىغان مىسسىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، ئۇ پەقەت پۇتبولغىلا ئىنتىلىدۇ، شۇڭا ئۇ ھەرۋاقىت شان-شەرەپلەرگە مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى.
شۇڭا مىخانىك جەڭچى رونالدو پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن پۇتبول تېپىدىغان مىسسىغا يولۇققاندا قايتا-قايتا مەغلۇب بولدى.
شۇڭا رونالدو پەرىشانلىققا چۆمگەندە، مىسسى پۇتبولنى پۈتۈن خوشاللىق دەپ قارىدى، نام-ئاتاققا ئۆزىنى ئۇرمىدى.
شۇڭا رونالدونىڭ مىسسىنى بېسىپ چۈشۈش ئارزۇسى قايتا-قايتا كۆپۈككە ئايلاندى.
مىسسىنى بېسىپ چۈشۈشتىن…….
بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ھەرقانچە قىلىپمۇ مىسسىغا يېتىشەلمەسلىككىچە…….
رونالدونىڭ بۇ تۆت يىللىق ھاياتىنى قانداقمۇ «پاجىئەگە تولغان» دەپلا خۇلاسىلەيمىز؟
رونالدونىڭ مىسسىغا يولۇقۇپ قېلىشى «ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ تەلەيسىزلىك» ىمۇ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: پۇتبول، چولپان، مۇسابىقە
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,928 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ronaldo-world.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دۇنيادىكى ئەڭ قاتىل قول چىراق – توخۇ كاۋىپى يېگۈمىز كەلسە مۇشۇ قول چىراققا قاقلىساقلا بولغۇدەك!
- كېيىنكى يازما > يىڭى يىللىق كاتتا سوۋغا | تورخۇمارلار كۇلۇبى كۆچمە نۇسخىسى رەسمى ئېلان قىلىندى
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- مېسسى يېڭى يىلدا ياپونغا بېرىپ بىر تۈرلۈك رېكورد تاماملىۋېتىپ كەپتۇمىش
- Nike ئەڭ يېڭى پۇتبول كارتون ئېلانى! فەچەتلىكتە دوستسىز قالغان ئېلان بوپتۇ بۇ!
- دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللار پائالىيەت قوللانمىسى
- 2014 Nike دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاۋات ئېلانلىرىنىڭ بىرى – تەۋەككۈل قىلىش
- خەلقئارا شاھمات شاھى بىلگەيتېسنى شاھماتتا 79 سكونتتا ياساپ قويۇپتۇ
- ۋەھشەت ئويناپ قويغان كوچا پۇتبولى! توپ دېگەن پۇتقا چاپلىشىپلا تۇرىدىكەنغۇ بۇلارنىڭ؟!
- مۇسابىقە مەيدانىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاشۇ كىشىلەر، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مىنۇتلار
- ھەقىقىي پۇتبول 2014
- بارسېلونانىڭ قاتار ئاۋىئاتسىيىگە ئىشلەپ بەرگەن ئېلانى، قالتىس چىقىپتۇ! بولۇپمۇ كوماندا باشلىقى تېخىمۇ ئاقسا چىقىپتۇ!
پۇتبۇلنى سۆيىمەن دىۋاننىمۇ شۇ
دىۋان دەۋىلىش شۇنچە چوڭ ئىشما؟ تىمىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى يازساقلا بولدىغۇ.
كەچۈرۈڭ ئادەم سارس بولۇپ قالسا مۇشتا دەلتە بوپ، ئېگىز پەس گەپ قىلىپ سالىمىش….
پۇتبۇل توغرىسىدا خىلى ساۋاتلىق بولۇپ قالدىم ، ئاپتۇر ھارمىغاي….
نەفىسە قىز بىلەن ئىككىمىز ئولتۇرىدىغان ئوخشايمىزدىۋاندا پۇتبۇل تىپىمەن دەپ كىچىكىپ قاپتىمەن دە شۇنداق بولسىمۇ ئولتۇرۇپ تۇراي
مۇشۇ چەتئەل توغۇرلۇق ئانچە جىق نەرسە بىلمەيمەن، ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراۋىلىپ جىق بىلىملەردىنمۇ قۇرۇق قالغان ئادەممەن.
ئۇنىڭ تەلىيى راستىنلا بىرئاز كاج …
ئەڭ ياخشىسى كونا كوماندىسىغا قايتسۇن …
جاھانغا ئىككى خان سىغمايدۇ ئەمەسمۇ~
ما يازما لېكىن پەچەت يېزىلىپتۇ تىنماي ئوقىۋەتتىم ، مىسسىنى ياقتۇرمەن چوڭ سۈپەت ، تەمكىن …
س رونالدونى بەك چۈشۈرۋەتتىمۇ يا!؟
مىسسسى ھەقىقەتەن تالانت ئىگىسى، قول قويىمەن
مەنغۇ كىچىك رونالدوغا ئامراق ئىدىم …لىكىن بۇ ئاداش ھاكاۋۋۇركەن ئەمەسمۇ….تەلىيى يەنە كىلىپ قالار…تەلىيى كىلىشىنى ئۈمۈد قىلمەن .
ھەرقانداق كەسىپتە مۇشۇنداق رىقابەت بولمىسا تەرەققىي قىلمايدۇ ھەم قىزىمايدۇ.
IT دە مىكروسوفىت بىلەن ئالما بولمىسا بولمىغىنىدەك
مىسسسى ئەجەپ ماختاپ كىتىپسىزغۇ، يەنە بىر نۇقتا ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ ئىنىستا بىلەن شاۋىي بۇلمىسا بۇ ئاداش ھازىرقىدەك نام چىقىرالمايتى، بىر مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرسەكلا كۇپايە…
ئانچە بىلىپ كەتمەيتىم،خېلى ساۋاتلىق بوپ قالدىم
.يېزىش ئۇسلۇبىڭىزنى ياقتۇردۇم
.ئاپتورغا ھەشقاللا