FireFox ئوتتۈلكە تور كۆرگۈسى Android يانفون نەشىرى رەسمى ئېلان قىلىندى!
FireFox بولسا كومپيۇتېردا خىزمەت قىلىدىغان مۇنەۋۋەر تور كۆرگۈنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا تەدبىركارغا ئوخشاش نەچچە مىليوندىن ئارتۇق ئىخلاسمەن ئىشلەتكۈچىلىرى بار. ھالبۇكى بۇ قېتىم، FireFox ئاخىرى Android يانفون سۇپىسىدىكى نەشىرىنى رەسمى بازارغا سالدى. سىز بۇ Android نۇسخىدىكى FireFox تور كۆرگۈسى ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى FireFox تا ساقلىۋالغان ساقلانمىلىرىڭىز، زىيارەت خاتىرىسى ۋە پارول قاتارلىقلارنى ماس قەدەمدە ئىشلىتەلەيسىز…
Android نەشىردىكى FireFox نىڭ چىقىشى بىلەن، ئەمدى سىز مەيلى قەيەردىلا بولۇڭ، ئۆزىڭىز ئامراق تور بېكەتلەرنى، شۇنىڭدەك زىيارەت خاتىرىسى ۋە پارول، خەتكۈچ قاتارلىقلارنى يانفونىڭىزدىمۇ خالىغانچە زىيارەت قىلالايسىز، سىتىۋ جوبزنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، پۈتكۈل تور بېكەتنى ئالقىنىڭىزغا يىغىسىز دېگەن گەپ! ئۇنىڭدىن باشقا Android سۇپىسىدىكى ئوتتۈلكە تور كۆرگۈسىدە سىز يەنە Android نىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق ئېكران(Awesome Screen) ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيسىز، ئېكراننى يېنىكلا بىر سېرىپ قويۇش ئارقىلىق بەت ئۆرۈش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز. كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرىدىغىنى شۇكى، FireFox نىڭ Android نەشىرى ئاجايىپ يۇقىرى دەرىجىدە DIY قىلىش(نېمە دەيمىز بۇ گەپنى؟) ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، سىز پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە تەۋە بىر دانە Android تور كۆرگۈسى ياسىۋالالايسىز!
ئەڭ مۇھىمى شۇكى: بۇندىن كېيىن يانفونىڭىزدا تورخۇمار ۋە تەدبىركار بلوگلىرىنى ئەڭ ئېسىل ھالەتتە زىيارەت قىلالايدىغان بولدىڭىز! ئۇنداقتا نېمىگە قاراپ تۇرىسىز؟ دەرھال ئەتراپىڭىزدىكى Android ھەۋەسكارلىرىغا تەۋسىيە قىلىشنى باشلاڭ!
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
FireFox نىڭ Android نەشىرى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: Android,FireFox,توركۆرگۈ,يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 454 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 11-كۈنى
- يازما مەنزىلى: firefox-android.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئېلىمىز جۇڭگودىن يىراق قىرلارغا يېتىپ كەلگەن سېھىرلىك قاتتىق دېسكا…
- كېيىنكى يازما > ئۇ بىر تالانت ئىگىسى ھەم تەلۋە CEO، ستىۋ جوبزنىڭ ئىشخانىدا دائىم دەيدىغان كلاسسىك سۆزلىرى…
تەدبىركار ئەپەندىم ماۋۇ يازمىنىڭ سۆزلىرىنى ئەمما ئالامەت (感觉) نېمە دەيمىز ماۋۇ گەپنى ، دەل مۇشۇنداق يېزىۋىتىپتۇ جۇمۇ
ئەپسۇس مېنىڭ تېلىفۇنۇم ئالمىدە
يېقىندىن بىرى كۈزەتسەم ساپلا Android توغۇرلۇقلا گەپلەر ، ئەتە – ئۆزگۈن بۇ نەرسە ئالمىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتمەس ھە
تەدبىركار ئەپەندىم ئۇنداق قىلماي ئالما – ئامۇت توغۇرلۇق يازمىلارنىمۇ يوللاپ قويالا ، ئايفون توغۇرلۇق يازمىلار بەك ئازلاپ كەتتى مۇشۇ كۈنلەردە ، سىتۋجوبىز قارىمنىڭ كۆڭلىگە كېلىپ قالمىسۇن يەنە
تەدبىركار ئۇنداق قىلالمايدۇ، تەدبىركار ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىشى تۇرسا ئۇ!
ماۋۇ تىمىنى ئىلاندەكلا ھېس قىلىپ قالدىم لېكىن …
ئاندرويدنى ماختاۋېرىپ ئالما ئېلىش خىيالىمدىن ۋاز كەچتۈرۋېتىدۇ مۇشۇ خەق تا بىر كۈنى
ياخشىغۇ…
تور خۇمار مۇشۇنداق قىلىۋەرسە سىتۋجوبىز قارىم تورخۇمارنى ئىشتىن بوشىتىدۇ . ئالمىنى داڭلىمىدىڭ دەپ
X10نىمنىڭ توركۆرگۈچىسى تىخىمۇ تىزلىشىدىغان بولدىدە؟!ئۇيغۇرچىنى تونىمىسا ئىشلەتمەيمەن!
مەنمۇ ئالما4 نى سېتىۋەتتىم ئەمەسمۇ ؟
android ئېلىش خىيالىم بىلەن
مۇنۇ گەپنىڭ دەھشەت 杀伤力 سى باركەن
مەن يەنىلا ئالما ئالايمىكى
ئالمىدىن ھوزۇرلانسىڭىزلا بۇلىدۇ .
ئەمەلى پايدىلنىش قىممىتى بەك تۈۋەن. ئالما شىركىتىنىڭ تۈرمىسىگە كىرىپ قالغاندەكلا ھېس قىلىسىز .
iphone,ipad ئىككىلىسىنى ئىشلىتىپ باققاندىن كىيىنكى تەسىراتىم .
نەقىل:
‹‹مەن يەنىلا ئالما ئالايمىكى ››
ئالما ئالسىڭىز تۈرمىدىن قانداق قاچۇرۇپ بولالايسىز، سەھرالىق!
مەن ئاللىقاچان قاچىلاپ سىناپ كۆردۈم، بۇ توركۆرگۈچتە مۇشۇ تورخۇمار، قۇتيار يەنە 2-3 توربەتتىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر مۇشۇ كومپيۇتېردىكىگە ئوخشاشلا شۇنداق چىرايلىق شۇنداق نورمال كۆرۈندى، بىراق، ئۇلىنىش، بىلىك قاتارلىق كۆپىنچە تور بىكەتلەردە يەنىلا ‹ ۇ، ې ، ى قاتارلىق ھەرپلەر نورمال ئۇلانمايدىكەن…
قارىغاندا تورخۇمار بۇرادەر ئۆزىنى تونۇغاننى تونۇتاي دىدىمۇ نىمە…؟