IE9 تېخى ئومۇملاشماي تۇرۇپلا IE10 ئېلان قىلىنىپتۇ!(Internet Explorer 10 Platform Preview)
IE9 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن بولمايلا، مىكروسوفت يەنە MIX11 يىغىىدا كېيىنكى ئەۋلاد تور كۆرگۈ IE10 نى كۆرگەزمە قىلىپ ئۆتتى ۋە IE10 كاندىدات نەشىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، IE10 نىڭ ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمىدە، IE10 پەقەت Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىسىنى قوللايدۇ دەپ ئىزاھلانغان بولۇپ، Vista نى قوللىمايدىكەن. IE ۋە مىكروسوفت تېخنىكىلىرىنى قوغلاشقۇچى تورداشلار بىر سىناپ باقسا بولغۇدەك…
مىكروسوفت تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، IE10 مۇ IE9 قا ئوخشاش قاتتىق دېتال ئارقىلىق گرافىك سىزىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش تېخنىكىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، يەنە داۋاملىق HTML5 ۋە CSS3 نى ياخشى قوللايدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا Web پروگراممېرلىرى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان CSS نىڭ بىر قىسىم خاسلىقلىرى، مەسىلەن، CSS3 تىكى Gradients ۋە Flexible Box Layout قاتارلىقلارمۇ IE10 دىكى CSS موتورىغا مۇجەسسەملىنىپتۇدەك.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
IE10 كاندىدات نەشىرى | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: IE، توركۆرگۈ، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,218 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 17-كۈنى
- يازما مەنزىلى: ie10-preview.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > XP ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئەمدى ھەرگىزمۇ Win7 نىڭ ئاشۇ چىرايلىق كۆرۈنمە يۈزىگە تەلمۈرۈپ ئولتۇرمايسىز!
- كېيىنكى يازما > ئۈچىنچى ئەۋلاد Maxthon تور كۆرگۈسى يېتىپ كەلدى، Maxthon 3.0.22 رەسمى نەشىرى!
- خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- بىر كۇنۇپكا بىلەن تور بېكەتلەردىكى مەزمۇن كۆچۈرگىلى بولماسلىق/مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- ئۇيغۇرچە Windows 8 سېتىۋالالمىغانلارغا يەنە بىر پۇرسەت – ھەقىقى نەشىردىكى 8 Win يەنىلا 250 سوم (سانى چەكلىك)
- يېڭى يىلدىكى يەنە بىر خۇشخەۋەر: Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقماقچى!
- بىر تال قىستۇرما ئارقىلىق 优酷/土豆 نىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلىرىنى تەلتۆكۈس كۆزدىن يوقىتىش
- IE 10 رەسمىي نەشىرى – Windows 7 دە ئىشلەيدىغان Internet Explorer 10 تور كۆرگۈسى ئېلان قىلىندى
- مىكروسوفت شېركىتىنىڭ يوقلىمىسى، دۇنياۋى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئاجايىپ تەدبىرلىرنىمۇ ئاڭلاپ باققۇلۇق
- مىكروسوفتنىڭ كۆپ خىل مەھسۇلاتلىرىنىڭ كونا ۋە يېڭى Logo لىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى
Firefox دىن باشقىسى بىكار!
يولداش پرېستان توغرا دەيدۇ!
سىز بىرەر ئىدارىنىڭ شۈجىسى ئوخشىمامسىز، يولداش!!
شۇنداق، يولداش لازا
مەن يەنىلا كىرەمجانغا ئامراق
نىمىدىگەن تىز سۈرەت بىلەن ئىلگىرلەگەن IE لار بۇ مەن تىخى IE9 نىمۇ ئىشلىتىپ باقمىدىم چۈنكى سىستىمام XP ھى ھى ھى!!!
مەن سىناپ باقتىم.بولىدىكەن،ئەپسۇس 9غا قاپلىغىلى بولمايدىكەن.ئەنئەنىۋىي كۆرگۇچكە پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن.پات ئارىدا رەسمى نۇسخىسى چىقسا مەن شۇنىڭغا كۆچىمەن.
مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ لەقىمى خەيرەندە تى سىز شۇنىڭ ئېنىسمۇ قانداق ؟
نىمە بولسا بولاسىز
ھەيران بولۇپ قالەرسىز
كۆچۇڭ م 9 قا
ئىشلىتىپ باقمامسىز
يېڭىلىنىش سەل تىز ھە… ھەممە نەرسە بۇرۇن رەسمىي پىشىپ يېتىلىپ ئاندىن ئېلان قىلىناتتى. ھازىر كىچىككىنە يېڭىلىق بىلەنلا يېڭى بىر نەشىر دەپ…
IE6 نى دەپنە قىلغاندىن كىيىن، جاھاننامىگە بەك كۈچەۋاتامدۇ بۇ خەق
يوۋكۇ دا باشقا تور كۆرگۈچلەر بىلەن سىلىشتۇرمىسىنى كۆرگەنىدىم …تىزدەك قىلىدۇ…
ئەڭ ياخشىسى بارىغا شۇكرى قىلىپ ئولتۇرۇش مىنىڭچە
نوچىسى كىروم كەن جۇما يانا..ئۇيغۇرچە بەتلەرنى نىمانداق ياخشى قوللايدۇ دەيمە! ئەلىپەي نىچۇ تېخى