XP ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئەمدى ھەرگىزمۇ Win7 نىڭ ئاشۇ چىرايلىق كۆرۈنمە يۈزىگە تەلمۈرۈپ ئولتۇرمايسىز!
خۇددى مەزكۇر يازمىنىڭ ماۋزۇسىدىكىدەك، يېقىندا خېلى كۆپ تورداشلاردىن E-Mail تاپشۇرۇپ ئالدىم. تورداشلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، تەدبىركار Windows 7 نى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن مۇتلەق كۆپ قىسىم تورداشلار بۇ سېستىمىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئىشلىتىپتۇ. بولۇپمۇ XP بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق ئىنتايىن زور بولغان يېڭىچە كۆرۈنمە يۈز بۇ تورداشلاردا ئالاھىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپتۇ. بىلىشىمچىمۇ ئارىمىزدا كومپيۇتېر سەپلىمىسى ياكى ئادەتلىنىش تۈپەيلى ھازىرغىچە Windows XP دىن ۋاز كېچەلمەيۋاتقان، Windows 7 گە تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان تورداشلىرىمىز خېلى بارغۇ دەيمەن. ئۇنداقتا بۈگۈن تەدبىركار تونۇشتۇرماقچى بولغان Seven Transformation Pack دەل شۇ خىل ھاجىتىڭىزنى راۋا قىلغۇسى!
Seven Transformation Pack بولسا Windows XP/2003/Vista قاتارلىقلارغا نىسبەتەن قوللىشى ناھايىتى ياخشى بولغان ۋە Windows XP قاتارلىق سېستىمىلارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى Windows 7 گە تەقلىد قىلىپ بېرەلەيدىغان بىر تۈرلۈك يۇمشاق دېتال! ناۋادا سىز Windows 7 گە كۆنەلمىگەن بولسىڭىز ۋە شۇنداقلا Windows 7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ياقتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا Seven Transformation Pack سىزنىڭ سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ. Seven Transformation Pack نىڭ XP نىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى Windows 7 گە تەقلىد قىلىش دەرىجىسى خېلىلا يۇقىرى، ھەتتا Windows 7 دىكى يورۇق نۇقتا – SuperBar يېڭىچە ۋەزىپە ستونىنىمۇ XP گە شۇنداق كۆركەم جايلاشتۇرۇپ بېرەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سېستىمىغا كىرىش كۆرۈنمە يۈزى، ئۈستەل يۈزى تەگلىكى، Win7 ئۇسلۇبى، Win7 سېستىما ئاۋازلىرى ۋە WinFlip قاتارلىق يان قورال ستونلىرىمۇ تەمىنلەنگەن! ناۋادا تېخىچە XP ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ۋاقتىنچە Windows 7 كۆچۈش ئويىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا Seven Transformation Pack ئارقىلىق ۋاقتىنچە Windows 7 نىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇشۇنداق بىر نادىر يۇمشاق دېتالنى قولدىن بەرمەسلىككە يەنە قانداق باھانىڭىز بار؟
ئەسكەرتىش: Seven Transformation Pack نىڭ سېستىمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش دەرىجىسى خېلىلا يۇقىرى، ناۋادا ئەندىشە قىلسىڭىز، سېستىمىڭىزنى زاپاسلاپ قويۇشنى ئۇنتۇمىغايسىز!
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Seven Transformation Pack نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows7، سېستىما، گۈزەللەشتۈرۈش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,263 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 05-كۈنى
- يازما مەنزىلى: seven-transformation-pack.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Windows 7 دە XP دىكىگە ئوخشاش كلاسسىك باشلاش تىزىملىكىنى ئىشلىتىش – Classic Shell
- كېيىنكى يازما > IE9 تېخى ئومۇملاشماي تۇرۇپلا IE10 ئېلان قىلىنىپتۇ!(Internet Explorer 10 Platform Preview)
- پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھەلەنگەن iOS 7 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
- [ئەمدى سورىماڭ!] 32بىت ۋە 64بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى
- Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمىي تارقىتىلدى | ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش
- IE 10 رەسمىي نەشىرى – Windows 7 دە ئىشلەيدىغان Internet Explorer 10 تور كۆرگۈسى ئېلان قىلىندى
- Windows 8 Professional نىڭ RTM نەشىرى ئاشكارىلاندى
- Windows 7 SP1 نىڭ MSDN ئەسلى ھەقىقى خەنچە نەشىرى(تەۋسىيە)
- ھەقسىز سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش قورالى – CCleaner
- Ubuntu 12.04 تارقىتىلدى (كۆرۈنمە يۈزى %93 ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سېستىمىسى)
- Android ئوينايدىغانلار ئۈچۈن تەۋسىيەلىك قورال – ShuaMe | ئەمدى Root قىلىش ياكى ROM يېڭىلاش تەس ئەمەس
- Windows تا PHP مۇھىتى ھازىرلاش | WordPress نى قاچىلاشتىن بىر مىسال
ھاي ھاي دىۋان ھاي دىۋان.
ئۇزۇن بولغان تورخۇمارغا خۇمار بولغىلى،لىكىن بىرەر قىتىممۇ باھا يىزىپ باقمىغان.سەۋەبى قاچان دىۋاندا ئولتۇرسام شۇ ۋاقتتا يازىمەن دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم ،تەڭ كىچدە دىۋاندا ئوغىرلۇقچە ئولتۇرىۋالدىم.
مىنمۇ Win7نىڭ مۇشۇ كۆرۈنمە يۈزى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغان دەسلىۋىدە. كېيىن بارا بارا تېخىمۇ كۈيۈپ قالدىم بۇ سېستىمىغا
دىۋان دەيدۇ، تۆر دەيدۇ،
كىرمىگەنلەر بىلمەيدۇ.
بۇ ھاياتنىڭ پەيزىنى،
دىۋاندا ئولتۇرۇپ سۈرۈۋالغۇلۇق…
****************************
ما شېئىرىمنىمۇ بىر يەردە ئوقاپ يۇرمەڭلار جۇمۇ…
مەنمۇ بىر ئىنكاس يېزىپ باقايچۇ
مەنمۇ مۇشۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن
windows7 نىڭ چىرايىنى winxp ياكى 98 دەك كونىچە ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولسا ئوبدان بولاتتى.
مەن نۇرمال قاچىلاپ ئىشلەتتىم شۇنداق پەيزى ئىكەن.
لىكىن بەزى يەرلىرى ئىنگىلىسچە ئىكەن خەنزۇچىغا ئۆزگەركىلى بولامدۇ مۇشۇ توغۇرلۇق مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز
ۋىندوۋىس 8 نىڭ ئىلان فىلىمىنى تۈنۈگۈن كۆردۈم…ئەگەر بازارغا سىلىنسا سىستىما ئېنقىلابى باشلانغۇدەك جۇما؟!
نەخلا چۇشۇرۇش ئادرىسىنى يوللىۋەتسىڭىز ياخشى بولىتى … مەن چۇشىرىدىغان يەرنى تاپالماي … چۇشىرەلمىدىم …
مەن چۇشۇرگەن ئەمما قاچىليالمىدىم.قاچلاش جەېياندا بىر كۆزنەك چىقۋالدى
ئەمما ، لىكىن ماۋۇ توخۇمار مىنى ئۈزىگە قارىتىۋالدى جۇما، باشقا يەرگە بارماي مۇشۇ يەرگە كىرسەملا ھەممىگە ئېرىشكۈدەكمەن، ئاددىيسى ماۋۇ 4 ياشلىق ئوغلۇممۇ كۈندە بىرەر قېتىم ئويۇن ئويناپ يوقلاپ تۇرىدۇ.
ھا ھا، ئاتا-بالا بىرگە تورخۇمارىڭلىنى بېسىۋېتىپسىلەردە؟
ئىنكاس ياز مىغىلىمۇ ئۇزۇن بولۇپ كېيىپتۇ ئەمەسمۇ!
نېمانچە ئاستا قاچىلايدۇ بۇ؟
ماڭا ياردەم. قاچلىيالمىدىم
بىز ئۈچۈن ھارماي موشۇنداق ياخشى دېتاللار بىلەن تەمىنلىگەنگە كۆپ رەخمەت،لېكىن مەن پېرىستىن يېشىش مەخپى نومۇرىنى ئۇخماي كۆپ جاپا تارتىپ كەتتىم،مالال كۆمىسەڭلا دەپ بەسەڭلا،رەخمەت!
http://www.thememypc.com مانا بۇ نەق چۈشۈردىغان ئادرىس.
يەنىلام XPنى XP بويىچە ،Win7نى Win7 پىتى ئەشلەتكەنگە يەتمەيدىكەن جۇما……. خۇددى چوڭ ئادەمنىڭ چاپىنىنى كىچىك بالىغا كەيدۈرۈپ قويغاندەك بىر قىسمىلا تۇرىدىكەن،ئارلىشىپ كەتسە يا XP غا ،يا Win7 گە ئوخشىمىغان ، يەنىلا‹‹ ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقىچە ››كەن …….. Win7 نىڭ چاپىنىنى XP غا كەيدۈرۈپ نەچچە مىنۇتلا ئىشلەتكەندىكى تەسىراتىم.
ياۋ پانا ………..تورخۇمارغا ئىنكاس يىزىپ مانا بۈگۈن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا تەستىقلىنىپ چىققىنىنى كۆرەپتىمەن…..ھى ھى ھى 2012-11-20=00:34
Seven Transformation Pack بۇنىچۈ شىرەلمىدىم
ئاسانراق چۈشۈرۈش ئۇسۇلى بامۇ
مىنى دوستلۇققا قوشۇۋىلىڭ ، مەندە مانىڭدىكىسىدىنمۇ ئاددىي خۇددى كيۇكيۇ دىتالى قاچىلىغاندەككلا ئاددي قاچىلىدىغىنىدىن بار ،بەئەينى ۋىن7 نىڭ ئۆزى بوپ كەتتى ….. ئادىرسىنى يوللاپ بىرەي دىسەم ئۇزۇن بولدى چۈشۈرگىلى، ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، قوشقاندا ئەسكەرتىپ قويۇڭ ، بولمىسا قوشماي قىلىشىم مۇمكىن ، 1152795857 كيۇ كيۇ …