ئۈچىنچى ئەۋلاد Maxthon تور كۆرگۈسى يېتىپ كەلدى، Maxthon 3.0.22 رەسمى نەشىرى!
Maxthon تور كۆرگۈسىنى ئارىمىزدا ھېلىھەم ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغانلار خېلى كۆپ بولسا كېرەك؟ چۈنكى Maxthon ئەڭ دەسلىۋىدە چىققان IE يادروسىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن، ئىشلەتكۈچىلەرگە قولاي ھەر خىل ئىقتىدارلار، مەسىلەن، ئېلان توسۇۋېتىش، بىر كۆزنەكتە بىر قانچە تور بەتنى تەڭلا زىيارەت قىلىش دېگەندەك ئىقتىدارلار بىلەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مۇتلەق ياقتۇرىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بىر تور كۆرگۈ!
گەرچە ھازىر 搜狗 تور كۆرگۈسى، QQ تور كۆرگۈسىگە ئوخشاش قوش يادرولۇق ئىلغار تور كۆرگۈلەر چىققان بولسىمۇ، بىراق Maxthon نىڭ ئىخلاسمەن ئىشلەتكۈچىلىرى ئىچىدە ھېلىھەم بۇ توركۆرگۈنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقانلار ئاز ئەمەس. نۆۋەتتە Maxthon مۇ 3.0 يېڭى نەشىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يېڭى webkit + IE قوش يادرولۇق قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، پۈتۈنلەي يېڭىچە يادرو ۋە تېز سۈرئەتلىك زىيارەت ھالىتىنىڭ ئۈنۈمى ئاشۇرۇلۇپ، JS ۋە باشقا ئۈنۈملەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تېزلىتىلگەن. ئۇنىڭدىن سىرت، webkit يادروسىدىكى Maxthon 3.0 تېخى W3C نىڭ Acid2 سىنىقىدىن پۈتۈنلەي ئۆتكەن ئىكەن. Chrome ئىشلىتىۋاتقانلار Webkit يادروسىنىڭ سۈرئىتىنىڭ قانچىلىك تېزلىگىنى چوقۇم مەندىن ئوبدان بىلىدىغۇ دەيمەن؟
Maxthon 3.0 دىكى يەنە بىر ئۆزگىلىك، پۈتۈنلەي يېڭىچە بولغان كۆرۈنمە يۈز بولۇپ، كۆرۈنمە يۈزى FireFox 4.0 ۋە Chrome غا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن، ئارتۇق ئىقتىدار ۋە تىزىملىكلەر ئىخچاملاشتۇرۇلۇپ، ئىشلەتكۈچىگە نۆۋەتتىكى تور بەتنى ئەڭ چوڭ رازمېردا راھەت ۋە تولۇق كۆرۈش مۇھىتى تەمىنلىپتۇ. بۇ جەھەتتە Maxthon ئىشلەتكۈچىلىرىنى يەنە بىر مەرتەم ھاياجانغا سالالىغۇدەك!
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Maxthon 3.0.22 نەشىرىنى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: IE، توركۆرگۈ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,363 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: maxthon.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > IE9 تېخى ئومۇملاشماي تۇرۇپلا IE10 ئېلان قىلىنىپتۇ!(Internet Explorer 10 Platform Preview)
- كېيىنكى يازما > پۈتۈنلەي يېڭىچە كۆرۈنمە ئۈنۈم ئىشلەتكەن يېڭى بىر ئەۋلاد 迅雷7.1.8.2294(ئاتەش تۈلكە 4 نى قوللايدۇ)
- خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
- بىر كۇنۇپكا بىلەن تور بېكەتلەردىكى مەزمۇن كۆچۈرگىلى بولماسلىق/مائۇس ئوڭ كۇنۇپكا ئىشلىمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- بىر تال قىستۇرما ئارقىلىق 优酷/土豆 نىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئېلانلىرىنى تەلتۆكۈس كۆزدىن يوقىتىش
- IE 10 رەسمىي نەشىرى – Windows 7 دە ئىشلەيدىغان Internet Explorer 10 تور كۆرگۈسى ئېلان قىلىندى
- IE نىڭ يېڭى ئېلانى: ئاشۇ يىللاردىكى بىز كەمسىتكەن تور كۆرگۈ…
- تېز كېلىڭلار! ھەممىمىز 360 تور كۆرگۈسىدىن تور يۇمشاق دېتاللىرىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆگىنەيلى…
- Google Chrome – گۇگېلدىن كەلگەن دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز دەپ قارىلىۋاتقان تور كۆرگۈ!
- مىكروسوفت FireFox نىڭ يېڭى نەشىرىگە نىسبەتەن ئەمدى قايتا تەبرىك تورتى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ
- مىكروسوفتنىڭ تاقىتى تاق بولدى! IE6 يىل بېشىدىن باشلاپ مەجبۇرى ھالدا ئاپتوماتىك يېڭى نەشىرگە كۆتۈرۈلمەكچى!
- توركۆرگۈگە ساقلىنىپ قالغان ئىسىم ۋە پارولنى تېپىپ بېرەلەيدىغان ئاجايىپ قورال – WebBrowserPassView
يەنە بىر دىۋان ~~!!!!
بىردەمدە ئىگەللەپ بوپتا، ھىم
بۇلىدىغان جاھاننەمە بۇ، ئەينى ۋاقىتتا مەن ئەڭ ئامراق ئىدىم
دېمىسىمۇ مەن ئىلگىرى 2 -3 يىل مۇشۇ تور كۆرگۈنىلا ئىشلەتكەن ئىدىم. بەزى ئىقتىدارلىرى مېنى بەكمۇ رازى قىلاتتى. مانا ئەمدى، ئوت تۈلكىگە كۆنىۋالدۇق. قېنى بۇنىمۇ چۈشۈرۈپ كۆرگەچ ، ئۆتمەشنى ئەسلەپ باقايلۇق، كىشىلەر ئۆتمۈشكە قايتىش خەيرىلىك دېيىشىدۇ …
ساپلا باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان گۇي كەن بۇ….
يەنىلا ئاتەش تۈلكە 4.0
maxthon نىڭ مىنى ئەڭ جەلىپ قىلغىنى ، فىلىم ئادرىسنى تېپىشى بولۇپ ، كۆرۈۋاتقان فىلىمنىڭ ئادرىسىنى ئەپچىللىك بىلەن تېپىپ چىقىدۇ، چۈشۈرۈشىمۇ شۈلېىدىن تىز بىلىنىدۇ …….شۇڭلاشقا…..
firefoxبىلەن maxthon نى تەڭ ئىشلىتىۋاتىمەن……
مەن ئىشلىتىپ باقماپتىمەن بۇ ئەجنەبىي يولداشنى…سىناپ باقاي..
مەنغۇ IE6 دىن كۆچمىدىم تېخى . يىڭى يارنى كۆرگەندە كونا يارنى تاشلىساق قاملاشماس . لېكىن ئاستىرتتىن FireFox 4.0 نىمۇ تەڭ ئېلىپ يۈرىۋاتىمەن IE6 غا چاندۇرماي !
يېقىنقى مەزگىلدە تاۋباۋدا دۇكان ئېچىپ سىناپ بېقىۋېدىم، FF قاملاشماي 360 نىڭ كۆرگۈسىنىڭ ئەخلەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇنى چۈشۈرۈپ سىناپ 3.0 نىڭ پەقەتلا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىدىم. 3.0.1 نىڭ تاقىغاندا ئۆچمەي تۇرىۋالىدىغان چاتىقىنى يېڭى نەشىرىدە ئوڭشاپتۇ. مەنمۇ ھازىر FF+Maxthon
مەن يەنىلا كىرەمجان بىلەن ھەركۈنى شوخلىشىپ تۇرۇپتىمەن. تورخۇمارىم تۇتقاندا ئەڭ ئاۋۋال باسىدىغىنىم كىرەمجان.
ھەممىڭلار دىۋان دەپ بولالماي قالدىكەنسىلەر، قانداق خاسىيىتى بار بۇ دىۋاننىڭ
مەن ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ تور كەزگۈچنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. ھەقىيقەتەنمۇ بولىدۇ.