IE نىڭ يېڭى ئېلانى: ئاشۇ يىللاردىكى بىز كەمسىتكەن تور كۆرگۈ…
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، IE ئىسىملىك بىر تور كۆرگۈ ئۆتكەن بولۇپ، شۇ زامانلار ئۇ مودا ۋە يېڭى ئېقىمنىڭ سموۋولى بولغان ياخشى تور كۆرگۈ ھېسابلىناتتى. بىراق دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، IE بارا-بارا ئاساسى ئېقىمغا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان ئورنىدىن قالدى. ھەتتا، بىر قىسىم ياشلار ئۆز-ئارا چاقچاق قىلىشىپ بىر-بىرىنى كەمسىتىشتە ئىشلىتىدىغان ئېغىز تىلىغىمۇ ئايلىنىپ قالغىلى تۇردى. سەن تېخىچە IE ئىشلىتىۋاتامسەن؟ تورغا چىقىشنى بىلەمسەن يوق؟!
ئەمەلىيەتتە، ھەر قېتىم IE ياكى IE نىڭ ئۈستىگە چاپان كىيىۋېلىپ مەن ئەڭ نوچى دەپ يۈرگەن بىر قىسىم تور كۆرگۈلەرنى كۆرسەم، مېنىڭمۇ بېرىپلا ئۆچۈرۈپ كۆزدىن يوقاتقۇم كېلىدۇ.
ئەلۋەتتە، مىكروسوفتمۇ بۇنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس، ھازىر ئۇلارمۇ تىرىشىپ ئۆزى تارىختا قالدۇرغان بۇ ئاپەتنى تازىلاش ئۈچۈن ئۇرۇنىۋاتىدۇ. يېقىندا ئۇلار يېڭىدىن IE9 ئۈچۈن مەخسۇس ئېلان ئىشلەپ چىققان بولۇپ، ئېلاندا ئۆزىنىڭ ئىلگىرى مەھسۇلاتىنى كەمسىتىش ئاساسى سالماقنى ئىگىلىگەن(ئۇلارمۇ نۆۋەتتە بارلىق كۈچى بىلەن IE6 نى ئۇجۇقتۇرىۋېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا). ئەڭ يېڭى IE9 نىڭ ئېلانىدا مۇنداق بىر دەبدەلىك سۆز بار: قاراڭ، بىزنىڭ تور كۆرگۈمىز ھازىر بۇرۇنقىدەك ئۇنچە ئەبگا ئەمەس، شۇڭا، ئەمەلىيەتتە سىز باشقا تور كۆرگۈلەرنى ئىشلىتىشتىن باشقا، يەنە IE9 ئارقىلىقمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى بېجىرەلەيسىز. تۆۋەندە شۇ ئېلاننى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: IE، ئېلان، توركۆرگۈ، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,195 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: those-years-we-sprayed-with-browser.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سىز كۆرۈپ باقمىغان يەنە بىر مەيدان جەڭ – خاسىيەتلىك ئادەم VS يېشىل گىگانت ئادەم
- كېيىنكى يازما > پويىزدا قىستىلىش دېگەن نېمە ئۇ؟! ھازىر بوشلۇقتىكى ئايروپىلاننىڭ قانىتىغا يامىشىش مودا!
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- ئىنتىلنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئېلانى – شىركەتتە ئادەم قالمىغاندا، خىزمەتچىلەر شاشلىشىپ كېتىدۇ
- Nike ئەڭ يېڭى پۇتبول كارتون ئېلانى! فەچەتلىكتە دوستسىز قالغان ئېلان بوپتۇ بۇ!
- مېرسېدېس GLA نىڭ ياپوندا ئىشلىگەن ئېلانى، مارىيو ئۆزى بىۋاستە باش رولغا چىقىپتۇ
IE6 نى يوقاتماي بولمايدۇ!
خەپ پىرىستان ھە بىر دىۋاىدىن قۇرۇق قالدىم
IE7-IE8 بەك ياخشى شۇنى قاچلاپ ئشلتڭلار دوسلا
ئېنتېرنىت بىنمە پلور يوقالسۇن!
ئۇنداق دەپكەتمەڭلا ! IE6مۇ سىلەربىلەن ئىسسىق سوغۇقنى بىرگە باشتىن ئۆتكەزگەن جۇما !
IE6 نى ئاپەت دەپ كەتكىلىمۇ بولماس، ئەينى چاغلاردا بۇنىڭدىن قولايلىق، بۇنىڭدىن ياخشى تور كۆرگۈدىن قايسىنى ساناپ بىرەلەيسىلەن؟ بۇ دېگەن تەرەققىياتنىڭ يۈزلىنىشى. سۆزلەش توغرا كەلسە ئۇنىڭ ھەدىدىن زىيادە ئومۇملىشىپ كېتىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بەكلا كۆنۈپ كەتكەنلىكىنى سۆزلىسەك بولىدۇ. بۇ ھېسابتا ئۇنىڭ مۇۋاپىقىتى.
ئەگەشتىم
ھى ھى ،مەن ئادەتتە IE5نى ئىشلىتىمەن،
ئوۋچى ئەپەندىم سىز خىلىلام ئىلگىر لەپسىز
تور كۆرگىنى قانداق يېڭىلايدۇ،ماڭا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويمامسىلە؟ياكى سېستىمىنى يېڭىلامدىم؟
مانا مەن ھازىر IE6 نى ئىشلىتىپ ئىنكاس يىزىۋاتىمەن. باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرى ئەمەسمۇ ئامال يوق.
IE 10 بەك ياخشى تور كۆرگۈ،ئۇنىڭدا تور كۆرسىڭىز راھەت ھېس قىلىسىز