مىكروسوفتنىڭ تاقىتى تاق بولدى! IE6 يىل بېشىدىن باشلاپ مەجبۇرى ھالدا ئاپتوماتىك يېڭى نەشىرگە كۆتۈرۈلمەكچى!
IE6 نى يوقىتايلى دەپ جىق شوئارمۇ توۋلاپ كەتتۇق، IE6 ئۆلدى دەپ خەققە جاكارلاپمۇ باقتۇق، بىراق بەزىلەر يەنىلا ئۆلۈك بىلەن ھەپىلىشىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئامال قانچە؟ IE6 نىڭ توردىكى ئاۋارىچىلىقلىرىنى يوقىتىش ۋە شۇ سەۋەپتىن IE6 نى ئۈزۈل-كېسىل ئۇجۇقتۇرىۋېتىش ئۈچۈن، مىكروسوفت پۈتكۈل يەرشارى بويىچە، XP، Vista ۋە Windows 7 سېستىمىسىدىكى IE6 نىڭ نەشىرىنى ئاپتوماتىك ھالدا يۇقىرىلىتىۋېتىشنى قارار قىلدى(نەزەرىيە جەھەتتىن IE8 كە ياكى Windows 7 دە IE9 قا كۆتۈرىلىشى مۇمكىن)…
ھازىرغا قەدەر، مىكروسوفت IE6 نىڭ پۈتكۈل يەرشارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %8.3 بولۇپ، خۇددى ئۈستىدىكى قىستۇرما رەسىمدىكىدەك، بۇ نىسبەتتىكى كۆپ قىسىم تۆھپە يەنىلا بىزنىڭ ئۇلۇغ ئانا ۋەتىمىزدىن كەلگەن! گەرچە IE6 بىزگە ئىنتېرنېتنىڭ قەدىمىنى باشلاپ بولسىمۇ، بىراق ئادەم قېرىسا پېنسىيىگە چىقىدۇ، شۇنىڭدەك، مودا قوغلىشىدىغان بىزدەك ياشلارغا نىسبەتەن بۇ بوۋاي ئاستا بارار جايىنى تاپسا بولاتتى، يەنە كۆزگە پۇتلىشىپ تور بېكەت لايىھەلىگۈچىلەر ۋە پروگرامما تۈزگۈچىلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغان بۇنداق قېرىنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى.
مىكروسوفت بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «IE6 دۇنياغا كەلگىلى 10 يىل بولدى، ھېلىمۇ خوش دەيدىغان ۋاقتى بولدى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۇنىڭ نەشىرىنى بىرلىكتە كۆتۈرۈپ يېڭىچە HTML5 كە تولغان تور دۇنياسىغا تەييارلىق قىلايلى.»
PS: بۇنىڭدىن ئىلگىرى WordPress پروگراممىسى IE6 بولغان قوللاشنى توختاتقاندا مىكروسوفت تېخى ئالاھىدە رەھمەت ئېيتقان، ماقالىنىڭ تېمىسى “Thank you, WordPress! Who’s Next” ئىدىغۇ دەيمەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: IE، Microsoft، ئىنتېرنېت، مىكروسوفت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,381 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: nuking-internet-explorer-6.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يۈرىكى ئاجىزلار كىرمەڭلار! مېكسىكىدىكى ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان قونچاق بالىلار ئارىلى!!!
- كېيىنكى يازما > دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت سۈرەت ۋە كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان باھاسى 2-ئورۇندا تۇرىدىغان سۈرەتنى بىلەمسىز؟
- خەير خوش IE تور كۆرگۈسى! مىكروسوفت Internet Explorer ماركىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
- مىكروسوفت مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى تەشۋىقات فىلىمى – Holograms دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
- بىلگەيتېس: يەرگە 100 دوللار چۈشۈپ قالسا ئەلۋەتتە تېرىۋالىمەن
- مىكروسوفتقا قايتىپ كەلگەن بىلگەيتىس بىر كۈن ھەپىلىشىپ Win8.1 نى قاچىلىيالماپتۇ
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- مىكروسوفت CEO سى سېتۋى بالمېرنىڭ 57 يىللىق ھاياتىغا نەزەر
- كىم تارتقان Windows 8 نىڭ ئېلانلىرىدۇ بۇ؟ دەرھال مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىڭلار!
- نوكىيا ۋە Lumia يانفونلىرى | NOKIA قايتىپ كەلدى
- ئۇيغۇرچە Windows 8 سېتىۋالالمىغانلارغا يەنە بىر پۇرسەت – ھەقىقى نەشىردىكى 8 Win يەنىلا 250 سوم (سانى چەكلىك)
بەك ياخشى بولۇپتۇ بۇ ئىش ، بۇ ئەبلەخنى مەجبۇرى يوقاتمىساق بولمىدى! بۇ يوقالغاندىن كېيىن ھەرھالدا بلوگدىن ئانچە-مۇنچە خاتىرىجەم بولۇپ قالاتتۇق تەڭشەيمىز دېمەي
ئۈستىدىكى يولداشنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن.
يۈكسەل ئەپەندى توغرا دەيدۇ.
ئەرك ئەپەندىمۇ توغرا دەيدۇ.
بۇ خەۋەرنى تۆنۈگۈن كۆرۈپ خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ئاسىيا دۆلەتلىرىدىلا قالدى بۇ كاساپەت. دۇنيادا ئىشلىتىلىشى 4% دىن چۈشۈپ بولدىغۇ دەيمەن. مۇشۇ دۆلىتىمىزدە بەك يۇقىرى. بولۇپمۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېخىمۇ بەك يۇقىرى. بۇ بەك باشنى ئاغرىتىدۇ.
Windows XP شارائىتىدىكى IE لارنىڭ ھەممىسى IE8 گە نەشىر يۇقىرىلىتىدۇ. (IE6 مۇ شۇنىڭ ئىچىدە.)
Vista شارائىتىدىكى IE لارنىڭ ھەممىسى IE9 گە نەشىر يۇقىرىلىتىدۇ. (IE6 مۇ شۇنىڭ ئىچىدە.)
Win7, Win8 دېكىلەر IE10, IE9 غا نەشىر يۇقىرىلىتىدۇ.(IE6 مۇ شۇنىڭ ئىچىدە.)
http://www.nurqut.com/ud/thread-8724-1-1.html
مەن گولگېل تور كۆرگۇچنى ئىشلىتىمە بۇ IE6 دىگەندىن ئەمەستۇ
مەنغۇ بەت ياسىسام IE 6 نى نەزەرگە ئىلىپمۇ قويمايتتىم. ئەمدى بەك ياخشى بولدى.
ياۋ پانا! ما خەۋەر مېىنىڭ چەۋەندازلارغا 2 ئۇسلۇب ئىشلىتىشتىن بىر قۇتۇلدۇرىۋەتسە بولىتى.
راست ماۋۇ جۇڭگودا IE6 نىڭ بالىلىرى بەك كۆپ IE نى دوراپلا ئىسىمنى ئۆزگەرتىپ چىقىرىۋالغان. مۇشۇلارنىڭمۇ نەشىرىنى يۇقىرلىتىۋەتسە ئاندىن خاتىرجەم بولاتتۇق.
ئۇلار دۆلىتىمىزدىكى 5 سوملۇق ئوغۇر نەشىردىكى Windows لارغىمۇ ئاپتۇماتىك نەشىر يۇقۇرلىتىش ئېلىپ بارالامدۇ ؟ تورخانىلارچۇ ؟
ئوغرى نەشىردىكى XP لارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ Update ئىقتىدارى ئېتىۋېتىلگەن بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىزمەتكە 4 مىليوندىن ئارتۇق ئىشلەتكۈچىسى بار 360 دېگەندەك قوراللار ياردەملەشسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.
تورخانىلارمۇ ئاساسەن يۇقىرىتىلىۋاترىدۇ كۇپىنچىسىدە… كىسەلنى داۋالىغان بىلەن جاراھەت قالغاندەك ئازراق قالامىكى ئەمدە…
فەچەت خەۋەركەن… ئەمەلگە ئاشسىلا… توربىكەتنى 1كۈن ھازىرقى ئۆلچەم بىلەن ياساپ بولۇپ 5كۈن مۇشۇ ئەبگاغا ماسلاشتۇرۇش بىلەن ئادەمنىڭ كۈنى كىتىپ بارىدۇ….
خو بەلەن بۇلاپتا
ھەقىقى نەشىردىكى سېستىمىلارغىلا ئاشۇنداق قىلالامۇ ياكى مۇنداق تورخانىدا ئىشلەتكەن ئوغۇرلۇقچە نەشىرىگىمۇ ئىشلەرمۇ ؟
جوڭگۇدا تورخانا بولمىغان بولسا ئاللىبۇرۇن يوق بولاتتى بۇ!!؟
IE6 دېگەن نېمە ئۇ
پوشتا ماركىسى دىسەم بالىرىم تور ماركىسى دەپ تۇرۋالدى
ياخشى ئىشبوپتۇ ھې ھېھې
مەنمۇ يۇرقاردىكى يولداشلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن.
ئەسلىدىنلا نىيەتنى مۇشۇنداق بۇزىدىغان گەپتى. راستىنلا قەتئىي نىيەتكە كەلسە، update نى تاقىۋەتكەن بىكار.
ie6 مەدەنىيەت ئورگانلىرى باشلامچى بولسا ئەڭ تىز يوقىلىدۇ.. مىكروسوفىت دۆتكەن.. بېل گەيتىس خۇجىنتاۋنى ئالدىغا چاقىرىپ توختام تۈزەلىگەن ئادەم تورخانىلىرىڭنى ئوڭشا.ie نى يوقات دەپ بىرلا تىلىفۇن ئۇرۇپ قويسا ھەپتە ئىچىدە جەرىمانە قويىمىز،نەشىر كۆتۈرىسەن دەپلا جايلايدۇ. بولمىسا ئامال يوق.دۆلەت ئىچىدە 70% تور كۆرگۈچ ie6 تورخانىلاردا.
ھازىرقى ئەھۋالنىڭ يامىنى بەزى ھۆكىمەت تور پۇنكىتلىرى مۇشۇ IE6 نىڭ سادىق ئىشلەتكۈچىلىرى.
IE10 چىقتى دەپ ئاڭلىدىم win 7 نى قوللارمۇ؟
مەن win7 گە كۆچكىلى 4-5كۈن بولدى. بۇرۇن xp دىكى چاغدىمۇ كرومدەك ئىلغان تور كۆرگۈلەرنى ئىشلىتەتتىم. ھازىرمۇ كرومدا.. مېنىڭچە win7 بوپ قالىدىكەن. ئۇنچە تېز يوقىغىلى قويمايمىزغۇ ھە..
ئىم…. ما ئىنكاسىم خاتا كېتىپتۇ، سەت بولدى.
بۇمۇ ياخشى بولغىنى مەن نەۋاخ بۇ قىرىنى دەپنە قىلىۋەتكىلى
ھەجەپ بەلەن بولدى!
تورخانىدا ie8 نى ئىشلىتىپ باققان، لىكىن خىرىدارلارنىڭ كۆنەلمەسلىكى، ئۇششاق-چۈششەك غەللىسىنىڭ كۆپلىكى تۈپەيلى ie6 گە يېنىۋالدۇق. يەنە ie8 نىڭ تور بەت ئېچىش سۈرئىتىمۇ خېلى ئاستىدەك تۇيۇلغانتى.