نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

يۈرىكى ئاجىزلار كىرمەڭلار! مېكسىكىدىكى ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان قونچاق بالىلار ئارىلى!!!

mexico-doll-island

مېكسىكىدىكى قونچاق بالا ئارىلى(يەنە ئويۇنچۇق ئارىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ Isla De Las Muecas) ئىزچىل بىر خىل غەيرى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بۇ ئارالنى ئوراپ تۇرغان يېقىن ئەتراپتىكى قاناللار، نۇرغۇن قەدىمكى رىۋايەت ۋە ھېكايىلەر بار. قونچاق بالا ئارىلى Teshuilo كۆلىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۈچ قىزچاق بۇ ئارالدا بىرسى يارىلىنىپ، يەنە بىرسى تۇنجۇقتۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. شۇ سەۋەپتىن، مەزكۇر ئارالمۇ جىن چاپلاشقان ئارال دەپ دۆلەت ئىچى سىرتىدا خېلىلا نامى بارمىش….

image

كېيىن ئارالغا كەلگۈچىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئارالدىن نۇرغۇن تاشلىۋېتىلگەن قونچاقلارنى بايقىغان، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇ قونچاقلارنىڭ سانىمۇ كۈنسىرى كۆپىيىپ نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ھەتتا بەزى قونچاقلار دەرەخكە باغلاپ قويۇلغان بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ قونچاقلار بۇ ئارالنىڭ مۇھىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، بۇ ئارالمۇ كۈندىن كۈنگە سىرلىقلىشىپ كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىغان بولۇپ قالغان. ئوخشاشلا بۇ جاينىڭمۇ شۇ يەرلىكتىكى داڭقى بارغانسىرى كۆتۈرۈلۈپ، داڭلىق ساياھەت رايونى بولۇپ قالغان.

image

image

image

image

image

image

image

تەھرىردىن:

بىلمىدىم كۆپچىلىك ئالۋاستى قونچاق(Chucky) فىلىمىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. مېكسىكىدىكى بۇ قونچاق بالا ئارىلىنى كۆرۈپ نەق شۇ فىلىم يادىمغا كەچتى. كىچىك چېغىمىزدا تېشىغا 18 ياشقا توشمىغانلار ۋە ھامىلدار ئاياللار كۆرۈشكە بولمايدۇ دەپ يېزىپ پلاستىنكىسىنى ساتسا قىزىقىپ ئېلىپ كۆرگەن فىلىملەر ئىدى. بىرەر كۆرۈنۈش چاپلاپ قوياي دېسەم Youku, Tudou لاردىن قەتئىي مەنبە تېپىلمىدى، بىر پارچە رەسىمىنى چاپلاپ قويدۇم، بەلكىم ئېسىڭلارغا كېلىشى مۇمكىن.

bride-of-chucky



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. دىلخۇش 2011.12.16 , 23:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تور بىكەتتە دىۋان تالاشمىغان مەنلام قالغان … مەنمۇ تالىشىپ باقاي كونىۋاپ قالغان ئىش بولسىمۇ … :lol:

    • ياۋايى 2011.12.16 , 23:58

      تالىشىپتۇققۇ مانا …مەندىن بۇرۇن كىلۋاپتۇ ما ئاداش

  2. ياۋايى 2011.12.16 , 23:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي دىۋان قاپتۇمۇ نىمە …

  3. پەنجىر 2011.12.17 , 01:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىلەرگە دىۋان لازىممۇ ؟ يازمىمۇ !:mad:

  4. شىرخان 2011.12.17 , 18:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كەچتە بېرىپ قېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن ساراڭمۇنىمە بۇخەق:!:

  5. قاپاقچى 2011.12.17 , 22:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نېمانداق قورقۇنۇچلۇق!؟

  6. چۈش 2011.12.18 , 00:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن شۇ كىنونى كورەپ قونچاقلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تاشلىۋەتكەن ….

    • نەفىسە 2011.12.20 , 13:25

      سىز قانچە ياشقىچە قونچاق ئوينىغانتىڭىز؟ :mrgreen:

  7. چۈش 2011.12.23 , 01:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يەسلى ۋاختىم:grin: …..باش سورىتىمنى ئۆزگەرتىپ قوياي :mrgreen:

  8. muxterjan 2013.08.31 , 14:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ كىنونىڭ ئىسمىنى قايسىڭلار بىلىلىسىلەر

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量