نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

GPS قا ھەددىدىن زىيادە ئۇنچە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ، بولمىسا ئاقىۋىتى مۇشۇنداق بولىدۇ…

do-not-believe-in-gps

گەرچە ھازىر ئاپتوموبېللارغا GPS ئۈسكۈنىسى بېكىتىش ئاللىقاچان ئادەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم 10 چاقى بار چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبېللارغا نىسبەتەن GPS ئۇنچە بەك ياخشى نەرسىمۇ ئەمەس. ئەنگلىيەدىكى بىر يۈك ئاپتوموبېلى شوپۇرى يول يۆنىلىشىنى پۈتۈنلەي GPS يول باشلىغۇچقا تاشلاپ بەرگەچكە، بىر تار كوچىنىڭ چىقىش ئېغىزىغا 26 سائەت قاپسىلىپ قېلىپ مىدىرلىيالمىغان…

kache01

يۈك ئاپتوموبېلى شوپۇرى ئامالسىز ئەسلى ئورنىدا ئولتۇرۇپ بىر كېچىنى ئۆتكۈزگەن، 26 سائەتتىن كېيىن قۇتقۇزغۇچى خادىملار كېلىپ بۇ ئاپتوموبېلنى قىسىلىپ قالغان جايدىن قۇتقۇزۇپ ئەچىققان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئاپتوموبېل 300 يىل ئاۋالقى ئىككى قەدىمكى ئۆينىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان ئىكەن.

kache012



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ياغما 2011.12.14 , 13:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن دىۋاننى ھېچكىم تالاشماپتۇدە!!!

  2. ئادىل 2011.12.14 , 14:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بېلەن بوپتۇ:grin::grin::grin:

  3. نۆل ۋە بىر 2011.12.14 , 14:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گوگىلدىن تۆلەم تەلەپ قىلسۇن.

  4. Forever 2011.12.14 , 18:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جىڭ ھاڭۋاقتى شوپۇركەن ، شۇنچە تار كوچىغىمۇ كىرگىنىنى كۆرۈڭ :arrow:

    • بۇغرا 2011.12.14 , 19:06

      ئاداش قاچاندىن بىرى تورخۇمارنى يوقلايدىغان بولدىڭىز؟

    • Forever 2011.12.16 , 11:38

      ئەلمىساقتىن بېرى ، تورخۇمار تەۋەللۇت بولغاندىن تارتىپ كۈندە يوقلايمەن !

  5. كامىران 2011.12.14 , 19:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنى ھاڭۋاقتى دىمەيمىز ..

  6. ش.ئە.ئۇيغۇرى 2011.12.15 , 02:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    300 يىل ئاۋۋالقى؟؟؟
    توۋا…. بۇ يەردىمۇ ئەشۇنداق قۇرۇلۇشلارنى ئۇچراتقىلى بولارمۇ؟
    بۇ يەردىكى زامانىۋى ئۆيلەر 50 يىل چېقىلماي تۇرالىسا مۆجىزە دېسەك بولىدۇ

    • ئۇيغۇربەگ 2011.12.15 , 16:32

      خەقنىڭ ھۆكۈمىتى ئۆي چاقىمەن دېسە ئۆينىڭ ئىگىسىنى ئىزدەيدۇ.
      بىزنىڭ ئۆينى چېقىۋەتسە ئىزدەيدىغان جاي تاپالماي ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغىنىمىز ئولتۇرغان…

  7. بۇغرا 2011.12.16 , 17:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئېلېكتىرونلۇق يولباشلاش خەرىتىسى(GPRS)نىڭ 100% توغرا بولىشى ناتايىن . شۇڭا شوپۇرلىمۇ ئۇنىڭغىلام ئىسۋالماسلىقى كېرەك!

  8. خاككىرلار 2011.12.16 , 19:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن قارىسام بۇ شوپۇرنىڭ تېخنىكى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئىكەن. ئۇنداق تار يەردىن ھەيدىمەك ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس :lol:

  9. سەيف 2011.12.17 , 11:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راسلا ماھارىتى يوقىرى شوپۇركەن بۇ …
    GPS تا نىمە گۇناھ !

  10. نەفىسە 2011.12.20 , 14:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما شەھەردە بەش يىل تۇرغان دوستۇم سىنى ئوينىتىپ كىلەي ، دەپ ئېلىپ مىڭىپ GPS كە قاراپ شەھەرنى ئىككى ئايلىنىپ چىقىپمۇ دائىم تاماق يەيدىغان ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى تاپالمىدى، ئەسلىدە ئاشخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى يولنى ئۆزگەرتىۋىتىپتىكەن.:mrgreen:… ئالدىدىن نەچچە ئۆتۈپمۇ« تاپالمايمىنا !!!» دەپ ئۆتۈپ كىتىپ بارىدۇ. ئاخىرى مەن تىپىپ بەردىم .:mrgreen: ماشىنا ھەيدىسە ھەرگىز يولغا قارىماي GPS كە قاراپلا ھەيدەيدىكەن بۇ قاپاقباش..:???:

  11. تاتلىق 2011.12.21 , 20:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خى خى :mrgreen:

  12. تىغ 2013.07.11 , 12:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا ھا ھۇھۇ ھى ھى:mrgreen::lol:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量