ئالمىنىڭ Siri بىلەن كونتروللىنىدىغان ئەقلى تېلىۋېزورى بەلكىم 2012-يىللىرى بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن!

apple-tv

ئىنتېرنېت ئۇچۇر دەۋرىدىكى كېيىنكى مەيدان چوڭ ئىنقىلاب، بەلكىم شۈبھىسىزكى ئەقلى تېلىۋېزور بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. Steve Jobs ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا ئېيتىپ ئۆتكەن «مەن رەقەملىك تېلىۋېزورنى يېشىپ چىقتىم، بۇ بەلكىم ئالمىنىڭ كېيىنكى سىتراتېگىيىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن سۆز يۇقارقى پەرەزنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە قىلىشى مۇمكىن.

ئالما شىركىتى ئۆزگىچە لايىھەلەش ئىقتىدارىغا تايىنىپ مۇزىكا قويغۇچ، يان تېلېفون ساھەسىدە زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئېرىشتى، شۇ سەۋەپتىن ئالما تېلىۋېزورىمۇ كۆپچىلىك ئىزچىل قىزىقىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. SmartHouse نىڭ ياپونىيەدىكى بىر چوڭ تىپتىكى تېلىۋېزور ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن ئىگەللىشىچە، ئالما تېلىۋېزورى بەلكىم 2012-يىلى يىل ئوتتۇرىسىدا بازارغا سېلىنىشى مۇمكىنكەن، نۆۋەتتە ئۈچ خىل تىپتا لايىھەلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كىچىكى 32 ديۇيىم، ئەڭ چوڭى 55 ديۇيم كېلىدىكەن.

ئۈچىنچى خىل تىپقا كەلسەك، ئېنىقلا 32 ۋە 55 ديۇيمنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇشى مۇمكىن، كىشىلەر بەلكىم 42 ديۇيم بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

تىپىدىن باشقا، يۇقارقى بايانات يەنە ئىلگىرى تارقىلىپ يۈرگەن بىر پاراڭنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان: ئالما تېلىۋېزورىغا ئەقلى ئىقتىدارى ئاۋازلىق ياردەمچى Siri بىرىكتۈرىۋېتىلىدىغان بولۇپ، ئاۋاز ئارقىلىق تېلىۋېزور كونترول قىلىش ئەمدى رەسمىي رېئاللىققا ئايلىنىدىكەن. نۆۋەتتە بىرەيلەن ئاللىقاچان Siri ئارقىلىق تېلىۋېزورنى كونترول قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان.

قاتتىق دېتال سەپلىمىسى جەھەتتە، ئالما تېلىۋېزورى بەلكىم يېڭى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىشى مۇمكىن، بۇ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ بەلكىم iPad 3 كە سەپلىنىشى، كېيىنكى ئەۋلاد بۇيرۇتۇپ ياسالغان A6 تىپلىق ARM CPU بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ۋىروس 2011.12.14 , 13:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ دىۋان بالاسى قاچان تۈگە! :evil:

  2. ئادىل 2011.12.14 , 14:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىردەمدىن كىينلا تۈگەيدۇ :idea:

  3. نۆل ۋە بىر 2011.12.14 , 14:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سوني گوگىل تىۋې بىلەن سەمسۇڭ گوگىل تىۋېسى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختايدىغان بوپتۇدە؟

  4. پاسىبان 2011.12.14 , 14:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    زادى مۇشۇنداق بىر TV ياساش زۆرۈرتى …

  5. جاپپار 2012.02.22 , 12:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي تېزراق ئىشلەپ چىقارسا بوپتىكەن تويۇمدا سېتىۋالاي دىگەن .ئەپسۇس ئۈلگۈرمەيدىغان ئوخشايدۇ،

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量