نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

نېمە ئۈچۈن iPhone ياكى iPad نىڭ سېزىمچان ئېكرانى Android قا قارىغاندا شۇنچە راۋان ۋە راھەت بىلەمسىز؟

why-ios-smooth-over-android-tablet

iOS مەشغۇلات سېستىمىسى سەپلەنگەن iPhone ياكى iPad مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ باققان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ قولغا چىققاندىن كېيىنكى كىشىگە بەرگەن تۇنجى تەسىرى – سېزىمچان ئېكرانى ئاجايىپ راۋان ۋە راھەت بىلىنىدۇ، ئىشقىلىپ بارماق تېگىپ بولغۇچە شۇ جاي ئاكتىپلانغان ھالەتتە بولىدۇ. گەرچە ھازىر كۆپ نۇقتىلىق سېزىمچان ئېكران تېخنىكىسى ئاللىقاچان يېڭىلىق سانالمىسىمۇ، بىراق Android ۋە iOS ئىشلىتىپ باققان تورداشلار بىلىشى مۇمكىن. Android سېستىمىسى سەپلەنگەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ سېزىمچان ئېكران تېخنىكىسى تېخى iOS تەك راۋان ئەمەس. ئۇنداقتا نېمىشقا Android ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سېزىمچانلىقى iOS تەك راۋان ئەمەس؟

گەرچە خېلى كۆپ قىسىم Android يانفونلىرىنىڭ سەپلىمىسى iPhone دىنمۇ يۇقىرى، مەسىلەن مۇتلەق كۆپ قىسىم Android يانفونلىرىنىڭ RAM ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 1GB كېلىدۇ، ئەكسىچە iPhone 4S نىڭ پەقەت 512MB، ئەمما iPhone ئىشلەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى Android ئىشلەتكەن چاغدا ھەمىشە مەشغۇلاتنىڭ iOS تىكىدەك ئانچە راۋان بولمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنداقتا زادى نېمىشقا بۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ؟

بىر نەپەر يۇمشاق دېتال ئېنژېنىرى ۋە Google نىڭ ئالدىنقى پراكتىكانتى Andrew Munn بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن. بۇ Android سېستىمىسىنىڭ UI(ئىشلەتكۈچىلەر ئارا كۆرۈنمە يۈزى، User Interface نىڭ قىسقارتىلمىسى) قۇرۇلمىسىدىكى مەسىلە بولۇپ، iOS تىكى UI رەڭلەش جەريانى مۇتلەق دەرىجىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ئىشلەتكۈچى iPhone نىڭ سەزمە ئېكرانىغا قولىنى تەگكۈزگەن چاغدا، iOS تىكى بارلىق 进程(جەريان؟)لار خىزمەتتىن توختايدۇ، سېستىما بارلىق بايلىق مەنبەلىرىنى UI رەڭلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. Android سېستىمىسىدا بولسا UI رەڭلەش جەريانىنىڭ دەرىجىسى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس، يەنى بۇ دېگەنلىك، بارماقلىرىڭىز Android يانفونىنىڭ ئېكرانىغا تەگكەن چاغدا، سېستىما ئارقا سۇپىسىدا ئىجرا بولىۋاتقان پروگراممىلار خىزمەتتىن توختاپ قالماي داۋاملىق ئىجرا بولىدۇ، مەسىلەن بىر نەرسە چۈشىرىۋاتقان بولسىڭىز ياكى قىسقا ئۇچۇر يېزىۋاتقان بولسىڭىز بۇ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. بۇ سېستىمىنىڭ UI رەڭلەش جەريانىدا يېتەرلىك سېستىما بايلىق مەنبەسىگە ئېرىشەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مانا بۇ دەل Android سېستىمىسىنىڭ ئۇنچە بەك راۋان بولماسلىقىدىكى سەۋەپتۇر.

شۇ سەۋەپتىن، بازاردا ئېلان قىلىنغان سەپلىمىسى iPhone دىن خېلىلا يۇقىرى ئۈسكۈنىلەرنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە مەشغۇلات راۋانلىقى iPhone دەك ئەمەس. ئۇنداقتا Android ئېچىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر نېمىشقا بۇ مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلمايدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، Android نىڭ ئېچىش خىزمىتى بىرىنچى ئەۋلاد iPhone ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، ئەسلى Android نىڭ ئەندىزىسى كۇنۇپكا تاختىسى ئىشلىتىلىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن، يەنى بۇ ئەينى چاغدا ئامېرىكا ئەقلىفون بازىرىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان BlackBerry(قارا بۆلجۈرگەن) بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ياسالغان. UI رەڭلەش دەرىجىسى كۇنۇپكا تاختىسى بار يانفونلار ئۈچۈن ئانچە بەك مۇھىم ئەمەس. ئەمما iPhone ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، Android گۇرۇپپىسىدىكىلەر تېز سۈرئەتتە iPhone بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان مەھسۇلات چىقىرىش ئۈچۈن، Android نى تېز سۈرئەتتە سېزىمچان ئېكرانلىق يانفون مەشغۇلات سېستىمىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىققان، ئەمما ئۇ چاغدا UI قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن يېزىپ چىقىشقا ئۈلگۈرمەيتى، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا، Android قوللانچى بازىرىدىكى بارلىق ئەپلەرنى قايتىدىن يېزىپ چىقماي ئامال يوق ئىدى، بۇ ئەھۋال ھېلىھەم ئىزچىل بىر يامان سۈپەتلىك ئايلانمىدا تۇرماقتا.

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 23 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:
  1. قاپاقچى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىككىسنىڭ ماۋۇ يىرىدە پەرق باركەندە ئەسلى

  2. نۇرمۇھەممەت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالما مەھسۇلاتلىرى ئەزەلدىنلا ئىشلەتكۈچىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان، چۈنكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى كىچىك باللارمۇ شۇنداق راۋان ئىشلىتەلەيدۇ. …

    • نۆل ۋە بىر :

      ئىشلەتكۈچىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانمىش،ئەمسە مەن نىمىشقا ئالما يۇمتال بازىرىدىن دىتاللارنى خالغانچە سىتىۋالالمايمەن…ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز ئەپەندەم؟

  3. ئەلى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Google دىكىلەر بىلىپ قالسا قاراپ تۇرمايدۇ :lol:

  4. بۆرەيار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسلى مۇنداق ئىكەندە :!:

  5. بوغلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Google دىكىلەرنىڭ ھېلىغىچە بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەستۇ

  6. فەخرۇ : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شۇۋەجىدىن ئەنجۈرنى تاشلاپ ئالمىنى ئىشلىتىۋاتىمەن … ئىشقىلىپ ئالما ئىشلىتىپ باققانلار ئەنجۈر بىلەن ئانچە كىلىشەلمەيدىكەن … مەن شۇنداق ھېس قىلدىم …

  7. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي ئالمىنى يەۋەسە ئىغىزنى قورۇيدۇ لىكىن ئەنجۇر نى يىسە يىگۇسى كىلىدۇ… ئالمىنىڭ ئاۋارىچىلىقى چوڭ يەرلەردە تولا…مىيىنى چىقاغىلى بولمايدۇ. توكى تۇگىسە شۇ توكتا تۇرىشى كىرەك نەچچە سائەت بۇ بىر ئاۋارىقچىلىق… تىخى توردىن تىزلا بىر نەرسە چۇشۇرۇش بولامدۇ . ياكى باشقىلاردىكى ياخشى نەسىلەنى كۆك چىش ئارقىلىق ئىتىش بولامدۇ ئاۋارىچىلىق . ئىچكى كودى ئىچىۋىتىلمىگە . يۇچۇقنى شۇ شىركەتتىكىلە تاپسا ئىتىلىدۇ باشقىلامۇ ئاساسەن يۇچۇقمۇ تاپالمايدۇ . تەەرەققىيات ئاستا دىگەندەك ئويلاپ كەسە …

    • نۆل ۋە بىر :

      شۇشۇ…ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى مەھسۇلات…لىكىن لىكىن ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ كۈچلىكلىكىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.

  8. تەقەززا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنداق دەپ كەتمىگۈلۈك! SAMSUNG نىڭ GALAXY تۈرىدىكى مەھسۇلاتلىرىنى ھەرقايسى جەھەتتىن Apple نىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن مۇتلەق ئېشىپ كەتكەن دەپ قارايمەن. تەپسىلىي سىناپ سېلىشتۇرۇپ باققانلار بىلىدۇ.

  9. ئۆركەش : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    android تىگى linux بۇلۇپ ئىچىدىكى يۇمتاللار java دا يېزىلغان ،بىلسەكلار java مەۋھۇم ماشىنا(虚拟机)ئۈستىدە خىزمەت قىلىدۇ بۇنىك ئىش ئۈنۇمى ios ئىشلەتكەن Objective-C تىلى غا قارىغاندا كوپ تۇۋەن. شۇڭا android توختىماي قاتتىق دىتالنى يىڭىلاش جەڭىگە چۇشۇپ كەتتى. iOS بولسا بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.

  10. خاككىرلار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ئىزچىل ئالما مەھسۇلاتلىرىنى ياقتۇرىمەن. سەنشىڭ نىڭ ئەڭ ياخشى دىگەن تېلېفۇنلىرى ئالما تېلېفۇن قىلغان ئىشلارنى قىلالمايدۇ. توردىن ماتىريال چۇشۇرۇشكە كەلسەك مەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى خالىغانچە چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيمەن. شۇنداق بىمالال

  11. خاككىرلار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەنجۇر تىلفۇن ھەر قىتىم ئالما ئىشلتىپ بولغان يۇمشاق دىتال ۋە ئويۇنچۇقلارنى بازارغا سالىدۇ. ئاساسەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك يىڭىلىقى يوق دىيەرلىك. مەن ئەنجۇر تېلېفۇننىڭ ھىچقانداق بىر نەرسىسىگە ھەيران قاپ باقمىدىم. ئامما ئالما ئۇنداق ئەمەس. مەن تاللاش توغرا كەلسە يەنىلا ئالما تېلېفۇننى تاللايمەن. 100 يىلدىن كىيىنمۇ كىشىلەر يەنىلا ئالما تېلېفۇننى تاللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

    • ئەرك :

      :arrow: يۈز يىلدىن كېيىن كىم با كىم يوق

  12. كۆك كەپتەر : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىلفۇن ئۆزۈمنىڭ، قانداق قىلغۇم كەلسە شۇنداق قىلالىشىم كىرەك. :mrgreen: مۇشۇ خىيالنىڭ تۈرتكىسىدە ئەنجۈرنى تاللىدىم مەن.

  13. ئارمانىم : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما پاراڭلار قىززىپ كىتىپتىغۇ، راست گەپنى قىلسام مۇتلەق بىرسى يەنە بىرسىدىن ياخشى دىگىلى بولمايدۇ، بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى يەنە بىرىدە يوق.

  14. halil : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى نىمىشقا ئەسكەرتىلمەيدۇ؟

  15. مۇڭلان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىلىكتە ئالدىنقى ۋاقىتتا بىرەيلەن ئالما يانفونىدىن باشقىسى ئەخلەت ئۇ بۇ دەپ كۆپۈپ سۆزلەپ كېتىپتىكەن ، مەن 5000 گە Android لىق يانفوننى ئالسام ئالىمەن ھەرگىز Iphone ئالمايمەن . نېمىشقا بۇنى ئالغىنىنىڭ سەۋەبىنى ئەتراپىدىمدىكى ماڭا 10 ئادەمنىڭ 8 ى دەپ بېرەلمىدى ، گەپنى تېشىۋەتسەك كۆپ كىشى پەقەت شۇ مودا قوغلىشىش شۇ مەقسەددە ئالىدىكەن خالاس .
    قوشۇمچە سوئالىم I9100 HD LTE ۋە I9100 دىن قايسى ياخشى ؟

    • مىسران :

      مېنىڭچىمۇ ئالمىنىڭ ios5 تىن بۇرۇنقى سىستېمىلىرى ئىشلىتىلگەن تېلېفونلىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرمىسا ئەقلىيفون دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بۇنى ios، blackberry، android ئىشلىتىپ باققانلار ئاسانلا دەپ بېرەلەيدۇ. مەن ھازىر ئىككى دوستۇمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن iphone ئىشلىتىۋاتىمەن. راس گەپنى قىسام ios5 نى ئىشلىتىش ئۈچۈنلا 3gs سېتىۋالغانمەن. I9100 مېنىڭچە iphone4 تىن مىڭ ياخشى.

    • بىغەم :

      مىنىڭچە قارىشىمچە I9100 HD LTE ياخشى. بۇ ئىنىقلا 9100 نىڭ دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەن نۇسخسىى. ئۇنىڭ تىپ نومۇرىدىكى HD دىگەنلىك ئىنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، LTE بولسا شۇ خىل تورنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۇردىغانلىقنى سىزمۇ بىلىسىز ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۇستىگە باھاسىمۇ 9100 دىن سەل ئەرزان. ئەمما سىز چوقۇم دۆلەت ئىچىدە سىتىلدىغان(行货)سىتىۋالمەن دىسڭىز 9100 سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ. چۇنكى I9100 HD LTE نىڭ تىخى دۆلەت ئىچىدە سىتىۋالىدىغان نۇسخىسى يوق. ئەتكەس نۇسخىسى 9100 دىن ئەرزان.

  16. ئەمىن يانفۇنچىلىقى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ مۇشۇ ئالما يانفۇنىنى بەك ياقتۇرمەن چۇنكى ئۇ بىزنىڭ ئانا رىلىمىزنى بىمالال قۇلايدۇ ھېلىقى ئەنجۇر دەمدۇ ئىشقىلىپ ئۇنى ماۋۇ زېت پېت دەيدېغان جا شىركەتلەرمۇ ئىشلىىپ بەك ماز قىلىۋەتتى يەنە قۇلىنىشچان دىتالىرى بەك قوتا سىستىما يېزىشنى دېمەيلام قۇياي ئىشقلەپ بەك ناچار

  17. ‹‹‹‹‹‹‹‹‹شەيتان››››››››› : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىككىسنىڭ ماۋۇ يىرىدە پەرق باركەندە ئەسلى
    ئەمدى بۈلۋالدىم……! :wink:






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)