نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تاغدىن-باغدىن > يازما كۆرۈش

كۈلكە – جاننىڭ ئوزۇقى | بىر قىسىم تاللانغان يۇمۇرلار(3)

ئېلان: بىر قول سومكىسى يۈتۈپ كەتتى،ئىچىدە ئالماس كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈك، بىر كىتاپ،ئىككى لەۋ سۇرۇخى ۋە بىر خالتا سۈت بار،تېپىۋالغۇچىلارنىڭ ھىچ بولمىغاندا ئالماس كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈكنى بولسىمۇ قايتۇرۇپ بېرىشىنى سورايمەن!

-دۆڭ كۆۋرۈككە قانچە ئالىسەن؟

-15سوم

-خوتۇنۇم بىلەن چىقسامچۇ؟

-ئوخشاش 15 سوم

-دىدىمغۇ مانا،سېنىڭ ھىچقانداق قىممىتىڭ يوق دەپ..

******************************************************

-جاۋاپكار،سىزنىڭ يەنە باشقا تەلەپلىرىڭىز بارمۇ؟

-بۇنىڭغا ئوبدان ئويلانسام بولغۇدەك

-تۆت يىل ۋاقىت يىتەمدۇ؟

******************************************************

-ئاھ…ئۇ قىز شۇنداق گۈزەلكى…ساڭا دىسەم،ئۇنىڭ پاسپورتىنى چاشقانلار يەۋەتسىمۇ، رەسىمىگە چىقىلماپتۇ!!
******************************************************

-مالىم..ئىشىكتە بىر تىلەمچى تۇرىدۇ،سىزنى بىرنەرسە بەرسىكەن دەيدۇ..

-تۈنۈگۈن سىلەرگە بەرگەن تاپشۇرۇقنى بېرىڭلار..

******************************************************

چۆللۈك..

كۈن نۇرى….

كارۋان كېتىۋاتىدۇ…..

بىر تۆگە يېنىدىكى تۆگىگە دەپتۇ:

-ئادەملەر بىز ئۈچۈن نىمىلا دىمىسۇن………….مەن يەنىلا ئۇسساۋاتىمەن!

******************************************************

ئىشلەپ تېرىكىپ كەتكەن ئەسكەر:

-كوماندىر..بىز نىمىشكە ئاكوپ كولايمىز؟

-دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ كەلسە پايدىسى بولىدۇ!

-بولدىلا بىز ھۇجۇم قىلايلى،ئۇلار ئاكوپ كولىسۇن

******************************************************

ئوغلۇم:

-دادا…دادا….گىپىم بار!

-قىسقا،چۈشىنىشلىك بولسۇن!

-100 سوم!

******************************************************

تۇرمۇشتا ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئىككى مەسلىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

1-ئۆزىڭىز بىلگەن نەرسىنى باشقىلارغا دىمەڭ!

2-……………………………………………………….

******************************************************

پويىز ئىستانىسى..

-پويىز قوزغۇلۇشقا قانچىلىك بار؟

-10 مىنۇت

-مېنىڭ سائىتىمگە قارىسام 5 مىنۇت باركەنغۇ؟

-ئەمىسە سەن ئۈلگۈرەلمەيسەن!

******************************************************

جىددى يۈرەك كىسىلى قوزغالغان كىشى دوختۇرخانىغا ئەكىلىنىپتۇ.

-تاماكا چىكىۋالسام بولامدۇ؟

-بوپتۇ……ئەڭ ئاخىرقى تەلىۋىڭ شۇ بولسا…..

******************************************************

قارلۇقتا photoshop ئۆگۈنىۋاتقان ئوقۇغۇچى سودىلىشىپ قاپتۇ.

-1000 سومغا….بولدىلا،پۈتۈنلا قىلىپ 1024 سومغىلا بېرىۋىتەمسىز؟

******************************************************

توخۇم قورىۋاتقان ئايالىغا ئېرى:

-تۈزۈك قورىمامسەن،تۇز سال! ۋاي ئۆرى! ئاپلا كۆيۈپ كىتىدىغان بولدى….

-ۋايۋۇي!مەن تۇخۇم قورىشنىمۇ بىلمەمدىم؟!

-ئىشىغا ئارىلىشىۋالسا قانداق بولىدىكەن؟..

******************************************************

بالىسى يېغلاپ ئۆيىگە كىرىپتۇ؛

-بالام،نىمىگە يېغلايسەن؟

-دادام…..دادام قولىغا بولقا ئۇرىۋالدى..

-ئەمىسە سەن نىمىگە يىغلايسەن؟

-مەن كۈلىۋەتكەنتىم………………..
******************************************************

دۇكانغا بىرى دوپپا ئالغىلى كىرىپتۇ؛

-45-رەزمىمۇ ياكى 55-رەزمىمۇ؟

-تازا ئىسىمدە يوق جۇما..

-ئەمىسە 45 كەن….

******************************************************

ئىشىك تۈۋىدە ئىككى مۇئەككىل ئۆلگەنلەرنى جەننەتكە ۋە دوۋزاققا ئايرىۋىپتۇ..

-نىمە قىلاتتىڭ؟

-پوپلارنىڭ كىيمىنى تىكەتتىم.

-ماڭ،جەننەتكە كىر!

-سەنچۇ؟

-پوپلارنىڭ تامىقى ئىتەتتىم.

-ماڭ،جەننەتكە كىر!

-ئەمدى سەنچۇ؟

-“ئۈچتە ھەمرا“خېنىم ئىدىم!

-سەن دوۋزاققا كىر،ئەمما يىراققا كەتمە ھە؟!!…

******************************************************

زابويلار ئىچىشىپ ئولتۇرۇپتۇ؛

-ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ تۆت زابوينىڭ بىرى راك كېسىلى بىلەن ئۆلىدىكەن.

-نىمە بوپتۇ؟!!!…بىز ئۈچ تۇرساق..

******************************************************

ئىككى ئايال سۆھبەتتە..

-توي قىلدىڭمۇ؟

-ياق،بويتاق.

-پۇشايمان قىلمامسەن؟

-نىمە بوپتۇ؟!شەھەر سېرتىدا نۇرغۇن زىمىنىم ۋە ئىنەكلىرىم بار.

-بەختلىككەنسەن..

-بوپ قالىدۇ،ئەمما ئىنەكلىرىمدەك ئەمەس…

******************************************************

قاتناش ۋەقەسى چىقىپ ساقچى سوراپتۇ؛

-تۈپتۈز يولدا نىمىگە ۋەقە چىقاردىڭ ۋوي..؟؟

-ۋاي تاڭ ساقچى!…جىم كېتىۋاتسام ئىستولبىلار يولدىن كىسىپ ئۆتۈشكە باشلىدى،ئارىسىدىن بىرى ئىچىۋالدىمۇ،مەن بىلەن شۇنچە قىرىشىپ ئۆتەلمىدى…

******************************************************

-جىنىم..ماۋۇ دەرىزىگە پەردە ئالايلىچۇ؟

-نىمىشكە؟

-ئۇدۇلدىكى ئوغۇللار ياتىقىغا ئوقۇغۇچىلار كەلدى.

-ۋاي!…خاتىرجەم بولە،سىنى كۆرسە ئۇلار ئۆزلىرى ئالىدۇ.

******************************************************

يىلدا بىرلا ئېغىز سۆزلەش ئەپسۇنىغا ئۇچىرىغان بىر بىچارە تۆت يىل سۆزلىمەي كۆيۈپ يۈرگەن مەلىكىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ؛
-مەن….سىزنى…..ياخشى…..كۆرۈمەن!
-نېمە؟

******************************************************

كىچىك يىلان چوڭ يىلاندىن سوراپتۇ؛
-بىزدە زەھەر بارمۇ؟
-بار،قانداق دەيسەن؟
-بايام ….تىلىمنى… چىشلىۋالدىم..

******************************************************

غەربچە رېستۇراندا كالا گۆشى قوۋۇرغۇسى پىشۇردىغان ئاشپەز كەسىپ ئالماشتۇرۇپ جەسەت كۆيدۈرىدىغان يەردە ئىشلەپتۇ،لىكىن دائىم كەسپى ئادىتى بويىچە جەسەت ئىگىلىرىدىن بىلىپ بىلمەيلا “ئۆتكۈزۈپرەك پىشۇرۇپ بىرەمدىم ياكى چالىراقمۇ؟“دەپ سوراپ سالىدىكەن.

******************************************************

دوختۇر:
-سىزگە رېستىپ يىزىپ بىرەي دىسەم قەلىمىمنى تاپالمايۋاتىمەن.
-باياتىن قەلىمىڭىزنى قولتۇقۇمغا قىستۇرۇپ قويغان ئىدىڭىزغۇ؟

******************************************************

-قانداق مىتىرنى مېللىمىتىر دەيمىز؟
-مىللىلار ئىشلىتىدىغان مىتىرنى  مىللىمېتىر دەيمىز!

******************************************************

پەلەستىنلىك دادا ئوغلىغا بىر قورال سوۋغا قىلىپتۇ.
-قەنى قورالىڭ؟
-دادا…ماڭا قورال كېرەك ئەمەس،ئۇنى سىتىۋىتىپ ئورنىغا رولىكىس ماركىلىق سائەت سېتىۋالدىم.
-ھىم…..قىياس قىلىپ باقە،ئەگەر بىرى سىنى “ۋۇ داداڭنى،بوۋاڭنى،ئۇرۇق ئەۋلادىڭنى ..“دەپ تىللىسا سەن سائەت 1:25 ئۆتتى دەپ جاۋاپ بىرەمسەن؟

********************************************************

بىر ئۆمۈچۈك يەنە بىز ئۆمۈچۈكنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ توي تەكلىۋى قويۇپتۇ.
-ئىككىمىز توي قىلايلى!؟
-بولمايدۇ.
-نېمىشقا؟
-ئاپام كۈندە تورغا چىقىدىغانلار ياخشى ئادەم ئەمەس دىگەن.

******************************************************
ئېرى ئايالىدىن-سەن مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىسەن ؟
ئايالى-سىز مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرسىڭىز،مەنمۇ سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن.
ئېرى-خۇدايىم سېنىڭ جاجاڭنى بەرسۇن!

******************************************************

كىچىك ئىشەك چوڭ ئىشەكتىن سوراپتۇ

-نىمە ئۈچۈن ئىنەكلەر بىزدىن ياخشى نەرسە يەيدۇ؟

-بولدى سورىما،بىز پۇتىمىزغا تايىنىپ جان باقىمىز،ئۇلار……

******************************************************

ئىت ئېيىققا تەلەپ قويۇپتۇ.

-ماڭا تېگىڭ،سىزنى مەڭگۈ بەخىتلىك قىلىمەن.

-ياق،مە ساڭا تەگسەم ئىتئېيىق تۇغىمەن،كىشىلەر تەرىپىدىن ھاقارەتلىنىمەن،مۈشۈككە تەگسەم مۇشۈك ئېيىق تۇغىمەن،ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ.

******************************************************

بىر ئوغۇل سىنىپتىكى قىزغا “چوشقا“دەپ لەقەم قويۇپ مۇئەللىمىدىن دەشنام يەپتۇ،مۇئەللىمى ئاتا-ئانىلار يېغىنىدا ئۇ بالىنى تەنقىتلەپ:

-ھازىرقى بالىلار نىمىدىگەن ئەدەپسىز ھە؟! ساۋاقدىشى نىمىگە ئوخشىسا شۇنى لەقەم قىلىۋالغان.

******************************************************

سۇ-مەن مەڭگۈ سىنى قۇچاقلاپ ياتىمەن،سەندىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمايمەن.

بىلىق-مەنمۇ ئىللىق قوينۇڭدا بەرگەن ھارارىتىڭدىن مەڭگۈ ھوزۇرلىنىمەن.

قازان-قارا….ماۋۇ ئىككى ھاماقەتنىڭ پىشاي دەپ قالغاندىمۇ دىيىشىۋاتقان گىپىنى…

******************************************************

ماۋزىدۇڭ سەكرەتتا دېڭ شاۋپىڭنى چاقىرىپ:

-پىڭ پىڭ..مەن كىتىدىغان ئوخشايمەن،لىكىن مەن كەتكەندىن كېيىن ساڭا ئەگەشكۈچىلەر كۆپ ئەمەستەك قىلىدۇ؟!

-خاتىرجەم بولە ماۋ ئاكا،ماڭا ئەگەشمىسە ساڭا ئەگەشتۈرۈپ قويىمەن!

******************************************************

بوش خۇجىتاۋدىن سوراپتۇ.

-بىز ئاي شارىغا چىقساق 3-4 ئادەم چىقىمىز،سىلەر نىمە ئۈچۈن،ئىككى ئادەم چىقىسىلەر؟

-بىزنى چۈشەنمەيسەن يولداش بوش،بۇ گۇيلار ئۈچ ئادەم چىقسا “دۇۋدىجۇ“،تۆت ئادەم چىقسا “ماجاڭ“ ئويناپ ئىش قىلغىلى ئۇنىمايدۇ.

******************************************************

نەدە خىزمەت قىلىسەن؟

-ھىچ يەردە

-نىمە ئىش قىلىسەن؟

-ھىچ ئىش

-نىمانداق ياخشى؟!!

-شۇ…..ئەمما رېقابەتچىلىرىم تويغۇزىۋەتتى!

******************************************************

ئوقۇتقۇچى.

-توك نەدىن كېتىدۇ؟

-پاھىشەخانىدىن!

-نىمىشكە ئەمدى؟!!

-تۈنۈگۈن ئۆيدە توك كەتكەنتى،دادام “……………..نىڭ بالىلىرى،يەنە توكنى كېسىۋىتىپتۇدە“دىدى..

*******************************************************

چەتئەلدىكى نەۋرىسى مومىسىغا تېلفۇن قىلىپ:

-موما بۇنىڭدىن كېيىن تېلغۇن قىلما،كومپىيوتىردا خەت يازساڭ ھەم قولاي،ھەم ئەرزانچىلىق.

-ھە ماقۇل

-موما ،ئېلخەت ئادىرىسىڭنى دەپ بېرە…

-ئادىرىس؟

-ھە ئادىرىسىڭنى دەيمەن.

-ۋاي تۇزكور چەتكە چىقىۋېپلا ئۆينى ئۇنتۇپسەندە..!

*********************************************************

پوچتا دەۋرىدە:سېغىنىچلىق سالام خەت،سېغىنغاچقا يازغان خەت،ھۆرمەت بىلەن…

تىلىفون دەۋرىدە:ۋەي….سىز كىم ؟ ئۇ كىشى يوق…

چاقىرغۇ دەۋرىدە: دەرھال تېلىفون قايتۇرسۇن ! تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك!

يانفون دەۋرىدە:ئالو….سىز قەيەردە؟ خاتا ئۇرۇپ قويۇپسىز !

تور دەۋرىدە: سىز كىم ؟ ئوغۇلمۇ،قىز ؟ ئوقۇغۇچىمۇ ياكى ئىشلەمسىز؟!

كەلگۈسىدىكى تور دەۋرىدە: تورخۇماردا ئادەم بارمۇ..؟ سىز ئادەممۇ،ياكى ماشىنا ئادەم ؟!…

تورداش مىسكىننىڭ تەمىنلىگەن يۇمۇرلىرىغا رەھمەت، كۆپچىلىكنىڭ ئارام كۈنلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن!

无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 17 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ,
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 2,339 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 04-ئاينىڭ 22-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: humor-20110422.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. پاسىبان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىسقىلا تەسىرات يازسام:
    يېڭىكەن

  2. شەمسى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نېمانداق جىق يۇمۇر بۇ، ھەممىنى كۆرۈپ بولغان چاغدا ئۆزۈمنى قوسۇغۇمنى تۇتۇپ يەردە كۈلۈپ ياتقان ھالەتتە كۆرۈپتىمەن… :mrgreen:

  3. بۈركۈت : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋەششى قىززىقكەن ماۋۇ يۇمۇرلار

  4. ۋەيرانى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شاش يۇمۇرلار ئىكەن….

  5. Forever : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەلەن يۇمۇرلار ئىكەن ، ئەتىگەندە روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالدى ، رەھمەت ھە :razz:

  6. ۋىروس : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇمۇ ياخشى بولغۇنى . خېلى كۈلىۋالدىم .

  7. سەھرالىق : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەھرالىقنىڭ باش سۈرتى كۆرۈنمەيدا؟
    ۋاپ نېمە بولغىنى بۇ، ئىنكاسى تەستىقلىنىدىغان بولاپ قاپتا…مۇشۇ تەدبىركارنىڭ قىلغان قىلىقى… داۋاملىق دېۋانغا چىقىۋالدى دەپ مېنى چەكلىۋەتكەن چېغىۋا…
    ئاپلا…ئېلخەت ئادرېسىمدا بىردانە «ئو» ئارتۇق كېتىپتۇ :mrgreen:

  8. رازۋىتچىك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    -قانداق مىتىرنى مېللىمىتىر دەيمىز؟
    -مىللىلار ئىشلىتىدىغان مىتىرنى مىللىمېتىر دەيمىز!

    ============================================
    مابەك قىززىقكەن جۇما؟!!!! :mrgreen:

  9. ئەزىز : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يې بالاڭزا دەيدىغان يۇمۇردىن بىرەنى قۇشۇپ قۇيماي…

  10. ئاقتۇرۇك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولدى ، دىمەيلاقويە بىز كۇچىمىزگە تايىنىپ جان باقىمىز، ئۇلار :lol:

  11. ئەلشات بلوگى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزەن يۇمۇرلارنى ئوقۇپ بولۇپ قەتئى كۈلمىدىم يا كۈلىدىغان يىرى بىشىدىمۇ ئۆتۈپ كەتگەن ئوخشايمەن بەزەلىرىگە ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ ئەتە كۈلىدىغاندەك قىلىمەن

    • پاسىبان :

      نوھنىڭ كىمىسىدە كىمنى تاشلىۋېتىش توغرىسىدا مۇشۇنداق بىر يۇمۇر بولىدىغان. ئانداق دېسىڭىز شۇ ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ… :mrgreen:

  12. سۇمپىيان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەكسەنپۇت يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنىڭ پۇتىنى ساناپتۇ:
    -بىر، ئىككى،ئۈچ… … …يەتمىش سەككىز، يەتمىش توققۇز، سەكسەن، سەكسەن بىر ! ئاھ خۇدا! ئوغۇلكەن!….. :wink: :grin:

  13. سۈرخان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يامان قىزىق يۇمۇرلاركەن. ھەممىنى txtقىلىپ ساقلىۋالدىم. ئاق نەشپۈت ئارقىلىق يانفوندا كۆرۈپ تۇرامەن

  14. كەمەك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    س :roll: :roll: :roll: :roll: :roll: :roll: :roll: :wink: :wink: :wink: پەچەت

  15. رىتا1028 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاشپەزنىڭ قىززىقكەن ، ئۆتكۈزۈپرەك پىشۇرامدىم ياكى ،،،، :mrgreen: :mrgreen: :lol: :lol:

 汗