نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > ھېسسىي دۇنيا > يازما مەزمۇنى

ئوخشىمىغان ياشتىكى ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن كۈتىدىغىنى، ئاياللارنىڭ قانداق تەلەپلىرى باردۇ؟

ئۇ قىزنىڭ تاپشۇرۇقىنى كۈچۈرۋېلىشىمغا يول قويسا، ئىمتاھاندىن ئۆتەلمسەم مىنى زاڭلىق قىلمىسا، مەن ئۇنىڭ چېچىنى تارتسام مۇئەللىمگە ئېيتىپ قويمىسا، ئۆچۈرگۈچىنى ماڭىلا بىرىپ تۇرسا باشقا ئوغۇللارغا بەرمسە. ھەر جۈمە كۈنى ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويسام، بىر تال مارۇژنا سېتۋېلىپ بۈلۈپ يىسەك، ئۇنىڭ سۈت چىشى چۈشۈپ كىتىپ بەك چىرايلىق بۇلۇپ قاپتۇ…

ئۈچ ياشتا مەن دائىم قۇچىقىدا تۇرسام، ماڭا ياخشى تاماقلارنى تەييارلاپ بەرسە، تاماقنى يىگۈزۈپ قويسا، ئىشتىنىمغا سىيىپ قويسام مىنى ئۇرمىسا.

توققۇز ياشتا ئۇ قىزنىڭ تاپشۇرقىنى كۈچۈرۋېلىشىمغا يول قويسا، ئىمتاھاندىن ئۆتەلمسەم مىنى زاڭلىق قىلمىسا، مەن ئۇنىڭ چېچىنى تارتسام مۇئەللىمگە ئېيتىپ قويمىسا، ئۆچۈرگۈچىنى ماڭىلا بىرىپ تۇرسا باشقا ئوغۇللارغا بەرمسە. ھەر جۇمە كۈنى ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويسام ، بىر تال مارۇژنا سېتۋېلىپ بۈلۈپ يىسەك. ئۇنىڭ سۈت چىشى چۈشۈپ كىتىپ بەك چىرايلىق بۇلۇپ قاپتۇ.

18 ياشتا چىرايى گۈلدەك بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭسام ھەممە ئوغۇللارنىڭ كۆزى قىزىرىپ ماڭا ھەۋەس بىلەن قارىسا، بىر كۆرۈپ ئاشىق بۇلۇشقا ئىشەنسە، تەنھەركەت ئايىقىمنى سېسىقكەن دەپ مىنى ئەيىپلىمىسە، قورساق ئاچقاندا تەييار چۆپ سېلىپ بىرەلىسلا بولدى. كۆپ قىسىم پارچە خراجەتلىرنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلالىسا، ئانچە كۈنلەپ كەتمىسە، كاچتىمغا بەك قاتتىق ئۇرمىسا، تۇغۇلغان كۈنىمنى ئىسىدە چىڭ تۇتسا، داۋاملىق بىرگە بۇلۋالمىساق.. توي قىلمىسام….

30 ياشتا ئەقىللىق بولسا. ئۇ يەر بۇ يەرلىرى يىرتىق پادىچىلار ئىشتىنى كىيمىسە، گىرىمنى يۇيۋەتكەندىن كىيىنمۇ چىرايلىق تۇرسا، يۈرۈش تۇرۇشى جايىدا ، سالاپەتلىك كۈرۈنسە، خىزمەتداشلىرىم ۋە دوسلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرسە، مىنى ھۆرمەتلىسە، ماڭا ياشايدىغان ۋە پىكىر يۈرگۈزدىغان بوشلۇق بەرسە، ماڭا كۆينەك بىلەن گالىستۈك ئېلىپ بەرسە، رومانتىك بولسا، ھەپتە ئاخىردا بىر نەچچە خىل قورۇما تەييارلاپ قويىدىغان بولسا، ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولسا لىكىن تاپقان پۇلى مىنىڭكىدىن كۆپ بولمىسا، باشقىلار قوغلاشسىمۇ لىكىن ئوغۇل دوسلىرى كۆپ بولمىسا. دائىم بىللە بۇلۇشۇمنى ئۈتۈنمىسە ..توي قىلساقمۇ مەيلى…بالىنى ياخشى كۆرسە…..

45 ياشتا ساغلام بولسا، قانداق كىيىنسىمۇ يەنلا چىرايلىق كۈرۈنسە. بەزىدە كوتۇلدىمىسا. بەزى ۋاقىتلاردا قەلبىمنى لەرزىگە سالسا مەسلەن: توي خاتىرە كۈنى بىز بىر رېستۇراندا ئۇچۇرشۇشنى كلىشىپ قويساق. يولدىكى بالىلار ئۇنى «موما» دەپ چاقىرماي «ھەدە» دەپ چاقىرسا. ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈننى ئۇنتۇپ قالساممۇ مەندىن رەنجىپ قالمسا.. رەنجىپ قالغاندا نەرسە ئاتمىسا..ئاتسىمۇ ئەرزان نەرسلەرنى تاللاپ ئاتسا. ئەگەر بىرسى ئۇنىڭغا مۇھاببەت خېتى يازسا مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش خوشال بۇلاتتىم. ھەپتە ئاخىردا مىنى ئۆزى بىلەن بىرگە قېيىنئانامنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا زورلىمىسا..

55ياشتا كىلماكتىرىيە دەۋرىدە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئادەم ئۆلتۈرۈپ ئوت قۇيۇپ، دۆلەتنىڭ ھوقوق يۈرگۈزدىغان ئورگانلىرغا ھۇجۇم قىلىپ ، مىنى يولۋاس ئورۇندۇق« جازا قورالى» غا ئولتۇرغۇزمىسا..

65 ياشتا مىنىڭ گۈل بېقىشىمغا رۇخسەت قىلسا .. مىنىڭ باققان بېلىقلىرىم بىلەن ئۆزىنىڭ مۈشۈكلىرنى بېقىۋالمىسا.. دورامنى ئىچىشنى ئەسكەرتىپ تۇرسا. ھەر دا ئىم بىللە بولساق …ھايات بولساق… مىنىڭ كىملىكىمنى ئىسىدە چىڭ تۇتسا…

مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. زىلتار 2011.08.20 , 22:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋانمۇ يا؟

  2. سەھرالىق 2011.08.20 , 23:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاھ خۇدا… بۇ دەل مەن قالدۇرغان خاتىرىكەنغۇ؟ قانداقسىگە…:arrow:

    • پرېستان 2011.08.21 , 01:21

      بىر پاتمان گەپ يازغىچە «دىۋان» دەپلا يازسىلا بولمامدۇ دەيمەن؟!

  3. نۆل ۋە بىر 2011.08.21 , 13:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي خۇدايىم ئۆي تۇتماق راسلا ئاسان ئەمەسكەن -ھە!؟

  4. جەسۇر 2011.08.21 , 16:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي :mrgreen:

  5. ئۇنىڭ 2011.08.22 , 08:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن ھازىر ئۇ مىنى سۆيسىلا قەلبىدە مەن بولساملا دەيمەن ،

    ئەمسە مەن قانچە ياش :mrgreen:

    • ئاقتۇرۇك 2011.08.22 , 21:44

      13 ياش :mrgreen: دېققەت : ياشقۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەزكۇر يازمنى كۆرىشى قەتتى چەكلىندۇ (ئالاھىدە جەنپەندىكى خەتلەرگە قاراپ يېزىلدى):oops:

    • نۇرلۇق 2011.08.23 , 11:10

      قارىغاندا يۇقارقىسىگە ئوخشىمايدىكەن، چوقۇم 80 ياش:grin:

  6. ۋولقان 2011.08.26 , 15:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جايىدا ئوخشىتىش بوپتۇ، ئوخشاش بولمىغان ياشىتىكى قىزلار ئەرلەردىن نىمە كۈتدىغاندۇ.

  7. چاقماق 2011.08.27 , 13:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياشىسۇن ئەركىنلىك. ئاپلا نەچچە ياش بولغىيتى.

  8. تەمبۇر شاھزادىسى 2011.09.06 , 12:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئايپاتەمكەنغۇ بۇ :grin:

  9. شاھزادە 2014.05.15 , 12:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۇرمۇش بىر جەڭ مەيدانىدە،،،،

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量