نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > رەقەملىك دۇنيا > يازما كۆرۈش

Android تەقلىدچىسى ئارقىلىق ھېچقانداق پۇل خەجلىمەيلا PC دا Google يانفونىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش

Android تەقلىدچىسى ئارقىلىق ھېچقانداق پۇل خەجلىمەيلا PC دا Google يانفونىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش

Google ئوتتۇرىغا چىقارغان Android يانفون مەشغۇلات سېستىمىسى يېقىنقى زامان يانفون ساھەسىگە بىر مەيدان بوران چاپقۇن ئېلىپ كەلدى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ، دېمىسىمۇAndroid مەشغۇلات سېستىمىسى iPhone دىن قالسىلا، بازاردىكى ئەڭ قىززىق نۇقتا بولۇپ قالغان بولۇپ، نۆۋەتتە Android نىڭ تارىخى ئۇزۇن ئەمەس، بىراق تەرەققىياتى بەكلا تېز بولغاچ، نۇرغۇن كىشىلەر تېخى بۇ مەشغۇلات سېستىمىسى بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ناۋادا Android سېستىمىسىغا قىززىقسىڭىز، بىراق يانفونىڭىزنى ۋاقتىنچە ئالماشتۇرۇش پلانىڭىز بولمىسا، ئۇنداقتا بۈگۈن torHumar.com سىزگە تەۋسىيە قىلماقچى بولغان، كومپيۇتېردا Android مۇھىتىنى ھەقسىز سىنايدىغان مەۋھۇم تەقلىدچىنى ئىشلىتىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

Android SDK Emulator بولسا Google يانفون مەشغۇلات سېستىما ئېچىش بولىقى ئىچىدىكى كىچىك بىر بۆلەك بولۇپ، ئۇ Windows، Mac ۋە Linux قاتارلىق مۇھىتلاردا خىزمەت قىلالايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ تەقلىدچى، Android ئۈچۈن يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلارنىڭ سىنىشى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن بولۇپ، بىز بۇ يەردە بۇ تەقلىدكۈچ ئارقىلىق Andoid سېستىمىسى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇپ باقساق بولىدۇ. ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە بۇ كېيىن Android سېستىمىلىق يانفونلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈنمۇ مۇھىم تەسىرات بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: چۈشۈرۈپ قوزغاتقاندا خاتالىق ئۇچۇرى كۆرۈنسە Java مۇھىتىنى قاچىلاڭ.

چۈشۈرۈش مەنزىلى

مەۋھۇم Android تەقلىدچىسى | مەنبە: torhumar.com | Java مۇھىتىنى چۈشۈرۈش

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 10 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. سادا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان ماڭا قاپتۇ!

  2. سادا : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Symbian نىڭ مۇ بامىدۇ ؟

    • دولقۇن731 :

      مەن بۇرۇن ئىزدەپ باققانتىم ،ئەمما تاپالمىغان بەلكىم بار بۇلىمى مۇمكىن

  3. Goodboy : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىزىمچان ئىكرانلىق بولسا، كومپىيۇتېردا سىنىغىلى بولمايدىغۇ دەيمەن.
    سىزىمچانلىق ئىكرانلىق كومپىيۇتېر بولسا سىناپ باقىدىكەنمەن. :razz:

    • سەھرالىق :

      سىنىغىلى بولىدۇ، دەم ئىلىش كۈنۈمدە مۇشۇنى ئويناپ ،ئىچىم قىززىپ 1400 گە ساختىسىدىن بىرنى ئىلىۋەتتىم :???:

  4. پرېستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەندە قاچىلانمىدى،،،، :???:

  5. ئەرك : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تىلفۇنىمدىلا google نىڭ ھوزۇرىنى سۈرىۋاتىمەن :grin:

  6. ياۋايى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭكىدە قاچىلانمىدى ..باللا ۋاھ ئاندا ماندا دەتىتى . بى كۇرەي دىسەم نەدە … ئۇنى بار سۇپۇرسىى يوق ، تۇزى بار شورپىسى يوق نەرسىمۇ نىمە بۇ … :roll:

  7. ئويغۇرلار : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بارمۇ نىمە ؟؟مەندە يو ق

 汗