نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > تاغدىن-باغدىن > يازما كۆرۈش

Adobe Photoshop نىڭ تارىخى ھەققىدە

Adobe Photoshop نىڭ تارىخى ھەققىدە

Photoshop مەيلى كۈندىلىك لايىھە ئىشلىرىمىزدا بولسۇن، ياكى چوڭ تىپتىكى كەسپى تەكشىلىكتە لايىھەلەش خىزمەتلىرىدە بولسۇن، ئاللىقاچان زۆرۈر قورالنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ بولدى، مەسىلەن سىز كۆرۈۋاتقان تورخۇمار ۋە تەدبىركار تور بېكەتلىرىدىكى يازما قىستۇرما رەسىملىرىمۇ Photoshop ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان، بىراق نۇرغۇنلار Adobe Photoshop تىن ئىبارەت بۇ مۇۋاپىقىيەت قازانغان مەھسۇلاتنىڭ قانداق تارىخى بارلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇنداقتا دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇندا بولسۇن.

Thomas Knollنىڭ دادىسى Glenn Knoll مىچاگېن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ Photoshopنىڭ ئاساسلىق لايىھەلىگۈچىسى پراففىسورى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى بولۇپ، ئۇنىڭ گەمىسى رەسىم يۇيۇش ئۆيى ئىدى. ئۇنىڭ Thomas ۋە John دېگەن ئوغۇللىرى كىچىكىدىنلا دادىسىنىڭ بۇ ئويىگە كىرىۋالاتتى. بولۇپمۇ Johnنىڭ يېڭىدىن ئومۇملىشىۋاتقان كومپيۇتېرغا بولغان ئىشتىياقى كۈچلۈكرەك ئىدى. ئۇنىڭ تەسىرىدە Thomasنىڭمۇ ئىشتىياقى قوزغالدى ۋە 1987-يىلى «ئالما» ماركىلىق MAC Plusدىن بىرنى سېتىۋالدى ھەمدە بۇ كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دووكتۇرلۇق دىسسېرتاتسىيەسىنى يېزىشقا ئىشلەتتى.

شۇ چاغلاردا Thomas كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ كۈلرەڭ رەڭدىكى ئاق-قارا رەسىم (كونىچە ئاتىساق رەڭسىز رەسىم)نى توغرا كۆرسۈتەلمەيدىغىنىنى ھېس قىلىپ ئۆزى بىر Display ئىسىملىك يۇمتالنى ياساپ چىقىپ ئىشلەتتى. بۇ چاغ ئۇنىڭ قېرىندىشى John «پلانېتلار ئارا ئۇرۇش» فىلىمىنىڭ رېجىسورى Lucasنىڭ كىنو-فىلىملەرگە ئالاھىيدە ئۈنۈم ئىشلەش شىركتى Industry Light Magicتە خىزمەت قىلاتتى، Johnنىڭ بۇ پېروگراممېغا كۆزى چۈشتى ۋە قېرىنداش ئىككەيلەن بىر يىلدىن ئارتۇق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق Display پروگراممىسىنى تېخىمۇ ئىقتىدارلىق بولغان سۈرەت تەھرىرلەش پروگراممېسىغا ئايلاندۇردى.

Photoshopنىڭ قۇرغۇچىللىرى

ئۇلار كۆپ قېتىملىق ئىسىم قويۇش ۋە ئۆزگەرتىشتىن كېيىن بىر قېتىملىق كۆرگەزمىدە ئېكىسكۇرسىيىچىلەرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن Photoshop دېگەن بۇ ئىسىمنى قارارلاپ ئىشلىتىشكە باشلىدى. بۇ چاغدىكى Display/Photoshop تا رەڭلەر دەرىجىسى(Level)، رەڭلەر تەڭپۇڭلىقى (Color blance)، تويۇنۇش دەرىجىسى قاتارلىق تەڭشەش ئىقتىدارلىرى ۋۇجۇتقا چىققان ئىدى. بۇندىن سىرت John يەنە مەخسۇس پروگرامما يېزىپ ئېسىلمىلار (Plug-in) ئۈچۈن ئاساس سالغان ئىدى.

سودا ساھەسىدە بۇلار Photoshop نى مەخسۇس سكانېر سودىسى قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ سكانېرىغا قوشۇپ ساتتى، بۇ چاغدىكى پوروگرامما ئىسى Barneyscan XP بولۇپ ، نەشىر نۇسقىسى 0.87 ئىدى . بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا John يەنە باشقا سودىگەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان بولسىمۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىدى. ئاخرىدا ئۇلار Adobe شىركتىنىڭ گۈزەل-سەنئەت رېژىسورى Russel Brown بىلەن ئۈچرىشىپ قالدى. بۇ چاغدا Russel Brown باشقا بىر شىركەتنىڭ ColorStudio ناملىق يۇمتالىنى ئىشلىتىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان بولۇپ، Photoshopنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇ ئاكا-ئۇكا Knollنىڭ پروگراممىسىنى تېخىمۇ ئىستىقباللىق دەپ قارىدى ھەمدە 1988-يىلى ئاۋغۇستتا ئاغزاكى كېلىشىپ ئىككىنچى يىلى ئاپىرىلدا ئاندىن رەسمىي قانۇنلۇق توختام تۈزۈشتى.

توختامدىكى مۇھىم بىر نوقتا Adobe شىركىتى Photoshop نىڭ «license to distribute» ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ دېگەنلىك تارقىتىش ھوقىقىلا بولۇپ باشقا ھوقۇق ۋە ئىمتىيازلارغا توختام تۈزۈلمىگەن ئىدى. بۇ ئىش ئاكا-ئۇكا Knoll لارنىڭ باي بولىشىغا زور ئاساس بولدى. چۈنكى، بۇ چاغدا Adobe شىركىتى Photoshop نىڭ بۇنداق مىسلىسىز دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولۇپ، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن ئاكا-ئۇكىلار دەسلەپكى ئىككى يىلدا 250مىڭ دوللارلىق نەشىر ھوقۇقى پۇلىغا ئېرىشكەن ئىدى.

Thomas ۋە Adobe نىڭ باشقا ئىنجىنېرلىرىنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى ۋە تىرىشىشى نەتىجىسىدە 1990-يىلى فېۋرالدا Photoshop نىڭ 1.0.9 نۇسخىسى رەسمىي تارقىتىلدى.

Photoshop نىڭ 1.0.7 نۇسخىسى

John Knollمۇ بەزى ئېسىلمىلارنىڭ ئىشلىنىشىگە قاتناشتى. بۇ نۇسقىنىڭ ھەجىمى 800 كىلوبايتىس بولۇپ، MAC سېستىمىسىدكى بىر يۇمشاق دېسكىغا سىغاتتى.

90-يىللاردا ئامېرىكا باسما سانائىتىدە زور ئۆزگۈرۈشلەر مەيدانغا كېلىپ، بېسىشتىن بۇرۇن كومپيۇتېرلاشتۇرۇش (pre-press) ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەن ئىدى. Photoshopنىڭ 2.0 نۇىسخسىغا CYMK ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق بېسىشتىن بۇرۇنقى رەڭ ئايرىش ئىشلىرى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىختىيارى تاپشۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر ساھە_ئۈستەل يۈزى باسمىچىلىقى(Desptop Publishing) مەيدانغا كەلدى.

2.0 نۇسخىنىڭ يەنە باشقا ئالاھىيدىلىكلىرى بولۇپ، ئۇ Adobe شىركىتىنىڭ Illustrator، Doutones،Pen tool قاتارلىق ھۆججەت ۋە قورللىرىنى قوللايتتى. ئىچكى ساقلىغۇچقا بولغان تەلىۋى 2 مېگابايتىستىن 4 مېگاباتىسقا ئاشقان بولۇپ، يۇمتالنىڭ مۇقىم ئىشلەش ئىقتىدارى زور دارىجىدە كۆتۈرۈلگەن ئىدى. مۇشۇ نۇسخىدىن باشلاپ Adobe شىركىتى Photoshop قا ئىچكى جەھەتتىن نام بېرىشنى باشلىغان بولۇپ،2.0 نۇسخىسىنىڭ ئىچكى نامى Fast Eddy ئىدى. بۇ نۇسقا 1991-يىلى ئىيۇندا بازارغا سېلىنغان.

ئەمدى نۆۋەتتىكى نۇسخىدا Photoshopنى Windows مۇھىتىدا ئىشلىتىش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچكى ئاتىلىشى BrimStone دەپ بېكىتىلگەن ، MAC نۇسقىسى بولسا Merlin دەپ ئاتالغان. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى رەسمىي بازارغا سېلىغان يۇمتالنىڭ نۇسخا نومۇرى 2.5 بولۇپ باشقا يۇمتاللارغا ئوخشاش چېكىتتىن كېيىنكى خانىلەرنى نۇسخىنى داۋاملىق ئۆزگەرتىشكە قالدۇرمىغان ئىدى. بۇ نۇسخىغا رەڭ تاختىسى (Platte) ۋە 16-bit لىق ھۆججەتنى قوللاش ئىقتىدارى قوشۇلغان ئىدى.

بۇ چاغدا Photoshopنىڭ MACتىكى ئاسالىق رېقابەتچىسى Fractal Design شىركتىنىڭ ColorStudio يۇمتالى، Windowsتىكى رېقابەتچىسى بولسا Aldus شىركىتىنىڭ PhotoStyler يۇمتالى ئىدى. Photoshop دەسلىۋىدىلا ColorStudioنى ئارقىغا تاشلىۋەتكەن بولۇپ، Windowsمۇھىتىدا بولسا يەنە بىر مەھەل تىرىشىش ئارقىلىق رېقابەتچىسىگە يېتىشكەن ئىدى.

3.0 نۇسخىسىنىڭ مۇھىم ئالاھىيدىلىكلىرىدن بىرى Layer(قەۋەت) ئقىتىدارى بولۇپ، MAC نۇسقىسى 1994-يىلى سېنتەبىردە تارقىتىلغان، Windows نەشىرى بولسا نويابىردا بازارغا سېلىنغان. ئاشۇ چاغدا يەنە بىر يۇمتال Live Pictureدا ئوخشاشلا layer ئىقتىدارى بولۇپ، ساھەدىكىلەر Adobeنى كۆچۈرمىكەشلىك قىلدى دىيىشكەن، ئەمما Thomasنىڭ بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن ۋاقىت بولغان.

4.0 نۇسخىسىدن باشلاپ Photoshop نىڭ ئىشلىتىش يۈزلىكىدە يۈكسىلىش بارلىققا كەلگەن. Adobe شىركىتى Photoshop نىڭ يۈزلىكىنى ئۆزىنىڭ باشقا مەھشۇلاتلىرى بىلەن ئورتاقلاشتۇرۇشقا ھەمدە پروگراممىنىڭ ئىشلەش ئېقىمىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغان.

دەسلىۋىدە بۇ ئىشقا كۆپلىگەن ئىشلەتكۈچىلەر قارشى تۇرغان بولسىمۇ يەنىلا تېزلىكتە يېڭى نەرسىگە كۆنۈپ قالغان.

مۇشۇ چاغدىلا Adobe شىركىتى Photoshopنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى تونۇپ يېتىپ ئۇنى پۈتۈنلەت سېتىۋېلىشقا بەل باغلىغان. 1995-يىلى Adobe شىركىتى ئاكا-ئۇكىلار بىلەن بولغان كېلىشىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 3مىليارد 450مىڭ دوللار بىلەن بۇ يۇمتالنىڭ بارلىق ھوقۇقىنى سېتىۋالغان.

5.0 دى باشلاپ Photoshop قا History(تارخ) ئۇقۇمى قوشۇلدى، بۇ ئۇقۇم بۇرۇنقى پۇشايمان قاچىسى Undo بىلەن ئوخشىمىغان بىر ئىقتىدار بولۇپ، پۈتۈن ساھەنىڭ زور دەرىجىدە ئالقىشىغا ئېرىشتى. رەڭ باشقۇرۇشمۇ 5.0 نۇسخىسىنىڭ يېڭى ئىقتىدارى بولۇپ، بۇ ئىقتىدار دەسلەپتە ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ چىقىشىغا سەۋەپچى بولغان بولسىمۇ، كېيىنچە بۇ ئىقتىدارنىڭ Photoshop تارىخىدىكى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئۆزگىرىش ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى . (مەسىلەن : باشقا كومپيۇتېردا نورمال ئېچىلغان ۋە كۆرۈنگەن رەسىم يەنە بىر كومپيۇتېردا بەلكىم باشقا بىر رەڭدە كۆرۈنىشى مۇمكىن، بۇ دەل ئاشۇ رەڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئىشى. تەشنادىن). بىر يىلدىن كېيىن Photoshop نىڭ 5.5 نۇسخىسى تارقىتىلىپ Web ئىقتىدارى ۋە ImageReady دىگەن قورال قوشۇلدى.

2000-يىلى سېنتەبىردە تارقىتىلغان 6.0 نۇسخىسىغا ئاساسەن باشقا قورالللار (يۇمتاللار) بىلەن بولغان ئالاقە كۈچەيتىلدى، ئەلۋەتتە بۇ ئىقتىدار 2002-يىلى مارتتا تارقىتىلغان 7.0 نۇسخىسىدا مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

Photoshop سودا ساھەسىدە زور مۇۋاپىقيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، 21-ئەسىرنىڭ دەشلەپكى يىللىرىدا خىرىسقا دۇچ كەلدى، بولۇپمۇ سىفىرلىق رەسىملەرنىڭ دەسلەپكى نۇسقىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە باشقا شىركەتلەر قاتتىق دېتال بىلەن بىرلىكتە تەمىنلىگەن Phasa One غا ئوخشاش يۇمتاللار Photoshop قا زور رىقابەت ۋە تەھدىت ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى سەپكە چېكىنگەن Thomas Knoll ئۆزى بىر گۇروپپا ئادەمگە يېتەكچىلىك قىلىپ PS RAW 7.0 دېگەن ئېسىلمىنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.

2003-يىلى سېنتەبىردە ،Adobe شىركىتى كوپچىلىككە يەنە بىر خۇشاللىق، Photoshop 8.0 دىيىلمەي Photoshop Creative Suite دېگەن ئىسىم بىلەن بازارغا كىردى ھەمدە تېخىمۇ كۆپلىگەن سىفىرلىق رەسىملەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، رەڭ دەرىجىسىنى ئەقلىي بىر تەرەپ قىلىش، يورۇق رايونلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن رەسىملەرنى تۈزەش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىلەن ئېسىلمىلارنى CSنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ۋە ئېسىلمىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بەردى.

Photoshopنىڭ تارىخى كۆرۈنۈشلىرى

Thomas Knoll بولسا بۇ پۈتۈكنىڭ باش قىسمىدا ئېيتىلغان دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيىسىنى تاماملىيالمىدى، ھازىر ئۇنىڭ Adobe بىلەن پەقەت توختام مۇناسىۋىتىلا بار بولۇپ، مىچاگېن شىشتاتىدىكى 1000 نەچچە كۇۋادىرات مېتىرلىق ئۆيىدە خوتۇن بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇرماقتا. John بولسا يېنىلا ILM دا ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇ بۇ جەريادا نۇرغۇنلىغان داڭلىق كىنولارنىڭ ئىشلىنىشىگە قاتناشتى، مەسىلەن :«Mission Imposible»،«Star War Episode I-The Phantom Menace». گەرچە ILM ئىنتايىن كەسپىيلەشكەن يۇمتاللارنى ئىشلىتىدىغان بولسىمۇ ، Thomas Knoll يەنىلا ئاسالىقى Photoshopنى ئىشلىتەرمىش. دادىسى Glenn Knoll يەنىلا ئالىي مەكتەپتە، ئۇ پات-پات گەمىسىگە چۈشۈپ رەسىم بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئەمما گەمىسى ھازىر بۇۇرنقى قاراڭغۇ ئۆي بولماستىن، پۈتۈنلەي كومپيۇتېرلاشتۇرلغان قاراڭغۇ ئۆي.

无觅相关文章插件

[ئاللىقاچان 4 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. پېرخون : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تەدبىركار ئەپەندىم ! ئەگەر خاھلىساڭلار ، ئۇيغۇربەك ئەپەندى قاتارلىق بىر قاتار wordpress ئىشلەتكۈچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ تەپسىلى بولغان wordpress قوللىنىش ياردەمچىسى تۈزۈپ چىققان بولساڭلار ،،، ئېلكىتاب ھالەتتە بولسىمۇ !
    ( تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلسا ئادەمگە خوش ياقمايدۇ ھە !)

    • سۈرخان :

      مەنمۇ قوللايمەن

      تېخىمۇ خۇشياقمايدىغان بولدى ھە؟ :mrgreen:

  2. دولقۇن731 : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر كۈن كىرمىسەم بىر مۇنچە يېڭى نەرسىلەر يولىنىپ كېتىپتىغۇ ….
    بىر دەمدىلا ماشىنا ئادەمدەكلا يېزىۋېتىپسىزغۇ قارىم

  3. قۇتاد : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قاراڭغۇ ئۆي………
    .
    …جىمجىتلىق ، خالىيلىقمۇ ، ئويلىمىغان ئىجادىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدىكەن ..
    adobe نىڭ تارىخىمۇ .ئۆزگىچە ھىكايىكەن،

 汗