نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > رەقەملىك دۇنيا > يازما كۆرۈش

360 يانفون قاراۋۇلى – ئەقلىفونلاردا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك نادىر يۇمشاق دېتال!

360 يانفون قاراۋۇلى - ئەقلىفونلاردا كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك نادىر يۇمشاق دېتال!

360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى(360安全卫士) نى بەلكىم ئارىمىزدا ئىشلىتىپ باقمىغانلار يوق دېيەرلىكقۇ دەيمەن. بازارغا سېلىنىپ قىسقىغىنا 8 ئايدىلا ئىشلىتىدىغان ئابونتلىرى 200 مىليوندىن ئاشقان بۇ بىخەتەرلىك ياردەمچىسى، جۇڭگونىڭ ۋىرۇسخور بازىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىۋەتتى. نۆۋەتتە 360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى ئەقلىي يانفون(智能手机) ساھەسىگىمۇ سىڭىپ كىرىپ، يانفون بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش ۋە ھەرخىل ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارنى تۈگىتىش بىلەن كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولماقتا…

360 يانفون قاراۋۇلى بولسا، بىر تۈرلۈك پۈتۈنلەي ھەقسىز يۇمشاق دېتال بولۇپ، نۆۋەتتە خىزمەت قىلالايدىغان يانفون مەشغۇلات سۇپىلىرىدىن Symbian S60v2/v3/v5، Windows Mobile، Android قاتارلىق كۆپ خىل سۇپىلار بار. 360 يانفون قاراۋۇلىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. كەلگەن يانفوننىڭ رايون تەۋەلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ(ئەمدى ئىلگىرى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان CallMaster يەنى 来电通 قورالىنى قاچىلىمىساقمۇ بولىدىغان بولدى).
2. يانفون ئوتتېمى(防火墙) ئىقتىدارى، بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ئىلگىرى بىز 信安易 يۇمشاق دېتالىدىكى بارلىق ئىقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز(يەنە بىر يۇمشاق دېتالنى ئاز قاچىلايدىغان بولدۇق).
3. مەخپىيەتلىكنى قوغداش، يەنى سىزنىڭ باشقىلارغا كۆرسىتىشنى خالىمايدىغان بىر قىسىم قىسقا ئۇچۇر، پاراڭ خاتىرىسى قاتارلىقلارنى ئىنسى جىنغا تۇيدۇرماي ساقلاپ بېرەلەيدۇ.
4. قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغان تېلىفونلارنى خالىغان شەكىلدە(سىز ئۇرغان يانفون توختىتىلغان، ئېتىۋېتىلگەن، مۇلازىمەت دائىرىسىدە ئەمەس، سۆزلىشىۋاتىدۇ ياكى بۇنداق نومۇر يوق دېگەن ئەسكەرتمىلەر) سىزگە ۋەكالىتەن رەت قىلىپ بېرىدۇ.
5. سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش، يەنى يانفوندا تورغا چىققان چاغدا پەيدا بولغان بىر قىسىم ئەخلەت ھۆججەتلەر ۋە ھەر خىل يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش جەريانىدا پەيدا بولغان ئەخلەتلەرنى تازىلاش ئارقىلىق يانفون سېستىمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تېزلىكىنى ئاشۇرۇش.
6. يۇمشاق دېتال تەكشۈرۈش، يەنى قاچىلىماقچى بولغان يۇمشاق دېتالنى ئانالىز قىلىپ، بۇ يۇمشاق دېتال تەركىبىدە ئورۇنسىز پۇل تۇتىۋالىدىغان، لۈكچەك پروگرامما قاتارلىق ئامىللار بارمۇ يوق ئانالىز قىلىپ بېرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق سىزگە قاچىلاش تەۋسىيەسى بېرىدۇ.
7. يانفوننىڭ تورغا ئۇلىنىش ھالىتىنى نازارەت قىلىش، ناۋادا بىرەر سېستىما يوشۇرۇن تورغا ئۇلانماقچى بولسا، 360 يانفون قاراۋۇلى ئاپتوماتىك ھالدا پروگراممىنى تورغا چىقىشتىن توسىدۇ ۋە سىزدىن ئىجازەت سورايدۇ.
ئەلۋەتتە يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى سىز ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن. بىر ئەقلىي يانفونغا نىسبەتەن 360 قاراۋۇلى ھەرگىزمۇ كەم بولسا بولمايدىغان يۇمشاق دېتالنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا سىز NOKIA ياكى Dopod, HTC قاتارلىق يانفونلارنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، مەزكۇر يۇمشاق دېتالنى يانفونىڭىزغا ئورنىتىشنى ئۇنتۇماڭ.

360 يانفون قاراۋۇلىنىڭ چۈشۈرۈش مەنزىلى | مەنبەسى: torhumar.com

无觅相关文章插件

[بىرەيلەن باھا يازغاندەك قىلىدۇ، سىزمۇ يېزىپ قويمامسىز؟]
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن:
  1. پرىستان : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يۇمتال ناھايتى ياخشى، كومپىيوتېردىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ.

 汗