دەرس ۋاقتىدا تېلىفون سۆزلەشكەندە دىققەت قىلىڭ، بولۇپمۇ ياۋۇز مۇئەللىملەرنىڭ دەرسىدە…
كۆپىنچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يانفون ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن، شۇنداقلا كۆپىنچىمىز يانفونىمىزنىڭ داۋاملىق ئوچۇق ھالەتتە تۇرىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق كۈندىلىك ئالاقىمىزنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بەزىدە دەرس ۋاقتىدا جىددى تېلىفون كېلىپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ ئۇچرايدۇ، ناۋادا سىز ئوقۇشتىن سىرت سودا قىلمىسىڭىز ياكى قىز دوستىڭىزنىڭ پورتمالى يۈتۈپ كەتمىگەنلا بولسا، ئەڭ ياخشىسى دەرس ۋاقتىدا تېلىفون بىلەن ھەپىلەشمەڭ، بولۇپمۇ تۆۋەندىكىدەك ئاچچىغى يامان مۇئەللىملەرنىڭ دەرسىدە تېخىمۇ شۇنداق…
بۇ سىننى كۆرۈپ بولۇپ، ئالىي مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ بىزگە «ئەڭ ياخشىسى مەن دەرس ئۆتكەندە سىنىپتا تېلىفونىڭنى ئېتىۋەت، ناۋادا 5000 سومدىن يۇقىرى يانفون بولسا، بىر ھەپتە بالىلارغا كۆز-كۆز قىلىپ سايرىتىۋالساڭ گېپىم يوق، ناۋادا ئۇنىڭدىن ئەرزان يانفون بولسا ئەڭ ياخشىسى يانجۇقۇڭغا مەھكەم سېلىپ دەرسىمنى ئاڭلا» دېگەن گېپى يادىمغا كېلىپ قالدى. ئىلگىرى مەنمۇ دەرس ۋاقتىدا بىر قېتىم دوستۇمدىن جىددى تېلىفون كەپ قېلىپ، بېشىمنى پارتىنىڭ ئىچىگە تىقىپ ئاۋازىمنى شۇنداق بوش قىلىپ 5 مىنۇتتەك پاراڭلىشىپ بولۇپ بېشىمنى كۆتۈرسەم، مۇئەللىم يېنىمغا كېلىپلا قاراپ تۇرۇپتىكەن. بىر دەم قارىۋېتىپ: «شۇنداق قىلىپ كەچتە نەدە ئولتۇرىدىغان بولدۇق؟» دېگەنتى، سىنىپتا پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. بەلكىم ئولتۇرغانلارنىڭمۇ بېشىدىن بۇنداق كەچۈرمىشلەر ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن، قېنى بىرگە قىسقىچە ئەسلەپ باقمامدۇق؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تېلىفون، دەرس، مۇئەللىم، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,054 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى
- يازما مەنزىلى: teacher-angry.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تەۋەرۈك ئەسەر : كارتون فىلىم «مۈشۈك بىلەن چاشقان»نىڭ تولۇق 140 ۋەقەلىك يىغىلغان توپلام
- كېيىنكى يازما > 2010-يىللىق قۇربان ھېيت سەنئەت كېچىلىكى(تولۇقلاندى) | ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- NOKIA نىڭ Android يۈرۈشلۈك يانفونلىرى (NOKIA X/X+/XL) ئېلان قىلىندى
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
ئەڭ تىگىدىكى ماز ئاداشكەن….تېكساسلىق مەرگەنمۇ نىمە………
يامان مۇئەللىمكەن ھە؟ ئۆزىنىڭ تەجىربە قۇرالى ئوخشايدۇ ئاۋۇ تېلفۇندىن تۈتۈن چىقىرىۋەتكەن…
يا پىر، مەنمۇ ئەڭ ئاخىرىدىكى مەرگەنگە ھەيران قالدىم… مەخسۇس مەشىق قىلغان گۇيمۇ نېمە ئۇ…
بىزنىڭ يېزىنىڭ شاڭجىڭ كۈرۈپ قالمىغىيدى!!!يىغىندا….
مىنىڭ تىلفۇنۇممۇ مۇئەللىمنىڭ قولىدا قۇربان بولغان، سىنىپتا ئېغىر پاراڭلىشىپ ئولتۇرسام تارتىۋالغانىدى. شۇ ئېلىۋالغانچە ئوقۇش پۈتتۈرگەندە مىنى ئىزدە دەپ سوقۇپ كەتتى.
ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئۆتە ساپاسىزكەنغۇ ؟
ساپاسىزلارغا ساپاسىزلارچە مۇئامىلە قىلىش كېرەك
بۇغۇ ئالى مەكتەپتە يۈزبەرگەن ئىشلارئىكەن ، تولۇقسىزيىللىق ئوقۇغۇچىلىرىمۇ يانفۇن ئوينايدىغان بولۇپ كەتتى ،دەرس ۋاقتىدا ،بولۇپمۇ ئۆزىنى قىزىقتۇرالمىغان دەرسلەردە .مەن ئىلمىي بۆلۈمگە چىققاندىن بىرى بىرقانچەئايال ئوقۇتقۇچى مۇسادىرە تېلېفۇن ئېلىپ كىردى ،كۆزلىرى ياش ھالدا ..سۇرۇشتۇرسەم ساپلا ئائىلىسىدىكى چوڭلارنىڭ تېلېفۇنلىرى ئىكەن ..
بىزنىڭ سىنىپتىمۇ مۇشۇنداق ئىشتىن بىرسى بولغان دەك قىلغان بۇرۇن …
چوڭ سىنىپتا دەرس ئاڭلاۋاتساق مۇئەللىمنىڭ تېلفۇنى سايراپ كەتكەنتى، مەنمۇ ئۇلاپلا تېلغۇننىڭ ئاۋازىنى بولىشىغا قويۇپ چىقىرىپ قويغىنىم ئىسىمدە … ھى ھى ھى
مۇختەر مالىمما ؟
ھا ھا ھا! نەق ئۆزى!
ئەڭ ياخشىسى دەرىس ۋاختىدا جىم ئۇلتۇرۇپ دەرىس ئاڭلىغان ياخشى
ئۇقۇغۇچى بۇلسڭىز دەرىستىنمۇ مۇھىم نىمە ئىشىڭىز بار سىزنىڭ
…گەپلىرىڭىز تولىمۇ قىززىق-ھە سىزنىڭ ؟!
ئەڭ يامىنى ھەربى قىسىمدا يانغۇن ئويناۋىتىپ تۇتۇلۇپ قاغانلار …
تېلېفۇن تەرەققىي قىلغانسىرى تېلېفۇن سودىگەرلىرىمۇ بەك ئۇستا بولۇپ كەتتىغۇ تېلېفۇن سېتىشقا.
ئەڭ ياخشىسى تېلېفۇننى دەر ۋاقتىدا ئىشلەتمىگەن ياخشى، بۇ يەردە ھۆرمەت ئاتالغۇسى بار ئەمەسمۇ.
3يىلىنىڭ ئالدىدا مۇئەللىم يانفۇنۇمنى تارتىۋىلىپ ماڭقامنى ئىقىتىپ 2كۈن مۇئەللىمنىڭ خاتىرسىنى تولۇقلاپ بەگىنىم ئىسىمگە كەپ قالدى،ئاۋۇلادەك چىقىۋەتمىگىنىگە خوش بولسام بوغىدەك ھى ھى….
بىر قېتىم دەرس ۋاقتىدا بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ تېلېفونى سايراپ كەتكەنتى ،‹ئاپلا،تۈگەشتىدە بىچارە تېلېفون›دىگەننى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشۇمغا مۇئەللىمنىڭ تىلفۇنىمۇ سايراپ كەتسە بۇلىدۇ ،
شۇنداق قىلىپ ساۋاقدىشىمىزنىڭ تىلفۇنى ئامان قالغان
ئالامەت كەچۈرمۈشلەركەن بۇ… ماۋۇ يەردىكى تېما ئىنكاسلارغا قارىسام تونۇشلارمۇ چىقىپ قالامدۇ نېمە؟!
يا تورخۇمار ئەزا نامىنى بىر بېكەتكە ئۇلاپ بەرمەيدۇ؟؟؟
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدىپىنى ئاشۇنداق بەرسە تىلفۇن ئوينىمايدىغان بۇلدۇ قالتىس مۇئەللىمكەن بۇلا