نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > رەقەملىك دۇنيا > يازما مەزمۇنى

يانفوندا تورغا چىقىش ئۈچۈن چوقۇم زۆرۈر بولغان يۇمشاق دېتال – Opera Mini 5 تور كۆرگۈسى

يانفوندا تورغا چىقىش ئۈچۈن چوقۇم زۆرۈر بولغان يۇمشاق دېتال - Opera Mini 5 تور كۆرگۈسى

ھازىر يانفوندا تورغا چىقىش ئاللىقاچان ئومۇميۈزلۈك بىر ئەھۋال بولۇپ قالدى. كۆپىنچىمىز يانفوندا ھەرخىل تور بېكەتلەر ۋە QQ غا چىقىپ تۇرىمىز. نۆۋەتتە NOKIA، Android,iPhone قاتارلىق ئەقلىفونلاردا تورغا چىقىش ئۈچۈن، كۆپىنچە UCWeb، QQ浏览器 قاتارلىق تور كۆرگۈلەرنى ئىشلىتىۋاتىمىز، بىراق ئەقلى بولمىغان يانفونلار ئۈچۈن، يانفوننىڭ ئۆزى تەمىنلىگەن تور كۆرگۈنى ئىشلەتمەسلىكتىن باشقا ئامال يوق. Opera Mini بولسا JAVA دا تۈزۈلگەن بىر تۈرلۈك ھەقسىز يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئۆزىدە JAVA مۇھىتى ھازىرلىغان بارلىق يانفونلاردا نورمال ئىشلەۋېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە يانفون تور كۆرگۈلىرى ئىچىدە Opera دەك ئۇيغۇرچە تور بېكەتنى نورمال كۆرسىتىپ بېرىدىغان يەنە بىر تور كۆرگۈ يوق(ئەلۋەتتە iPhone4 تىكى Safari بۇنىڭ سىرتىدا).

Opera Mini نىڭ سۈرئىتى تېزلا بولۇپ قالماستىن، يەنە تور بېكەتلەرنى زور مىقداردا پرىسلاش ئارقىلىق يانفون GPRS ئېقىم مىقدارىنى تېجەپ بېرەلەيدۇ. مەشغۇلات ئۇسۇلىمۇ، PC دىكى تور كۆرگۈگە ئوخشاش ھوزۇر ئاتا قىلالايدۇ.

نۆۋەتتە Opera Mini 5 نىڭ قوللايدىغان يانفون سۇپىلىرىدىن Java,BlackBerry,Windows Mobile,Android,Symbian قاتارلىقلار بولۇپ، كۆپ خىل مۇھىت قوللاشتەك ئالاھىدىكى Opera Mini نىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا سىزنىڭ يانفونىڭىز Symbian سېستىمىسىدىكى NOKIA S60v3/S60v5 تىپىدىكى يانفونلار بولۇپ، تېخىچە يانفونغا گۇۋاھنامە ئىلتىماس قىلالماي باشقا تور كۆرگۈلەرنى قاچىلاشتىن قىينالسىڭىز ياكى يانفونىڭىزدا Java مۇھىتى ھازىرلانغان بولسا، ئۇنداقتا Opera Mini 5 سىناپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

ئەسكەرتىش: ئاستىدىكى چۈشۈرۈش مەنزىلىگە كىرگەندىن كېيىن سول تەرەپتىكى Opera Mini 5.1 دېگەن ئورۇندىن ئۆزىڭىزنىڭ يانفونىغا ماس كېلىدىغان نەشىرىنى تاللاپ چۈشۈرسڭىز بولىدۇ. ئوڭ تەرەپتىكىسى Opera Mobile بولۇپ، بۇ مەخسۇس ئەقلىفونلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن نۇسخىسى. Opera Mini بولسا كۆپ قىسىم Java تىپىدىكى يانفونلارغا ئوخشاشلا ماس كېلىۋېرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:

ئورگان تور بېكىتى: http://www.operachina.com/mini
نەشىرى: 5.1

چۈشۈرۈش مەنزىلى:

Opera Mini 5 نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. سەھرالىق 2010.11.24 , 16:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۈگۈن دىۋان مىنىڭ!!!
    بلوگباس تۈەىشەمدۇ نىمە ؟ بىر چۈشتىن كىيىن ئوڭشاپ بولالمىغان گەپ…
    كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 25 يۈەنلىك كەسپىنى ئاچقۇزغان ئىدىم، لىكىن ئەبجەق يانفونۇمنىڭ ئىكرانى كىچىك كىلىدىكەن تورغا چىقىشقا…

    • torhumar 2010.11.24 , 16:23

      ما چاققانلىقنى:arrow:يەنە بىر يازما يوللاپ بولغۇچە ئولتۇرۇپ بولغان گەپ…

  2. سەھرالىق 2010.11.24 , 16:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالدىراپ ئىملاغا تىيىلىپ كېتىپتىمەن ئەمەسما:arrow:

  3. سندىبات 2010.11.25 , 03:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىلوگباس!!!
    چاتاق چىقتى!:???:

  4. سۈرخان 2010.11.25 , 04:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    3600س گىمۇ ماس كىلەمدۇ قانداق؟

  5. ئابدۇرېشىت ئېلى 2010.11.25 , 04:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوپېرا تور كۆرگۈچىنى يانفۇنۇمغا قاچىلاپ سىناپ باقتىم. سىنىغان يانفۇن N8 بولۇپ، ئوپېرا تور كۆرگۈچىنىڭ ئۇيغۇرچىنى كۆرسىتىش نىسبىتى نوكىئانىڭ ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچىگە يەتمەيدىكەن. N8 ئۇيغۇرچە فۇنت تونۇتۇلمىغان ئەھۋالدىمۇ (فۇنت رۇئوتېر n8 دە نورمال ئىشلىمەيدىكەن) نوكىئانىڭ ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچى تور بەتلەرنى 80 ئەتراپىدا نورمال كۆرسىتەلەيدۇ. ئەمما ماۋۇ ئوپېرانىڭ كۆرسىتىش نىستى %60 گىمۇ بارمايدىكەن.

    • torhumar 2010.11.25 , 05:20

      ئابدۇرەشىت ئەپەندى، N8 دا سىز Opera Mini ئەمەس، Opera Mobile 10 نى سىناڭ. ئاندىن مۇشۇ تورخۇمار ياكى tedbirkar.net لارنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ. Opera Mini غا ئەقلىفون زايا كېتىدۇ.

  6. ياۋايى 2010.11.25 , 16:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇندا بولسا تىلفۇنغا قاچىلاپ قويغاننىڭ ئىغىرى يوق …
    لىكىن ئەقلى بولمىغان تىلفۇنلارنىڭ مىڭىسىمۇ كىچىك بولىدىكەن … بۇمۇ بىر مەسىلىدۇ …

  7. كەلگۈندى 2010.11.26 , 06:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەپسۇسIphone غا ماس كىلىدىغان نۇسخىسى يوق ئىكەن.

    • torhumar 2010.11.26 , 07:35

      iPhone دىكى Safari سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن تولۇق چىقالايدۇ

  8. كەلگۈندى 2010.11.27 , 03:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لىكىن Safari غا كىتىدىغان ئىقىم مىقدارى كۆپ مەن بىر ئايدا تورغا چىقىدىغان ئىقىم مىقدارى ئۇچۈن ئازدىگەندە 40-50 سوم تۆلەيمەن ، خەنلەرنىڭ UC,QQ قاتارلىق توركۆرگۈلىرىنى ئىشلىتىپ باقدىم ،لىكىن سۈرەت ناھايىتى ئاستا ، بولسا ياخشىراق IPhone قوللايدىغان توركۆرگۈبولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز .:roll:

  9. ئابدۇرېشىت ئېلى 2010.11.27 , 13:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    torhumar :
    ئابدۇرەشىت ئەپەندى، N8 دا سىز Opera Mini ئەمەس، Opera Mobile 10 نى سىناڭ. ئاندىن مۇشۇ تورخۇمار ياكى tedbirkar.net لارنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ. Opera Mini غا ئەقلىفون زايا كېتىدۇ.
    ———————-
    ئاشۇ تور بېكەتتە Opera Mobile 10 مۇ بار ئىكەن، ئۇنىمۇ چۈشۈرۈپ سىنىدىم. نەتىجە ئوخشاش…

  10. ئابدۇرېشىت ئېلى 2010.11.27 , 13:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنىڭدىن باشقا مەن بۇنى Motorola XT800 دىمۇ سىنىدىم. ئوپېرانىڭ ئابدىروئىد مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى نەتىجىسى ئادەمنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىكەن. ئاندروئىدتا ئۇيغۇرچە يېزىقلارنى پۈتۈنلەي كاتەكچە بەلگە قىلىپ كۆرسىتىدىكەن.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量