Montage(مونتاژ؟) ئۈنۈمىدە سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش قورالى – IMosaic
Montage رەسىم دېگەن نېمە؟ Montage نىڭ فرانسۇز تىلىدىكى مەنىسى «كېسىپ ئۇلاش» دېگەنلىك بولۇپ، بىزدىكى كىنو-فىلىملەرنى كېسىپ ئۇلاش خىزمىتى – مونتاژ دېگەن ئاتالغۇغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. Montage ئۈنۈمىدىكى رەسىم بولسا، نۇرغۇنلىغان پارچە رەسىملەرنى بىر-بىرىگە بىرىكتۈرۈپ چاپلاپ ھاسىل قىلىنغان بىر پۈتۈن رەسىمنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، IMosaic دەل مۇشۇ خىل ئۈنۈمدىكى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىدىغان يۇمشاق دېتالدۇر.
بەلكىم بىر قىسىملار بۇنى Photoshop تىمۇ قىلغىلى بولىدىغۇ دەپ سورىشى مۇمكىن. شۇنداق، تامامەن بولىدۇ، بىراق بەك ھېرىپ كېتىسىز! ئەلۋەتتە IMosaic بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى يۇمشاق دېتالغا تەۋە بولۇپ، ئەسلىدىكى بىرىكتۈرمەكچى بولغان ھەرقايسى رەسىملەرنى رەڭ ۋە سايە تۈزىلىشىگە ئاساسەن بىرىكتۈرۈپ يېڭى رەسىم ھاسىللىنىدۇ. بۇ يېڭى رەسىمنى يىراقتىن قارىغاندا، ئەسلى بىز ھاسىل قىلماقچى بولغان رەسىم بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مەزكۇر يازمىنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى رەسىم دەل Montage ئۈنۈمىدىكى رەسىمدۇر.
IMosaic نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
文件 تىزىملىكىدىن بىز ھاسىل قىلماقچى بولغان رەسىمنى تاللىۋالىمىز
编辑 دىن 新建/编辑图库文件 نى بېسىپ بۇ بىر رەسىمنى تەشكىل قىلىدىغان باشقا كىچىك رەسىملەرنى تاللايمىز، رەسىم سانى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى
ئاندىن 任务 دېگەن ئورۇندىن 处理图片 نى باسىمىز، مەشغۇلات ئاخىرلاشقاندا 文件 دىن 存储 نى بېسىپ كېڭەيتىلگەن نامى FDB بولغان ھۆججەتكە ئېرىشىمىز
ئەمدى بۇ كۆزنەكنى ئۆچۈرىۋېتىپ ئاساسى كۆزنەككە قايتىپ، 载入图库文件 نى بېسىپ باياتىن ساقلىۋالغان FDB ھۆججىتىنى تاللاپ بېرىمىز
ئاخىرىدا 输出 دېگەن ئورۇندىن 存储为 نى باسساق، ئەڭ ئاخىرىدا بىز ئېرىشمەكچى بولغان ئۈنۈمدىكى Montage رەسىم پەيدا بولىدۇ
ھۆججەت تەپسىلاتى:
ھۆججەت نامى: IMosaic قاچىلاش ھاجەتسىز خەنچە نەشىرى
ھۆججەت سىغىمى: 63KB
پرىستىن يېشىش پارولى: www.torhumar.com
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
IMosaic نى چۈشۈرۈش | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: IMosaic,Montage,مونتاژ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 1,206 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 01-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: imosaic.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئۆمۈچۈك پالۋان: پارچىلاش رازمېرى(Spider-Man: Shattered Dimensions)
- كېيىنكى يازما > ئاجايىپ يۇقىرى تەسەۋۋۇرغا تولغان قىسقا فىلىم: رەسىملەرنىڭ زوراۋانلىقى
ھېلىقى بۇشنىڭ رەسىمىنى يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىملىرى بىلەن مۇشۇنداق ھاسىل قىلىپ قويۇپتىكەن. ئەسلى بۇنى مەخسۇس يۇمشاق دېتالدا ئىشلەيدىكەندە؟
ئۈستىدىكى رەىمدىكىدەك ئۈنۈمنى فوتوشوپتا بەك تەستە قىلغان، ماۋۇ دىتال بىر دەمدىلا قىلامدۇ نىمە؟
بولىدىغان ئوقەتكەن ماۋۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورخۇمائەپەندىم مەن بۇ دىتالنى چۈشۈرۈەي دەپ شۇنچە قىلساممۇ چۈشىرەلمىدىم ، قارىغاندا تىزىملاتمىسا چۈشۈرگىلى بولمايدىغان ئوخشىمامدۇ ؟
قايتا سىناپ بېقىڭ، نورمال تۇرمامدۇ.
ئاللا ئاللا ما دۆتلىكىمنى ……
ئوڭۇشلۇق چۈشىرىۋالدىم رەھمەت جۇمۇ تورخۇمار ئەپەندىم ،يانا مۇشۇنداق كۆڭۈل ئىچىش خارەكتىرىدىكى دىتاللار بولسا قولىڭىزدىن كىلىشىچە ………..
مەنمۇ سىناپ باقاي!
مەندىمۇ مۇشۇنداق بىرنىمىلەر باتتى …. يوللاپ قوياي مەنمۇ !
چۈشتى ئەمما خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى دېسە،
ئەستا،مامەزمۇندىكى بىر يازما بەگلىكدىكى كوپىيەخانىدا تۇرماقتا ئىدى…
بۇلىدىكەن ھە كۆپچىلىك .مەنمۇ سىناپ باقاي
ھالقىلىق سۆزگە ئاساسەن 5-6مەنبەدىن چۈشۈردۈم، 2كومپىيۇتېردا سىنىدىم، خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ ئىجرا بولماي قويدى. ياردەم قىلىڭلار!
بىر بوتۇلكا زەمزەم كولا ئىچكەچ،ئىشلىتىپ كۆرەيچۇقېنى