نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

ھەقىقىي مونتاژنىڭ ماھارىتىنى كۆرۈپ بېقىڭ، 6 مىنۇت ئىچىدە 2010-يىلىدىكى 270 فىلىمنى كۆرۈپ چىقىش

كىنو-فىلىملەردىكى مونتاژنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ، مۇۋاپىق كېسىپ كىرىشتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەر بىر پۈتۈن فىلىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. بىراق Genrocks ئىسىملىك بۇ مونتاژنىڭ مەزكۇر ئەسىرى سەل ئۆزگىچىرەك، يەنى تۆۋەندىكى 6 مىنۇتلۇق سىن 2010-يىلىدىكى 270 دانە فىلىمدىن كېسىپ قۇراشتۇرۇلغان. بۇ فىلىملەردىن قايسىلىرىنى كۆرۈپ باقتىڭىزكىن؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,116 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 07-ئاينىڭ 16-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: filmography-2010.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. شاھ ئۇيغۇر 2011.07.16 , 02:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھازىرقى كىنو تېخنىكىسى بەكلا يامان بولۇپ كەتتى ئىشقىلىپ

  2. بەگزادە 2011.07.16 , 07:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەپسۇس مەن 2010- يىلى كىنو كۆرمىگەن ئوخشايمەن..بىرنەچچە كىنو نى ھىساپقا ئالمىغاندا….

    ھۆكۈمران ئۈزۈكتىكى پىرخۇن رول ئالغىنى قايسى كىنو بولغىيدى..

  3. دولقۇن731 2011.07.16 , 07:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئون نەچچە كىنونى كۆرۈپ بېقىپتىكەنمەن.

    • ھايات 2013.09.13 , 10:49

      ساناشقا ئۈلگۈرۈپسىز ھە…..مىنىڭ كۆزۈم ئېلىشىپلا كەتتى:dizzy:

  4. شەمسى 2011.07.16 , 10:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالدىنقى بۆلەكتىكى ناخشىغا كىرىشتۈرۈلگەن جايلار بىر ناخشىدەكلا بەك پەيزى چىقىپتۇ،تېخنىكىسى راستلا يۇقىرىكەن جۇمۇ…

  5. ۋىروس 2011.07.16 , 13:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇلارنىڭ ئىچىدە مەن كۆرگەن كىنولار خېلى جىقكەن . يامان يېرى مەن كۆرمىگەنلىرى ئۇنىڭدىنمۇ جىقكەن … شۇنىڭغا قارىغاندا خېلى كۆپ كىنولارنى كۆرۈشتىن قۇرۇق قاپتىمەندە بۇلتۇر

  6. FinalFantasy 2011.07.16 , 18:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    2010-يىلى كۆرگەن كىنولارنىڭ ئىچىدە، مەن Inception نى ئەڭ ياقتۇردۇم، Avatar نى خوتۇنىم ياقتۇردى. :mrgreen:

  7. روھچىن 2011.07.16 , 18:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كاللام ئېلىشىپلا كەتتى. بىركىنونىڭ ئېلانى بىرنەچچە يەردە چىقىۋاتامدۇ!؟
    كۆرگىنىمدىن كۆرمىگىنىم خېلىلا كۆپ ئىكەن.

  8. سەھرالىق 2011.07.17 , 00:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بۇيىل كۆرگەن كىنولارمۇ خېلى بار ئىكەن…
    ئاۋۇ ئالغا بۆېە توپى دېگەننى…ھى ھى ھى… ئۈچ ئۆلچەملىك كىنوخانىدا كۆرۈۋەتكەن…
    ئىشقىلىپ ئاۋۋال تورداشلارنىڭ باھاسىغا قاراپ ئاندىن كۆرسە زىيان تارتمىغۇدەكقۇ كىشى…
    ئاۋۇ خاررىينىڭ مارىكقا گەپ قىلغان يېرى قالتىس چىقىپتۇ…
    ماۋۇ جانبازلىق تەسۋىرلىنىدىغان كىنولارنى كىم كۆردى؟
    ئىسمىنى بىر-بىرلەپ تىزىڭلار. مەن بىر كۆزدىن كەچۈرەي!!!!

  9. ئەلشات 2011.07.17 , 18:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ مۇشۇنداق پاللى پۇللۇڭ، ئەمدى كۆرۈپ بولغىچە يەنە بىرسى چىقىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەتئى خوشۇم يوق. ئادەمنىڭ كۆزىنى پالىلدىتىپ.

  10. كۆك كەپتەر 2011.07.20 , 19:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن پەقەت ئۈچنىلا كۆرۈپتىكەنمەن. :arrow:

  11. نۇر 2011.08.24 , 12:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆرگەن فىلىملىرىمدىن ئاران 3 باردەك قىلىدۇ،كۆرمىگەن نادىر فىلىملەر خېلى باركەن:evil:

  12. مارجان 2011.08.29 , 18:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن كۆرگەن فىلىمدىن 4تى با كەن ھاھا…ھا………..

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量