گۇگېل يەرشارى يۇمشاق دېتالى Google Earth 6 رەسمى نەشىرى(يېڭىلاندى)
گۇگېل يەرشارى(Google Earth) بولسا، Google شىركىتى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان مەۋھۇم يەرشارى مودېلى يۇمشاق دېتالى، ئۇ سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان رەسىم، ئايروپىلاندىن چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر ۋە GIS قۇرۇلمىسىنى يەرشارىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك مودىلى ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ(wikipedia دىن ئېلىنغان مەزمۇن). Google Earth ئارقىلىق سىز ئۆيىڭىزدا ئولتۇرۇپلا يەرشارىنىڭ ھەرقانداق جايىغا بارالايسىز، ھەتتا ئۆز ئۆيىڭىزنىڭ ئۆگزىسىدىكى دانلاۋاتقان كەپتەرنىمۇ كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن.
مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار:
يۇمشاق دېتال نامى: گۇگېل يەرشارى(Google Earth)
نەشىر نومۇرى: 6.0.2.2074
يۇمشاق دېتال خاراكتېرى: ھەقسىز يۇمشاق دېتال(ھەقلىق نۇسخىسىمۇ بار)
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
Google Earth نى چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Google,گۇگېل
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 3,476 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 05-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: google-earth.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Ubuntu Natty 11.04 مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى تەگرەسىملەرنى بولاقلاپ چۈشىرىۋېلىڭ
- كېيىنكى يازما > تاللانغان بىر نەچچە يۈرۈش كونا-يېڭى كۈيلەر…
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى دېتال.
لېكىنزە بۇنىڭدىكى رەسىملەر 4-5 يىلنىڭ ئالدىدىكى رەسىملەر ئىكەن. يېڭىلىنىشى ئاستا ئىكەن. بەلكىم مەىپىيەتلىكنى ئويلاشقان بولسا كېرەك.
ئۆگزىدىكى كەپتەرنى كۆرگىلى بولماس ھەرقانچە بولسىمۇ؟!…
ھەي، XJTV نىڭ ئېلان بۆلۈمىدە مەخسۇس ئېلان تېكىستى يېزىشقا لايىق تالانتىڭلار باركەنتۇق ئەسلى ، ھا ھا ھا !
بۇ گېپىڭلار بىلەن بۇ دېتالنى چۈشۈرمەي ئامال بولمىدى، بىر قايلاپ باقاي بىزنىڭ بىنانىڭ ئۆگزىسىدە كەپتەر بارمىكىن قۇشقاچمۇ ؟
ئەممازە….مەن ئۈزۈمنىڭ ئۇيىنى بەك تەستە تاپتىم جۇما!ئاۋال قەشقەرنى تېپىپ ئاندىن تاشيولنى بويلاپ……..
ۋوي…مەن تاۋۇز يەۋاتىمەنغۇ ئا دۆڭكۆۋرۈكدە!
مەن قارىسام سىز تاۋۇزنى تېخى يىمەپسىز ! 5 موچەنگە بەرسەڭ يەيمەن دەپ خۇيلىنىپ تۇرۇپسىزغۇ ؟
ئۇيغۇر بەگ نىڭ گەپلىرى نىمانداق قىززىق ھا ھاھا!
قارڭسام شاپاقنىمۇ قۇشۇپ يەۋىتىپسىز
بەك پەيزى دىتال جومۇ بۇ!
چاتاق نېمە ئىكەن بۇ !! 5يىلنىڭ ئالدىدىكى سانلىق مەلۇمات ئىكەن ئەمەسمۇ، خوتۇن بىرقىز بىلەن باغچىدا يۇرگۈنۈمنى كۆرۇپ قاپتۇ ،…
مۇشۇ دىتال بىلەن دۇنيانى ساياھەت قىلىشقا مەن بەك ئامراق جۇمۇ
قېنى يۇرۇتلىرىمنى بىر كۆرۈپ باقاي ، قانداق ئۆزگەردىكىن ، ئاڭلىسام بىزنىڭ ئۆيلەرنى چېقىۋىتىپتۇ (قەشقەردە ئىدى) زادى قانداق بولۇپ كەتتى ، بىر كۆرۈپ باقاي
گۇگېل باشقا شىركەتلەرنىڭ تەمىنلىگەن خەرىتە مۇلازىمەتلىرىنىڭ ھەممىسى دورامچىلىقتىن ئىبارەت. پەقەت مۇشۇ ساھەدە گۇگېلنىلا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ماۋۇ بەيدۇ، ئەلەي-بەلەي دېگەنلەرنىڭ خەرىتە مۇلازىمىتى بىلەن مېنىڭ خۇشۇم يوق. ھازىر گۇگېلنىڭ نۇرغۇن مۇلازىمەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالدۇق. بولمىغان بولسا، گۇگېل بىلەن ئۆتكەن ھايات… ھەي
بۇرۇن ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى كۆرگىلى بولاتتى ، ئەمدى كەبتەرنىمۇ كۆرگىلى بولدىغان بوپتۇدە
كېيىچە ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئادەملەرنىمۇ كۆرەپكەتسەك
بۇ بولىدىغان نەرسە. ئىلگىرى بىر توربىكەتتىن چۈشۈرگەن ئىدىم. ئىشلەتمىسەم بۇزۇلۇپ قالغان چېغىبار. بۇگۈن قايتا بىر چۈشۈرىۋالاي.
2002-يىلى EarthViewer دەپ ئاتىلىپ باشلانغان ئىدى. دەسلەپتە Google قىلغان ئىش ئەمەس بۇ. Google كىيىن سېتىۋالغانمۇ نېمىسى نېمە، ئىشقىلىپ ئۇ توربەت مۇشۇنىڭغا ئۇلىنىپ كەتتى. دەسلەپكى تور ئادرىسى earthviewer.com ئىدى. ھازىر ئاشۇنداق ئېچىپ بېقىڭلار، Google Earth نىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش بېتى ئېچىلىدۇ.
شۇ كۈنىسى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ دۇنيادىكى ئىشلار پروگراممىسىدا مۇشۇ توغرىسىدىكى پروگراممىنى كۆرۈپ دەرھال تورخانىغا بېرىپ سىناپ باققان ئېدىم. لېكىن قاراپ بۇنىڭ پەقەت رەسىم ئىكەنلىكىنى، دەل مۇشۇ پەيتتە بولىۋاتقان ئىش ئەمەسلىكىنى، بىر مۇلازىمىتىردىكى ئالدىن تارتىۋېلىپ ساقلاپ قويۇلغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇپ رەسىم ھالىتىدە چۈشۈرۈپ بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ 10 كوي تور پۇلىغا تازا ئاچچىقىم چىقمىغان ئىدى.
مىنىڭ مۇشۇ تاپتا مۇھەببىتىمنى كۆرگۈم كىلىۋاتىدۇ؟؟؟ بۇ ئەپكا تىپىپ بىرەلەرمۇ بىرسىناپ باقاي….
مەن تۇنجى قېتىم بۇ نەرسىنى ئىشلەتكەن چېغىمدا ،سەھرايىمنى تاپقان ئاشۇ پەيىتتە ھاياجاندىن بۇرۇنلىرىم ئىچىشىپ كۆزۈمگە ياش كەلگەن، راست دەيمە… كىنولاردىلا كۆرگىلى بولىدىغان بۇنداق پەيزى كۆرۈنۈشنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن چېغىمزە…ھەي… بالىلىق…
ھازىر ئىشەنمەس بوپ كەتتىم ، تىڭشۈننىڭ بۇنىڭدىن يامانكەن
تىڭشۈننىڭمۇ چىقىپ بوپتىما ؟
كۆرۈپ باقساق بولاتتى ، قانداقراق بىر ئوقەت ئۇ .
تىڭشۇن؟!دورامچۇق!!!
بىزنىڭ سەھرالارنىڭ چــــــــــــــوڭ يوللىرىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغۇ،خەلىق مايدانى،قىزىل بىنا،مەركىزىي بازار…ھەممىسى لوپا ئەينەكتە كۆرسىمۇ توپىلا كۆرىنىدىكەن
بەك ناچاركەنۈۇ بۇ رەسىملىرى بەكلا تۇتۇق ئۆيۈم ئۈرۈمچىنىڭ كىندىكدە تۇرۇپمۇ ئۆيۈمنى تاپالمىدىم مەن!
يىڭى نۇسقىسىدا قانداق يىڭىلىق بار بىر كۆرىپ باقاي قېنى
كۈپ رەھمەت تەدبىركار ئاكا كىيىنكى ئىشلرىڭزغا ئۇتۇق تىلەيمەن
Google Earth)بۇ دىتالنى چۇشۇرۇپ قاچىلىسام ئىجرا بولمىدى ھۇقۇقىڭىز يەتمەيدۇ دەپ چىقىۋالدى ياردەم بەرسەڭلار