ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرىدىغان ئاشۇ «قەھرىمان» ساۋاقداشلار! ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىدىكى «كارامەت» لەر…
ئالدىنقى رەت، ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدا بىمالال ئولتۇرالامسىز؟ پىچىرلاش ، ئۇششاق ھەرىكەتلەر دېگەنلەرنى يۇشۇرغىلى بولمايدۇ. بەزى، ئوقۇتقۇچىلار يادىلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ئالدىنقى رەتتىن ( بىرىنجى رەتتىن ) باشلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئالدىدا ئولتۇرىغان ساۋاقداشلار دائىم بىرىنجى بۇلۇپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. كەينىدىكى ساۋاقداشلار ئۇلارنىڭ بۇنداق «كېيىنكىلەرگە بەخت يارىتىپ بېرىش» رولىدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى رەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى پاكارلار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ چۇقۇم سىنىپ مۇدىرىنىڭ نۇقتىلىق تىزگىنلەش ئوبېكتى ھېسابلىنىدۇ…
ئوتتۇرىدىكى ئورۇنلار «توققۇزى تەل گۆھەر زېمىن» ھېسابلىنىدۇ . بۇ يەرگە نۇرغۇن ئۇزۇن قۇلاقلار يىغىلغان بۇلۇپ، ئۇلار ھەر تەرەپنى كۆرۈپ، ھەممە گەپنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئارىسىدا پات – پات قىزغىن دولقۇنلار قوزغىلىپ، بىر نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرىشىدۇ. پارتا ئاستىدىكى يەر ئاستى يولىدا دائىم بىرەر پارچە رەسىم، بولاق پىستە يۈرۈشۈپ تۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مەلۇم بىر توپ ئوقۇغۇچىلار پات- پات قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ، پۈتۈن سىنىپتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئارقا تەرەپتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 1.75 مېتىردىن ئېگىز بۇلۇپ، سىنىپنىڭ تەنتەربىيە چولپانلىرى كۆپرەك شۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ. ئەمما خاتالىق ئۆتكۈزۈپ «سۈرگۈن» قىلىنغانلارمۇ بار. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتلىرىمدا بۇ خىل ئەھۋالىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن.
دېرىزە تۈۋىدىكى ئۇرۇنلار خۇددى «ئايرىم خانىلار» غا ئوخشايدۇ ، دەرس تىڭشاپ ھېرىپ قالغاندا ، تامغا يۆلىنىۋالسا بۇلىدۇ، بەك كۆڭۈللۈك . ئۇلار چىراغنىڭ ئۇز چاتىنى ۋە دېرىزىنى ئىگەللەپ تۇرىدۇ، ئەگەر چىشىغا تىگىپ قويسىڭىز، قەھىرىتان سوغوقتا بىر كۆزنەكنى ئېچىپ قۇيۇپ، تازا ئەدىپىڭىزنى بېرىدۇ .ئۇلار يەنە كۆزەتچىلىك «ۋەزىپىسى» نى ئۈستىگە ئالغان. دائىم ئۇلارنىڭ «ئوقۇتقۇچى كەلدى» دېگەن بىر ئېغىز گېپى بىلەن، ۋاراڭ- چۇرۇڭغا تولغان سىنىپ ئىچى بىردەمدىلا «يىڭنە چۈشسە ئاڭلانغۇدەك» جىمىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ رولى ھەقىقەتەن زور.
ئۇنداقتۇ سىزچۇ؟ ئالدىدا ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرەمتىڭىز ياكى كەينىدىمۇ؟ قوشۇمچە بىر دانە QQ چىراي ئىپادىسىدىن قۇراشتۇرۇلغان مەلۇم بىر سىنىپنىڭ بىر سائەتلىك دەرس ئەھۋالى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئوقۇغۇچى، دەرس، مەكتەپ، مۇئەللىم
- يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: ئىزتىل تور خاتىرىسى ]
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,352 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: why-rush-seat-students.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويغىنى ياخشى، ئەرلەر تۇخۇم قورۇشتا بېسىپ ئۆتىدىغان 17 قەدەم
- كېيىنكى يازما > كىشىلىك ھايات خۇددى كوچا ئاپتوبۇسىغا ئوخشايدۇ…
- 49 ئادەم بىرمۇ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرماي ئىشلەپ چىققان قالتىس MV! بۇنىڭدىنمۇ قالتىس بولامدۇ؟!
- يېشىل چىملىقتىكى ھوللىيۋود فىلىملىرى – بۇ نومۇرلارنى تەييارلاش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ ھە؟!
- ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي رۇخسەت سوراش خېتى
- ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان ئائىلە باشلىقىنىڭ بايانى
- ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدىكى ئاشۇ گۇزەل مىنۇتلار ھازىرمۇ يادىڭىزدىمۇ؟
- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق كۆچۈرمىكەشلىك ئۇسۇللىرى
- مېنىڭ ئاجايىپ مۇئەللىمىم | ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسىم قىزىقارلىق گەپ-سۆزلىرى
- سىز بىلەن بىز ۋەسلىگە يىتەلمىگەن ھېلىقى ئەركىن مائارىپ | ئوقۇغۇچىلار نەزىرىدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپ
- تورخۇمارلارغا بىرقانچە دەرس | دۇنيا ھامان سىز ئويلىغاندىن جىق مۇرەككەپ
- دۇنيادىكى ھەر دۆلەت «سىنىپ» ئىچى موھىت سېلىشتۇرمىسى، سىز بۇلارنىڭ قايسى دۆلەتلەرگە تەۋەلىكىنى بىلەمسىز ؟
مەن تەنتەك بالا بولاتىن
_______________
_______________
_______________
مانا بۇ تورخۇماردا دىۋاندا ئولتۇرۇش ھالىتى
رەسمىىىىىىىىىىىىىىىىىىىى جۇما
ئۈستىدىكى ئىنكاسنى يازماستا ھىچكىم يوقتى ، بىردەمدە بىرسى ئولتۇرۇپ بوپتۇ ئەنە
مانا ئۇستىدىكى بۇرادەرنىڭ دىگىنىدەك بولاپتۇ ئاينا … ئىككىنچىسى بۇنداق قىلغىلى تۇردى .0…لىكىن مەن ئاخىرىدا بولساممۇ بۇنداق قىلىمەن تازا …. بۇندىن كىيىن تۇغۇلغان باللا جۇما بىز
ئاۋۇ ئوڭ پەستىكى قېچىۋاتقان مەنمۇ نېمە
تورخۇمار ئەپەندىم فىلىم قويۇلمىدىغۇ؟؟
خاتا كېرىپ قالدىڭىزمۇ تىمىغا؟
بىزنىڭ سىنىپتا بىر بالا بولىدىغان، توۋا دەيمەن، بىر سائەتلىك دەرىستە ئورۇندۇقنى ئوتتۇرىدىكى كوچىغا قويۇۋېلىپ،ۋاقىت توشقۇچە سىنىپنى بىر چۆگىلەپ چىقاتتى، بىز مىركالاچ دەپ لەقەممۇ قويۇۋالغان ئۇنىڭغا(ئىسمى مىر قاسىم ئىدى) ھەر قانداق دەرستە بۇ بالىنىڭ قىلىدىغان بىردىنبىر ئىشى، سىنىپتىكى باشقا باللارنىڭ دېققىتىنى چىچىش ئىدى…
ھەي… ھازىر ئالدىمغا ئۇچراپ قالسىمۇ چىشىغا تېگىپ قويمەن… يەنە 移动位置 قىلىۋاتامسەن دەپ
باللا سىڭكوخەن !!!
تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقىتتا،سىنىپ مۇدىرىمىز بۇنى بىلىپ قىلىىپ ھەرھەپتىنىڭ ئاخىرى مەجبۇرى ئورۇن ئالماشقۇزاتتى…نىمىشقىكىن دىسەم تورخۇمار دەپ قويۇپتىكەندە؟!…
مەن ئولتۇردىغان ئورۇندۇققا ھىچقانداق ئىپادە قۇيۇلماپتىغۇ ( 4- رەتكە ) قارىغاندا مىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ
مەن ئولتۇردىغان ئورۇندۇققا ھىچقانداق ئىپادە قۇيۇلماپتىغۇ ( 4- رەتكە ) قارىغاندا مىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ ؟
بانكا ئالدىدىكى تاش شىردەك ئولتۇرۇپ، مەززە قىلىپ ئاڭلايتىم دەرىسنى مەن كىچىك ۋاقتىمدا. …
ئاۋۇ مۇنبەردە تۈكۈرۈكىنى چاچرىتىپ سۆزلەۋاتقان ۋەتەنمۇ نېمە؟
مىسكىن داداڭنى باشلاپ كەل ئايرىم سۆھبەتلىشىمەن :
ئالى مەكتەپتە ئۇقۇيدىغانلاردىن ئۇخلايدىغانلار كۆپمۇ نىمە
ھى ھى مەن 4 يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئەڭ ئارقىدىكى رەتتە ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزگەن ، ئوقۇش تارىخىمدا ئويلاپ باقسام تولۇقتىن باشلاپ ئالدى رەتتە ئولتۇرۇپ باقماپتىمەن ،
باشلانغۇچتىن باشلاپ ئالدىدا ئولتۇرۇپ كىلىۋاتقان ، داشۆنىمۇ ئالدىدا ئولتۇرۇپ پۈتتۈرۈپ كەتتىم دېسە ….
بويىڭىزقانچە كىلومېتىر كىلەتتى شۇنچە؟
بۇ رەسىملە راستىنلا ئەمىلىيەتكە يېقىنكە….
مەن كەينىدىكى دەرىزە ئۇدىلىدا ئولتۇرىدىغان …يوقلامدا بىرقېتىم(بار) داۋاتسەم ۋازىپەم تۇگەيتتى…
مۇئەللىم :بۈگۈنكى دەرىس…… دەپ دوسكا تەرەپكە ئۆرىلسىلا دەرىزىدىن چىكىتەتتىم…
ھى ھى ھى مەن داۋاملىق بىرىنجى رەتتە ئولتتۇرۋىلىپ تىك پىتىلام سائەتلەپ ئۇخلاپ كىتتەتىم ، ئارقىمدىكىلەر ئۇخلاۋاتقىنىمىنى ھەرگىز سىزەلمەيتى . مۇئەلىمنىڭ ئىچى ئاغىرىپ كارى بولمايتى دىسە .
مېنىڭ مۇئەللىمىم سۇئال سورىسا ئۆرە تۇرۇپ جاۋاب بېرىۋېتىپ ئۇخلاپ قالغىنىمنى ئەسكە كەلتۈرۈپ قويدىڭىز. كېچىسى تورخانىدىن چىقمايتتتىم شۇ چاغلاردا… (خۇداغا شۈكرى)
بۇنداق ئىش ھەممە يەردە بارمۇ نىمە… ، سىنىپىمىز نۇقتىلىق سىنىپ بولسىمۇ بىراق مۇئەللىم شۇنداق چىقىپ كەتتىمۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىنانى كىيىدۇ.(بەلكىم سىنىپىمىزنى قاتتىق تۇتقاچقا باللا زېرىكىپ كېتەمدىكىن دەيمەن.) ئەسلىگە كېلىشىمىز سېكونتلۇق ئىش بىزگە چاندۇرمايمىز…. . ئەسلەپ قالدىمدە….
ماگەپنى كۆرۈڭ،سىزمۇ مىنىڭ خىلىمكەنسىز
مەنمۇ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا ئاخىرىدا ئولتۇرۇپ تازا ئۇخلىغاچقا سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا مەخسۇس پارتىدىن بىرنى ئەكىرىپ بىرىپ ئەڭ ئالدىدىن ئورون بەرگەن
مەن باشلانغۇچ، تۇلۇق ئوتتۇرلارنى ئىشىك باقارلىق (ئالدى .ئىشىك جۇمۇ) ۋەزىپىسى بىلەن يولداش بۇلۇپ ئۆتكەزگەن، لېكىن دەرىس ۋاقتى بېشىمنى كۆتۈرمەي رەسىم سىزىپ چىقاتتىم ، ئاجايىپ چاغلاتىدە ھەي،
سىنىپتا 睡仙 ئىدىم مەن.!
مەن ئالى مەكتەپ تىكى چاغدا سىنىپنڭ وتتۇردا ئولتۇراتتىم .يىنىمدىكى دوستۇم بىلەن دەرىس ۋاخلىرداچاقچاق قىلىپ پالانى بىلەن پۇستانىنىڭ شەنبە كۇندىكى تويغا تەكلىپ قىلمىز.ياكى مەلۇم شىركەتنىڭ يىڭى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەپ پالاننى ساۋاقداش مىھمان قىلدۇ دىگەندەك باغاق تارقىتاتتۇق . بەك قىزقارلىق ئىدى.
تولۇق ئوتتۇردا دەرىس ۋاقتىدا ئۇخلىمىغان ۋاقتىمنى ئەسلىيەلمەيمەن ،ئالىي مەكتەپتە دەرىسكە تولۇق قاتناشقىنىمنى ئۇقمايمەن، ئشقىلىپ ئاتالمىش ئوقۇش ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرخىلى ئىككى يىل بولدى