كىشىلىك ھايات خۇددى كوچا ئاپتوبۇسىغا ئوخشايدۇ…
ئادەمنىڭ ئۆمرى ،خۇددىي كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىققانغا ئوخشايدۇ، بىز بىلىمىز ئۇنىڭ قوزغىلىش نۇقتىسى بولغىنىدەك ئاخىرقى نۇقتىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىز بۇ سەپەر جەريانىدىكى كەچۈرمۈشلەرنى ئالدىن بىلەلمەيمىز…
بىز ئاپتوبۇسنىڭ باش ۋە ئاخىرقى بېكىتىنى بىلىمىز، ئەمما سەپەر جاريانىدىكى سەرگۈزەشتىلەرنى ئالدىن بىلەلمەيمىز.
بەزىلەرنىڭ مۇساپىسى ئۇزۇن بولىدۇ، بەزىلەرنىڭ قىسقا.
بەزىلەر ئىنتايىن تەمكىن بولۇپ، سىرتتىكى مەنزىرىدىن بەھىر ئالغاچ ماڭىدۇ.
بەزىلەر دائىم دېگۈدەك كىشىلەر ئوتتۇرىدا قىسىتىلىپ، ئىتتىرىلىپلا يۈرىدۇ.
ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئورۇندۇق كەم بولسا بولمايدۇ، شۇڭلاشقا دائىم تالاش-تارتىشلار بوپ تۇرىدۇ.
بەزىلەر ناھايىتى تەلەيلىك بولۇپ، چىقىشىغىلا ئورۇندۇقتا ئولتۇرالايدۇ.
بەزىلەر تەلەيسىز بولۇپ، گەرچە ئاپتوبۇستىكى ھەممە ئادەم ئولتۇرۇپ بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆرە تۇرىدۇ.
بەزىدە باشقا جايدىكى ئورۇندۇق بىكار بولۇپ تۇرىدۇ، ئۆزى تۇرغان جايدىكى ئادەم قىلچە مىدىرلاپمۇ قويمايدۇ.
ئورۇنىڭىزدىن ياندىكى ئورۇنغا يۆتكىلىپ تۇرشىڭىزغىلا، شۇ ئورۇندىكى ئادەم دەل ئورۇننى بوشۇتۇپ چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئورۇندا ئولتۇرۇش ياكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بەزىلەر ئەتراپىدىكىلەرگە پسەنت قىلمايدۇ، ھەتتا بەزىلەر باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈشكە ئۇرنىدۇ.
بەزىلەر ئۇزاق ۋاقىت ساقلىغاندىن كېيىن، ئاخىرى ئورۇندۇق تېپىپ ئولتۇرالايدۇ.
ئەمما بۇ چاغدا ئۇ ئاخىرقى بېكەتكە يېتىپ قالىدۇ.
گەرچە ئۇ قايتىدىن باش بېكەتتىن چىقسىمۇ، يەنىلا ئورۇن تالىشىدۇ، چۈنكى ئولتۇرالمىسا بەلكىم تۇردىغان جايغىمۇ ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن بولىدۇ.
پەقەت سىز «ئىككىنچى ئاپتوبۇستا ئولتارمايمەن!»دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما بۇنى ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىز بەلگىلىيەلمەيسىز.
مەنزىلگە يېتىپ كەلگەنلەر چۈشۈپ قالىدۇ، باشقىلار يەنىلا مەنزىلگە قاراپ يول ئالىدۇ.
چىقىدۇ، چۈشىدۇ… ئادەملەر توپى ئۈزۈلمەيدۇ!
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، جەمئىيەت، ھاياتلىق
- يازمــا مەنبەســى: [ مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى ]
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,774 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: life-is-like-a-bus.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرىدىغان ئاشۇ «قەھرىمان» ساۋاقداشلار! ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىدىكى «كارامەت» لەر…
- كېيىنكى يازما > بىز ياشىنىپ ھەممىمىز شۇ ياشقا بارغاندا….مۇشۇنداق خۇرسىنىشىمىز مۇمكىن
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
قىستۇرما رەسىم ۋە ناخشا قوشۇلۇپ تېخىمۇ تېتىدى. ھەقىقەتەن، ئاشۇ كىچىككىنە ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدىمۇ ئاجايىپ ئىشلار يۈز بېرىپ ئۆتىدۇ.
ما تەڭكېچىدە ئۇخلىماپتا ما باللا…
يامان تۇنۇش تۇيۇلىۋاتىدۇ بۇ يازما ،بىريەردە كۆرگەندەك، لىكىن ماۋۇ سۈرەتلەر بىلەن يەنىلا ئۆزگىچە چىقىپتۇ..
ئاپتۇبۇس ئىچىدىكى سېسىق پۇراقلار مېنى قىينىماقتا…
دىۋان پارىڭى يوق پاكىز تېما بوپتۇ. بىزنىڭ بۇ يەردىغۇ ئاپتوبۇس دېگەن نەرسە يوق
ئاپتوبۇس يوق قانداق يەر ئۇ؟
ئۈستىدىكى پولات يولداشنىڭ بىر كەيپىنى ئۇچۇرايمۇ؟ خا خا
ماۋۇ دېۋان ماڭا يەنە قالماپتۇغۇ بۈگۈن……
خالاستانىڭلىغا چىرىپ چازا قۇرۇپ ئوتتۇرىۋېلىڭلا دىۋان دېگەنگە..
بۇ يازما ماڭىمۇ ناھايىتى تونوش بىراق قەيەردە كۆرگىنىم ئىسىمدە قالماپتۇ ئۇ يەردە كۆرگەندە بۇنداق قىستۇرما رەسىم ۋە ناخشىلار يوق ئىدى بۇمۇ بىر ئۆزگىچە چىقىپتۇ
نەچچە كۇن كىرمىسەم يامان يېزىپتۇغۇ ماۋۇ ئىنقىلابى تور جەڭچىسى.
رەسىمسىز مۇزىكىسىز سىدام نۇسخىسى ۋەتەن بلوگىدا بار شۇ يەردە كۆردۈڭلار بەلكىم!
ھايات دېگەن ئەنە شۇ ! …
دەپ بىر ناخشا باردەك قىلغان، قايسىڭلار بىلىسىلەر، بىر توۋلىۋېتىڭلار !
ھايات دىگەن ھايات، ئۇ ھېچنىمىگە ئوخشىمايدۇ، ھېچنىمىگە ئوخشاتقىلىمۇ بولمايدۇ…
مۇزىكا يوققۇ، قارىغاندا ما ئاپتوبۇسنىڭ ئۈنقويغۇسى بۇزۇلۇپ قالغان چېغىۋا…
ئۇن قويغۇ ئاجايىپ ياخشىغۇ ئەھۋالدىن قارىغان سىز ئولتۇرغان ئوروندا ئۇن قويغۇچ يوق چىغى با!
ھەربىر مەزمۇننى تۇرمۇشتا بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەن بىر ۋەقەلىككە سېلىشتۇرۇپ ئۇقۇسىڭىز ھاياتىڭىزغا يىراقتىن نەزەر سېلىشىڭىزغا ياردەم بىرەلەيدىكەن
ماۋۇ تېما بەك پەيزىكەن، مۇشۇنداق تېمىلارنى ياقتۇرىمەن
تور خۇماردا تىمىسىدىن بەكراق ئاستىدىكى ئىنكاسلىرى پەيزى
ۋاي توۋا!!!!!!! بۇ google دا ئۇيغۇر ئىشچىلارمۇ بارمۇ نىمە؟ تىمىدا ئاپتۇبۇس تىلغا ئىلىنسا، ئىلانغىمۇ ئاپتۇبۇس ئىلانى چىقىپتۇ
بەزىلەر ئىنتايىن تەمكىن بولۇپ، سىرتتىكى مەنزىرىدىن بەھىر ئالغاچ
ماڭىدۇ.