بىز ياشىنىپ ھەممىمىز شۇ ياشقا بارغاندا….مۇشۇنداق خۇرسىنىشىمىز مۇمكىن
يۈكسەل بلوگىدىكى «ئۆلۈمنىڭ ئالدى كەينىدە» ناملىق يازمىنى ئوقۇپ كاللامدىن ھەر خىل ئويلار كەچتى. ھەقىقەتەن، ھەممىمىز ھامان بىر كۈنى قېرىپ تۈگەيمىز، شۇ ياشلارغا بارغاندا، بەلكىم كۆڭلىمىزدە يەنە نۇرغۇن ئارمانلىرىمىز، ئۆزگىچە ھېس تۇيغۇلىرىمىز ساقلىنىشى مۇمكىن، مەسىلەن…
1. يېقىندا XX نىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بوۋىسى ئابدۇللانىڭ بىر ناخشىسىنى قايتا ئاكورتلاشتۇرۇپ ئېيتىپتۇ ئەمەسمۇ؟
2. ئالدىنقى ئايدا كېسەل بىلەن بالنېستا يېتىپ قالدىم، ماڭا قارىغان سېستىرا كىمكەن دېمەيسىز، تولۇق ئوتتۇرىدىكى قىز دوستۇم شېرىنگۈلنىڭ قىزىكەن!
3. بۈگۈن ئەمەتنىڭ نەزىرىسى، كېلەر دۈشەنبە سەمەتنىڭ…
4. يەنە بىر تۇغۇلغان كۈنۈمنى كۈتىۋالدىم، ئوغلۇم تۇغۇلغان كۈنۈمگە ئاتاپ iPhone 40 تىن بىرنى سوۋغا قىلدى، بىراق بۇ ئوقەت يەنىلا ئەينى يىللاردىكى iPhone 4 كە يەتمەيدىكەن
5. ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم ئالىم بىلەن باغچىدا تور ئويۇنلىرىنىڭ ۋەراقچىسىنى كۆرۈپ قالدۇق، ئۇ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئەينى يىللىرى مەكتەپنىڭ يېنىدىكى تورخانىدا ئوينىغان 传奇 ئويۇنلىرىنى ئەسلەپ بەردى…
6. قۇشناچىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغات ئالغىلى چىقتىم، پىركازچىك قىزچاق ماڭا ئارماننىڭ شارپىسىنى تەۋسىيە قىلدى، ھەي توختا، ئارمان دېگەن قۇۋۋەت تالقىنى بىلەن ئىش باشلىغان شىركەتقۇ؟
7. ئالدىنقى كۈنى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان نەۋرەمدىن تېلىفون كەلدى، چىراي قارىداپ ئازراق جۈدەپ قاپتۇ، تەتىلدە بىزگە ئېپ قويغان سوۋغاتلىرىنىمۇ بىر قۇر كۆرسىتىپ ئۈلگۈردى بۇ شەيتان
8. كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، 30 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا يازغان بلوگ يازمىلىرىمنى كۆرۈپ چىقتىم، QQ رىمدىكى دوستلارغا بىرەر قۇر قاراپ باقتىم، نۇرغۇن باش سۈرەتلەر يورۇمىغىلى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن ئىدى…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [ھېسسىي دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، ھاياتلىق، ھېسىيات
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,576 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2011-يىلى 06-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: were-old-when.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىشىلىك ھايات خۇددى كوچا ئاپتوبۇسىغا ئوخشايدۇ…
- كېيىنكى يازما > «قىز دوست7.0» يۇمشاق دېتالىنى «خوتۇن1.0» نەشىرىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن چىققان Bug
- سەھنە تۇيغۇسى ئاجايىپ كۈچلۈك چولپان بوۋاق
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
مەن كارتەيگەنشە بلوگ جازغىم بار.. سول شاقتا وقيمىن.
جانە دە دىۋان…
بۇ يازمىنى ئوقۇۋېتىپ ئۆزەمنىڭ بىردەمدىلا قېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ قالدى.
ما پىرىستان ئاداشنىڭ ئىنكاسىنى كۈرۈپ دەششەت كۇلۇپتىكەنمەن . ھەممىسى قاراپ كەتتى نىمە باكى دەپ
ماۋۇ…تورخۇمار ئاپىرىدە بولغاندىن بىرى، مېنى لەرزىگە سالغان تۇنجى يازما
سىلنى لەززىگە ساغان بوسا مەن دۇنيادىكى ئىشلاغا تەۋسىيە قىلاي ما يازمىنى ھە ئۇيغۇر بەگ تەسىرلەندى دەپ
زادى شۇنداق قىلىڭ ھەي، مېنىڭ ئۇنداق-بۇنداق ئىنكاس يازمايدىغانلىقىمنى بىلىسىزغۇ!
ماۋۇ تور خۇماردا ياشاۋاتقاندىن بىرى تۇنجى چۈشىنەلمىگەن يازما
ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك ئېسىل يازما بوپتۇ !
_____________
ئىنكاس يازىدىغان يەرنى چوڭايتىپ – كىچىكلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئەمدى بايقاپتىمەن دىسە
مېنى ئازدۇرۇپ سىز! چوڭايتقان بىلەن كىچىكلەتكىلى بولمايدىكەنغۇ!
ئۇيغۇربەگ ئەپەندى ھازىردىن باشلاپ قىلغان ھەر بىر ئېغىز سۆزلىرى سوتتا ئىپات بولىدۇ !
مېنىڭكىدە چوڭايتىپ يەنە ئارقىدىن كىچىكلەتكىلى بولىدىكەنغۇ ، خۇددى PS دە رەسىم چوڭايتىپ – كىچىكلەتكەنگىلا ئوخشاش ، سىزنىڭىدە نېمىشقا بولمايدۇ ؟!
مەن چوڭايتتىم، كىچىكلىتەلمىدىم! سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن ئەرز قىلىمەن!
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمز،
بارىمىزدا ئۇ دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ قويايلى،
نىمىدىگەن مەزمۇنلۇق ھە ، (پىرىستاننىڭ يازغىنىنى دىمىدىم )
ھەقىقەتەن يۈرەككە تەگكۈدەك يازما بوپتۇ، راس ئەمەسمۇ كىچىككىنە تۇرۇپ بالىلىق ۋاقىتنى تولا ئەسلەيدىغان بولۇپ قالغاندا قېرىغاندا قانچىلىك بوپ كېتىدىغاندۇ ئادەم…
مەن كۆگەن تېمىلا ئارىسىدىكى ئەڭ قالتىس، كىشىنى ئويغا سالىدىغان تېما بوپتۇ (تەسۋىرلەشلىرىچۇتېخى كۈلۈپ تېلىقىپقالاي دېدىم)
ھەي توۋۋا … ئالدىنقى ھەپتە يۇرتقا تۇققان يوقلىغىلى چىققان ، سەھرانىڭ توپىلىق يوللىرىدا كېتىۋېتىپ بىرەيلەننىڭ ئېشەك تېزىكى تېرىپ يانچۇقىغا سېلىۋاتقىنىنى كۆردۈم ، شۇندا بۇرۇلۇپ قارىسام قويۇق ساقاللىرىنى ئۆمۈچۈكنىڭ تورى قاپلاپ كەتكەن بۇ مويسىپىت ئەينى ۋاقلاردا ياشلىغىمىزدا بىرگە بلوگ يېزىشقان سەھرالىقكەن ئەمەسمۇ، قارىسام مېنى تونۇغۇدەك كۆزلىرىمۇ قالماپتۇ ئاستا چاندۇرماي تىكىۋەتتىم . ئۆيگە قايتقۇچە ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ئۇ سەھرالىققا قوشۇلۇپ ئۆز ۋاقتىدىكى تۇنجى ئەۋلاد بلوگگېرلار ئېسىمگە كىلىپ قالدى . بىچچارە ئۇيغۇربەگ چاڭجاڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىۋېلىپ ئۆپكىسىگە لاي توشۇپ قېلىپ ياشلا يوق بولدى . ئۆزىنى teddy دەۋالىدىغان بىرسى بولىدىغان ، بلوگنىمۇ ياخشى يازاتتى . قايسىدۇر بىر مودېل قىزنىڭ كەينىدىن ئىچكىرگە كەتكەنچە كەلمىدى … پىرىستان بلوگ ياساپ يۈرۈپ داڭلىق قۇرۇلۇش ئىنجىنىرى بوپتۇدەك .. ۋەتەنكام بىر ئۆمۈر بالا تەربىيەلەيمەن دەپ بلوگنىمۇ تاشلىدى . ھە راس ئاڭلىسام ھېلىقى يۈكسەل دىگىنى رېستۇرانلاردا تېكساسنىڭ گىتتار كۈيلىرىنى ئورۇنلاپ يۇرگىدەك…. ھەي ۋاقىت نىمە دىگەن تېز ئۆتكەن.
ئاغزىڭغا تاش، ئۆلگۈر ۋىروس!
ھەي ۋىروس، ئۆيدىكى ئىشنى تالاغا يايما دەپ نەسىھەت قىلمىغانما چوڭلار
تەسەۋۋۇرىڭىز ياقتى
قالتىس، قالتىس ئارىمىزدا سىزدەك تەسەۋۇرچىلارمۇ بار ئىكەن ھە، ئەگەر ھەركۈنى مۇشۇنداق يازمىدىن بىرنى يوللىسىڭىز كۈلىۋېرىپ ياشايدىغان ئۆمۈرۈم بىر ھەسىلىنىپ كېتىپ ئىككى ھەسسە ئۆمۈر كۆرىۋالغىدەكمە
جىڭ ۋىروس چاپلاشقان بالىكەن
كاسپىرىسكىي بىلەن چىمداپ ئۆتتۈرۋېتىدىغان ۋىروسكەن جىڭ.
ئارزۇ – تىلەكلىرىڭگە يېتىپ تۈمەنلىگەن نازۇ- نېمەتلەرنى تىگەن بولساڭمۇ ، ئابىھاياتتىن قېنىپ ئىچىۋالغان بولساڭمۇ ، قۇلۇڭنى سۇنۇپ ئاسمان گۇمبىزىنى تۇتساڭمۇ ، بېشىڭ ئاسمانغا تاقاشقان بولسىمۇ ئاقىۋەتتە تۇرىدىغان يېرىڭ يەنىلا قارا يەر تېگى بۇلىدۇ …
كەلدىلەر،كەتتىلەر،كەلدۇق كىتەرمىز…
مەن مۇشۇ ئۇستازلاردىن سوراپ باقسام مۇشۇ تورخۇمار كۇلۇبىدىكى تىمىلارغا ئىشلەتكەن رەسىمگە قانداق تامغا قويىدۇ بىرەر دىتال بارمۇ ياكى فوتوشوپ بىلەنمۇ مۇشۇ توغورلوق بىر ئاز توختالغان بولساڭلار
Photoshop بىلەن قويىدىكەنغۇ ئەنە !
سىز تامغا خىتىنى psd شەكلىدە ساقلاپ ىويۇپ رەسىم ئىشلىگەندىلا ئۈستىگە تاشلاپ قويسىڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ
مەنمۇ يەتتە يىل بۇرۇن بىلىك كۇلۇبىغا يازغان تېما-ئىنكاسلىرىمنى كۆرۈپ غەلىتە بولۇپ قالغان ئىدىم.
ھەقىقەتەن چوڭقۇر مەنىلىك، تېگى بار يازما ئىكەن بۇ!! بۇ دۇنيا ھېچكىمگە باقىۋەندە ئەمەس!
30 يىلدىن كېيىن توردىن ئىزدەيدىغانغا مۇشۇ ئىنكاس بولسىمۇ قالسۇن جۇمۇ.
بۇ يازمىنى تۆنۆگۈن بىر ئوقۇپ بۈگۈن بىر كۈن ئېسىمدىن چىقمىغان. بۈگۈن قايتا بىر كۆرەي دەپ كىرگەنىدىم، ئاستىدىكى ئىنكاسلارنى ئوقۇپ تازا كۈلۈپتىمەن (بولۇپمۇ ۋىروسنىڭ ئىنكاسىنى). مۇشۇ تېمىنى يۇمۇرىستىك ئۇسۇلدا يەنە داۋاملاشتۇرسا خېلى قىزىق گەپلەر چىققۇدەك جۇمۇ…
بۈگۈن 2050-يىلى 32-ئىيۇن ، يۇقارقى ئىنكاس يازغان بالىلار ھازىر بارمىدۇ؟
ئەڭ ياخشىسى بۇ تېمىنى مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتۇرايلى، بولمىسا ‹‹ ۋەتەن ›› كامغا ئوخشاش ئېزىپ قالىدىغانلا كۆپىيىپ كەتمىسۇن ‹‹ۋەتەن›› كا مەن تېخى توي قىلمىغان ياشلارنىڭمۇ يېشى جۇمىسىلا، 2050 – يىلى دەپ ئادەمنى تولا قوقاتمىسىلا….
قۇرۇق خىيالنى قۇيۇپ 2002-2003 يىللاردىكى توربەت ناملىرى، تورداشلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئىسىمگە ئالسام ھازىر ھەر بىرى بىردىن تاۋار ماركىسى بولاپ كىتىپتۇ… شۇ ۋاقىتلاردا ئىسمىمغا پاتنىت ئىلىۋالمىغان مىڭ پۇشايمان….
بەلكىم يەنە 50 يىلدىن كىيىن ھازرقى بىلوگلار شىركەت- كارخانا نامى بولۇپ قىلىشى مۆمكىن كىم بىلىدۇ ھازىرقى تورخۇماردىكىلەر گوروھ بولۇپ ئىنكاسنى توپ -پارچە تارقىتامدۇ تىخى…
ۋاقىت بىردەمدە سۆرەپ ئاپىرىپ قويىدۇ ، بىراق ………
شۇ كۈنلەرگە ئۇلىشالىساق كىيىن يەنە نەۋرىلېرىمىز مۇنداق ئوسكار مۇكاپاتى،مۇنداق نوبىل مۇكاپاتى ئىلىپتۇ…دىگەندك گەپلەرنىمۇ دەپ قالىمىز تېخى.