سىز بىلەن بىز ۋەسلىگە يىتەلمىگەن ھېلىقى ئەركىن مائارىپ | ئوقۇغۇچىلار نەزىرىدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپ
ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى، مەزكۇر يازمىنى ئوقۇپ ئولتۇرغان ھەممىمىز سىنىپلاردا قولىمىزنى كەينىگە ياكى ئۈستەلگە قويۇپ، سائەت-سائەتلەپ مىدىرلىماي ئوتتۇرۇپ باققان. ھەممىمىز گىلاستۇكىمىزنى ئۇنتۇپ قالغانلىق سەۋەب مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگۈزۈلمەيمۇ باققان. چاچلىرىمىز خۇددى بىر قېلىپتىن چىققاندەك ئوخشاش قىرقىلىپمۇ باققان. ھەتتا قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرىدىمۇ مەكتەپنىڭ نىپىز فورمىسىنى كىيىپ ئۇششۇپمۇ باققان. شۇڭا بىزنىڭ ئىدىيىمىز ۋە تەسەۋۇرىمىزمۇ ئوخشاشلا تامدىن ھالقىيالمايدۇ. بىز ھەممىمىز ئىدىيە كۈرىشىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان.
ئەنە شۇنداق بولمىغۇر قائېدە يۇسۇنلاردىن جاق تويغان بىزلەر، دائىم شۇنداق بىر ئەركىن مائارىپنى خىيال قىلىپ ئۆتەتتۇق. ھەتتا خىيالنى چېكىگە يەتكۈزىۋەتكەنلەر ئەركىنلىك ئىزدەپ ۋاقىتسىز مەكتەب قوينىدىن ئايرىلاتتى. شەخشەن مەنمۇ مەكتەب فورمىسىغا، موزاينىڭ ئارغامچىسىدەك مەجبۇرى تاقالغان قىزىل گالاستۇكقا، «سەككىز شەرەپ سەككىز نۇمۇس»تەك كىچىك بالىنىڭ بىرنىمىلىرىنى يادلاشقا ئاجايىپ ئۆشتۈم. بۇ مېنىڭ ئاجىزلىقىمدۇر بەلكىم.
يېقىندا شىۋىتسىيە پايتەختى سىتوكھولىمدا Rosan Boschin لايىھەلىگەن ئەركىن مەكتەپ ھەققىدە توردا ئانچە-مۇنچە گەپ بولدى. مەكتەپ ئىچى ئازادە، ئوقۇغۇچىلار خالىغانچە ھەركەت قىلسا بولىدۇ. ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز-ئارا ھەمسۆھبەتتە بولۇشقا ۋە ھەمكارلىشىشقا ئۈندەيدۇ. مەكتەپ ئىچى رەڭمۇرەڭ ئۈسكۈنە ۋە ئوگۈنۈش رايۇنى، دەرىس ئۈستىلى يەنە خىزمەت سۇپىسىلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، ھەتتا ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس كىنوخانا تەسىس قىلغان. ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىردىن خاتىرە كومپيۇتېر سەپلەنگەن. مەكتەپ قوزغىتىش شەكلىدىكى مائارىپ ئەندىزىسىنىتۇرغۇزغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى يىڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
مانا بۇ ھەممىمىزنىڭ چۈشىدىكى ئەركىن مائارىپ. ھەممىدىن سۆيۈملۈك مەكتەپ. لېكىن مەن ئۆزەم بۇنى ئانچە قۇبۇل قىلالمايمەن. چۈنكى ئەركىن مائارىپ بىر بايلىق. ئەمما زىيادە ئەركىنلىشىش مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى يىتىلدۈرۈشتە ئەكىس تەسىر ئوينىشى مۈمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: لايىھە، مائارىپ، مەكتەپ، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,011 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 09-كۈنى
- يازما مەنزىلى: without-classrooms.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تاماكا چەكلەش توغرىسىدىكى بىر قىسىم كلاسسىك تەكشىلىك ئېلانلىرى
- كېيىنكى يازما > خانىم-قىزلارمۇ بوش ئەمەس، روسسىيەلىك قىز رەسسام Olga Larionova نىڭ ئاجايىپ چىن قېرىنداش سىزمىلىرى
- ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە خادىملىرى ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان
- 3D لىك پرويېكسىيە تېخنىكىسىنىڭ مەخپىيىتىنى بىلەمسىز؟ سۇ ئىشلىتىدىكەن سۇ!!!!!
- مارىيو مەستانىسى بولا، مۇشۇنچىلىك بولا
- ئادەمنى جىلە قىلىپ قويىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى | ئەسەبىي سەنئەتكارلارنىڭ دۇنياسىنى چۈشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن
- دۇنيا بويىچە ئەڭ رەتلىك سېلىنغان شەھەر
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- ئەردوغان ھولوگرافلىق پرويېكسىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلىدى
- يېشىل چىملىقتىكى ھوللىيۋود فىلىملىرى – بۇ نومۇرلارنى تەييارلاش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ ھە؟!
- ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرغا باي رۇخسەت سوراش خېتى
باللا بۈگۈن دىۋانغىلا ئۇچرايمەنيا
تۈركىيەنىڭ بىر كىنوسىدا چىقىدۇ :ئىتلارنىڭ تەلىيى كەلسە ، ئاسماندىن سۆڭەك چۈشۈپتۇ دەپ ، تەلىيىڭىز تېشىپ كىتىپتا بۈگەن ، سىزنى تىللىغان گەپ ئەمەس جۇما ، ھې ھې
بالامنى شۇ يەردە ئۇقۇتمىسام خەپ !
مىنىڭ بالام يوق ئوقۇتاي دىسەم توي قىلغاندا بولا بالام خۇدايىم بەسە
شۇنى دەيمەن نىمە بولدىڭىلاركىن ؟ يا دىۋانلىق كىسلاڭلار كۇچۇيىپ كېتىپ بارامدۇ
راستىنلا ئەركىن مەكتەپكەن بۇ…
جىم ئولتۇرۇپ دەرىس ئاڭلايدىغان سىنىپى يوقمىكەن ما شۇملىنىڭ ؟ ھەپتىدە بىرە كۈن مۇشتا قىلسا ياخشىدۇ ، كۈندە مۇشتا ماياقتەك چېچىلىپ ئۆگەنسە قايدا بۇلا ھېي ؟ لىكىن يەنىلا ئازراق ھەۋىسىم كەلدى
مەنمۇ نەچچە يۈز خەتلىك بىژنىمىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاي دەپ ئەپلىشىپ يېرىم كۈن ۋاقتىم كەتكەن ، تەرجىمە ئانچە ئاسان ئىش ئەمەسكەن جۇما ، تەھرىرلەرگە ئاپرىن
ئابومجان ما تولا ئادەم زاڭلىق قىلمايمىسلا دەيمە .ئۆينىڭ تۆرىگە مىھمان بولاپ كىردۇق بىز .بۇ ئىتنىڭ تەلىيى كەلسە دىگەنلىرىزە ئاشۇ چوخچوخ نىڭ ئىشىپ كەتكىنى ماقىما . سىلىمۇ دىۋانغا بەك ئامراقتىلا بۇرۇن مانا ئەمدى كىلەركى دىۋان سىلىگە بىرىپ ھەرىدەك چىقىۋالمىسام ھا ھا ھا ھا
ئويۇن كۆرىدىغان بوپتۇقتە،ما گەپكە مەن گۇۋا.
شۇ ئابومجان ھەرىدىن قوقاپ دىۋانغا چىقماي قويمىسىلا …
ئاللا ئاللا مۇشتا چۈشەنمىگەي دەپ چۈشەندۈرگەنتىم بوممىسا ، سەردارىنىڭ تەلىيى كەلسە تورخۇماردىن دىۋان چۈشۈپتۇ دىسەم بوپتىكەن ئەسلى ، دىۋانغا ئامراقلىقىم راس ، لىكىنزە دىۋاننىڭ قارىسىنى كۆرمىگىلى ئاي بۇلاپ كەتتى ، بولدى شاھانە دىۋاندىن ئۇرۇن تىگىپ قاسا تازاچېقىۋېلىڭلا مىنى ، ئۈتۈنۈپ قالاي ، ھې ھې
ئەنسىرمەڭلا ئودوش چاقساممۇ يەڭگىل چىقىشىپ قويىمىز دەيمەن.ئوسما كىتىدۇ قاش قالىدۇ،سۇ كىتىدۇ تاش قالىدۇ،دىۋان كىتىدۇ بىز قالىمىز. تورخۇمارنى قىزىتقاچ ئولتامايمىزما ،ئوت كەتسە ئوچۈرۋالىمىز دەڭلا جاننى تىكىپ.ھى ھى
ما مەن باش سۈرەتنى پەقەتلام توغۇرلىيالمايۋاتىمەنا ياردەم قىلساڭلا بوپتىكەن ماڭا
ئىنكاس يازىدىغان يەرنىڭ بىر يېرىدە ‹باش سۈرەت بەلگىلەش› دېگەن خەت بار شۇ يەرنى چېكىپ، چىققان تېمىنى تەپسىلى ئوقۇپ شۇ بويىنچە باش سۈرەت توغرىلىۋېلىڭ. مېنىڭ باش سۈرتىمنى مەرۋايت توغرىلاپ بەرگەن، ئۆزەم قىلالماي…
شۇنچە قىلساملا قاملاشماۋاتىدۇ
مەنمۇ قانداق چىقىرىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ئىش قىلىپ چىقىپتۇ
ئابۇمجان دىگەن نىمە مەنىدە،
ئابومجان كەن، مەن ئابۇمجان نىمە مەنىدە دەپ يىزىپتىمەن.
ئابومجان دىگەن نىمە مەنىدىكى گەپ.
ئى بىژ كۈنى تېخى ئويغانوف سورىغانتى مۇشۇنى ، باشقا مەنىسىمۇ يوق كىچىكىمدە ئاچام ئىسمىمنى تۇلۇق چاقىرالماي مۇشتا چاقىرىپتىكەن ، شۇنىڭ بىلەن چوڭلار ھەم مەھەللىدىكى ئاداشلىرىم پات پات مۇشتا تولاپ قۇيىدا ، ئىسمىم بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ ئازراق ، ئويغان تېپىۋاپتۇ دىسە
مەنىسىنى مەن ئاشكارا قىلىۋېتەي ئەمسە . ئابومجان دىگىنى ئابدۇرېھىمجان دىگەننىڭ « ياسو » قىلىنغىنى ئوخشايدۇ.
مىنىڭ ئاداشلىرىم بەك دۆتمۇ يا خۇماداشلارنىڭ كاللىسى سەت ئىشلەپ قۇيامدۇ ، ئەركەكجون مىنى تۇنۇيتقان ئوخشىماملا ؟ ھېجەپ ئوڭايلا تېپىۋالدى دىسە … خورازدىكى خو !
شۇنداق ئەركىن بولغاندا يىڭىلىقنى ئويىشىمۇ ئەركىن بولىدۇ . ئىجادىيلىقىمۇ ئەركىن بولىدۇ . لىكىن ئەركىنلىك باشقا يامان تەرەپكە كەتسە بولمايدۇ . بۇنى بىلسەكلا بولدى ئاتا ئانىلا . مەن تەخە بويتاق بولساممۇ جىق سۆزلەپ قويدۇم دىسە
ۋاي ھەممىسىنىڭ قولىدا كومپىيوتۇر ، ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتۇ ، تۈزۈك كىتاپ كۆرىۋاتقىنىنى ، ياكى ئەھمىيەتلىك ئۇيۇنلارئويناۋاتقىىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ ….
ۋىرۇساخۇن مەكتەپتە «سەككىز شەرەپ سەككىز نۇمۇس» نى يادىلىغان بولساڭلا، تېخى جىق كىچىككەنسىلە. بىز ئوقۇغاندا، «تۆت گۈزەل، بەش بولۇش»، «ئوقوغۇچىلار سۆز ھەركىتىدىكى يەتتىنى قىلماسلىق» دەيدىغان ناخشىلارنى يادىلىغان.
ۋاي بۈركۈتكامنىڭ ئالدىدا بىز تېخى راس كىچىك. ئەسقەرمۇ ئاغا دەپ يۈرسە سىلىنى
ئەركىنلىك چېكىدىن ئېشىپ كەتسە بالىلاردا لەقۋالىشىش ،ھۇرۇنلۇق بىخ سۈرۈپ قالامدىكىن دەيمەن
مەنمۇ بىر ۋاقىتلار مۇشۇنداق شارائىتتا ئوقىسامكەن دەيتىم، ئادەمگە بىسىم بولمىسا نىمىدىگەن ياخشى، ھىلىقى ھىندىستان فىلىمىدەك ئادەمنىڭ مىڭىسى يۇقىرى بىسىملىق قازان ئامەستە.
ئالمىنىڭ ئېلانىدەك ھەممىسى ئالما ئىشلىتىپتۇدېسە
بىر خو ئالمىنىڭ ئىلانىدەك چىراي
شىۋىتسارىيە پايتەختى سىتوكھولىم دېگەننى ئۆزگەرتىپ قويامسىلەر قانداق؟
ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت، ئۆزگەرتىپ قويدۇم.
ئاۋۇ ئەيىبلەۋاتقانلار توغرا دەيدۇ .
كىچىپ بالىنىڭ ئۆزىنى كنترول قىلىش ئىقتىدارى تولۇق يېتىلمىگەن ۋاقىتتا ئاشۇنداق مەيلىگە قويىۋەتسە ھۇرۇن ،لەقۋالىق كېلىپ چىقىدۇ پەقەت شۇ .
«ئەركىن مائارىپ بىر بايلىق. ئەمما زىيادە ئەركىنلىشىش مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى يىتىلدۈرۈشتە ئەكىس تەسىر ئوينىشى مۈمكىن. »
دىگەن سۆزىڭىزنى قۇۋۋەتلەيمەن.
بۇ مائارىپقا ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟ بىرشەخس، بىر مەكتەپنىڭ ئانچىكى سىنقى -مائارىپ دېگەن ئۇقۇم بىلەن تەڭداش بولۇپ كەتمەس. مائارىپ بەك زىل نەرسە، زىددىيەتلىك نەرسە، ئۇزاق مەزگىللىك پىشش ئارقىلىق ئاندىن بىر قەدەر توغرا ئەندىزە شەكىللىنىدۇ…
ئوجو…. تورخۇمار ئەجەپ قىزىپ كىتىپتىيا! بىكا يىلى ئوت كەتمىسۇن