خانىم-قىزلارمۇ بوش ئەمەس، روسسىيەلىك قىز رەسسام Olga Larionova نىڭ ئاجايىپ چىن قېرىنداش سىزمىلىرى
ھازىرقى كىشىلەر كۆز بىلەن كۆرەلىگەنكى نەرسىنى قېرىنداش بىلەن سىزىپ چىقىرالايدىغان بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ بارغانسېرى كىشىنىڭ كۆزىنى چاقناتقۇدەك رەڭسىز سىزمىلار پەيدا بولغىلى تۇردى. تورخۇماردا ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىم چەت-ئەللىك رەسساملار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداش سىزمىلىرى ھەققىدە يازما يازغان. ئەلۋەتتە دۇنيادا تالانتلىقلار ئاز ئەمەس، شۇنداق تالانتلىقلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئانچە-ئانچە مۇنچە بىر نىمىلەرنى بىلجىرلاپ قويىدىغان بىزدەك بىكارچىلارمۇ ئاز ئەمەس. بۈگۈنمۇ يازماي دىسەم كۆڭلۈم ئۇنىماي روسسىيە نوۋگورودلۇق قىز رەسسام Olga Larionova نىڭ بىر قىسىم نادىر ئەسەرلىرىنى ئېلىپ كەلدىم، ھوزۇرلانغايسىلەر.
بەلكىم ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، رەسسامنىڭ ئەزەلدىن سەنئەت ئىنىستىتوتىدا ئوقۇپ باقمىغانلىقىغا ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئۇ ھەتتا ھېچقاچان رەسساملىقتا مۇنتىزىم بىلىم ئاشۇرۇپمۇ باقمىغان بولۇپ، پەقەت رەسساملىق ئاساسى نەزەرىيىسىگە ئائىت بىر قانچە كىتاب ئوقىغان. ئەڭ دەسلەپكى ئاساسىنى ئاپىسىدىن ئالغان بولۇپ، ئەقلىگە يېتىشى بىلەنلا رەسىم سىزىشقا باشلىغان. ئۇمۇ ھەم ئۆزىنىڭ بۈگۈنكىدەك ئالاھىدە ئۇسلۇب يارىتالىشىنى يەنىلا ئەركىن بولغان ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ھەم غايەت زور ئارتۇق نەزەرىيە ۋە چەكلىمىنىڭ بولمىغانلىقىدىن دەپ قارايدۇ. قۇرلۇش بىناكارلىق كەسپىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن Olga ھازىر بىر نەپەر ئۆي ئىچىنى لايىھىلىگۈچى.
گەرچە كەسىپى باشقا بولسىمۇ Olga Larionova ئىزچىل ئۆزىنى بىر نەپەر رەسسام دەپ قارايدۇ. رەسىم سىزىش جەھەتتىمۇ باشقىلاردىن پەرىقلىق ھېچقانداق ئالاھىدە ماھارىتى يوق. پەقەت ئەتىراپىدىكى ھەرقانداق بىر شەيئى ئۇنىڭ ئىلھامىنى قوزغىتالايدۇ. ئالاھىدىرەك بىر تال كۆرۈنۈش ياكى بىرەر نەرسە ئۇچىراپ قالغان ھامان سىزىشقا باشلايدۇ. ئېيتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى ئۇ دائىم ئوخشاش بىر شەيئىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلار ئارا بىرلا ۋاقىتتا تەڭ سىزىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق كىشىگە تېخىمۇ زور دەرىجىدە چىنلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھەر بىر ئەسىرىنى روياپقا چىقىرىشىغا نەچچە كۈن، نەچچە ھەپتە ۋە ھەتتا نەچچە ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. تۆۋەندە ئۇنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك بىرقانچە ئەسىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
كۆرىۋاتقىنىڭىز فوتو-سۈرەت ئەمەس، كۆزىڭىزگە ئالدانماڭ | مەنبە: تورخۇمار | 200 سائەت سەرپ قىلىپ تاماملانغان ئەسەر
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: رەسىم، سەنئەت، قالتىس، لايىھە، ماھارەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 16-كۈنى
- يازما مەنزىلى: perfect-pencil-drawn.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سىز بىلەن بىز ۋەسلىگە يىتەلمىگەن ھېلىقى ئەركىن مائارىپ | ئوقۇغۇچىلار نەزىرىدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپ
- كېيىنكى يازما > كۈندۈز بىلەن كېچە بىرىكتۈرۈلگەن سەنئەت ئەسىرى – «تۈندىن كۈنگىچە» نامىدىكى فوتو-سۈرەتلەر
- يۈزدە يۈز كاپالەت بېرىمەن، بۇ رەسىملەرنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېردا قۇراشتۇرۇلغان سۈرەتلەر، ھېچقايسىسى راست ئەمەس
- ئەينەنلىكى ئاجايىپ يۇقىرى چىققان قېرىنداش سىزمىلار، قارىماققا راستتەكلا كۆرۈنىدىكەن
- ھېلىقىدەك رەسىملەر توپلىمى 2- سان 0727 [47P]
- «Desperado» فىلىمىدىكى باش پېرسوناژنىڭ كومپيۇتېردا سىزىلىش جەريانى ۋە پۈتكەن ئەسەر
- پاركور ئويناپ باقمىغانلار پاركوچىلارنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆرۈپ بېقىڭلار، قانداق تۇيغۇ بولىدىكەن؟
- گىمناستىكىچى قىزچاق كالتەك توپ مەيدانىدا تۇنجى توپنى ئۆزگىچە باشلاپ قويۇپ دۇنياغا تونۇلۇپ كېتىپتۇ
- تىنچ ھالەتتىكى رەسىملەرمۇ مىدىرايدۇ دېسەم ئىشىنەمسىز؟ بەزىدە كۆزلىرىڭىز سىزنى ئالداپ قويۇشى مۇمكىن
- ئەنگىلىيىلىك سېھرىگەرنىڭ قوش قەۋەت ئاپتوبۇستا كۆرسەتكەن سىرلىق «لەيلەش» ماھارىتى
- پىچاق ئوينىتىدىغان بۇ سولتەكنىڭ ماھارىتى ئاللىقاچان بىر دەرىجىگە يېتىپتۇ، سۈرئەت دېگەن باركەن ئەمەسمۇ؟!
- سۇ ئۈزۈۋاتقان زىراپىنى سىز چوقۇم كۆرگەن، ئەمما سۇغا سەكرەشنى بىلىدىغان زىراپىنى كۆرگەن دەپ جەزم قىلالامسىز؟!
رەسىم دىگەننى ئۆتتۈرۋېتىدىكەنغۇ بۇ ئاداش
غېرىپجان، دىگەن يەنىلا غېرىپجاندە، ئاياللار بىلەن ئاداش بولۇپ يۈرۈپسىلەردە. يەنە كىلىپ چەتئەللىك. ياۋرۇپا ئويناۋىتىپسىلەردە.
دىۋان سىلىدىن ئاشمايدىغۇ ئاداش ما كۈنلەدە
كۈندە مۇشتا مارلاپ يىتىۋاسا بىزگە قانداقمۇ دىۋان ئاشۇدۇ دەيسىز …
يېڭى دىۋان قاچان چىقىدىكىن دەپ بېقىپ ياتدىغان گەپ دەڭلا تورخۇمارنى
ئۆلتۈرمىسىمۇ كېسەل قىلىپ قويىدىكەن !
ئەسلى مەسەت شۇ قىزلارنى مۇ بوش چاغلىماق ، قىزلاغىمۇ سەل قارىماڭ دىمەكچىغۇ
ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە ھەم چىن ئىكەن . ھازىرقى رەسساملارنىڭ رەسىم سىزىش سەۋيىسى 90.يىللاردىكى رەڭسىز فوتو ئاپپاراتىدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈپتۇ جۇمۇ ئەمما دەششەت
رەسىمنى سۇرەتتەك سىزۋىتىدىكەنغۇ ؟
ئاپىرىن…..
ۋۇججون …ئاندا دەپ كەتمەڭلا بى دىۋاندا ئولتامىساممۇ مەيلى، دىۋان دىگەننىڭمىچۇ ئىشقى با ئادەمگە ئۇچرايدۇ ماندا بانكىرجۇون چەتئەلدە نىمە ئىشىم با مىنىڭ دا بازادا مەبەت بىلەن يۈرۋاتىمىز
ماگەپ قاملاشمىدى غىرىپجان،مانابىزدە دىۋان ئىشقى ئوت دەيمە،لىكىن ئۇچرىمايدىغۇ تاڭ.
سىلىنىڭ ئوچاقتىكى ئوت بولسا، غېرىپجاننىڭ گۈلخانكەن ئەمەسمۇ
ئالاھىدىرەك بىر تال كۆرۈنۈش ياكى بىرەر نەرسە ئۇچىراپ قالغان ھامان سىزىشقا باشلايدۇ ››››››ھەر قانچە بولسا شۇ كۆرگەن كۆرنۈش ياكى نەرسىگە قاراپ نەچچە كۈن، نەچچە ھەپتە، نەچچە ئايلاپ تۇرماس، ما چوكاننىڭ كاللىسىغا گەپ كەتمەيدىكە، بولۇپمۇ ئەستە تۇتۇش قابلىيىتى ھەقىقەتەن ياخشىكە.
تېخى قايسى كۈنى مەبىتىمدىن -ئالدىنقى ھەپتە سىز ماڭا نىمە دىگەن؟ دەپ سورىسام كۆزىنى پىيالىدەك ئېچىپ، بارمىقىنى غاجاپ تۇرىدۇ ›› تېخى ئۇنتۇپ قاپتىمە، دىيىشى، (ئەمەلىيەتتىغۇ نىمە دىگىنى مېنىڭمۇ ئېسىمدە يوق)
يېقىننىڭ ياقى ما باللا ھەجەپ بى مەبەتنىڭ گىپىنى دەۋىردىيا ، يامان بوساڭلا رەسىمىنى يوللاڭلا ھە
ئەسلىغۇ مەبەت يادىمدا يوق ئولتاغان، روسىيەلىك ما چوكاننىڭ سىزغان رەسىملىرىدىكى قىز باللىغا قالاپ ئولتاسام مەبەت تېلفۇن قىپ قالدى.
مەنمۇ سىزالايتىم ، مانىڭدىن ئىسىل چىققان ، يوللىسام ماۋۇلا تەستىقلىمايدىغۇ تاڭ ، ئۆزى شەخسى ھۇزۇر ئېلىۋاتامدۇ يا ما ۋىروسوف !
روسلارنىڭ سىزمىچىلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ،تولۇق بولغان بەدەن شەكلى بولغان بىلەن ئاجىزلىقمۇ يوق ئەمەس،ھېسيات ئامىلى كەمچىل. بىناكارلىق كەسپىدە ئوقۇغان ئادەمنىڭ رەسىمدىن خەۋىرى يوق دېسە مەن ئىشەنمەيمەن،ئاۋۋال پەلەمپەينىڭ بىرىنجىسىنى دەسسىمەي تۇرۇپ،ئۆگىزىنى نىشانلىغان ئاقىلنىڭ ئىشى ئەمەس.
دۇنيادا تالانت ئېگىسى مەۋجۇت ئەمەس،پەقەت ئۆز نىشانى ئۈچۈن تىرىشىدىغان ئادەملا مەۋجۇت!
ۋاھ بەك كاتتا سىزاپتا مارەسىملەرنى، سۇ تامچىسىنى قانداق سىزغاندۇ
زادى ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ. سېزما رەسىم بىلەن تارتىلىغان سۆرەتنىڭ پەرقى قالمىدىمۇ نېمە؟