نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ نېمىشقا كۇسارنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە كىيمەي تېشىغا كىيىۋالىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

«خاسىيەتلىك ئادەم فىلىمىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» ناملىق تېمىدا بەزى تورداشلار خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ نېمىشقا كۇسارنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە كەيمەي تېشىغا كىيىۋالىدىغانلىقىغا قىززىقىپ سوئال قالدۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەندىمۇ قىززىقىش تۇغۇلۇپ بۇ توغرىسىدا Google دىن ماتېرىيال ئىزدەپ باقتىم، قارىسام چەتئەلدىكى تورداشلارمۇ بۇ مەسىلىگە بىزگە ئوخشاشلا قىززىقىدىكەن، توردىكى جاۋاپلارمۇ ھەر خىل ئىكەن. شۇ جاۋاپلاردىن بىر قىسىمىنى رەتلەپ قويدۇم. ئەگەر بىلىدىغان تورداشلار بولسا جاۋابىنى تولۇقلىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن.

superman-underpants

خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۇسارنى ئىچىگە كەيمەي تېشىغا كىيىشىنىڭ سەۋەبى

  1. ئادەتتىكى كىشىلەر، يەنى بىزدەكلەر كۇسارنى ئىچىگە كىيىمىز، خەق دېگەن خاسىيەتلىك ئادەم، ئەلۋەتتە بىز بىلەن پەرقى بولىدۇدە؟!
  2. تېشىغا كىيىۋالغان ئۇ قىزىلى كۇسار ئەمەس، بەلكى كۆكى ھەقىقىي كۇسار، خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۇسىرى پەقەت ئىشتىنىدىن چوڭراق بولۇپ قالغان يېرى بار
  3. شەپەرەڭ پالۋان ئاللىقاچان كۇسارنى بېشىغا كىيىپ بولغاچقا، خاسىيەتلىك ئادەم ئۇنى دورىغۇسى كەلمەي تېشىغا كىيىۋالغان
  4. خاسىيەتلىك ئادەم گەرچە خاسىيەتلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇمۇ ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش يەنىلا ئاجىزلىقى بولىدۇ. ئۇنىڭ تېشىغا كىيىۋالغىنى بولسا، بىر قەۋەت قوغدىغۇچى قەۋەت، ئۇنىڭ ئەڭ ئاجىز يەرلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ
  5. ئىپتىدائىي ئادەملەر ھېچنىمە كەيمەيتى، خاسىيەتلىك ئادەم تۆرەلگەن زامان بولسا ئۇ چاغلاردىكىدىن سەل مەدەنىي بولغاچقا، ئۇنىڭ زامانىسىدا كىشىلەر كۇسار كىيىشنى بىلگەن. كونىلاردا ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنتۇما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما دەيدىغان ھېكمەت بار، خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ھازىر كۈنلىرى ياخشىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ ھېكمەت بويىچە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇش ئۈچۈن كۇسىرىنى دائىم تېشىغا كىيىۋالىدۇ.
  6. خاسىيەتلىك ئادەم دائىم ئۇچىدىغان بولغاچقا، بەزىدە دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنلاردا كىيىمى ئۇچۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، تېشىغا كۇسار كىيىۋالسا ئىشتاننى تېخىمۇ مەزمۇت تۇتۇپ تۇرىدۇ، خاسىيەتلىك ئادەمنى دۆت چاغلاپ قالغانمىتىڭىز؟!
  7. ئەمەلىي تۇرمۇشتا ھېچكىم خاسىيەتلىك ئادەمنى كۆرۈپ باققىنى يوق، شۇڭا خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۇسىرىنى تېشىغا كەيگۈزۈپ قويۇش، ئۇنى باشقا ئادەملەردىن پەرقلىقرەك كۆرسەتسە كېرەك؟
  8. خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ فىگورىسى ئىنتايىن قاملاشقان، بۇنچە قاملاشقان فىگورىنىڭ تېشىغا كۇسار كىيىۋالسا چوقۇم نۇرغۇن قىزلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ!
  9. ئۇخلاپ ئويغاندا كۇسار بىلەن ئىشتاننى ئالماشتۇرۇپ كىيىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن…
  10. ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىراپ كىيىمنى كىيىپ بولۇپ كۇسار كەيمىگەنلىكىنى تۇيغان، ۋاقىت قىس بولغاچقا كۇسارنى تېشىغا كىيىپلا ئۇچۇپ چىققان!
  11. كۇسارنى تېشىغا كەيسە نىم بوپتۇ؟! سىز بىر كوچىغا كۇسار كەيمەي چىقىپ بېقىڭە؟! ئانا-مانىڭىزنى كۆرىسىز! كەيمىگەندىن تېشىغا بولسىمۇ كەيگەن ياخشى!
  12. كۇسارنى تېشىغا كەيسە، ئالاھىدە خاسىيەتلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ. بىزنىڭ خاسىيەتلىك ئىقتىدارىمىزنىڭ بولماسلىقىدىكى سەۋەپ، بىز كۇسارنى ئىچىگە كىيىمىز، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ!
  13. خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ مۆچەل يىلى كەلگەندە، بالا-قازادىن ساقلاش ئۈچۈن قىزىل رەڭلىك كۇسار كەيگەن بولۇشى، ئىچىگە كەيگەندىن تېشىغا كەيسە تېخىمۇ ئامان-ئېسەن، تېنىنىڭ ساق-سالامەت، خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق، ئائىلىسىنىڭ شات-خۇرام بولۇشىنى ئىستىگەن بولۇشى مۇمكىن
  14. خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۇسىرى دېگەن داڭلىق ماركىلىق كۇسار، سىزمۇ 5000 سوملۇق تېلىفون ئالسىڭىز قولىڭىزدىن چۈشەرمەيسىز ھەقىچان؟!
  15. ھازىر توردا داڭلىقلارنىڭ ئارقىسىدىن گەپ تاپىدىغان، غەيۋەت قىلىدىغان ئىش ئاۋۇپ كەتتى، ئۇ باشقىلارنىڭ «خاسىيەتلىك ئادەم كۇسار كەيمەيدىكەن» دەپ گەپ تېپىشىدىن قورقۇپ ئالاھىتەن تېشىغا كىيىپ چىقىدۇ
  16. بەلكىم، ئۇ بىزگە خاسىيەتلىك ئادەمنىڭمۇ كۇسار كىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن…

سىزچە خاسىيەتلىك ئادەم نېمە سەۋەپتىن كۇسارنى تېشىغا كىيىۋالىدىغاندۇ؟



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تورخۇمار 2013.06.22 , 18:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنچە خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كەيگىنىمۇ ئادەتتىكى كۇسار ئەمەس، چوقۇم خاسىيەتلىك كۇسار بولۇشى مۇمكىن

    • Forever 2013.06.22 , 18:43

      مەنچە بىرەر داڭلىق ماركىلىق كۇسار بولىشىمۇ مۇمكىن :grin:

      ئەمدى بىر – ئىككى كۈنگىچە تورخۇماردا خاسىيەتكامنىڭ كۇسىرىنىڭ پارىڭى ئۈزۈلمەيدىغان بولدىدە …..

    • ئايشەم نۇقتا كوم 2013.06.23 , 23:49

      تورخۇمار دىۋان تالىشىپ دىۋانغا چىقىۋالسا ئادالەتسىزلىك بوپ قالىدىكەن ماقما !:idea:

  2. Forever 2013.06.22 , 18:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشتاننىڭ ئۈستىگە كۇسار كىيىش دىگەننى كۆرۈپ پۇرچاق ئەپەندى يادىمغا كېلىپ قالدى :mrgreen:

  3. ئەركەم 2013.06.22 , 18:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھاھاھا! مەنچە خاسىيەتلىك ئادەم مەلۇم كۇسارنىڭ ئوبراز ئەلچىلىكىنى ئالغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا دائىم تېشىغا كىيىپ چىقىشىمۇ تەبىئىيدۇ:grin:

  4. سەرسان 2013.06.22 , 18:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۈلۈپ كۆزەمدىن ياش چىقىپ كەتتى:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:
    رەھمەتلىك جېكسونمۇ كۇسارنى تېشىغا كىيىپ چىقاتتى سەھنىلەرگە، مۇشۇ خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ يىراق تۇغقىنىمىكىن دەيتىم

  5. كۇسەن 2013.06.22 , 18:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھى ھى ھى قىززىق گەپكەن بۇ :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  6. سەھرالىق 2013.06.22 , 18:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇرۇن خاسىيەتلىك ئادەم،شەپەرەڭ پالۋان،يېشىل پالۋانلار قارت ئويناپتۇ،قانداق قارتكىن دېمەڭلار،شۇ كىيىم سېلىش قارتى،شۇنىڭ بىلەن خاسىيەتلىك ئادەم ھەر قېتىمدا ئۇتتۇرىۋىرىپتۇ ۋە ھەممە كىيىمىنى سېلىۋىتىپتۇ.توساتتىن تەدبىركار پاتقاققا پېتىپ قېلىپ،خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بوپتۇ،ۋە ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ«خاسىيەتلىك ئادەم!»دەپ توۋلاپتۇ.بۇ پاتقاقنىمۇ ئادەتتىكى پاتقاقمىكىن دېمەڭلار،شۇ مېدىرلىغانسىرى پاتىدىغان پاتقاق(ھېلىقىدەك)تازا قىززىق قارتا ئويناۋاتقاندا چىققان ئىشنى كۆرمەمدىغان،بارماي دېسە تەدبىركار پاتقاققا پېتىپ كەتسە بىز ئەتىدىن باشلاپ تورخۇمارغا چىقالامدۇق-چىقالمامدۇق بۇنى ۋىرۇس بىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ تەدبىركارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خاسىيەتلىك ئادەم دەررۇ كىيىملىرىنى كىيىپتۇ،ئالدىراشچىلىقتا سالغاننىڭ تەتۈرىسىدە كىيىپلا مېڭىپتىكەنمۇ دەيمەن.كۇسىرى ئىشتىنىنىڭ تېشىغا كىيىلىپ قاپتۇ.
    شۇنداق قىلىپ تەدبىركار قۇتۇلۇپ قالدى ۋە دىۋاننى شەرەپ بىلەن تارتىۋالدى.تاڭ ئاتتى-شەھرىزات ھېكايىسىنى تۈگىتىپ قارىسا پادىشاھ ئۇخلاپ قاپتىمىش:mrgreen::mad::mrgreen:

  7. sewr 2013.06.22 , 18:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۇسارنى تېشىغا كەيسە، ئالاھىدە خاسىيەتلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ. بىزنىڭ خاسىيەتلىك ئىقتىدارىمىزنىڭ بولماسلىقىدىكى سەۋەپ، بىز كۇسارنى ئىچىگە كىيىمىز، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ! ما سەۋەبكە تازا كۈلۈپتىمەن :mrgreen::mrgreen:

  8. جاھانزات 2013.06.22 , 20:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشتىنىنىڭ ئالدى يا كەينى تېشىلىپ قالغانمىكىن دەيمەن:mrgreen:

  9. پىنھان 2013.06.22 , 22:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنىڭ خاسىيتى چوقۇم ۋە چوقۇم كۇسىرىدا .. شۇڭا خاسىيەت يېپىلىپ قالمىسۇن دەپ تېشىغا كىيۋالغان گەپ..

  10. ئىلتەبىر 2013.06.22 , 23:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئەجەپ دىققەت قىلماپتىكەنمەن ماۋۇ ئىشقا،ئەمدى كۆرۈپ قىزىقىپ قالدىم.بۇلارنىڭمۇ مۇنداق ھىكايسى بار- ئىكەندە!

  11. قازانچى 2013.06.22 , 23:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۇسار ھۆل بولۇپ كەتكەچكە تېزراق قۇرۇسۇن دەپ تېشغا كىيۋاپتىكەن ئەسلى.

  12. ئەلگىنۇر 2013.06.23 , 00:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنچە لايىھە شۇنداق ئويلاپ باقمامسىلە قىزىل كۇسار بولمىسا بەكلا ئاددى ھەم كۇرۇمسىز بۇلۇپ قالمامدۇ

  13. alshir 2013.06.23 , 01:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنىڭ پەقەت شۇ كوسىېرى بىلەن بوينىغا باغلىۋالغان قىزىل لاتىسىلا بار، كۆك تۇرغىنى ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ رەڭگى.:mrgreen:

  14. سالىھ بىگ 2013.06.23 , 02:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانداق كۈسىرىم با مىنىڭ دىگەن يىرىمىكىن دەيمەن :grin:

  15. ئەپەندى 2013.06.23 , 10:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭچە،ھەركەت قىلشىغا قۇلايلىق بولسۇن ئۇچۇن ھەم ئىشتىننىڭ ئېغى يىرتىلىپ كەتسە سەت تۇرمىسۇن دەپ كۇسارنى تېشىغا كىيۋالغان … ئەگەر ئىچىگە كىيۋالسا ،ئىشتىننىڭ ئېغى يىرتىلىپ كەتسە ،خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆكۇلۇپ كەتمەمدۇ…:mrgreen::razz::kiss:

  16. 1-نومۇر 2013.06.23 , 11:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇلانىڭ يۇرتىدا شۇ مودا بۇلاتامدىكىن:mrgreen::mrgreen:

  17. ئابدۇۋھاب 2013.06.23 , 11:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى تازا ئويغانسۇندىگەن يىرى،

  18. مەرۋايىت 2013.06.23 , 11:50 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يايايا، باللا ھىچقايسىڭلا بىلمىدىڭلا، ھازىر دېگەن مودا دەۋرى دەڭلا، ما بەسەيلىنىڭ مەينەتلىرى ئاشۇنداق كېينىۋالىدىكەن، شۇنى كۆرۈپ ما خاسىيەتلىك ئادەمنىڭمۇ مودا قوغلاشقۇسى كەلگەن گەپ:mrgreen::mrgreen:

  19. مارىس 2013.06.23 , 11:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۇسىرنىڭ شەكلى مەيدىسىدىكى بەلگىنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىكەن ،

  20. تاماشىبىن 2013.06.23 , 13:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي باللا قىزىقكەنسىلەر….. خاسىيەتلىك ئادەم باشقا دۇنيادىن بوۋاق ۋاقتىدىلا يالىڭاچ پېتى پەقەت S بەلگىسى بار لاتا بىلەن يەر شارىغا ئەۋەتىلگەن. كىيگەن كىيمىنى بولسا يەرشارىدىكى بېقىۋالغان ئانىسى لايىھەلەپ بەرگەن. كۇسارنى تېشىغا لايىھەلەپ بەرگەن بولسىمۇ خاسىيەتلىك ئادەم يەنىلا كىيىۋەرگەن. دىمەك ئانىنىڭ گېپىنى زەررىچە يىرماسلىق خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ يەنە بىر ئېسىل تەرىپىنى يورۇتۇپ بەرمەمدۇ……:grin:
    ئەمدى بۇنىڭدىن يەنە سوئال چىقىدىغان بولدى. خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كىيمىنى بېقىۋالغان ئاپىسى نېمىشقا كۇسىرىنى سىرتىغا قىلىپ تىكىپ بەرگەندۇ ….؟؟؟ :mrgreen:

  21. بىلىمخۇمار 2013.06.23 , 15:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنىڭچە خاسىيەتلىك ئادەم ئىچىگىمۇ كۇسار كەيگەن. ئىچىگە كۇسار كىيىشى نورمال ئەھۋال. ئەمما سىرتىغىمۇ كۇسار كىيىشىدە مۇنداق سەۋەب بار:
    بۇ كىيىمنى لايىھەلىگۈچى ئاۋۋال ئۆزى ئوڭ قولىنى تىك تۇتۇپ ئۇچۇشنى سىناپ باققان ، نەتىجىدە بۇنداق ئۇچۇش ئۈچۈن كۈچنىڭ ھەممىسىنى بەلگە يىغىشقا توغرا كەلگەن ( بولمىسا قانداقمۇ رېئاكتىپ ھەرىكەت ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ دەيسىز؟) ، ئەمما سەل چىڭراق يىغسىلام يەل قۇيىۋېتىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن كىيىم لايىھەلىگۈچى بەلنى چىڭ قىسىپ يەل قۇيىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان كىيىم لايىھىلەش مەقسىتىدە ئاۋۇ كۇسارنى ئىشتاننىڭ سىرتىغا لايىھەلىگەن.
    ئەگەر بۇنداق لايىھەلىمىسە،بەزىلەر ئۇچۇشنى سىناپ بېقىپ « بۇنداق كىيىمدە ئۇچقىلى بولمايدۇ، ئۇچاي دېسە يەل چىقىپ كېتىدىكەن» دەپ تۇرىۋالىدۇ. ئاشۇلارنىڭ ئاغىزىنى يېپىش ئۈچۈن مۇشۇنداق لايىھىلەش كېرەك.

  22. مايماق 2013.06.23 , 16:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    14.خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ كۇسىرى دېگەن داڭلىق ماركىلىق كۇسار، سىزمۇ 5000 سوملۇق تېلىفون ئالسىڭىز قولىڭىزدىن چۈشەرمەيسىز ھەقىچان؟!:mrgreen::lol:

  23. تۇك ھەرىسى 2013.06.23 , 22:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىپارتا300 جەڭچىنىڭ مەخپىيەتلىكى كوسىرنى تېشىغا كىيىش ئۇلارنى پالۋان قىلغان، خاسىيەتلىك ئادەم ئۇلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بۈلىۋىلىپ كۇسىرنى تىشىغاكىيىپ پالۋان بۇلۋالغان. باشقىلاردىن نۇمۇس قىلىپ، كۆك كىيىمنى كۇسارنىڭ ئىچىگە كىيىۋالغان.

  24. خىيال 2013.06.24 , 00:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خاسىيەتلىك ئادەم يەر شارىغا يالىڭاچ چۈشكەن، بېقىۋالغانلار ئۇنىڭغا ئېغى ئوچۇق ئىشتان تىكىپ بەرگەن، كېيىن ئۇ ئېغى ئوچۇق پېتىلا ئۇچۇپ كېتىپ، بىرەسى ئېغىنى ياماپ بەرمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇكاندىن كۇساردىن بىرنى ئېلىپلا تېشىغا كېيىۋالغان، شۇنىڭ بىلەنلا مۇشۇ پېتى يۈرىۋەرگەن…

  25. ئۇسلۇب 2013.06.24 , 10:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەۋەبىي بەك ئاددىيغۇ، كۆك كىيمى بىرتۇتاش، ناۋادا كۇسارنى ئىچىگە كىيۋالسا تەرەت قىلىشقا بىئەپ بۇلۇپ قالمامدۇ، شۇغا .كۆك كىيمىنىڭ ئېغىنى ئېچىۋېتىپلا، كۇسارنى تېشىغا كىيۋالسا تولىمۇ قولايلىق بولمامدۇ.

  26. نۆل ۋە بىر 2013.06.24 , 12:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ ماتېماتېكا ئۈگەنمىگەننىڭ ئىشى… …تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتېكا مۇئەللىمىمز شۇنداق دەيدىغان.:mrgreen:

    • خىيال 2013.06.24 , 15:31

      ماتېماتىكا بىلەن كۇسارنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى:neutral:

  27. پەنجىر 2013.06.24 , 19:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خاسىيەتكامنىڭ كۇسىرنىڭ پارىڭى تېخى تۈگىمىدىما ؟:mad:

  28. مارجان 2013.06.24 , 20:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھازىر مۇشۇ ئىسسىقتا بازار غا چىقسىڭىز كۇسارنى تېشىغا كىشىۋالغان نۇرغۇن قىزنى كۆرۇسىز

  29. ھە بولاپتۇ 2013.06.25 , 00:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قىزلىرمىزمۇ ، خاسىيەتلىك بولاپ كەتمىگىيتى ئەمدى

  30. يالپۇز 2013.06.25 , 15:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ؟ۇنچىلىك ؟ەمدى ،؟ادەتتىىكى ؟ادەمدىن پەرىق قىلدىغان جايلىرى بولمىسىمۇ بولماس

  31. گىنرال 2013.06.27 , 10:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ پەقەت رەڭ جەھەتتىن سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كىيمىنىڭ جۇلالىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ئەگەر ئۇنىڭ كۇسىرى يوق دەپ پەرەز قىلايلى ! ئاندىن كىيىن بۇئەھۋالغا جاۋاپ تاپقان بولىمىز. بۇپەقەن. 色彩构成 يەنى رەڭلەر يىغىندىسىدىن ئىبارەت!

  32. كۆك 2013.06.27 , 22:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەلكىم ھازىرقى كۈننى ئالدىن پەرەز قىلىغاندۇ….ھا ھا ھا …….

  33. umid 2013.07.29 , 19:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن خىيال نىڭ پەرىزىگە قوشۇلىمەن ، خاسىيەتلىك ئادەم يەرشارىغا كىچىك ۋاختىدا يالڭاچ ھالەتتە يەرشارىغا ئىۋەتلگەن، ئۇنى يارشارىدىكى بىقىۋالغان ئانىسى بىقىپ چوڭ قىلغان بىقىش جەرىيانىدا خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ تەرەت تۇتالمايدىغانلىقىنى سەزگەن، ئويلاپ باقمامسىلە پۈتۈن كىيىمنى يۇيۇش تەس، خاسىيەتلىك ئادەم ئۇچۇش ياكى باشقا كۈچ كىتىدىغان ئىشلارنى قىلغاندا پۈتۈن بىر تۇتاش كىيىم كىيمىسە قولايسىز لىكىن كۈچ كىتىدىغان ئىشقىلغاندا كىيمىگە تەرەت قىلىپ قويسا يۇيۇش تىخىمۇ ئاۋارچىلىق شۇڭا ئانىسى پۈتۈن بىرتۇتۇش كىيىمنى لايھىلەپ بولغاندىن كىيىن كىيمگە ئېغىنى ئىچىۋىتىپ ئۈستىگە كۇسار كىيىدىغان قىلىپ لاھىيلىگەن.:mrgreen::mrgreen:

  34. بۇلاق 2013.07.31 , 01:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر قاۋۇل تەمبەل ئەر ئىتىگە چاپلىشىپ تۇردىغان بىر قۇر كىيىمنىلام كىيىپ چىقسا كۆزئالدىڭلار كەلتۈرەلەيسىلە چۇقۇم ناھايتى بىر قىسمان مەنزىرە پەيدا بۇلىدۇ،ئەتكە چاپلىشىپ تۇردىغان كىيىم ھەركەت قىلىشقا قولايلىق بۇلۇش ئۈچۈن،قىزىل كۈسار مەلۇم يەرلەرنى تۇشۇس ئۈچۈن مىكىن مەنچە…:mrgreen:

  35. س ل ت 2013.08.06 , 19:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۇسار دىگەن ئۇيغۇرچە گەپمۇ؟

  36. س ل ت 2013.08.06 , 19:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇيغۇرچە نىم دەپ ئاتايمىز؟
    كالتا ئشتان،قىسقا ئىشتان،ئىچ كىيىم

  37. دەستۇر 2013.08.29 , 17:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي باللا سىلەر تېخى سەۋەبىنى بىلمىدىڭلامۇ؟ شەپەرەڭ پالۋان بىلەن خاسىيەتلىك ئادەم ئىككىلىسى ساراڭ. بىرسى كۇسارنى بېشىغا كىيۋالدۇ يەنە بىرسى ئىشتاننىڭ سىرتىغا كىيۋالدۇ. ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا كەلگەندە يالىڭاچ كەپتىكەن، دوختۇر ئىشتاننىڭ ئۈستىگە ئىشتان كىيىپ كۆرسىتىپ، ئۇنۇڭغىمۇ ئىشتان كىيىشنى ئۆگتۈپتۇ، كۇسارنى ئىچىگە كىيىشنى ئۆگتەلمەپتۇ، چۈنكى بىمار بولسىمۇ ئادەمدە، ئۇنىڭ ئالدىدا كۇسارنى قانداق كىيىشنى كۆرسىتەي دىسە خىجىل بۇلۇپ سىرتىغلا كىيىپتىكەن، ئۇمۇ شۇنداق ئۆگنۈپ قاپتۇ.شەپەرەڭ پالۋان بەك خىجىلچان بولغاچقا يۈزنىمۇ يۇشۇرپ يۈردۇ، پەقەت شۇ يۈز يېپىشقا كۇسار ئىشلىتىپ قويغانلا يىرى بار

  38. بەخـتىم 2013.10.22 , 22:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خەق كۇسارنى تېشىغا كەيسەنىم بوپتۇ!

  39. بۈگۈر ئوغلى 2014.01.25 , 23:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نىم كەيسە كىيمەمدۇ خەقنىڭ كوسىرنى تەھلىل قىلىپ كەتتۇخما ئەمدى قورسىقىمىز تويۇپ قىلدىغان ئىشىمىز يوختەك:mrgreen::mad:

  40. مېھمان 2015.01.09 , 09:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى ھەجۋىيكەن خو

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量