نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

[بىلىۋېلىڭ] پاسپورت ۋە ۋىزا دېگەن نېمە؟ پاسپورت بىلەن ۋىزىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

پاسپورت ۋە ۋىزا دېگەن بۇ ئۇقۇم ئارىمىزدىكى مۇشۇ نەرسىلەرگە ئېھتىياجى بار كىشىلەردىن باشقىلارغا نىسبەتەن ناتونۇش ئۇقۇم ھېسابلىنىدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ بۇ نەرسىلەرگە ئېھتىياجى چۈشمىسىمۇ، بىراق بەزىدە بىلىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق.

passport

پاسپورت دېگەن نېمە؟

پاسپورت دېگىنىمىز بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسىغا دۆلەت ھالقىپ چىگىردىن چىقىش ئۈچۈن بېرىلدىغان خەلقئارالاشقان كىملىك .

پاسپورت نەچچە خىل بولىدۇ؟

دۆلىتىمىزدە ھازىر تارقىتىلىۋاتقان پاسپورت 3 خىل بولۇپ:

  1. شەخسىي پاسپورت (خۇسۇسىي پاسپورت)
  2. ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاسپورتى (شىركەت پاسپورتى، سودا ئىشلىرى پاسپورتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)
  3. دېپلۇماتىيە پاسپورتى (ئالاھىدە پاسپورت يەنى كەچۈرۈم ھوقۇقى بار پاسپورت)

تارقىتىش دائىرىسى:

1-خىل پاسپورت گىراژدانلارنىڭ ساياھەت، تۇغقان يوقلاش، چەتكە چىقىپ ئوقۇش، شەخسىي سالاھىيەت بىلەن بېرىپ كېلىپ تىجارەت قىلىش، چىگىر سىرتىدىكى مۈلۈككە ياكى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، توي تۆكۈن-نەزىر چىراق، ھەج تاۋاب …قاتارلىق قانۇنلۇق سەۋەبلەردىن چەتكە چىقىدىغانلارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى پۇخرالارنىڭ چېگرىدىن چىقىپ كىرىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى، يەنى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ئاستىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، مەمۇرىي رايون قاتارلىقلار پۇقرالارنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق (نوپۇس تەۋەلىكى) ئۆز تەۋەلىكىدىكى ج خ نازارىتى ياكى ئىدارىسى تارقىتىدۇ.
2- خىل پاسپورت گىراژدانلارنىڭ سالاھىيتىگە قاراپ، ئاساسلىقى ھۆكۈمەت ئورگانلارنىڭ، ئادەتتىكى ۋە مەمۇرىي رەھبىرىي كادىرلار، ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى ھەرخىل ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە ئومۇم ئىگىدارچىلقىدا بولغان كان-كارخانىلار، ھەرخىل تەتقىقات ئورگانلىرى، مەكتەپ،خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىقىدىكى كان-كارخانىلار… دىن چەتكە چىقماقچى بولغان خادىملارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى دېپلۇماتىيە مېنىستىرلىكى ۋە مېنىستىرلىك ئاستىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە ، ئاپتۇنۇم رايۇن، مەمۇرىي رايۇن قاتارلىقلار پۇخرالارنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق (نوپۇس تەۋەلىكى) ئۆز تەۋەلىكىدىكى تاشقى ئىشلار(مۇھاجىرلار) ئىشخانىسى، ئىدارىسى تارقىتىدۇ.
3-خىل پاسپورت دۆلەت ئىشلىرى بىلەن چەتئەلدە دائىمىي تۇرىدىغان، زىيارەتتە بولىدىغان، دۆلەتكە ۋەكىل خاراكتىرلىك پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا، ئەلچىخانا خادىملىرى ھەمدە ھەرخىل خەلقئارا تەشكىلاتلاردا تۇرىدىغان، خىزمەت قىلىدىغان خادىملارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى دېپلۇماتىيە مېنىستىرلىكى تارقىتىدۇ.

ئۇنداقتا ۋىزا دېگەنچۇ؟

ۋىزا بولسا سىز پاسپورت بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ، قايسى دۆلەت ياكى رايونغا چىقماقچى بولسىڭىز ، شۇ دۆلەت ياكى رايوننىڭ دۆلىتىمىزدىكى ئەلچىخانىسىغا بېرىپ ، شۇ يەرگە چىقماقچى بولغانلىق توغرىسىدىكى رۇخسەت خېتى ، يەنى خەلقئارالىق يول خېتى . ھەر بىردۆلەت ياكى رايوننىڭ ۋىزىغا بولغان تەلىپى ۋە تەرتىپلىرى ئوخشاپ كەتمەيدۇ . مۇنداقچە ئېيتقاندا دۆلىتىمىز بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ياخشى دۆلەتلەرگە ۋىزا بېجىرىش بىر قەدەر ئاسان بولىدۇ . مۇناسىۋەت ياخشى بولمىسا ياكى سىز بارماقچى بولغان دۆلەت ئەلچىخانىسىدىكىلەر ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بېجىرىپ بەرمەسلىكى ياكى تەستىرەك بېرىشى مومكىن .

ئۇنداقتا پاسپورت بىلەن ۋىزىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

ئاۋۋال پاسپور بېجىرىسىز ، بۇ مەلۇم دۆلەتكە قارىتىلغان بولمايدۇ ، ئەمما سىز پاسپورت بېجىرمەكچى بولغاندا ج خ ئورۇنلىرى سىزنىڭ كەلگۈسىدە قەيەرەە بېرىش ئۈچۈن پاسپورت بېجىرىدىغانلىقىڭىزنى سورايدۇ . ئەمما پاسپورتنى پەقەت ئامېرىكىغىلا ياكى تۈركىيەگىلا قارىتىپ بېجىردىم ، باشقا دۆلەتلەرگە بارغىلى بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس . بۇ خۇددى سىز كىملىكىڭىزنى كۆتۈرۈپ جۇڭگونىڭ قەيىرىگىلا بارالىغىنىڭىزغا ئوخشاش پۈتۈن دۇنياغا بارسىڭىز ئوخشاش ئىشلەۋېرىدۇ . ئەمما ۋىزا ئۇنداق ئەمەس . ۋىزىنى پاسپورت بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن سىز بارماقچى بولغان دۆلەتنىڭ دۆلىتىمىزدىكى باش ئەلچىخانىسىغا بېرىپ بېجىرىسىز . يەنى «دۆلىتىمىزگە كەلسە بولىدۇ»دېگەن يول خېتىنى ئالىسىز . ئاندىن شۇ ۋىزا ئارقىلىق شۇ دۆلەتكىلا چىقالايسىز . باشقا دۆلەتكە چىقىش ئۈچۈن بۇ ۋىزىڭىز ئىشلىمەيدۇ .



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ___قوزام 2013.06.26 , 01:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي خۇدايىمەي ، مەن تېخى ئىككىسىنى بىر نەسىمىكىن دەپ يۈرۈپتىمە ئەمەسما………….. ماڭىغۇ ھازىرچە لازىمى يوق ئەمدى …..:roll:

    • سالىھ بىگ 2013.06.26 , 11:33

      سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بىلەن ۋاقىتلىق ئولتۇرۇش گۇۋاھنامىسى دەپ پەرقى بار . ۋاقىتلىق ئولتۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى بىلمىسەڭلەر ئۆتگە بارغادا ئاپامدىن سوراپ باقاي .

  2. پەنجىر 2013.06.26 , 02:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىلىۋالدۇق ، مۇھىم بىلىم ئىكىەن، ھەر ھالدا ئەتە ئۆگۈم خەققە سۆزلەپ بەرسەك ، ۋاھ قالغۇدەك !:mrgreen:ئەلۋەتتە تورخۇمارغا كىرمىگەنلەرگە !

  3. تەخەللۇس 2013.06.26 , 04:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ پاساڭپورت مەسىلىسى ھە.:dizzy::cry::???::twisted::mad:

  4. ياۋا كەپتەر 2013.06.26 , 08:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاسپورت بىجىرگەندىمۇ ۋىزا كېتىدىغاندۇ؟ مېنىڭ بىر نەچچە تۇنۇشۇم ئاۋۋال ۋىزا ئەكەلدۈرۈپ، ئاندىن پاسپورت بىجىردىغۇ. بۇ قانداق ئەھۋالدۇ ئەمدى؟

    • ئاجايىپ 2013.06.26 , 15:05

      قانۇنلۇق نورمال يول بىلەن بىجىرەلمىگەنلەر ئاۋال ۋىزا ئەكەلتۈرۈپ ئاندىن بىجىرسە ئاسان بولىدۇ. ئەمما نورمال ئەھۋالدا پاسپورت بىجىرىشكە ۋىزا كەتمەيدۇ. بىراق شىنجاڭدا مۇشۇ پاسپورتنى بىجىرەلمەي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەردىن ۋىزا ئەكەلتۈرۈپ پاسپورت بىجىرىۋاتقان كىشىلەر خېلى كۆپ

  5. خوتەن ئوغلى 2013.06.26 , 08:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما خوتەندە پاسپورت بېجىرمەك ئاسمانغا چىقماقتىنمۇ تەس،ەييي ئاللاھ ئاسانلىق بېرە….

  6. ئابومجان 2013.06.26 , 09:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىياسەتنىڭ بەلەن ۋاقتىدا بىجىرىۋاپتىكەنمە بۇ پاسپورتنى ، ھازىر باللا بىجىرەيلى دىسە شىنجاڭلىق ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈن يېڭى قانۇن چىقتى دەپ كەينىگە سۆرەپتۇ يا بىجىرىپ بەمەپتۇ . ھەي يەنە دىسەم بىرمۇنچە چېچىلىپ قالىمە ئەتتىگەندە
    دۆلتىمىز پاسپورتى بارلار ئۈچۈن ۋىزا بىجىرمىسىڭىزمۇ چىقىپ كۈرۈپ كەگىلى بۇلىدىغان دۆلەت ۋە رايون جەمئى ئون نەچچە ، بۇ دۆلەتنىڭ كۆپىنچىسى ئافرىقىدا ، ئىسمىنى سىز بىزلە ئاڭلاپ باقمىغان يەلە ئۇ .
    ئامرىكا پاسپورتى بىلەن 130 نەچچە دۆلەتكە ۋىزا ئاممايلا چىقالايدىكەنسىز ، تەيۋەن پاسپورتى بىلەن 129 دۆلەتكە چىقالايدىكەنسىز ، دۆلىتىمىزنىڭ يۈرەك پارىسى بولغان شىياڭگاڭنىڭ پاسپورتى بىلەن 149 دۆلەتكە ۋىزا ئاممايلا چىقالايدىكەنسىز ، بىژ دۆلەتتە ئىككى خىل سىياسەت دىگەن شۇ .
    باشقا دۆلەتنى قۇيۇپ تۇرايلى بولدى ، جۇڭگۇ پۇقراسى ئىۋۇ شىياڭگاڭغا چىقماقچى بولسا ئىسمىنى چىرايلىق ئاتىۋاغان ، چىگرادىن ئۆتۈش كىنىشكىسى دىگەن نەسىنى بىجىرىسىز ، 10مىتىر ئۇزۇنلىقتىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن 4 سائەتتە ئۆتىدىغان گەپ .

    • سالىھ بىگ 2013.06.26 , 11:32

      ئابومجون جۇڭڭۇ پاسپورتىدا يىگىرمە نەچچە دۆلەتكە ۋىزىسىز خالىغاندا چىقىسىز ئۇنىڭ 90% ئافرىقىدىكى دۆلەت . چىقامتىڭىزيا

  7. رويال 2013.06.26 , 09:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىلىۋالدىم ،،، رەھمەت سىزگە…………..:wink:

  8. ۋاپاسىز 2013.06.26 , 11:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇنداقتا پاسپورتنى بىرقىتىملا بىجىرىپ ۋىزىنى ئالمشتۇۇپ ئىشلىتىۋەرسە بولدىكەندە؟؟

    • سالىھ بىگ 2013.06.26 , 11:31

      شۇنداق بولغاندا پاسپورتنى دۆلەت بىرىدۇ . ۋىزىنى چىقماقچى بولغان دۆلەت بىرىدۇ . تۇرۇشلۇق يەردىكى ياكى جۇڭڭۇنىڭ نەرىدىن بولسۇن چىقماقچى بولغان دۆلەت كونسۇلىدىن ئالىسىز ۋىزىنى . شۇنداق بولغاندا نەگە چىقماقچى بولغاق شۇ يەنىڭ كونسۇلىدىن ئالىمىز دىگەن گەپ . جۇڭڭۈدىن چىقماقچى بولساق پاسپورتنى كۆرىدۇ . بارماقچى بولغان دۆلەت بولسا ۋىزىنى ئىناۋەتكە ئالىدۇ .

  9. گلادىئاتور 2013.06.26 , 13:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالدى بىلەن ساياھەت پاسپورتى بىجىرىپ، ئاندىن پاسپورتنى قولغا ئېلىۋالغىلى بولامۇ ھە…؟! ئاڭلىسام ساياھەت نامىدا بىجىرىلگەن پاسپورتنى بىر دەرىجە يۇقۇرى ئورۇندىكى ج خ ئورگانلىرى ساقلايدىكەن. ساياھەت تۈگىسىلا يىغىۋالىدىكەن.

  10. ئايشەم نۇقتا كوم 2013.06.26 , 13:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :???: پوك

  11. تاماشىبىن 2013.06.26 , 13:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يېقىندا تېخى بىر ئاغىينەم پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن بارمىغان ئورگان-ئىدارە، كىرمىگەن تۆشۈكى قالمىدى. ھېلىقىلارنىڭ مۇئامىلىسىنىڭ قوپاللىقى، خۇددى يەۋاتقان مومىسىنى ئېلىۋالىدىغاندەك قىلىشىپ كېتىدۇ. ئارقا ئىشىك بىلەن ئالماي ئالدى ئىشىكتىن ئېلىپ باققانلار بىلىدۇ قانداق تەسلىكىنى.:mad:

  12. ۋاقتىم 2013.06.26 , 18:37 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا پاسپورت بېجىرىشكە بەك ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇيەي ئۇنداقەي،مۇنداقەي دەپ، بىزلەرگىمۇ مەكتەپتىن پاسپورت بېجىرىشكە ئىسپات يېزىپ بەرمەي تۇرۇۋېلىپ ئاخىرى رايىمىزدىن ياندۇرۋەتتى…

  13. خۇشال 2013.06.26 , 18:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پاسپوتنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تاڭسىڭنىڭ يول خىتى ئالىدىغىنى ئىسىمگە كەلدى ، ھىلىمۇ تاڭسىڭنىڭ ئىشى ئوڭ كەنتۇق بارسىلل يول خىتى بىرىدىغان

  14. سەۋر 2013.06.26 , 20:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىلىۋالدىم رەھمەت

  15. بۆرەزادە 2013.06.26 , 22:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋىزا ئۇرۇلغان پاسپورت دىمەك ھورلۇك گۇۋانامىسى دىمەكتۇر …

  16. كارۋان 2013.06.27 , 15:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا ، مۇشۇ تورخۇمار مەخسۇس مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى تاپقاندەكلا تىما يوللاپتۇ، مەن ھازىر تىخى مۇشۇنى بەيدۇدىن ئىزدەپ باقاي، خەنزۇچە بىرنىمىلەنى قانداق چۈشىنىپ ئولتۇرامەن دەپ غەم قىلىپ تۇرىتىم، مۇشۇندامۇ توغرا كىلىپ قالامدۇ دەيمەن……

  17. يولوچى 2013.07.06 , 21:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تولوق چبىلۋۋالدىم بىلمەەي يۈۈرەتتىم

  18. يولۇچى 2013.07.13 , 01:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    شىنجىن نوپوسىغا قۇبۇل قىلىنىش اسان اندىن پاسپورت بىجىرسە تېخىمۇ اسان بۇلىدۇ.

  19. ئارمان 2014.01.18 , 12:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تېما بۇپقالدىكەن

  20. ساياھەتچې 2014.03.11 , 23:30 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ پاسپورىتقا بەكمۇ ئاشىق مەن مېنېڭ بەكلا چەتئەلگە ساياھەتكە چىققۇم باتې پاسپورىت ئېلېش شۇنداق تەسمېدۇ

  21. ساياھەتچې 2014.03.11 , 23:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ پاسپورىتقا بەكمۇ ئاشىق مەن مېنېڭ بەكلا چەتئەلگە ساياھەتكە چىققۇم باتې پاسپورىت ئېلېش شۇنداق تەسمېدۇ ئاسانراق ئاماللانى بېلدېغانلا بولسا يول كورسەتكەن بولساڭلا

  22. jjjj 2014.10.24 , 17:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    حۇدا رەھمەت قىلسۇن

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量