ھەر بىر كىشى بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 41 جۈملە پەلسەپىۋى ھېكمەت
مەن ئويلايمەن، ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەر ئادەتتە ھەممىسى ھەقسىز بولىدىكەن، مەسىلەن، قۇياش نۇرى، ھاۋا، مېھرى-شەپقەت، كۆيۈنۈش، غەمخورلۇق دېگەندەك…بۇ يەردە يەنە بىر يۈرۈش ھەقسىز تەكلىپلەر بار، گەرچە ھەقسىز بولسىمۇ، ئەمما ھەر بىر جۈملە سۆزنىڭ تېگىگە چوڭقۇر پەلسەپىۋى مەنالار يوشۇرۇنغان، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ئەھمىيتى چوڭ، ھەر بىر كۈنۈڭلارنىڭ خۇشال ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.
ھەر بىر كىشى بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 41 جۈملە پەلسەپىۋى ھېكمەت
41. باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق قارايدىغانلىقىغا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەڭ
40. ئادەم بولغان ئىكەن، چوقۇم ئىززەت-ھۆرمىتى، غورۇرى بولىدۇ. ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈڭ، باشقىلارنىڭ غورۇرىغا تېگىپ قويىدىغان ئىشنى قىلماڭ
39. ھېچقانداق نەرسە، سىزگە ئەمىلىي قول سېلىپ ئىش قىلغاندىن بەكرەك مەنپەئەت قىلالمايدۇ
38. ناھەق سۆزلىمەڭ. ئاغزىڭىزدىن چىقىپ كەتكەن گەپ ئەڭ ئاخىرى يەنىلا مەلۇم شەكىلدە سىزگە يېنىپ كېلىدۇ
37. ئۆزىڭىز چۈشىنىدىغان ۋە ياقتۇرىدىغان ئادەم بىلەن سودا قىلىڭ
36. «مەرھەمەت» بىلەن «رەھمەت» دېيىشنى بىلىۋېلىڭ. بۇ سىزنى باشقىلاردىن پەرقلىق كۆرسىتىدۇ
35. باشقىلارنى پەس كۆرىدىغان ۋە ھەسەت قىلىدىغان ئىشلار تۇرمۇشىڭىزدا مەۋجۇد بولمىسۇن
34. ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغاندا باشقىلاردىن ياردەم سوراڭ
33. نىشانىڭىزنى يېزىپ خاتىرىلەپ قويۇش ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەمنىڭ بىرى
32. ئىناۋەت كارتىسىغا كۆنۈپ قېلىش، كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىڭىزنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ
31. پەزىلەتلىك بولۇش سىزگە نىسبەتەن ئالتۇندىنمۇ مۇھىم بولۇشى مۇمكىن
30. ھەقىقىي دوست سىزنى خۇش قىلالايدىغان ھەرقانداق كىچىك ئىش تۈپەيلى ھاياجانلىنىدۇ
29. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي دوست بەك ئاز، بەك ئاز بولىدۇ، شۇڭا بار دوستلىرىڭىزنى ئوبدان قەدىرلەڭ
28. تۆمۈر تاۋاق دېگەن نەرسە قالدى، ئۆزىڭىزگە بىر B پلان تەييارلاپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ
27. باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ماھىر بولۇڭ، شۇنداق بولغاندا باشقىلار بىلەن تېز چىقىشالايسىز، ھە دېسە كىشىنىڭ كەمچىلىكىگە قادىلىپ تۇرىۋالماڭ، بىز ھەممىمىز تايىنلىق ئىنسان
26. ھەيدىگەن ماشىنىڭىز، كىيگەن كىيمىڭىز سىزگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ماشىنا ۋە كىيىم ياكى پوچتا نومۇرى ئارقىلىق كىشىگە باھا بېرىشتىن ساقلىنىڭ
25. ھەر بىر ئادەم بىر «داڭلىق ماركا». سىزنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىڭىز بۇ ماركىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر قىلىدۇ
24. تەلەي تاساددىپىي بولمايدۇ
23. ياش ۋاقتىڭىزدىن باشلاپلا پۇل يىغىڭ. ئامانىتىڭىزنىڭ 10% نى قېرىغاندا كۈتۈنۈشكە سەرپ قىلىڭ
22. ۋاقىت چىقىرىپ كەلگۈسىڭىز ئۈستىدە ئوبدان ئويلىنىڭ. نېمىنىڭ مۇۋاپىقىيەت ئىكەنلىگىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىڭ
21. بالىغا بولغان مۇھەببەت مەڭگۈ ئۇنچە كۆپ بولۇپ كەتمىسۇن!
20. ھەر بىر ئادەمنى ھۆرمەتلەڭ. قايسى بىر كۈنى بۇ قىسمەتلەرنىڭ سىزنىڭ بېشىڭىزغا كېلىپ قالىدىغانلىقىنى مەڭگۈ بىلمەيسىز
19. بىرەر شەيئى توغرىسىدا بىر نەرسە بىلمىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى بىلىدىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالماڭ
18. رىقابەتچىڭىزگە دوستانە مۇئامىلە قىلىڭ
17. مەيلى سىزنىڭ سىياسى نىشانىڭىز قانداقلا بولمىسۇن، ئۆمرىڭىزدە بىرەر قېتىم سىياسەت ئىشلىرىغا قىززىقىپ چۈشىنىپ بېقىڭ.
16. بىر ئۇستاز تېپىڭ
15. ياكى بىر ئۇستاز بولۇڭ
14. ياش چوڭايغانسىرى تەننىڭ ساغلاملىقى ئاجىزلاپ بارىدۇ. ئەمما مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ساغلاملىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭ
13. ئەقىللىق بولسىلا مۇۋاپىقىيەت قازىنىدىغان ئىش يوق. چىدامچانلىق پاراسەتكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم
12. كۈچلۈك بولغان بىر ئىجتىمائىي ئالاقە مۇناسىۋەت تورى سىزنىڭ كەسپىي ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تېرەك بولالايدۇ
11. كۆپ كىتاب كۆرۈڭ، گېزىت-ژۇرنال ئارىلاڭ، تورغا چىقىپ خەۋەر ۋە تورخۇماردەك بلوگلارنى ئارىلاڭ. بىلىمنىڭ ئۆزى كۈچ-قۇدرەت دېمەكتۇر
10. كىتاب يېزىش ئىنتايىن تەس، تەشۋىق قىلىش تېخىمۇ تەس
9. ئاشكارە نۇتۇق سۆزلەش قابىلىيىتىڭىزنى قېزىپ چىقىڭ. يىغىلىشلارغا كۆپ قاتنىشىڭ، ئاشكارە سورۇنلاردا سۆز قىلىپ ئۆزىڭىزنى چېنىقتۇرۇڭ
8. سەمىمىيلىك بىباھادۇر
7. سىزگە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەشكە تۈرتكە بولىدىغان دوستلىرىڭىز بولسۇن
6. ئەگەر سىز بىلىدىغان بىرەر يازغۇچى يېڭى كىتاب يازغان بولسا، سېتىۋېلىپ ئوقۇپ قويۇڭ. كىتاۋىنى ئوقۇش، ئاپتورغا بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەت
5. باشقىلارغا ياردەم قىلىشتا ئەڭ ئاخىرىدا نەپكە ئېرىشىدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز
4. ئېھتىياجىڭىز چۈشۈشتىن بۇرۇن ياخشى بىر ئادۋوكات، كاسسىر، بانكىر تېپىپ قويۇڭ
3. تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
2. پۇرسەت مەۋجۇد. سىز پەقەت ئۇنى تۇتالىسىڭىزلا
ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىش:
1. مۇۋاپىقىيەت قازانغان(ئىقتىسادى جەھەتتىن، ھېسسىيات جەھەتتىن ياكى روھىي جەھەتتىن) ئاشۇ كىشىلەر ھەرگىزمۇ سىزنىڭ غايىڭىزنى ۋە نىشانىڭىزنى تەنقىدلەپ ئولتۇرمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار بىر ئامال قىلىپ ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى سىز بىلەن ئورتاقلىشىدۇ، سىزگە ياردەملىشىپ سەۋىيەرىڭىزنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرىدۇ. مۇۋاپىقىيەت قازانغان كىشىلەر ھەسەت قىلمايدۇ، ئۇلارمۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: پەلسەپە، تەرمەچ، تۇرمۇش
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,160 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 41-philosophy.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [بىلىۋېلىڭ] پاسپورت ۋە ۋىزا دېگەن نېمە؟ پاسپورت بىلەن ۋىزىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
- كېيىنكى يازما > ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدىكى ئاشۇ گۇزەل مىنۇتلار ھازىرمۇ يادىڭىزدىمۇ؟
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- بالدۇر بىلىشىڭىز زۆرۈر بولغان 10 ھېكمەت
- رېئاللىق ھەمىشە رەھىمسىز كېلىدۇ | كىنو ۋە رېئال تۇرمۇشتىكى پەرق(2)
دىۋانما بۇ!!!
ھەقىقەتەن چىرايلىق گەپلەركەن، بولۇپمۇ مۇزىكىلىق ئوقۇسا ئادەمگە ھەقىقەتەن تېتىيدىكەن… رەسىمنىڭ ئۈستىدىكى بىر ئابزاس سۆز ھەقىقەتەن يىقىملىقكەن…….
ھەقىقەتەن ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك ئېسىل ھېكمەتلەركەن……
بەك ياختۇردۇم ، تەشەككۈر ! بۇنداق ھېكىمەتلەنى ساقلىۋېلىپ پات پات كۈرۈپ تۇرسا ياخشى ، لىكىن ئەمما 11 دىكى تۇرخۇمارنىڭ ئىلانى بەك قاملىشىپتۇ
42.مەيلى ھەرقانداق ئىشتا بولسۇن ، ئۆزىڭىزگە تايىنىپ ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ ، باشقىلارغا زىيادە ئۈمۈد باغلاپ كەتمەڭ ، كىشىنىڭ ئىشىغا كىشىنىڭ قۇلى تۇمۇزدىمۇ توڭىدۇ ئەمەسمۇ .
43.ئاتا-ئانىڭىزغا ھەر ۋاقىت كۈيۈمچان بۇلۇڭ ، ھايات ۋاقتىدا ئۇلار بىلەن كۆپرەك ھال مۇڭ بۇلۇڭ . چۈنكى ئاتا-ئانا دىگەن پۈتكۈل دۇنيا سىزدىن ۋاز كەچكەن تەقدىردىمۇ سىزنى يەنىلا سۈيۈدىغان شۇنداق ئۇلۇغ كىشىلەردۇر.
ھە خۇماداشلو بىژ ئىككى ئېغىزدىن يېزىپ باقىلى بىزمۇ …
تەتۇر بوپ چاپلىنىپ قالدىمۇ نىمە …
سۆزلەرمۇ ناخشىدەكلا يېقىملىقكەن
ۋۇييۇ، ھەقىقەتەن ئىسىل گەپلەرگەن بۇ.
مەن يېڭى بىلىمگە ئېرىشكەندەك بولدۇم،ياق ئېرىشتىم.
ناخشا سازكەن
بەت ئىچىلغاندىكى مۇزىكىنىڭ يىقىملىقلىغىدىن خەتلەنى ئۇقىمايلا پەسكە سېرىپ سېرىپ ئىنكاسلاغا كەپقاپتىمەن ، ئۈستىدە نىمە دەپتۇ راست . ھې ھى ھى ھى
نامسىز ئىختىيارى ئاپتورغا قىززىقىپ قالدىم…